dilrus |
2012-06-23 14:23 |
بىر ئانىنىڭ بالىسىغا ئېيىتقان يۈرەك سۆزلىرى بالام ،ساڭا نىشان سىزىپ بىرەلەيمەن ، لېكىن مەڭگۈ <<تەتە >>ئېتىپ يۈرەلمەيمەن . ئۆگەتسەممۇ ھەق_ناھەقنى ئايرىشنى ، سىنىڭ ئۈچۈن مەن قارارغا كېلەلمەيمەن.
دەيمەن :ھەرگىز قىزغانمىغىن ھالاۋەتتىن، مەرت -مەردانە بولۇشنىمۇ تاڭالمايمەن. شان-شۆھرەتنىڭ تار يولىغا تارتمىساممۇ، دىلىڭغا ئەل ھۆرمىتىنى سالالايمەن . ئۇتۇقۇڭدىن ھەيران بولۇپ مەڭدىسەممۇ شەكلەنمەيمەن ھەرگىز سىنىڭ ئۇستازىڭدىن. دوست تۇتۇشنىڭ يولى ساڭا مەندىن تارتۇق كىمنى تاللاش ،بالام ،سېنىڭ دىل-قارنىڭدىن. دەپ بىرەرمەن بەلكىم ھايات چىنلىقىنى، لىكىن مەنسىز چىقار سېنىڭ نام -ئەمىلىڭ. ھاراق -شاراپ سىرلىرىنى دەپ بەرسەممۇ، نە قىلىشنى بەلگىلەيدۇ ئۆز ئەھۋالىڭ. دورىلارنىڭ سىرلىرىدىن بولغىن ئاگاھ ، لېكىن سېنى توسالمايمەن مەن ئۇنىڭدىن . كۆرسىتەرمەن بەلكىم ساڭا يىراق نىشان، قالغان ئىشلار سالاۋاتتۇر ،ھە،مىنىڭدىن
بۇغۇنلارنى پەپىلە دەپ تاپىلايمەن، ۋاكالىتەن قىپ بەرمەيمەن ئۇنى خالاپ . مىھىر -شەپقەت ئۇدۇمىنى بەرسەممۇ مەن ، زورلىمايمەن بوپ كېتىشكە ئالىجاناپ.
گۇناھلاردىن ئگاھ قىلدىم سىنى ھەر چاغ، لېكىن يۈكسەك قىلالمايمەن پەزىلەتتە. ئەل بالىسى بولغىن مىنىڭ دۇئايىم شۇ، ئەۋلىيادەك بولالمايسەن سەن ئەلۋەتتە.
<< ئوغلۇمغا قالدۇرۇلغان 66نەسىھەت >>ناملىق كىتاپتىن |
|