جېنىم بالام ، جېنىڭنى قانداق جان ئېتەرسەن ؟ مۇھەممەت مەتنىياز دانىش
جېنىم بالام ، ئاناڭ بىلەن مەن تۇرمۇشتا ناھايىتى ئېغىر كۈنلەرنى بېشىمىزدىن كەچۈرگەن . دۆلىتىمىز << ئامىرىكىغا قارىشى تۇرۇپ ، چاۋشەنگە ياردەم بېرىش >> ، << سۇۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قەرزىنى قايتۇرۇش >> دېگەندەك چوڭ ئىشلارغا تۇتۇش قىلىپ ، بارلىق خەلقنى قولىدىكى پۇلغا يارىغۇدەك نەرسىنى ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇشقا ، ئاشلىقنى تېجەشكە چاقىرىپ ، ئاتا - ئانىمىز قولىدىكى پۇلغا يارىغۇدەك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىغا تەقدىم قىلىۋەتكەن ، يېتىپ - قوپىدىغان تۆت تاملىق ئۆيدىن باشقا نەرسىسى قالمىغىلىمۇ 5-6 ئالتە يىل بولغان چاغلار بولسىمۇ ، بىزنىڭ قوسۇقىمىز زادىلا تويۇپ باقمايتتى . ھەتتا بۇ ئىشلارغا ئون نەچچە يىل بولۇپ بىز ئوقۇشقا كىرگەندىمۇ ئاچ قوساقلىقنىڭ دەردىنى داۋاملىق تارتىۋەردۇق .تەنەپۇس ۋاقىتلىرىدا تاملارنىڭ كەينىگە مۈكۈپ يۈرۈپ ئاتا – ئانىمىز ئەتىگەندە يانچۇقىمىزغا قويۇپ بەرگەن بىر سىقىم قۇرۇق جۈجەمنى ( ئۈژمىنى ) باشقا بالىلارغا كۆرسەتمەي ، كىرىسلاپ يەۋالاتتۇق . ئەتىرەتتە << ئىش نەدە بولسا ، تاماق شۇ يەردە >> دېگەن تۈزۈم يولغا قويۇلغان بولغاچقا ، مەكتەپتىن چۈشلۈك قويۇپ بېرىلگەندە 5-6 كېلومېتىر يولنى بېسىپ ، ئاتا- ئانىمىز ئىشلەۋاتقان يەرگە باراتتۇق . بۇ ئىش ئورۇنلىرىدا ئەمگەك كۈچلىرىگە كۆپ قىسمى سۇ ، 4- 5 تال چۆپ چىقىدىغان ، قۇرۇتلاپ كەتكەن گۈلە سېلىنغان ، ھەر بىر ئادەمگە بىر چېنىدىن سۇيۇقئاش بېرىلەتتى ، بىز ئوقۇغۇچىلارغا تاماق يوق ئىدى . ئاتا – ئانىمىز شۇ بىر چېنە سۇيۇقئېشىنىڭ يېرىمىسىنى دېگۈدەك بىزگە بېرەتتى . ئۇ سۇيۇقئاشلار ئىش ئورنىدىن ئۆيگە كەلگۈچە شۇ يولدا قالاتتى . تېخىمۇ يامان بولغىنى شۇ چاغالردا چۈشۈرۈلگەن << تۇرخۇندىن ئىس چىقارماسلىق >> بۇيرۇقى بولۇپ ، قىش كۈنلىرى ئاچ قوساق تۈننى ئۆتكۈزمەك دەھشەت مۈشكۈل كېلەتتى . ئۈستىمىزگە پارچە – پارچە ئەسكى كېگىز ، مولۈ – توقۇم ، يىرتىق تاغار – پالازلارنى تاشلاپ ، ئانىلىرىمىز بىلەن چىڭ قۇچاقلاشقان ، غال – غال تىترەشكەن ھالدا تۈننى كۈندۈزگە ئۇلايتتۇق . پۇلغا يارىغۇدەك نەرسىنىڭ ھەممىسىنى ھۆكۈمەتكە تاپشۇرىۋەتكەچكە ، ئاتا- ئانىمارنىڭ بىزدەك ئوقۇغۇچىلارغا قەلەم – دەپتەر ئېلىپ بېرىدىغانغا نەدە پۇلى دەيسەن ؟ مەن كۆلگە تاشقىن كەلگەندە قېتىپ قالغان لاتقىنى خىشتەك چوڭلۇقتا قىلىپ سىلىقلاپ شۇنى دەپتەر ، قاتتىقراق ياغاچنى قىڭغىراق بىلەن ئۇچلاپ قەلەم قىلاتتىم . مۇئەللىمىم قىڭغىراق بىلەن ئۇچلىغان ياغاچ بىلەن ھېلىقى لاتقا دەپتەرگە جىجىپ ئىشلىگەن تاپشۇرۇقلىرىمنى يىققاندا ، ھېلىقى لاتقا دەپتەرگە قاراپ ، چوڭقۇر نەپەس ئالاتتى ، كۆزىگە غىللىدە ياش ئەگىتەتتى . بەلكىم ئۇنىڭ ماڭا دەپتەر – قەلەم ئېلىپ بەرگۈسى كەلگەندۇ . لېكىن ئۇنىڭغىمۇ ئامال يوق . چۈنكى ئۇلار پۇل ئۈچۈن ئەمەس ، خەلق ئۈچۈن ، دۆلەتنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشى ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان تۇرسا ، ئۇنىڭدا نەدىمۇ پۇل بولسۇن ؟ ئۇ چوڭقۇر نەپەس ئالغان ، كۆزىگە غىللىدە ياش ئەگىتكەن ھالدا بېشىمنى سىلاپ قويىدۇ ...
ئاناڭ بىلەن مەن ئەنە شۇنداق كۈنلەرنى كۆرۈپ چوڭ بولدۇق . ئىككىمىز توي قىلغان چاغدا << بىز كۆرگەن كۈنلەرنى بالىلىرىمىزغا كۆرسەتمەيلى ، ئۇلار بەختلىك ياشىسۇن >> دېيىشتۇق ھەم شۇ بويىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ، خېلى يامان ئەمەس بىر ئائىلە قۇرۇپ چىقتۇق . سەن تۇغۇلدۇڭ ، ساڭا شۇ چاققىچە بىز يەپ باقمىغان ئېسىل يىمەكلىكلەرنى يىگۈزدۇق ، ئاناڭ تويىدىمۇ كىيىپ باقمىغان ئېسىل كىيىملەرنى ساڭا كەيگۈزدۇق . سېنى قونچاقتەك ياساپ مەكتىپىڭگە يولغا سالدۇق . سەنمۇ باشلانغۇچتا ئەڭ ئالدىدا مېڭىپ ، بىزنى سۈيۈندۈردىڭ . ئاناڭ بىلەن ئىككىمىز بالىمىز مۇشۇنداق ئوقۇيدىغان بولسا ، ھەممە نەرسىمىز كەتسىمۇ مەيلى ، ئۇنى ناھايىتى ياىشى مەكتەپلەردە ئوقۇتايلى >> دېيىشتۇق . شۇنداق قىلىپ ، يېزىمىزدىكى ئوتتۇرا مەكتەپنى ياراتماي سېنى شەھەردىكى ياتاقلىق مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇردۇق .
تولۇقسىزنىڭ بىرىنچى ، ئىككىنچى يىللىقلىرىدا مۇئەللىمىڭ بىزگە سېنى << ياخشى ، ئوبدان ئوقۇۋاتىدۇ >> دەپ ماىتاپ بېرىپ تۇردى ، ئۈچىنچى يىللىققا چىققاندا ، مۇئەللىمىڭنىڭ ماختاش سۆزلىرىنىڭ ئورنىنى << ئۈگىنىشى ھەر ھالدا بولىدۇ >> دېگەن سۆز ئىگەللىدى . تولۇق بىرىنچى يىللىقتا ۋاقتىڭدا ، مۇئەللىمىڭدىن << بالاڭلار چچ غا بېرىلىپ كېتىۋاتىدۇ >> دېگەن پىكىر چىقتى . بىز سەندىن ئۇنداق قىلماسلىقنى تەلەپ قىلدۇق . سەنمۇ ماقۇل بولدۇڭ . سەن تولۇق ئىككىنچى يىللىققا چىققاندا ، مۇئەللىمىڭدىن << بالاڭلار تورغا بېرىلىپ كېتىۋاتىدۇ >> دېگەن پىكىر چىقتى . بۇ چاغدا سەن << مەن توردىن بىزگە لازىملىق سۇئاللارنى چۈشۈرۈپ ، ئۇلارنى ئۆگىنىش ئۈچۈن تورغا چىقىمەن >> دېدىڭ ، مۇئەللىمىڭمۇ << ئۇنداق بولسا مەيلى >> دېدى . بىزمۇ سېنىڭ دېگىنىڭگە ئىشىنىپ ، زىيادە گەپ قىلمىدۇق . كېيىن سەن << توردىن چۈشەرگەن سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى تېپىش ئۈچۈن كىتاب لازىم بولىۋاتىدۇ >> دەپ ، بىر كىتاب سېتىۋېلىش ئۈچۈن بىزدىن بەش كىتاب ئالىدىغاندەك پۇل سورىغىلى تۇردۇڭ . بىز ياخشى ئۈگەنسىلا بولدى بېرەيلى دېدۇق ، بەردۇق . تولۇق ئۈچىنچى يىللىققا چىققىنىڭدا مۇئەللىمىڭدىن << بالاڭلارنىڭ سىرتتىنمۇ ئاغىينىلىرى بار بولۇپ قالدى >> دېگەن پىكىر چىقتى . بۇ چاغدا سەن << ئۇلار تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ، مەن ئۇلاردىن توردىن چۈشەرگەن سۇئاللىرىمنىڭ جاۋابلىرىنى ئۆگىنىۋاتىمەن >> دېدىڭ . بۇ گېپىڭگە ئانچە ئوقۇيالمىغان ئاناڭ ئىشەنگەن بىلەن ، ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان مەن ئانچە ئىشەنمىدىم ۋە << بىلەلمىگەن سۇئالىڭ بولسا مۇئەللىملىرىڭدىن سورىساڭ بولىدۇ غۇ ؟ >> دېدىم . سەن دۇدۇقلاپ يالغان ئېيتقانلىقىڭنى بىلدۈرۈپ قويدۇڭ .
بىز سېنىڭ يالغانچىلىقىڭنى بىلگەن چاغدا ئالىقاچان كېچىككەن ئىكەنمىز . سەن ئەسلىدە ئاناڭ بىلەن ئىككىمىزنىڭ مېھىر – مۇھەببىتىتىن ئاپرىدە بولغان ، بىزنىڭ بالىمىز ئىدىڭ . سېنىڭ ھەقىقىي ھەقدار ئىگە بىز ئىدۇق . لېكىن چچ ، تور ، تورچى بالىلار سېنى بىزدىن تارتىۋاپتۇ . بىز ساڭا ئىگە بولالماي قاپتىمىز . ئەنە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن بېشىڭنى تۈۋەن سالغان ھالدا چىقىۋاتىسەن . بۇ سېنىڭ ئىمتىھاننى ئوبدان بېرەلمىگەنلىكىڭنى ئىپادىلىگىنىڭ . چۈنكى ئىمتىھاندا ، ساڭا چچ دا چىققاندەك << سىزنىڭ مەندىن باشقا قىز دوستىڭىز بارمۇ ؟ >> ، << مېنى راستىنلا چىن يۈرۈگىڭىزدىن سۈيەمسىز ؟ >> دېگەندەك سۇئاللار چىقمايدۇ – دە .
سېنى ئەمدى تەكرار ئوقۇتاي دېسەم ، بىلمىگەن جايلىرىڭنى بىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن ، بىلگەنلىرىڭنىمۇ ئۇنتۇپ كېتەرسەن بەلكىم . يەنى كېلىپ دۆلەتنىڭ تەكرار قىلغان ئوقۇغۇچىلارغا قوشۇپ بېرىدىغان نومۇرى يوقتە .
