ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان تەبىئەت بىر كۈنى ،ھىندىستانلىق بىر كىشى بىر چاياننىڭ سۇغا چۈشۇپ كېتىپ ،تېپىرلاپ كېتىۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ ئۇنى قۇتۇلدۇرۇۋالماقچى بولۇپتۇ.ئۇ ئەمدىلا قولىنى چايانغا تەككۈزىشىگە ،چايان ئۇنىڭ قولىنى چېقىۋاپتۇ.بۇ كىشى نىيىتىدىن يانماي ئۇنى يەنە قۇتۇلدۇرىۋالماقچى بولۇپتۇ . بىراق ،چايان بۇ قېتىم يەنە ئۇنى چېقىۋاپتۇ. ــ ئۇ سىزنى چېقىۋاتسا ،ئۇنى نېمىشقا قۇتۇلدۇرىسىز ؟ـ ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر كىشى ئۇنىڭدىن سوراپتۇ. ــ ئادەم چېقىش چاياننىڭ تەبىئىتى ،ــ مېھرىبانلىق مېنىڭ تەبىئىتىم مەن نىمىشقا ئۇنىڭ ئادەم چېقىش تەبىئىتىدىن قورقۇپ ،ئۆزۈمنىڭ مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش تەبىئىتىمدىن ۋاز كەچكۈدەكمەن ؟ ئەتراپىڭىزدىكى ئادەمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قانداق مەخلۇق سىزنى چېقىۋالماقچى بولسىمۇ ،ئۆز مېھرىبانلىقىڭىز،ئۆز تەبىئىتىڭىزدىن ۋاز كەچمەڭ . |