uzqak |
2012-06-20 21:03 |
ئۇزچاقنىڭ كۈندىلىك خاتىرسى 13 ئوغلۇم مەكتەپتىن بەكلا خۇشال قايتىپ كەلدى . - نېمىگە بۇنچە خۇشال بولۇپ كەتتىڭىز؟ - مەن قەلەم ھەققى ئالدىم. 30 يۈەن دەڭە! - مۇبارەك بولسۇن! بەك قالتىس ئىش بولۇپتۇ . - - تېخى تاللىنىپتۇ . - نەگە تاللىنىپتۇ . - - مۇئەللىم شۇنداق دىدى . مەنمۇ بىلمىدىم. ئۇ بىر دەمدىلا بۇ 30 يۈئەن پۇلنى بۆلۈپ بولدى . -چوڭ دادامغا 10 يۈئەن ، مومامغا 10 يۈئەن. يەنى بىر چوڭ دادامغا 10 يۈئەن ئاپا ؛يەنى بىر مومامغا يەتمەيدىكەن. دەمىلىشكە قۇيۇپ بەرسە ئىشلەپ پۇل تاپاي . - چوڭ داداملار ئالماي قالسا كىتابخانىغا قاراپ باقايمىكىن؟ خۇددى بىر ئۆينىڭ ئىقتىسادىنى باشقۇرۋاتقان ئادەمدەك بۇ 30 سوم پۇلنى ھىلى ئۇيان ھىلى بۇيان قىلىۋاتقان ئوغلۇمغا قاراپ ئويلاپ قالدىم . بالىلارغا بىر ئامال قىلىپ پۇل تېپىشنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەككەن. تاماق ۋاقتىدا ئۇنىڭ پۇلنى قانداق بۆلگەنلىكىنى نىمىشقا چوڭ دادىلىرىنى ئويلاپ قالغانلىقىنى سورۇدۇم . - ئۇلار 70 نەچچە ياشقا كىرگەن تۇرسا، مەن پۇل تېپىپ بەرگۈچە ... ئوغلۇم بىلەن مۇشۇنداق تاتلىققىنا سۆزلىشىپ ، تاماقلانغاندىن كېيىن يەنى ئالدىراش مەكتەپكە قاراپ مېڭىشتۇق ئوغلۇمنىڭ كىچىككىنە نەتىيجىسى نەچچە كۈندىن بولۇقتۇرما بولۇپ قالغان روھى ھالىتىمگە سەل تەسەللى بولدى . نەچچە كۈن ئىلگىرى بىر ئوقۇغۇچىمنىڭ خېتىنى تاپشۇرۋالدىم . خەت كۆز ياش بىلەن بۇيالغان ئىدى. « مۇئەللىم ؛ مېنى قۇتقۇزۇپ قېلىڭ! دادام بىلەن ئاپام ئاجىراشقۇدەك . بىز نېمە گۇناھ ئۆتكىزىپ قويدۇق ؟ سىزنى نەسىھەت قىلامدىكىن دېگەن ئىدىم. ›› خەتنى ئېلىپ مەڭدەپ تۇرۇپ قالدىم . مەن سىنىپ مەسئولى ئەمەس ئىدىم . بالا مۇشۇنداق قىلىشنى توغرا تاپقان ئىكەن ئۇنى ئېلىپ بېرىپ باقاي . ئوقۇغۇچىنى ئەگەشتۈرۈپ ئۇنىڭ ئۆيىگە قاراپ ماڭدىم . ئىشىكتىن كىرىپ تېنچلىق سوراشقاندىن كېيىن ، گەپنى قانداق باشلاشنى بىلمەي سەل قىينالدىم .خەتنى چىقىرىپ ئالدىمدا تۇرغان ئايالغا سۇندۇم. ئۇ كۆزىدىن قۇيۇلۋاتقان ياشلىرىنى سۈرتۈپ ،ئىسىدىگىنىچە ماڭا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى . - مېنىڭمۇ ئاجىراشقىم يوق . ئىككى بالىغا تارتىشىمەن . لېكىن ھەر ئاخشىمى ھاراق ئىچىدىغان دادىنى ساقلاپ... . ھاراققا ئائىيلىسىنى تىگىشۋاتقان ئەرلەرنى ھەي ناكەسلەر ! – دەپ تىللىغىم كەلدى . بوغۇزۇمغا تاقىشىپ قېلىۋاتقان سۆزلىرىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ ،ئېغىر قەدەملەر بىلەن ئۆيگە كېتىۋاتىمەن . قىممەت قارشىمىزدىن چىقىۋاقان ناتوغرىلىق ئالدىدا يەنى بۇرۇنقى بالىلىق چاغلىرىمدىكى ئەسلىملىرىمدىن تەسەللى ئىزدەشكە مەجبۇر بولدۇم .