查看完整版本: [-- كۈتۈش(ئاق گۈل) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> كۈتۈش(ئاق گۈل) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ak gul 2012-06-25 00:19
كۈتۈش
گۈلباھار مۇھەممەد
 
ھېجراننىڭ شەپىسى كەلدى يىراقتىن،
كۆزۈمدىن سىرغىدى ھەسرەتلىك ياشلار.
گۈللەرمۇ مۇڭلىنىپ باش ئەگدى شۇ دەم،
باغاشلاپ ئىلكىگە ئالدى خىياللار.
 
كۈتتۈم مەن ئۇيقۇسىز كېچىدە سېنى،
سىردىشىپ ئاي بىلەن ھەر كۈن ئاخشىمى.
ئىزدەيمەن ئەتراپتىن،ئىزدەيمەن ئۇزاق،
قۇلىقىم تۈۋىدە جاناننىڭ ئۈنى.
 
كۈتۈشلەر مەڭگۈگە بولسىمۇ بىراق،
سەن نىگار قەلبىمگە بولمىدىڭ يېقىن.
كۈتۈشلەر سەۋەبى يىرتىلدى ياراق،
بۇ قەلبىم مەڭگۈگە توختىماس ئېقىن.
 
كۈتسەملا مەيلىغۇ،كۈتىمەن سېنى،
كۈتۈشلەر قوينىدا تاۋلىنار ھېجران.
سەن كەلسەڭ بىر كۈنى نۇردەكلا ئېقىپ،
يورۇيدۇ سەن بىلەن پۈتۈن يەر-جاھان.

tutya 2012-06-25 09:33
ئاق گۈل بۇ شىئېرنى سىز يازدىڭىزما
ئولتۇرۇپ ياشلىق مەز گىلىڭىزنى ئەسلەپ قاپسىزدە؟

tursun 2012-06-25 11:21
ئاقگۇلنىڭ بۇ شىئىرىمۇ ناھايىتى تىتىملىق ۋە تەسىرلىك مىلودىيە بولۇپتۇ،قوللىرىغا
دەرت كەلمىسۇن،ياشلىق تەسسەۋۋۇرلىرىدىن دەستە-دەستە گۇللەر تىزىلسۇن!

tawpek 2012-06-25 11:27
ئابدۇرىھىم ھەكىمىنىڭ مۇنداق بىر كۇبلىتى بولىدىغان


كۈتۈش لەززەت كۈتۈش بەك لەززەت
قورىقمايمەن كىمنى كۈتۈشتىن
ئاھ قورقىمەن قورقىمەن بىراق
بىر بۇلۇڭدا ئۆلۆپ قىلىشتىن.

kamalat 2012-06-25 15:06
ياخشى شئىېركەن . كۈتۈشنىڭ ئۈزى بىر لەززەت بولسا كۈتۈدىغان ئادەمنىڭ بولماسلىقى قاتتىق ئازاپ.

kok-sultan 2012-06-25 16:26
مەن بۇ شېئىرنى يېنىش-يېنىشلاپ ئوقۇپ چىقتىم.شېئىردىكى ھېسسىيات دولقۇنلىرى كىشىنى ئىختىيارسىز ئۆزىگە مەپتۇن قىلىپ، ھۇزۇر دۇنياسىدا سەيلە-ساياھەت قىلدۇرىدىكەن...

gulhan 2012-06-25 17:05
ئاق گۈل قەلبىڭىز مۇھەببەت لېرىكىلىرنىڭ كانىمۇ نىمە؟  مەن ھىچ بىلەلمەي قالدىم جۇمۇ....  
  لېرىكىغا تۇيۇنغان قەدەملىرىڭىز خەلىقىمىز قەلبىدىكى شائىرلىق ئورنىغا تۇتاشسۇن ،ئىلاھىم.   

ak gul 2012-06-25 19:55
نەقىل
引用第1楼tutya于2012-06-25 09:33发表的 :
ئاق گۈل بۇ شىئېرنى سىز يازدىڭىزما
ئولتۇرۇپ ياشلىق مەز گىلىڭىزنى ئەسلەپ قاپسىزدە؟

بىرەر گۇمانىڭىز بارمۇ نېمە؟
ياشلىقنى ھەر دائىم ئەسلەيدۇ كىشى.سىزنىمۇ ئوقۇپ ياشلىقىنى ئەسلىۋالسۇن دېدىم.

ak gul 2012-06-25 19:56
نەقىل
引用第2楼tursun于2012-06-25 11:21发表的 :
ئاقگۇلنىڭ بۇ شىئىرىمۇ ناھايىتى تىتىملىق ۋە تەسىرلىك مىلودىيە بولۇپتۇ،قوللىرىغا
دەرت كەلمىسۇن،ياشلىق تەسسەۋۋۇرلىرىدىن دەستە-دەستە گۇللەر تىزىلسۇن!

