مۇدىر ئويلىشىپ بېقىڭ (1 ) ( دانىش)
مۇدىر ، سىز ئالىي مەكتەپنىڭ 2- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چېغىڭىزدىلا ئالىي مەكتەپنىڭ ئىلمىي ژورنىلىدا << <تۈركىي تىللار دىۋانى > تەتقىقاتى توغرىسىدا دەسلەپكى ئىزدىنىش >> ، << < قۇتادغۇ بىلىگ > داستانى توغرىسىدا >> دېگەن ئىلمىي قىممىتى خېلى يۇقۇرى بولغان ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ ، بىزدەك ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلىرىڭىزنى << پاھ ، ئۇ بىزنىڭ ئوقۇغۇچىمىز _ ھە !>> دەپ پەخىرلەندۈرگەنىدىڭىز . تەتىلدە كەلگىنىڭىزدە بىز يازغۇچىلار سىزنى ئالاھىدە قۇتلۇقلاپ كېلىپ ، سىزنى مۇبارەكلىگەن ھەم سىزنىڭ ئاجايىپ ئۇلۇغۋار پىلانلىلىرىڭىزنى ئاڭلاپ ئاغزىمىزنى ئېچىپلا قالغان ھەم سىزنىڭ كەلگۈسىدىكى شۇ ئۇلۇغۋار پىلانلىرىڭىز ئۈچۈن ،سىزنى پەخرىمىز دەپ بىلىپ ، تەۋەيىمىزدىكى يازغۇچىلار سورۇنلىرىدا سىزگە تۆرىدىن ئورۇن بېرىپ ، سىزگە مەھمۇد قەشقەرىي ، يۈسۈپ خاس ھاجىپلارنىڭ ئىز باسارى سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىشقا باشلىغانىدۇق .
تەلىيىمىزگە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ، مەكتىپىمىزگىلا خىزمەتكە ئورۇنلاشتىڭىز . بۇنىڭدىن بىز ئۆزىمىزنىڭ نەقەدەر تەلەيلىك ئىكەنلىكىمىزنى ھېس قىلىشتۇق ۋە سىزگە بولغان ھۆرمىتىمىز ھەسسىلەپ ئاشتى . سىزنىڭ قابىليىتىڭىز ھەم ھۆرمىتىڭىز بولغاچقا ، سىز مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار ئاممىسىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولدىڭىز . ئوقۇتقۇچىلار بىلەن مەكتەپ رەھبەرلىكى ئوتتۇرىسىدىكى بەزى ئىشلاردا سىز ئوقۇتقۇچىلار مەيدانىدا تۇرۇپ ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداپ كەلدىڭىز . بۇنىڭ بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدىكى ھۆرمىتىڭىز تېخىمۇ ئېشىپ ، مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولدىڭىز . لېكىن سىزدە مۇئاۋىن مۇدىرلىق كىبىرى يوق بولۇپ ، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇشلاردا بولۇشنى مەكتەپ مۇدىرى بىلەن بىللە ئولتۇرۇشلاردا بولۇشتىن ئەلا بىلدىڭىز .
بۇنىڭ بىلەن سىز ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا مەكتەپ مۇدىرىدىنمۇ يۇقۇرى ئىنناۋەتكە ئېرىشتىڭىز . بۇنى كۆرگەن يۇقۇرى رەھبەرلىك سىزنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى . مەكتىپىمىزدىكى نەچچە يۈز ئوقۇتقۇچى شۇ يۇقۇرىدىن كەلگەن ئون نەچچە يۇقۇرى دەرىجىلىك رەھبەرنىڭ ئالدىدا <<ئۇنى ئۆستۈرۈپ باشقا جايغا يۆتكەپ كېتىدىغان ئىشىڭلار بولسا ، ئۇنى ئۆستۈرۈشىڭلارغا قوشۇلمايمىز . ئەگەر ئۆستۈرۈپ مۇشۇ مەكتەپكە قويىدىغان ئىشڭىلار بولسا ئۆستۈرۈشكە قوشۇلىمىز . زادى قانداق قىلىسىلەر ؟ >> دەپ سوراشتى . رەھبەرلەر << بىز ئۇنى ئۆستۈرۈشنىلا قارار قىلدۇق . ئۆستۈرۈپ نەگە قويۇشنى تېخى ئويلاشمىدۇق >> دېدى . بىز << ئۇنى ئۆستۈرىمىز دەپ ، باشقا جايغا يۆتكەپ كەتسەڭلار ، بۇ بىزنىڭ مەكتەپ ئۈچۈن چوڭ يوقۇتۇش بولىدۇ . شۇڭا بىزگە ئۇنى ئۆستۈرگەندىن كېيىن نەگە قويىدىغانلىقىڭلار ئېيتىپ بېرىڭلار . بىز ئاندىن بۇ راي سىناش جەدىۋىلىنىڭ مۇۋاپىق يېرىگە بەلگە قويىمىز >> دەپ تۇرىۋالدۇق .