سېنى 12 يىل ئوقۇتۇپتىمىز . ياخشى ئوقۇسۇن دەپ ، ئۆي ئىشلىرىغىمۇ ، ئېتىز ئىشلىرىغىمۇ ، سودا – سېتىق ئىشلىرىغىمۇ سالماپتىمىز . سەن بۇ ئىشلاردىن چالا ساۋات ياكى ساۋاتسىز قالدىڭ . ئالىي مەكتەپكە دېسە ، ئۇ يەرگىمۇ ئۆتەلمىدڭ . ئەمدى جېنىڭنى قانداق قىلىپ جان ئېتەرسەن ، جېنىم بالام ؟ سېنى ئۈچ ۋاقلىق تاماقمۇ بولسا تەييار تۇرىدىغان ئاشپەزچىلىككە شاگىرت بېرەي دېسەم ، ئاشخانىغا دەسلاپ كىرگىنىڭدە ، سېنى قاچا – قۇچىلارنى يۇيۇشقا ، قاچا – قۇچا ، قازان – قومۇشلارنى يۇيغاندا چىققان يۇندىنى تۆكۈشكە سالىدۇ . سەن دېگەن 20 ياشقا كىرگەن شۇنداق ئېسىل يىگىت تۇرساڭ ، ئۇ ئىشلار ساڭا ئۆلۈمدىن ئارتۇق نومۇس بىلىنىشى تۇرغانلا گەپ . ساختا مەھسۇلاتنىڭ كۆپۈيۈپ كېتىشى بىلەن موتسېكىلىت ، ئائىلە ئىلىكتىر سايمانلىرى ناھايىتى تېز بۇزۇلىدىغان بولۇپ كەتتى . رىمنوتچىلىقتا پايدا بار دەپ ، رىمنوتچىلىققا شاگىرت بېرەي دىسەم ، ھەممىلا يېرى ماي بىلەن بۇلغانغان شۇ پاسكىنا يەردە تۇرۇش ، مايدا شۇدىلىشىپ كەتكەن ياغلىق بىلەن ماي ۋە ھەر خىل تۇپا – چاڭلار بىلەن بۇلغانغان موتسىكىلىتلارنى سۈرتۈش دېگەنلەر ئۆزەڭنى فۈۋلەپ يۈرىيدىغان سەن ئۈچۈن ئېغىزدىن چىققۇچە رەت قىلىنىدىغان ئىشلاردۇر .
ئەمدى قانداق قىلساق بولار جېنىم بالام ؟ چچ دىن ، تورغا ئۇلاق كومپىيۇتېردىن سېنىڭ ھېلىقىڭدىن يوللانغان " چوك –چۇك " قىلىپ تۇرىدىغان ھېلىقى قىزىل لەۋنىڭ كەينىدە بىر ئېغىز بارغۇ دەيمەن – ھە ؟ ئۇ ئېغىزلار سۈيۈشسىلا قۇرساقنى تويغۇزىدىغان ئېغىزلار ئەمەستۇ – ھە ؟ ئۇ قىز بىلەن چچ دا سۈيۈشسەڭغۇ ئازراق تېلىفون ھەققى چىقىم بولار ، لېكىن ، ھەقىقىي سۈيۈشىمەن دېسەڭ ، ئۇ قىزنىڭمۇ بەزى تەلەپلىرى باردۇ – ھە ؟ سۈيۈشۈپلا بولدى قىلماسسىلەر بەلكىم ؟ توي قىلىدىغان ئىشلار باردۇ ؟
ھېلىقى سۆيگىنىڭگە بەلكىم << سىزنى ئەڭ بەختلىك قىلىمەن >> دەپ ۋەدە بەرگەنسەن ، ئەمدى دېگىنە ، ئۇنى نېمە بولسا بەختلىك قىلغىلى بولىدۇ ؟ ئۇ قىزغۇ << ماڭا سىز بولسىڭىزلا بولدى ، باشقا نەرسىنىڭ كېرىگى يوق >> دېگەندۇ ؟ راست شۇنداقمۇ ، بۇ توي كۈنىلا بىلىنىدۇ ، بالام . تويلۇقتىن بىر نەرسىنى كەم قىلىپ قويۇپ باقا ، قىز كۆچۈرۈش ئۈچۈن كەلگەن ماشىنىغا چىقامدىكىن ؟ قىزنى ۋەدىسىدە تۇرىدىغان قىز دېگەندىمۇ ، سەن بولساڭلا تۈگەيدىغان ئىش يوق بالام ، ئىككىڭلارنىڭ قۇسىقى كۈندە ئۈچ ۋاق ئاچار – ھە ؟ ئاللاغۇ << كەچ قويسام قويىمەنكى ، ئاچ قويمايمەن >> دەپتىكەن . قۇساق ئىشڭلارنى ئاللا دېگىنى بويىچە قىلار بەلكىم .
