سەن مېنىڭ قەلبىمنى ئىللىتقان بىر نۇر
گۈلباھار مۇھەممەد
مېھرلىك قولۇڭنى بەردىڭ قولۇمغا،
شۇ ئوتلۇق مېھىردىن يايرىدى دىلىم.
سۆيگۈدىن تىزىلدى دەستە-دەستە گۈل،
سۆيگۈدىن ئۇرغۇدى تومۇردا قېنىم.
ھېجراننىڭ چۆللىرى ئەمدى ناتونۇش،
چاڭقىماس ۋۇجۇدۇم تەشنالىق ئىچرە.
قىرغاقتا ئېچىلغان مامكاپ گۈللىرى،
ھەمراھدۇر بىر ماڭا كۈندۈز ھەم كېچە.
سەھەرنىڭ قوياشى ئىللىتسا زېمىن،
سەن مېنىڭ قەلبىمنى ئىللىتقان بىر نۇر.
ئۆچمەيدۇ مەڭگۈگە كۆكسۈمدە چىراغ،
جسمىمغا ھاياتلىق،گۈزەللىك ياردۇر.
|