查看完整版本: [-- مەشھۇر تارىخىي شەھەر- ئالمالىق --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تارىخ ۋە مەدەنىيەت -> مەشھۇر تارىخىي شەھەر- ئالمالىق [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

روزىمەمەت 2012-06-22 23:40
مەشھۇر تارىخىي شەھەر- ئالمالىق

قورغاس ناھىيىسىدىكى ئېقىننىڭ غەربىي قىرغىقىدا بىر قەدىمكى شەھەرنىڭ خاارابىسى بار، ئۇ 12-15- ئەسىرلەردىكى مەشھۇر شەھەر ئالمالىقتۇر.
ئالمالىق غەربىي لياۋ دەۋرىدە قۇرۇلۇشقا باشلىغان، موڭغۇللار شىنجاڭغا كەڭ كولەمدە بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، غەربىي لياۋ چىڭگىزخانغا بويسۇنغان، چىڭگىزخان غەربكە يۈرۈش قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كەڭ بىر پارچە زېمىننى، جۈملىدىن ئالمالىقنى 2-ئوغلى چاغاتايغا بۆلۈپ بەرگەن.
13-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا ئوگداي خاننىڭ نەۋرىسى قايدۇ چاغاتاي خانى دوۋا بىلەن بىرلىشىپ، قۇبلايغا قارىشى ئىسيان كۆتۈرگەن، شۇنىڭدىن كېيىن ئالمالىق يۈەن سۇلالىسى بىلەن چاغاتاي ئوتتۇرسىدا تالاشتا قالغان مۇھىم جايغا ئايلىنىپ قالغان. «يۈەن سۇلالىسى تارىخى، جۇغراپىيەنامە، غەربىي شىمالدىكى جايلار ھەققىدە قۇشۇمچە خاتىرە»دە «يۈەن شىزونىڭ جژيۈەن 5-يىلى قايدۇ ئىسيان كۆتۈردى. يۈەن شىزۇ قۇبلايخان نويان (تۈمەن بېشى) جى گوڭجىنى بەشبالىقنى ساقلاشقا، خاننىڭ شاھزادىسى بېيپىڭ ۋاڭى نامخاننى ئالمالىقنى ساقلاشقا، ۋەزىر ئەن توڭنى ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە بۇيرىدى» دېيىلگەن. بۇ تارىخىي ماتېرىيال قۇبلايخاننىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىن باشلاپلا قايدۇ، دوۋا ئىسيانچىلىرىدىن ئالمالىقنى تىزگىنلەش ھوقۇقىنى ئەڭ زور بەدەل ۋە كۈچ بىلەن تارتىۋېلىش نىيىتىگە كەلگەنلىكىنى، ئالمالىقنى مەھكەم تۇتۇپ تۇرغاندىلا، يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئوتلاقلىرى ۋە تىيانشاندىكى شىمالىي يولنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ تۇرالايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. «يۈەن سۇلالىسى تارىخىي، ئەن توڭنىڭ تەرجىمھالى»دا «جژيۈەننىڭ 12-يىلى (مىلادى 1275-يىلى) 7-ئايدا ئەن توڭنىڭ يەرلىك دىۋان مەھكىمىسى ھەربىي ۋازارىتىدە ئىشلەشكە پەرمان چۈشۈرۈلگەن»لىكى تىلغا ئېلىنغان. بۇنىڭدىن يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئالمالىقتا يەرلىك دىۋان مەھكىمىسى تەسىسى قىلغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
مىڭ سۇلالىسىنىڭ يوڭلى يىللىرىدا غەربىي رايونغا بارغان چىن چېڭ يازغان «غەربىي رايوندىك بېقىنغان ئەللەر تەزكىرىسى»دە خاتىرلىنىشچە، «ئالمالىقنىڭ ئۇ يەر –بۇ يېرىدىلا بازار-مەھەللە، باغ-باران، ئېتىز-ئېرىقلارنى ئۇچراتقىلى بۇلىدۇ»كەن. بۇنىڭدىن ئەينى زاماندا گۈللەنگەن ئالمالىقنىڭ ئاستا-ئاستا خارابلىشىشقا يۈزلەنگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
ئالمالىق شەھىرى تىيانشاننىڭ شىمالىي يولىدىكى غەرب بىلەن شەرقنى تۇتاشتۇرىدىغان قاتناش تۈگۈنى بولۇپ، سودىسى ئىنتايىن گۈللەنگەن. شەھەر كېيىنچە خارابىلىققا ئايلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا مول مەدەنىي مىراسلار ساقلىنىپ قالغان. چىڭ دەۋرىدە ئۆتكەن ئالىم شۈسۇڭ ئالمالىق شەھىرىنىڭ خارابىسىنى تەكشۈرۈش داۋامىدا «فارفور پارچىلىرى، رەڭلىك كاھىش ۋە قىسقا چىغىر يوللار»نى كۆرگەن. 1958-يىلى يازدا، مەشھۇر ئارخېئولوگ خۇاڭ ۋېنبى ئەپەندى ئالمالىقنى تەكشۈرۈپ، ئەرەبچە خەتلەر يېزىلغان تۆت تەڭگە، خىرىستىئان دىنىغا دائىر شام(سۈرىيە) يېزىقىدىكى ئۈچ ئابىدە قاتارلىقلارنى تاپقان. 1975-1977-يىللىرى ئۇ يەردىن يەنە يۈەن دەۋرىگە خاس تەخسە، ھېجىر، فارفور قاچا قاتارلىقلاردىن 20 نەچچىسى تېپىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا جىن دەۋرىگە خاس ياماقتىن بىرى، ئالمالىق دېگەن ئىسىم ئۇيۇلغان كىچىك تەڭگىدىن ئالتىسى ۋە باشقا قىممەتلىك بۇيۇملارمۇ تېپىلغان. بۇ قىممەتلىك ماتېرىياللار ئالمالىق شەھىرىنىڭ تارىخىي، مەدەنىيىتى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن غەربنىڭ قاتناش تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا ئىنتايىن زور قىممەتكە ئىگە

danix 2012-06-23 09:57
         تارىخىي قىممىتى شۇنداق ياخشى بولغان ، ئوبدان تېما يوللاپسىز .
قەلىمىڭىزگە بارىكەتلەر تىلەيمەن !

gulnar 2012-06-23 14:07
ئالمالىق دېسە مەن ئالتاي تاغلىرى ئەتراپىدىكى شەھەر دەپ ئويلاپتىكەنمەن . سىزگە كۆپ رەخمەت . مەن يېڭى بىر بىلىمگە ئىگە بولدۇم

凶蛇 2012-06-24 15:26
شۇنداق ئىسىل شەھەر ،قايناق تۇرمۇش ئۆتمۈشكە ئايلىنىپتۇ.

kok-sultan 2012-06-26 13:51
قىممەتلىك تارىخى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە رەھمەت!

قاياش 2012-07-06 23:13
 .بۇ ئالمالىق توغرىسىدىكى قىممەتلىك ئۇچۇر ئىكەن رەھمەت سىزگە


查看完整版本: [-- مەشھۇر تارىخىي شەھەر- ئالمالىق --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.150180 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us