رەھمەت تۇرسۇن مۇئەللىم،سىلەردەك ئۇستازلارنىڭ مەدىتى بىلەن مۇشۇنچىلىكلا يازالىدىم.

ak gul 2012-06-25 19:58
نەقىل
引用第3楼tawpek于2012-06-25 11:27发表的 :
ئابدۇرىھىم ھەكىمىنىڭ مۇنداق بىر كۇبلىتى بولىدىغان


كۈتۈش لەززەت كۈتۈش بەك لەززەت
قورىقمايمەن كىمنى كۈتۈشتىن
.......

ياخشى بىر كۇپلېت شېئىرنى سوۋغا قىلغىنىڭىزغا رەھمەت ئىنىم

ak gul 2012-06-25 19:59
نەقىل
引用第4楼kamalat于2012-06-25 15:06发表的 كۈتۈش(ئاق گۈل) :
ياخشى شئىېركەن . كۈتۈشنىڭ ئۈزى بىر لەززەت بولسا كۈتۈدىغان ئادەمنىڭ بولماسلىقى قاتتىق ئازاپ.

رەھمەت سىزگە،يەنىلا كۈتىدىغان ئادەمنىڭ بولغىنى ياخشى

ak gul 2012-06-25 20:00
نەقىل
引用第5楼kok-sultan于2012-06-25 16:26发表的 :
مەن بۇ شېئىرنى يېنىش-يېنىشلاپ ئوقۇپ چىقتىم.شېئىردىكى ھېسسىيات دولقۇنلىرى كىشىنى ئىختىيارسىز ئۆزىگە مەپتۇن قىلىپ، ھۇزۇر دۇنياسىدا سەيلە-ساياھەت قىلدۇرىدىكەن...

رەھمەت سىزگە،سىزنىڭ تېتىملىق لېرىكىلىرىڭىز ئالدىدا،بۇ ئانچىكىم بىر سۆز ئويۇنىدەكلا.شۇنداقتىمۇ مېنى قوللاپ ،مەدەت بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.

ak gul 2012-06-25 20:03
نەقىل
引用第6楼gulhan于2012-06-25 17:05发表的 :
ئاق گۈل قەلبىڭىز مۇھەببەت لېرىكىلىرنىڭ كانىمۇ نىمە؟  مەن ھىچ بىلەلمەي قالدىم جۇمۇ....  
  لېرىكىغا تۇيۇنغان قەدەملىرىڭىز خەلىقىمىز قەلبىدىكى شائىرلىق ئورنىغا تۇتاشسۇن ،ئىلاھىم.   

رەھمەت سىزگە گۈلخان،ھېسسىياتلىق ئادەملا بولىدىكەن،ئۇنىڭ قەلبى بىر سۆيگۈ كانىغا ئوخشايدۇ.
قولۇمدىن باشقا ئىش كەلمىگەندىكىن،ئانچە-مۇنچە شېئىر-قوشاق يېزىپ تۇرۇپ،سىلەرنى ياشلىقىنى ئەسلىۋالسۇن دېدىمغۇ؟

yaxar 2012-06-26 04:13
بۇ شىئىر يىراقنى دىسەم: مەن ئۈچۈن ئەڭ قەدىرلىك بولغان، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ بارخانلىرىغا كۆمىلىپ كەتكەن ياشلىق ھىسلىرىمنى، يىقىننى دىسەم:  تىخى تۈنۈگۈنلا شاتلىقتىن تىپچەكلىگەن بولسىمۇ، بۈگۈن مەن بىلەن ھەسرەت ئىلكىدە خوشلاشقان ئەسلىمىلەرنى ئىسىمگە سالدى

ak gul 2012-06-27 00:01
ياشلىق ھېسلىرىڭىزنى ئەسلىتەلىگەن بولسام مەن شۇنىڭغا خۇش،ياشارمۇئەللىم.


查看完整版本: [-- كۈتۈش(ئاق گۈل) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.088767 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us