ئاخىرى سىز مەكتىپىمىزگە مۇدىر ، سېكرىتار بولدىڭىز ! بۇنىڭدىن بىزنىڭ قانچىلىك خۇشال بولغانلىقىمىز بىلىدىغانسىز . بىزنىڭ ئاجايىپ ئاكتىپلىقمىزچۇ – تېخى . سىز مۇدىر بولغان دەسلەپكى مەزگىلدىلا ئاسىتىرالىيە ، شاڭگاڭلاردا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كەشپىياتچى ئوقۇتقۇچىلار ، ئاپتونوم رايون ھەتتا مەملىكەت دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا پاتىنت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن يىگىرمە نەچچى ئوقۇغۇچى ، كىتاب نەشر قىلدۇرغان ئوقۇتقۇچى – ئوقۇغۇچى ، ھەر خىل گېزىت – ژورناللاردا ئەسىرى ئېلان قىلىنغان نەچچە يۈز ئوقۇغۇچى بارلىققا كەلدى . ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇراقلىشىش نىسبىتى ئەڭ يۇقۇرى نىسبەتكە يېتىپلا قالماي ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەڭ نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتى ، ئىچكىرىي تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆتۈش نىسبىتى جەھەتلەردە مەكتىپىمىز ئەڭ ئالدىنقى قاتارغا ئۆتتى .
قىسقىسى ، ئۇ چاغلاردا سىز ئەمەل – مەنسەپ سورۇنلىرىدا ئەمەس ، بىز بىلەن بىللە بولغىنىڭىز ئۈچۈنمىكىن بىزدە ئاكتىپلىق شۇنداق يۇقۇرى بولغان ئىدى . مەكتەپنىڭ خېلى چوڭ – چوڭ قۇرۇلۇشلىرىنى دەم ئېلىش كۈنلىرىمىدىن پايدىلىنىپ بىر تىيىن تەلەپ قىلماي قىلىپ كېتەتتۇق . ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك مەكتەپ مېنىڭ ئائىلەم دەيدىغان قاراش بار ئىدى .
بەلكىم ، شەھەرگە يىغىنغا كۆپرەك بارىدىغان بولۇپ قالغان ۋاقتىڭىزدىن باشلانغان بولسا كېرەك ، سىز بىز چاقىرغان سورۇنلارغا مەلۇم ئىشلارنى سەۋەپ قىلىپ كەلمەيدىغان ، مەلۇم پائاليەت سورۇنلىرىدىمۇ بىز بىلەن ئەمەس ، بىر ئاز ئەمىلى بارلار بىلەن بىللە ئولتۇرىدىغان بولۇپ قالدىڭىز . مەكتەپنىڭ ئىشلىرى توغرىسىدا بەرگەن تەكلىپلىرىمىزنى بۇرۇنلاردا << بەك قىممەتلىك پىكىر بولدى>> دەپ ، خاتىرىڭىزگە يېزىپ ، ئوبدان پىكىر بەرگەنلەرنى نەچچە يۈز ئوقۇتقۇچى ئىچىدە ماختاپ ، مۇكاپاتلايدىغان ئىشلىرىڭىز يوقاپ ، بەرگەن تەكلىپلىرىمىز خۇشياقمايدىغان بولۇپ قالدى .
يىغىپ ئېيتقاندا ، سىز بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا بىر ئارىلىق پەيدا بولدى . بۇنىڭ بىلەن كېيىنكى ئىشلار باشقىچە بولۇشقا باشلىدى . مۇدىر بۇرۇنقى ئىشلارنى ئويلىشىپ بېقىشقا ۋاقتىڭىز چىقارمۇ ؟
|