قوغلاپ يۈرسەم قىلمىدىڭ پەرۋا،
سۆيگۈ تولغان يۈرىكىڭ تاشتەك.
ناخشا ئېيتسام كوچاڭنى بويلاپ،
سىم-سىم يامغۇر تۆكۈلدى ياشتەك.
قوغلاپ يۈرسەم قىلمىدىڭ پەرۋا،
قاراپ قۇيۇپ ساماۋىي بۇتتەك.
ئىزلەپ يۈردۈم ۋەسلىڭنى بىھۇش،
تىلەپ كۈتسەم كەلمىگەن قۇتتەك.
قوغلاپ يۈرسەم قىلمىدىڭ پەرۋا،
مەنلا يالغۇز دۇنيادا يوقتەك.
تىشىپ ئۆتتۈڭ باغرىمنى تەكرار،
نىشان قىلىپ ئېتىلغان ئوقتەك.
قوغلاپ يۈرسەم قىلمىدىڭ پەرۋا،
قۇلاق سالماي ئاھىمغا زىنھار.
تەرسا قىزسەن مۇزلىغان قۇمدەك
ئىسسىق ئۆتمەس تۇمۇزدا زىنھار.
قوغلاپ يۈرسەم قىلمىدىڭ پەرۋا،
بانا قىلىپ ئورۇنسىز سەۋەپ.
كەتتى دەردلىك يۈرىكىم بىللە،
ئۇچۇپ قۇشتەك سەن ماڭغان تەرەپ.
قوغلاپ يۈرسەم قىلمىدىڭ پەرۋا،
سوغۇق ئۈنۈڭ- ئاۋازىڭ مۇزدەك.
تېتىپ كەلدىڭ بەرمەستىن ئارام،
ئاشىق جانغا قۇيۇلغان تۈزدەك. مەنبە: ئىجادىيىتىم
|