查看完整版本: [-- پىسخىك سىناق --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرمىلەر -> پىسخىك سىناق [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

dilrus 2012-06-23 02:27
باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە سىز قايسى خىل ئادەم؟
ئادەملەر بىلەن ئادەملەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتلەر بولمىسا ،بۇ دۇنيا خۇددى بىر قاقاس قۇملۇققا ئوخشاپ قالىدۇ.
كىشىلىك مۇناسىۋەتلەر ئادەملەرگە بەخىت ۋە خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ .خۇددى بىر مەشھۇر پىسخىلوگ ئېيتقاندەك :<<
بىر ئادەمنىڭ ئۇتۇق قازىنىشىنىشى85% تۈرلۈك ئىجتىمائى  مۇناسىۋەتلەردىن كېلىدۇ.>>ئۇنداقتا ئىجتىمائى مۇناسىۋەتلەردە سىز قايسى تىپتىكى ئادەمگە مەنسۇپ؟ قېنى ئۆزىڭىزنى سىناپ بېقىشنى خالامسىز ؟ئۇداقتا تۆۋەندىكى
سۇئاللارغا <<ھەئە>>ياكى <<ياق >>دېگەن جاۋاپنى تاللاڭ.
1-تونۇشلىرىڭىزنى كۆرگەندە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سالام قىلامسىز؟
2-دوسلۇرىڭىزغا خەت يىزىپ ئويلىغانلىرىڭىزنى ئېپادىلەپ تۇرامسىز ؟
3-ساياھەتكە چىققاندا تونۇشمايدېغان ئادەملەربىلەن قۇرۇق پاراڭ سېلىشامسىز؟
4-دوسلىرىڭىز يوقلاپ كەلسە ئىچ -ئىچىڭىزدىن خۇشال بولامسىز ؟
5-باشقىلار تونۇشتۇرغۇچى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ناتۇنۇش ئادەملەرگە گەپ قىلمامسىز ؟
6-سىز كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئۆز كۆز قاراشلىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ئامراقمۇ؟
7-سىز ئاجىزلارغا ھېسداشلىق قالامسىز ؟
8-سىز باشقىلارغا يول كۆرسىتىشكە ئامراقمۇ؟
9-سىز ھەمىشە ئۆزىڭىزگە بىرەرسىنىڭ ھەمرا بولىشىنى خالامسىز ؟
10-دوستىڭىز سىزنى ئاسانلا قايىل قىلالايدۇ؟
11-سىز دائىم ئۆزىڭىزنىڭ تاشقى قىياپىتىڭىزگە  بەك دىققەت قىلامسىز؟
12-ئەگەر ئۇچرىشىشلارغا كېچىكىپ قالسىڭىز خېلى بىر ۋاققىچە خاتىرجەمسىزلىنەمسىز ؟
13-يات جىنىسلار بىلەن ناھايىتى ئاز ئارلىشامسىز؟
14-دوستىڭىزنىڭ ئۆيىگە بارغاندا ئەزەلدىن ئازادىلىك ھىس قىلماي باقمىغان.
15-دوستىڭىز بىلەن ئاممىۋى ئاپتوۋۇزغا چىققان كىمنىڭ بىلەت سىتىۋېلىشىغا ئىرەڭ قىلىپ كەتمەيسىز.
16-دوستىڭىزغا خەت يازغاندا دائىم ئۆزىڭىزنىڭ يىقىندىن بۇيانقى قايغۇلىرىڭىزنى ،بىشىڭىزنى ئاغرىتىدىغان
ئىشلارنى سۆزلەيسىز .
17-داۋملىق  سىرداش دوس تۇتالايسىز .
18-سىز  ئۆزگىچىلىگى بار ئادەملەر بىلەن ئالاقە باغلاشقا ئامراق .
19-سىز ئۆز قەلب دۇنيايىڭىزنى باشقىلارغا ئاشكارىلاشنى بەكمۇ خەتەرلىك دەپ قارايسىز.
20-سىز ئۆز پىكرىڭىزنى ئىنتايىن ئىھتىيات بىلەن ئوتتۇرىغا قويىسىز.
نومۇر قويۇش ئۆلچىمى:
  18-1 (5،14،15-دىن باشقا)سۇئالغا‹‹ھەئە››دەپ جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز 1نومۇر ھىسابلايسىز.‹‹ياق ››دەپ جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز  نومۇر ھىسابلىمايسىز.
5،14،1519،20 -سۇئاللارغا ‹‹ياق ››دەپ جاۋاپ بەرسىڭىز 1نومۇر ھېسابلايسىز .
5-1سۇئالغا بەرگەن جاۋابىڭىز سىزنىڭ تەشەببۇسكارلىغىڭىزنى چۈشەندۇرىدۇ .نومۇرىڭىز يۇقۇرى بولسا سىزنىڭ تەشەببۇسكار ئىكەنلىگىڭىزنى،نومۇرىڭىز تۆۋەن بولسا پاسسىپ ئىكەنلىگىڭىزنى بىلدۈرىدۇ.
10-6سىزنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارىڭىز ،نومۇرىڭىز يۇقىرى بولسا رەھبەر تىپىغا،نومۇرىڭىز تۆۋەن بولسا
بوي سۇنۇش تىپىگە تەۋە .
15-11كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئۆلچەملىك تىپى ،بۇنىڭدا نومۇرىڭىز قانچە يۇقۇرى بولسا شۇنچە ياخشى.
20-16كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ئىدىيىسى ئازات تىپقا تەۋە بولىدۇ ،نومۇر تۆۋەن بولغانسىرى مۇتەئەسسىپ،ئەگەر
نومۇر ئوتتۇرھال بولسا كىشىلىك مۇناسىۋەت يۆلىنىشى ئېنىق ئەمەس بولغان بولىدۇ.

ئۆزەم تەرجىمە قىلدىم .ئەسلىسىنى بېسىپ بولالماي قالدىم.مەنبە:
      心理学的智慧大全集

danix 2012-06-23 09:49
        ناھايىتى ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز .
مۇشۇ ئۆلچەملەر بويىچە مەن پىسخىكامنى تەڭشەپ تۇرىمەن !

gulhan 2012-06-23 20:43
ئەجرىڭىزگە رەخمەت. ئادەم ئۆزىنى سىناپ، تەڭشەپ تۇرىشى كېرەك.

kamalat 2012-06-23 21:23
ئادەم ئۈزىنى دائىم تەڭشەشنى بىلىشى كېرەك دەپ ئۇيلايمەن.

زىبا2 2012-06-30 23:18
ئوبدان تېمىنى يوللاپسىز،رەھمەت!   

ataxkiz 2012-07-09 22:54
رەھبەر بولمىساممۇ رەھبەر تىپىغا چۈشۈپ قالامدىم نېمە   ياخشى تېما ئىكەن ، رەھمەت .
                                .............  ئاتەش قىز

تۆتتاش 2012-07-09 23:31
بۇ بىر ئۆزىمىزنىڭ پىسخىسىنى ئۆلچەيدىغان تارازا،ئىنتاھان سۇئالى ئىكەنغۇ.

رەھمەت سىزگە.


查看完整版本: [-- پىسخىك سىناق --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.100807 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us