مەھەلىمىزدىكى مويسىپىتلارنىڭ بىزنى يىغىۋېلىپ بېرىدىغان تەربىيىلىرى ، ھارام ،ھالال ھەققىدىكى ھېكايىلرى كۆڭۈل ئېكرانىمدىن لاپ قىلىپ ئۆتتى. ئالدىنقى كۈنىلا خىزمەتدىشىم بىلەن دىيىشكەن سۆزلىرىمىزنى ئەسلەپ قالدىم . « بىز يېڭىدىن خىزمەتكە چۈشكەندە ئاجايىپ ياخشى ئوقۇتقۇچىلار بار ئىدى دېسە .ئازراق كۆڭۈل قىلىشلار بولسا بىزگە نەسىھەت قىلىپ ھەي ! سەن كىچىك چوڭلارغا يول قويساڭ بولمامدۇ؟ كۆڭلەكنى بەك قىسقا كىيىۋاپسەنغۇ؟ دېگەندەك ئاددى ئەمما سەمىيمى سۆزلەرنى چاقچاق ئارلاش دەيتى-يۇ ھېچكىم – ھېچكىمدىن خاپا بولماي ، ئىش بەكمۇ چىرايلىق ھەل بولاتتى . ھازىر ئەتراپتىكى كىشىلەر ئۆز مەجبۇرۇيىتىنى ئۇنۇتقاندەك كېلىشتۈرگۈچىلىك، باشقىلارنىڭ ئىشىغا كۆڭۈل بۆلگۈچىلىك رولىمىزدىن مۇستەسنا بولغاندەك ،ئۆز ئىدىيىمىز بويىچە ئۇلارنى كېسىپ ئىشلارنى مۇرەككەپلەشتۈرۈشكە تۇغۇلغاندەك ، ئۇ ئادەم نىمىشقا مۇنداق بولۇپ قالغانلىقىنى تەكشۈرۈپ بېقىش كۆڭۈل بۆلۈشتىن بەكرەك ئۇ ‹شۇنداق ئادەم› دېگەن باھادا توختاپ قېلىش ... نېمە بولۇپ كەتتى ماجاھان ....›› بەزىدە مۇشۇنداق دەپ قۇيۇمىزيۇ دەل شۇ مەسىلىگە ئۇچۇرغاندا يەنىلا ئۆز سەنىمىمىزگە دەسسەپ قالىمىز... لېكىن ئالدىمدىكى ئوقۇغۇچىمغا بۇ رېئاللىقنى توغرا قۇبۇل قىلىشقا يېتەكلىشىم ,مۇھىمى مەۋسۈملىك ئىمتىھانغا ئاز قالغان كۈنلەردە ئۇنىڭ كەيپىياتىنى تۇراقلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىشىم كېرەك. ھازىرچە قولۇمدىن كېلىدىغىنى مۇشۇ ئىدى . ئۇنى ئىزچىل كۈزىتىۋاتىمەن. ئۇ كېچىك ئىشلار ئۈچۈن داۋراڭ سېلىپ سۇقۇشىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇنىڭغا قانداق ياردەم بېرىش كېرەكتۇ؟ ئاخىرى ئويلاپ يۈرۈپ ئۇنىڭغا ئايرىم تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇردۇم . تاپشۇرۇق مەزمونى مۇنداق ئىدى . 1. دادىڭىزدىن ئايرىلىپ قالغىنىڭىز بارلىق ئادەمدىن ئايرىلىپ قالغانلىقمۇ؟ 2. ناۋادا يەر تاۋرەش دېگەندەك تەبىئىي ئاپەتتە ئۆيدىكى بارلىق ئەزالاردىن ئايرىلىپ قالدىم دەپ قارىسىڭىز،ئۇ ۋاقتتا قانداق چارە – تەدبىر قوللىنىپ ئۆزىڭىزنى تەڭشەيسىز؟ 3. پۈتۈن بىر يىللىقتا نەچچە ئاتا – ئانىسى ئاجىرشىپ كەتكەن ئوقۇغۇچى بار؟ بىرنەچچىسى بىلەن سۆھبەتلىشىڭ؟ 4. توردۇنياسىدىن ئاتا – ئانىلاردىن ئايرىلىپ قالغان بالىلارغا دائىر ئۇچۇرلارنى توپلاپ كۆرۈڭ . ( ئۈچ كۈندە ئورۇنلايدۇ) شۇنداق قىلىپ ئۈچ كۈنلۈك مۆھلەت توشقاندىن كېيىن 8- سائەت ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش دەرسىدە ئۇ تاپشۇرۇق ۋە تاپشۇرۇق تەسىراتىنى ئېلىپ يىنىمغا كىردى . -مۇئەللىم رەخمەت سىزگە ! -تەسىراتىمنى كۆرۈپ بېقىڭ . «ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم ؛ ئالدى بىلەن بۇ مەسلىنى توغرا تۇنۇشىمغا يېتەكلىگىنىڭىزگە رەخمەت ! مېنىڭ تەغدىر پىشانەمگە تىرىك تۇرۇپ يېتىمچىلىك تارتىش پۈتۈلگەن ئوخشايدۇ . تەغدىرگە تەن بېرەي . تاپشۇرۇق ئىشلەش جەريانىدا ئۆزۈمنىڭ يەنىلا نۇرغۇن بالىلاردىن بەختلىكلىكىنى بىلدىم . بىز ئۈچۈن ئاپام داۋاملىق ئوۋالچىلىق تارتسىمۇ بولمىغۇدەك . لېكىن مەن ئەقلىمنى بېلىپ نۇمۇس قىلىشنى بىلگىچىلىك ئارلىقتىلا ئۇلار ئاجىرشىپ كەتكەن بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى . مۇئەللىم ؛ مەن شۇنداق ئويلىدىم تالاي بالىلار مۇشۇنداق روھى ئازابقا ئۇچۇرغاندا ئۇلارنى قۇتقۇزىۋالىدىغان ئادەم يوق ،ئۆزىنى تاشلىۋېتىدىكەن . مەن چوڭ بولسام ئائىلىلەرنى تەتقىق قېلىپ ، بالىلارنى قۇتقۇزۋالىمەن .›› خەتنى ئوقۇپ بولۇپ كۆڭلۈمنى يەنىلا بىر يېرى كەمتۈكتەك بولۇپ قالدىم .ئاتا – ئانا ، مەكتەپ ، جەمىيەت مەسئولىيىنى گىرەلەشتۈرۈپ ئۆتىگەن ۋاقىتتا بىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يۈكىمۇ ھازىرقىدەك ئارتىپ كەتمىگەن بولاتتى . نۇرغۇن مەسىىللەردىكى چۈشەنچە ۋە تۇنۇش مەسلىسى ئادەمنى قىينايدىكەن.«ئىدىيەنى ئازات قىلىش ›› ھەققىدىكى نۇرغۇن ماتىرياللارنى خاتىرىگە قالدۇرۇپ ئۆگىنىۋاتقان بولساقمۇ ئىدىيە ئۇنداق ئاسان ئازات بولىدىغاندەك ئەمەس! ھەي ئىدىيە ! ئىدىيە؛ چۆرگىلەيدۇ قازان بېشىنى ، لەغمەن بىلەن، چۈكۈپ ئالدى ئاشقازىنىمغا، خۇددى لەغمەن ئوخشاش ، سوزۇلۇپ، تاراسلاپ ، ئۈزۈلىپمۇ كېتىدۇ بەزەن ، ئۇنىڭ پارچىلىرىدا ، ئېغىر تىنىپ ، سەكرىدى ! گۈدەكلەرنىڭ يىغىۋالغان ، «تۆت قولاقلىرى ››... بۇ قۇرلارنى يېزىۋېتىپ ، ئالدىنقى قېتىم ئايبېك مۇئەللىم دەرسلىك ھەققىدە پىكىر ئالغىلى كەلگەندە سوھپەت جەريانىدا « دىلفۇرۇز ئاتا – ئانىلارنى تەربىيلەش مەركىزى ›› ھەققىدە سۆزلەشكىنىمىز ئىسىمگە كەلدى. مۇئەللىمنىڭ ؛« 50 % ئوقۇغۇچى بىلەن 50 % ئاتا – ئانىنى تەربىيلەشنىڭ بىرىنىمۇ بوشاشتۇرۇشقا بولمايدۇ ›› دېگەن