kok-sultan |
2012-06-21 16:33 |
چۈشۈپ كەتتىم مۇنبەردىن ئۈنسىز،
دەرتە قۇيۇپ غۇبارسىز دىلنى.
ئارام ئىزلەپ چارچىغان جانغا،
گۇۋاھ قىلىپ ئۇزىغان يىلنى.
چۈشۈپ كەتتىم مۇنبەردىن ئۈنسىز،
ئۈزۈپ ئۇستاز روھىدىن قولنى.
بولۇپ قالدىم مېڭىشقا مەجبۇر،
كۆڭۈل خالاپ كەتمىگەن يولنى.
چۈشۈپ كەتتىم مۇنبەردىن ئۈنسىز،
سۈرۈپ ۋىجدان يۈزىگە قارا.
ئۇچۇپ يۈرەر سەرگەردان ئاۋاز،
بەختى كۈلگەن ھاياتلىق ئارا.
چۈشۈپ كەتتىم مۇنبەردىن ئۈنسىز،
ئىزدەپ شەيتان جانانغا سۆيگۈ.
ئۆتەر بولدى پۇشايمان، غەمدە،
قالغان ئۆمۈر ئۆرتىنىپ مەڭگۈ....
مەنبە: ئىجادىيىتىم
|
|