查看完整版本: [-- خوتۇن ئالساڭ مائاشسىزنى ئال --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> خوتۇن ئالساڭ مائاشسىزنى ئال [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

روزىمەمەت 2012-06-24 00:12
خوتۇن ئالساڭ مائاشسىزنى ئال،
بولار ئۆيدىن ئۈچ ۋاخ تامىقىڭ.
كىرگىنىڭدە خىزمەتتىن چۈشۈپ،
ئولتۇرىسەن ئۆينىڭ تۆرىدە.


خوتۇن ئالساڭ مائاشسىزنى ئال،
غادايمايدۇ ھىچقاچان ساڭا.
ئۆي ئىشىغا يولاتماس سىنى،
كۈندە كىرسىز تۇرىدۇ ياقا.


خوتۇن ئالساڭ مائاشسىزنى ئال،
ئىزدىمەيسەن بالا باققۇچى.
ئاي ئاخىرى ھەم بىشى ئوخشاش،
كۈلۈپ تۇرۇشى ساڭا ياققۇسى.


خوتۇن ئالساڭ مائاشسىزنى ئال،
پەدازسىز ئۇزدۇر ئول جامالى.
قاتار چاي ۋە رېستۇران ياتتۇر،
جەننىتىدۇر ئۇنىڭغا ئۆيى.


خوتۇن ئالساڭ مائاشسىزنى ئال،
شەھەرلىككە قىلماس ھىچ ھەۋەس.
چىن مۇھاببەت مەڭگۈلۈك ساڭا،
تاغ بىلىدۇ بولساڭمۇ ئەلەس


خوتۇن ئالساڭ مائاشسىزنى ئال،
تاندۇرمايدۇ ئاتا-ئاناڭدىن.
شۈكرە بىلەن ئۆتىدۇ دائىم،
ھىچ زارلانماس نامراتلىقىڭدىن.


خوتۇن ئالساڭ مائاشسىزنى ئال،
كوجىلىقنى تالاشماس سەندىن.
غورۇرىنى قىلمىساڭ دەپسەن،
ئايرىمايدۇ چېيىڭنى قەندىن.


خوتۇن ئالساڭ مائاشسىزنى ئال،
تاپقان پۇلۇڭ بولار بەركەتلىك.
بەسلەشمەيدۇ چوڭچىلار بىلەن،
شۇندا بولار بالاڭ شەپقەتلىك.

danix 2012-06-24 11:52
      بەلەن شېئىركەن ، يارايسىز !

凶蛇 2012-06-24 15:21
راستىنلا شۇنداق بۇلىدىغان بولسا ،مائاشلىق خوتۇنلارغا ئەقىدە قىلىدىغانلار ئازلاپ،مائاشسىز خۇتۇن ئالىدىغانلار كۆپىيىپ كىتىدىكەندە.

kamalat 2012-06-24 19:13
ياخشى شئىېركەن .   

akida228 2012-06-24 19:34
بەش بارماق تەڭ ئەمەس ،بەزى مائاشسىز خوتۇنلارنىڭ قىلىقلرىغا قارىسا يەنىلا مائاشلىق خوتۇنلار يىتىشلىك ،چىداشلىق بولىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قالىدۇ كىشى

gulhan 2012-06-24 23:56
مائاشلىق ئاياللاردىن تازا  ناچىرىغا  يولۇقۇپ  قاپتۇمۇ  نىمە؟...
  ھەي، نىمىسىنى دەيسىلەر... بىزنىڭمۇ ھۈكىمەتكە ئىشلىگەن سائەتلەپ، ھېرىپ ئىچىپ كەلگەندە ئۆيدە ئىشلىگەن ....... بۇ ئىشلاردىن خاتىرجەم ئولتۇرۇپ ۋاقتىدا ئىسىل تاماقلارنى ئىتىپ، ئەر تىپىپ بەرگەننى ئىتىدىللىق باشقۇرۇپ، بالىلىرىمىزنىڭ ئۆزھاجىتىدىن چىققۇچە ئەتراپىدا پەرۋانە بولۇپ بىر قوللۇق باققۇمىز بار.  بىراق، ما ئىجتمائىي ۋەزىيەتتە ئۇنداق شارائىت پىشىپ يىتىلمىدىغۇ دەيمەن.  يەنى ئاياللار بالىلىق بولغاندىن كىيىن ئۆيدە ئۇلتۇرۇپ بالا باقسىمۇ ئەرگە ئايالىنىڭ مائاشىنى قىتىپ بېرىدىغان.
  بىزنىڭمۇ  شۇ جاپاكەش ئەرلەرگە ئىچىمىز ئاغرىپ ئىشلەۋاتىمىزغۇ تاڭ...
ئاڭلىسام ئۆيدە ئولتۇرغان ئاياللارمۇ سىنىڭ پۇلۇڭغا قاراپ تۇرغىچە دۇكانمۇ بولسا ئاچاي دەپ بازارغا، ئۆز كۈچۈمگە تايناي دەپ ئىتىزغا چىقۋىلىپ ئەرلەنى قىيناپ قويۇپتىغۇ؟

ozqut 2012-06-25 09:46
مائاشنىڭ دېگەندەك تەمى قالمايۋايۋاتقان، مائاش بىلەن تىجەلگىلى بولمايۋاتقان بۇ ئاي، بۇ كۈنلەردە مائاشسىز ئايالنى ئېلىپ تۈرلۈك باش ئاغرىقلىرىدىن ساقلانغانمۇ ياخشى جۇمۇ....

tawpek 2012-06-25 11:23
بىزنىڭ جۇڭگۇدا مائاش دىمەك خىزمەت دىمەك، خىزمەت دىمەك بىلىم سەۋىيە دىمەك.مائاشسىز دىمەك خىزمەتسىز دىمەك، خىزمەتسىز دىمەك بىلىم سەۋىيسىز، ئوقوش تارىخى تۆۋەن دىگەنگە يىقىن.