سۆزىنى يەنى ئويلاپ قالدىم . قاراماي 8- ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئايگۈل غازى مۇئەللىمنىڭ، يولدىشىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى شۇنچە ئېغىر بولسىمۇ قاراماي مائارىپى ئۈچۈن باشلامچىلىق بىلەن بۇ مەركەزنى قۇرۇشى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ،خادىملارنىڭ بۇنى قوللىشىنى ئۇلۇغلۇق دېيىشكە بولىدۇ . بۇ ئۇلۇغلىقنىڭ يۈرىكى تەغدىم قىلىش ئەلۋەتتە . ئۇنىڭدىن باشقا يىقىندا پىچان لۈكچىن يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن خۇ جىڭ يۈ ئىسىملىك بىر قىز ئوقۇتقۇچىنىڭ 15 نەپەر ئويغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ دېڭىزنى كۆرۈش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن پىداكارلىق كۆرسەتكىنىدەك فىلىمنى توردىن ۋە تىلۋىزوردىن كۆردۇق . . ئەتراپىمىزدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىدىيە تۇنۇش بىلەن باغلانغان ئەمىلىي ھەركەتلەرخېلى كۆپ. ھەركەتتىن بەركەت تۇغۇلىدۇ . مائارىپ ئۈچۈن ، نۇرغۇن مەسىللەرگە سۈكۈتلىك بېقىپ ، بەزىدە نىشانىدىن ۋاز كېچىشنى ئويلىسىمۇ ئۆز – ئۆزىگە پىچىرلاپ يۈرۈپ ئىلھام بېرىپ يەنى قەددىنى رۇسلاۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار ... ئويلىرىم مۇشۇنداق تاغدىن -باققا ئايلىنىپ مېنى ئارامىمغا قويمىدى . ئوقۇتۇشنى ھەقىيقى ئۈنۈمگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن مەكتەپلەردە ئاتا – ئانىلارنىڭ ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىدىغان ئاتا- ئانىلار تەتقىقات گۇرۇپىسى بولىشى كېرەكمۇ قانداق؟ ئاتا – ئانىلارنى تەربىيلەش پىلانىنى قايسى بىر باشلىقنىڭ سۆزى ياكى قايسى بىر قائىيدە – تۈزۈملەرنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئەمەس، يەرلىكنىڭ ئالاھىدىلىكى ، ئاتا – ئانىلارنىڭ سەۋىيىسىگە ماس كېلىدىغان ھەقىيقى نەپ تېگىدىغان قۇرلىشقا ئايلاندۇرۇش زۆرۈرمۇ قانداق؟. ئىدىيەيىمىزنى ئازات قىلىپ قوللاش، مەدىھلەش ، ئىلھاملاندۇرۇشنىڭ ئۇرۇقلىرىنى پەرزەنتلەر روھىغا تېرەلىگەن ۋاقتىمىزدا ئاندىن ھازىرقى ھالىتىمىزدە ئۆزگىرىش بولىدىغاندەك قىلىدۇ. « ئۆز پەرزەنتىنى سۆيگەنلەر ئادەم ، باشقىلارنىڭ پەرزەنتىنى سۆيگەنلەر پەرىشتە ›› دېگەن سۆز بار . ئۆزىمىزنىڭ قارا كۆزلىرىنى سۈيۈپ قويۇپ ،سۆيەگەنلىكىمىزدىن پەخىرلىنىشنىڭ ئورنىغا قاخشاپ سالىمىز، تۇمۇرىدا ئېقىۋاتقان قانغا تەپەككۈر قوشۇش ئۈچۈن تىرىشقان قەدەملىرىمىزنى مىننەت ئوتلىرىدا پۇچىلايمىز...