توي قىلغاندىن كېيىن بالاڭلار بار بولار . ئۆزەڭلارنىڭ جېنىنى جان ئەتمەك تەسكە چۈشىۋاتسا ، بالاڭلارنى قانداق قىلارسىلەر ئەمدى ؟ ئۇنى دارىلتامغا ئاپىرىپ بېرەمسىلەر – يە ؟
جېنىم بالام ، خېلى ئويلاپمۇ سېنىڭ جېنىڭنى قانداق قىلىپ جان ئېتىپ كېتىدىغانلىقىڭنى بىلەلمەي قالدىم . ساڭا قالىدىغان نەرسىلەرنىڭمۇ تايىنى يوق . چۈنكى مەن ناھايىتى پاكىزە ۋە ھالال كەسپ ئوقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ، ئۆزەمنى مۇشۇ كەسپكە ئاتىغان بىر ئوقۇتقۇچى . << سامان قوشۇلمىغۇچە لاي بولماس ، ھارام قوشۇلمىغۇچە باي بولماس >> دېگەندەك مەن باي بولالمىغان ئادەم . مەندىن قالغان نەرسىلەر بەلكىم ساڭا بىر نەچچە يىللا بولار . ئۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلارسەن ؟ جەمئىيەتنى تەسىرلەندۈرگەن مەشھۇر شەخسنىڭ بالىسى جېنىنى باقالماي قاپتۇ دېسە ، گۆرۈمدە جېنىم چىققىنىنى ئۇنتۇپ قېلىپ ، تولغۇنىپ كېتەرمەنمۇ ؟ ھەجەپ ئىش دەيمەن ، پۈتۈن جەمئىيەت مېنىڭ روھىمدىن تەسىرلىنىپ مېنى جەمئىيەتنى تەسىرلەندۈرگەن مەشھۇر شەخس دەپ ئاتىدى-يۇ ، مېنىڭ پۈتۈن جەمئىيەتنى تەسىرلەندۈرگەن تەسىرىم مېنىڭ ئۆز بالام بولغان ، مەن بىلەن بىر ئۆيدە تۇرغان ساڭا تەسىر قىلماپتۇ دېسە . ساڭا مېنىڭ پۈتۈن جەمئىيەتنى تەسىرلەندۈرگەن تەسىرىم بىر تىيىن بولۇپ ، چچ نىڭ ، تورنىڭ ، تورچى ئاغىينىلىرىڭنىڭ بەك تەسىر قىلىپ كېتىپ ، سېنى مېنىڭدىن ، بىزنىڭدىن تارتىۋالغىنىغا ھەيران مەن .
جېنىم بالام ، ئۆزەڭ بىلىسەن مەن سەن ئۈچۈن قىلغۇلۇقنىڭ ھەممىنى قىپ بولدۇم . بوپتۇ بالام ، مەندە ئەمدى چچ نىڭ ، تورنىڭ ، تورچى ئاغىينىلىرىڭنىڭ سەن ئۇچرىغان تەسىرىگە ئەلھەكىمۇللا دېمەكتىن باشقا چارە قالمىدى . ساڭا بەلكىم ، چچ دىكى ھېلىقى ھەر كۈنى قىزىل لەۋ يوللاپ تۇرىدىغان قىزلار ئاسقاتار ، جان بالالماي قالساڭ ، ھېلىقى سېنىڭ بىزنى ئالداپ ئالغان پۇللىرىڭنى تەڭ خەجلىشىپ بەرگەن ئاغىينىلىرىڭمۇ قاراپ تۇرماس . لېكىن ، بىزدە << پىيازنىڭ پوستى تولا ، ھاماقەتنىڭ دوستى تولا >> دەيدىغان گەپ بار ، شۇ قىزلار ۋە ئاغىينىلىرىڭغا بىزدىن ئالغان پۇللىرىڭنىڭ كەڭ – كۇشادە خەجلەپ بەرگىنىڭ ئۈچۈن ، ئۇلار سەن بىلەن دوست بولغان . ئەمدى ئۇلار سېنى دوست تۇتماسمىكىن .
جېنىم بالام ، سەن ئەمدى جېنىڭنى قانداق جان ئېتەرسەن ؟ سېنىڭ كەلگۈسىڭگە تىكىلگەن كۆزۈم ئۇچۇق كېتىدىغان بولدى ، خەيرىيەت !
|