ozqan |
2012-06-23 11:40 |
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ سوئالىنى تەكشۈرۈشتىن قايتىپ، كۆرگەن بۇ تېما مېنىڭمۇ بۇ قېتىملىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان سوئال تەكشۈرۈشىدىن ئازراق ئۇچۇر بېرىشىمگە تۈرتكە بولدى . }>w;(R بۇ قېتىملىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار سانى 35مىڭ 600بولۇپ ، سوئال شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋىرستىتىدا تەكشۈرۈلدى . c4R6E~S تىل-ئەدەبىيات سوئالىنى تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ئوقۇتقۇچى سانى يىللاردىكىدىن كۆپ بولۇپ 40نەچچە ئوقۇتقۇچى سوئال تەكشۈرۈشكە قاتناشتۇق . ئەمەلىيەتتە بولسا ئوقۇغۇچى سانى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن بىر نەچچە مىڭ ئاز ئىكەن . A}b سوئالنى تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋىرستىتىنىڭ تىل ئەدەبىيات فاكولتىتىنىڭ مەسئۇللىرى ، دوكتورلىرى، ئاسپىرانتلىرى ۋە ئۈرۈمچىدىكى ۋە ھەر قايسى رايونلاردىكى تولۇق ئوتتۇرا تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى بولۇپ ، بۇ ئوقۇتقۇچىلار ئىچىدە مۇنبىرىمىز ئەزالىرىدىن نازپەرۋەر ، گۈلزات ، ئەلى خوجا ۋە ئىنكاس يازمىغان بىلەن مۇنبەرنى دائىم كۆرۈپ تۇرىدىغان بىر مۇنچە ئوقۇتقۇچىلارمۇ بار . J}coWjw`q سوئال تەكشۈرۈشتە ئالدى بىلەن سوئاللاردىكى ئىككى ياقلىما جاۋاب بەرسە بولىدىغان جايلار بىرلىككە كېلىۋېلىندى . بۇ جەھەتتە ئوتتۇرا مەكتەپلەردىن كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ مەسئۇلىيتىنى تولۇق ئادا قىلدى ، سوئال تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولغان شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋىرستىتىنىڭ دوتسىنتى ئابدۇبەسىر شۈكۈرى مۇئەللىممۇ تەكلىپلەرنى قىزغىن قوللاپ ، مۇۋاپىق ئۆزگەرتىشلەرنى ئېلىپ باردى . ئەلى خوجا مۇئاۋىنلىق رولىنى ياخشى ئادا قىلدى . بارلىق ئوقۇتقۇچىلار سوئال تەكشۈرۈشكە ئىنتايىن ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلدى. @fp
(uu ھەر قايسى سوئاللارغا ئىجادىي ، كۆپ ياقىلىما جاۋاب بەرگەن ئوقۇغۇچىلارمۇ زىيانغا ئۇچرىمىدى . oSt-w{! بوش ئورۇن سوئالىدا ئۆلچەملىك جاۋاتىكى i` Es7 } لىرىك نەسىر دېگەن جاۋاب ئورنىغا نەسىر دەپ جاۋاب يازسىمۇ ؛ +"a .,-f! رۇبائىينىڭ مەزمۇنىنى جاۋابتىكى بىلەن ئوخشاش يازالماي ، شۇنىڭغا ۋاريانتداش ھەر خىل جاۋابلارنى يازسىمۇ ، ئىشقىلىپ ياخشىلىق ۋە يامانلىق ھەققىدە پىكىر يۈرگۈسىلا ؛ pd,5.d ئوغۇزنامە دېگەن جاۋابنىڭ ئورنىغان ئوغۇزخان ، ئۇغۇز دەپ جاۋاب يازسىمۇ توغرا قىلىنىپ تولۇق نومۇر بېرىلدى . 5>7ECe* تاللىما سوئاللاردىمۇ مەنىداش بولغان بەزى جاۋابلارغا ئىجادىي ھالدا مۇئامىلە قىلىندى .
Xi5ZQo!t ماقالە سوئالىدا ماقالىنى ياخشى يازغان خېلى كۆپ ئوقۇغۇچىلار 50تىن يۇقىرى نومۇرغىمۇ ئېرشتى . ياخشى يازغانلار چوقۇم ياخشى نومۇرغا ئېرىشىشى كېرەك دېگەن تەشەببۇس تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى . تېما دائىرسىگە چەك قويۇلمىدى ، تېمىدىن چەتنىگەن ماقالىلەر ئىنتايىن ئاز بولۇپ ، پەقەت ئۆزلىرى يادلاپ كىرگەن بەزى ماقالىلەرنى يېزىپ قويغان ئوقۇغۇچىلاردىن باشقىلار ھەر خىل تېمىلاردا پىكىر يۈرگۈزۈپ ئىنتايىن ياخشى ماقالىلەرنى يازغان . X "1q$xwc ماقالە سوئالىدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆزىنى بوياپ ، ئىمتھان سوئالىنىڭ ئالدىنقى بەتلىرىدىكى ئەسەرلەرنى ياكى ماقالە يېزىش سوئالىنىڭ ماتىريالىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ قويغان بەزى ئوقۇغۇچىلارغا ۋە خەنزۇ يېزىقىدا ماقالە يازغان ئوقۇغۇچىلارغا بىردەك نومۇر بېرىلمىدى . fn;7Nf7{ سوئاللارنىڭ جاۋاب ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ يېزىپ قويغان ئوقۇغۇچىلارغا مۇئامىلە قىلىش ئەڭ قىيىن مەسىلە بولدى . بۇ جاۋابلارنى تەكشۈرۈشتە گەرچە باشقا سوئال تەكشۈرۈش گورۇپپىسدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى چاقىرىپ كېلىپ ، نومۇر قويغۇزغان بولساقمۇ ، بەزى ئەھۋاللاردا مەسىلىنى تولۇق ھەل قىلغىلى بولمىدى . مەسىلەن : تاللىما سوئالنىڭ جاۋابىغا 20 نومۇر بېرىلدىغان بولغاچقا ، بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى باشقا سوئالنىڭ جاۋابىنى يازىدىغان ئورۇنغا يېزىپ قويغان ئوقۇغۇچىلارغا باشقا سوئالنىڭ جاۋابىغا بېرىلدىغان نومۇر ئۇنداق كۆپ بولمىغاچقا ، گەرچە جاۋاب توغرا بولسىمۇ ئەڭ يۇقىرى نومۇر قويغاندىمۇ 10نومۇر قويىدىغان ئەھۋال كۆرۈلۈپ ، ئالماشتۇرۇپ يېزىپ قويغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ، بولۇپمۇ تولۇق جاۋاب يازغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا ئېچىندۇق . yrkd#
m يەنە بەزى سوئاللاردا پىرىنسپلىق مەسىلىلەردە پىرىنسىپتا چىڭ تۇرۇش تەشەببۇس قىلىندى . oOQnV(I مېنىڭچە ، بۇ قېتىملىق تىل-ئەدەبىيات سوئالى ناھايىتى ئۆلچەملىك ، ئەڭ زور دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرستىلىپ ، مۇۋەپپەقىيەتلىك تەكشۈرۈلگەن سوئال بولدى... |
|