مۇشۇنداق تاققا – تۇققا ئويلاپ ئويلاپ يۈرۈپ يەنى دەرسخانىغا قاراپ ماڭدىم.... . 8- يىللىق 2- قىسىم دەرسلىكىدىكى 15 .دەرس "شۇنداق ئورۇنلاردا" ھەققىدە ماتىرياللارنى كۆرسىتىپ بولغاندىن كېيىن ، چىقىرىپ بەرگەن ئۆگىنىش يېتەكچىسىدىكى سۇئاللار بويىچە سۆزلەش باشلاندى . بىرقەدەر ئاسان يېڭى سۆز ۋە شئېرنىڭ تۈزىلىش تۈرلىرى ئېنىقلىنىپ كەتكەندىن كېيىن شۇنداق ئورۇنلاردا قانداق ئورۇنلارنى كۆرسىتىدىغانلىقى ھەقىدىكى سۇئال سورالدى .بۇ سۇئالنىڭ جاۋابىنىمۇ بىردەمدە تېپىپ سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن نىمە ئۈچۈن شۇنداق ئورۇنلارنى تاللاپ قالىدىغانلىقى ھەققىدىكى كۆزقاراشلارنى سۆزلەشكە ئۆتتۇق .دوسكىدا " سۇ بار ئورۇن ، جىمجىت ، قەدىمى ئورمان ، تاغ ' دېگەندەك بىرنەچچە سۆز يېزىلدى .(ئوقۇغۇچىلار يازدى ) بۇ سۆزلەرنىمۇ لوغەت مەنىسى بويىچە چۈشەندۈرۈپ بولدى. كەينىدە ئولتۇرغان بىر ئوقۇغۇچى تارتىنىپقىنا قول كۈتۈردى. - مۇئەللىم ؛ يۇقۇردا يېزىلغانلار تەبىئەت دۇنياسىنىڭ جان تۇمۇرلىرى . تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئۆزى ئېتىقاد . ئۇنى پاكلاپ تۇرۇدىغان يۈرەك – سۇ . بەزىدە سۇنى ياخشى سۇ ۋە ئەسكى سۇ دەپ بۆلىنەمدىكىن دەپ ئويلاپ قالىمەن .ئەجداتلىرىمىز ئىزچىل ياخشى سۇ بىلەن دوست بولغان. ئۇنىڭ جاۋابى قىزىقىشىمنى قوزغىدى._ قانداق بۇنداق ئويلاپ قالدىڭ؟ بىزنىڭ مەھەلىدىكى خابادا بۇرۇن نۇرغۇن بۇلاقلار باركەنتۇق ، كارىز سۈيى ۋە مەھمۇد قەشقىرى قاتارلىق بوۋلىرىمىزنىڭ مەقبەرلىرى جايلاشقان يەرنىڭ ھەممىسىدە ئىشلەتكىلى ،ئىچكىلى بولىدىغان سۇ باركەنغۇ؟ شۇنىڭغا قاراپ شۇنداق دەپ قالدىم. ئوقۇغۇچىنىڭ جاۋابى تۈگۈشى ھامان سىنىپ ئىچىدە مۇنازىرە باشلىنىپ كەتى . سۇ ياخشى سۇ يامان سۇغا بۆلىنمەيدۇ . ئادەملەرنىڭ نىيىتى ئۇنى شۇنداق قىلىپ قويغان .بۇ ساۋاغداشنىڭ سۆزى بويىچە بولسا تاغلارمۇ ئەسكى ياخشى تاغ دەپ ئايرىلىدىكەندە ؟ ئورمانلارمۇ شۇنداق بولامدۇ؟...ئۇلار تالاش – تارتىش قىلىشۋاتاتتى ...