ھەممە ئۆز خىلى بىلەن بولىدۇ.

تولوق ئوتتوردا ئوقوغىنىمدا بىر شىئىر بولىدىغان دەرىسلىكتە

نەدە قۇزغۇن بىرلە قاغا ئۇچقان ئىدى بىرگە بولوپ
نەدە يۇمىلاق بىرلا چاسا ئوخشىسۇن بىر-بىرىگە


دىگەندەك ،

قايسى خەن شائىرىنىڭ قايسى شىئىرى ئىدى؟

موزدۇز 2012-06-25 15:40
چۈ يەننىڭ شېئىرى .

gulnar 2012-06-25 19:31
چۈتۇەننىڭ <<جۇدالىق زارى>>دىن ئېلىنغان

tursun 2012-06-27 15:56
بىر ئوينىڭ مورىسىدىن قانداق ئىس چىقىرىش شۇ بىر جۇپ ئەر-خوتۇننىڭ
قانداقلىقى بىلەن زىچ مۇناسىبەتلىك،مائاشى يوقلارنى ئالسا ئويىدە ئولتۇرۇپ
ئوي ئىشلىرى بىلەن بەنت بولىدۇ-دە،ئەر ئۇچۇن كوپ ئاۋارىچىلىق ئىلىپ كەلمەيدۇ،ئەر سىرتتا نىمە ئىش قىلسا بولىۋىرىدۇ-دە!
تەۋفىقداش روزىمەمەتنىڭ يۇقارقى شىئىرى خىلى ياخشى چىقىپتۇ،بارىكاللا!

گۈلزىبا 2012-06-27 18:44
[مەن شئېر نى ئوقۇپلا يادىمغا كەلتۈرگەننى تەۋپىق دەپ بوپتۇ، مائاشلىق دىگەنلىك -ئوقۇغان دىگەنلىك (مۇتلەق بولمىسىمۇ )،شۇنىڭغا يارىشا بىلىم سەۋىيىسى دېگەنلىك ، خىل - خىلى بىلەن بولغىنى تۈزۈك ، سىز بۇ شئېر نى يېزىپ <<مائاشلىق ئايپاتەملەركۆپەيسۇن >>دېمىگەنسىز ؟(چاقچاق ).راستىنى ئېيىتقاندا سىزنىڭ دېگەنلىرىڭىزنىمۇ خاتا دېگىلى بولمايدۇ ،شارائىتىمىز بولسا قىزلار ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن ، ئائىلىدە پەرزەنىت تەربىيىلەشنى ئۈستىگە ئالسا ، ئەرلەر سىرىتتا ئىشلىسە ، ئائىلە ئائىلىدەك ، بالا بالىدەك بولسا ...، ئەرلەرمۇ خۇشھال ،پەرزەنىتلەرمۇ خۇشھال ، ھەتتا ، قوش خىزمەتتىن بىرىنىلا قىلغانغا بىزمۇ خۇشھال بولاتتۇق ، بىزمۇ قاراپ تۇرمىغان ، ماگىستىرلىق ،دوكتۇرلۇقتا ئوقۇغان ، بەلكىم ھازىرقىدەك <<ساۋاتسىز بالىلار بار ، ئەخلاقسىز بالىلار بار ...>>دەپ قاخشىمىغان بولاتتۇق ، ئائىلە ، جەمئىيەت ، مەكتەپ بىرلىشىپ ، تىخىمۇ كۆپ ياراملىق بالىلار تەربىيىلىنىپ چىقار بولغىيىتتى ، ئەمما بىزنىڭ شارائىتىمىزدا ھازىرقى دەۋىردە بالىلارنى ياخشى ئوقۇتۇش ئۈچۈنمۇ ئىقتىساد كېرەك ، يۈكنى ئەرلەرگىلا كۆتۈرتۈشكە كۆڭلىمىز ئۇنىمىدى ،  بىز ھىلھەم ئۈمىدسىزلىنىپ باقمىدۇق ، قۇربىتىمىزنىڭ يىتىشىچە قوش خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن ياخشى چىقايلى دەپ تىرىشىۋىتىپتىمىز ، مائاشسىز خانىم -قىزلار ئارىسىدىمۇ نۇرغۇن بىلىملىك ،پەزىلەتلىك ئاياللار بار ، ئۇلار پەرزەنىتلىرىنى ياخشى تەربىيىلەپ ، ئائىلە ھوزۇرىنى سۈرىۋاتقان بولسا بۇمۇ تەلەي ، مەيلى قايسى خىل ئايال بولسۇن ، ئۇ پەزىلەتلىك ، ئانىلىق ، ئاياللىق سۈلكەتكە ئىگە بولغانلا بولسا ئۇ ھەر ۋاقىت سۆيۈملۈك ، ھەر ۋاقىت ئەزىز ۋە ھۆرمەتلىكتۇر .


查看完整版本: [-- خوتۇن ئالساڭ مائاشسىزنى ئال --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.238114 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us