بۇ جەرياندا مەن ئەڭلاپ باقمىغان سۇ ھەققىدىكى قىزىقارلىق ھېكايىلەر سۆزلەندى . ئەزەلدىنلا ئەسكى يارالغان سۇنىڭ بولىدىغانلىقى ئۇنداق بولمىغاندا دۇنيادىكى بارلىق سۇنى ئىچكىلى بولسا بولىدىغانلىقىغا ئىسپات كۆرسەتكەنمۇ بولدى . تۇرۇپلا سۇ ھەققىدە قايتا ئويلىنىپ قالدىم . ھېچقانداق دىن سۇنى چەتكە قاقمىغان ، ئۇنى ئۇلۇغلىغان ، پەقەتلا ئۇنى ئولۇغلاش ئۇسۇلى ئوخشاش بولمىغانلىقى ئۈچۈنلا ئوخشاش بولمىغان كۆزقاراشلار شەكىلەنگەن . مائارىپمۇ ماھىيەت جەھەتتىن سۇغا ئوخشاشلا ياخشىلىقنىڭ شاھىدى ، ياخشىلىققا يېتەكلىگۈچى بولۇپ مەيدانغا كەلگەن . لېكىن ئۇسۇل ۋە تەپەككۈردىكى پەرق بىلەن مائارىپ تەرەقىياتىدا ئوخشاش بولمىغان قەدەم – باسقۇچلار ئەندىزىلەر مەيدانغا كېلىپ ،ئىلگىرى كېتىش بىلەن كەيدىنە قېلىشنىڭ پەرقى چوڭلاپ ئەڭ ئاخىرىدا ئادەمدىكى پەرقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان گەپكەن ، بەزىدە بۇ سۇ، پاكلاش، ئادەمنى ئادەم قىلىشنى ئۆگىتەلسە بەزىدە ئۇ ئادەمنى ئادىمىلىك سۈپەتلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇپ ئۆزىگە ، ئۆزگىگىمۇ ئوخشىمايدىغان ناباپ مەخلۇق قىلىپ قۇيۇدىكەن.... سىزنىڭ قانداق ئورۇنلاردا ياشىغىڭىز بار ؟ دېگەن سۇئال دەرسخانىنى تېخىمۇ جانلاندۇرىۋەتتى. بەزىلەر تەكلىماكاندا بەزىلەر تارىم دەرياسىدا يەنى بەزىلەر چەتئەلدە يەنى بەزىلەر .. ئۇلارنىڭ جاۋابىنىڭ ئاخىرى بۇ يەرلەرنى يېشىلىققا پۈركەپ ، تېنچ – ئىتپاق ، مېھرى – مۇھەببەت بىلەن تولغان بىر ياخشى ماكانغا ئايلاندۇرۇش ئىكەن . جاۋابلار خىيالللىرىمنى يەنى ئالا قاياقلارغا ئېلىپ قاچتى... مۇشۇنداق ئۇلۇغۋار غايە – ئىستەكلەر بىلەن ياشايدىغان « بالىلاردىن ›› ئىبارەت ئالاھىدە بىر توپتىن نېمىشقا بىر كۈنلەرگە بېرىپ جىنايەتچى، تىرورچى ... يەنى مەن دىيىشكىمۇ پېتىنالمايدىغان ئاجايىپ سۈپەتلىك ئادەملەر يېتىشىپ چىقىدىغاندۇ؟ ئۇلارنىڭ ئىنسانىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ، ئادىمىلىكنى قوغداش، تەرەقىياىغا ھۆرمەت قىلىش دېگەندەك ئېسىل سۈپەتلىك سۆزلەر نىمىشقا چىن مەنىسىدىن ئۆز ئىپادىسىنى تاپمايدىغاندۇ؟ يەنىلا شۇ جاۋاب ؛ ھەي ئىدىيە! دەرستى چىقىشىمغا مەكتىۋىمىزدىكى كىتاب – ژورناللارنى تارقىتىشقا مەسئول خادىم يېڭى كەلگەن ژورناللارنى ئېلىپ كىردى . ژورناللارنى ۋاراقلاشقا باشلىدىم... «شىنجاڭ مەدەنىيىتى ›› گە بېسىلغان ، خەيرىگۈل ئۆمەر ئەلقىز قەلىمى ئاستىدىكى نەسىر « پەرۋاسىزلىق ›› تىكى مۇنۇ قۇرلار ئويلىرىم بىلەن بىرلىشىپ كەتتى . «ئۇ يولدا كېتىپ باراتتى ، كىچىككىنە بىر تاشقا پۇتلىشىپ يىقىلغىلى تاسلا قالدى، ئۇ ئاران دېگەندە ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ ئۆتۈپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۆتۈپ كېتىشى بىلەن ، كەينىدىن كەلگەن كىچىك بىر قىز يەنە شۇ تاشقا پۇتلىشىپ ئوڭدىسىغا چۈشتى ، ئاپىسى ئۇنى يۆلەپ ،كىيىملىرىنى قېقىشتۇرۇپ ،ئېلىپ ماڭدى . كەينىدىن ياشانغان بىر كىشى كەلدى. تاش ئونىمۇ بوش قۇيۇۋەتمىدى، ئۇ يىقىلغىنىچە ئورنىدىن تۇرالمىدى، بۇنى كۆرگەن كىشىلەر بوۋاينى يۆلەپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ مېڭىشتى . ئەپسۇس تاش يەنىلا جايىدا قالدى ...›› بۇنى ئۆزگەرتىپ ئويلاپ باقتىم؛ ئۇ دەرس ئۈتۈۋاتاتتى . كېچىككىنە مەسىلىدىكى مۈجىمەللىكنى باشقىلاردىن سوراشقا نۇمۇس قىلدى. ئۇ مەسلىدىن يانداپ ئۈتۈپ كەتتى. بۇ بىرنەچچە ئوقۇغۇچى كۈندە تاپشۇرۇق ئىشلىمەيۋاتاتتى ، لېكىن ئۇنى ھەل قىلىشقا ۋاقت يوق ئىدى. چېچىنى غەيرى كەستۈرۋالغان بىر ئوقۇغۇچىغا كۆزى چۈشتىيۇ بۇ مېنىڭ سىنىپىمدا بولمىسا- دەپ ، ئويلىدى . خىزمەتدىشى ئوتتۇرسىدىكى ئوقۇشماسلىقنى چۈشەندۈرمەكچى بولدىيۇ غورورى يول قويمىدى. چۈنكى ئۇمۇ ئۇنىڭدىن قېلىشمايتتى.... كىچىككىنە تاش غايەت بىر توسالغۇنى شەكىللەندۈردى . زادىلا بىرلىككە كىلىشەلمەيدىغان بىر توپ كىشىلەر بىر – بىرىگە خىرىس قىلىشىپ كەلمەكتە ،بەزىلىرى قوللىرىدا «ئاغرىنىش ›› دېگەن خەتنى بەزلىرى «ھەسەتخورلۇق›› دېگەن خەتنى بەزلىرى مەن ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان قالايماقان رەڭدە يېزىلغان «تەتۈرلۈك ››دېگەن خەتنى كۆتۈرۋالغان ئىدى ... خىيالىمدىن چۈچۈپ كەتتىم . بۇنداق بولسا بولمايتتى!... ھەي ئىدىيە! ئۇ تەرەپتىن خىسلەتلىك بىر ئادەم كېلىۋاتقۇدەك . تاشنى ئېلىۋېتىش ئۈچۈن پىشاڭ ياساپتۇ پىشاڭغا مۇنۇ جۈملە يېزىلغان ئىدى ؛ « سۈيۈشنى بىلمەسلىكتىنمۇ قورقۇنۇچلۇق ۋابا يوق! سۆيۈش ۋاز كېچىش ۋە قۇربانلىق بېرىش بىلەن كەڭ قورساقلىق ۋە ئەپۇچانلىق بىلەن بىرلەشمىگەندە ئۇ مەڭگۈ قارغۇ سۆيۈش بولۇپ قالىدۇ ! ››... خاتىرەمنى يېپىش ئالدىدا تۇرۇپتىمەن . بىر كۈنلەردە بۇ قۇرلار مېنىڭ ياشىغىنىمغا ، تەپەككۈر قىلغىنىمغا ئىسپات بۇلار ،شۇڭلاشقىمۇ قەلىمىم ،توغرىسىنى ئېيتقاندا قۇلۇم مېنى خەت باسقاندا ئەڭ چىرايلىق سۆزلەرنى بېسىشقا ئوقارمەنلەرگە مەدەت ئىلھام بولىدىغان قۇرلارنى يېزىشقا ، ئىتپاقلىق ئورۇقلىرىنى چىچىشقا مەدەتكار قىلغايسەن! ئاخىرىغا ئەخمەت ئىمىننىڭ «ھايات ›› ناملىق نەسىرىدىكى مۇنۇ قۇرلار بىلەن خاتىرەمنى ئاياقلاشتۇردۇم . مەيلى كاچاتلا ، مەيلى باغاشلا، زەۋقىڭ ئوتىدا كۆيىمەن دۇنيا. مەيلى قىينىغىن، مەيلى قىيدىغىن ، سۆيىمەن سېنى ، سۆيىمەن ، دۇنيا !
|
|