查看完整版本: [-- قوشماق يۈرەك ئۇيۇلغان تېرەك --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> قوشماق يۈرەك ئۇيۇلغان تېرەك [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

kok-sultan 2012-06-20 12:29
قوشماق يۈرەك ئۇيۇلغان تېرەك،
قاپتۇ ئەجەپ كەچكۈزدە قۇرۇپ.
تولدى ئاچچىق كۆزلىرىم ياشقا،
ئايسىز كەچتە يۆلىنىپ تۇرۇپ.
 
قوشماق يۈرەك ئۇيۇلغان تېرەك،
بولغان شېرىن كەچمىشكە گۇۋاھ.
قۇنۇپ يۇمران شاخلارغا سۆيگۈ،
سالغان باھار پەسلىدە ئۇۋا.
 
قوشماق يۈرەك ئۇيۇلغان تېرەك،
ئوخشاپ قالغان مۇقەددەس جايغا.
ئاشىق جاندىن ھاياجان قايناپ،
قۇتلاپ شاھتەك مىندۈرگەن تايغا.
 
قوشماق يۈرەك ئۇيۇلغان تېرەك،
قالغان بىزگە چوڭلاردىن ئۇدۇم.
كەچكى شەپەق قىزارغان چاغدا،
نۇرغۇن قىسسە تۇغۇلغان چۇقۇم.
 
قوشماق يۈرەك ئۇيۇلغان تېرەك،
ياشاپ كەلگەن خىلۋەتتە ئۇزاق.
ۋىسال كۈيى ياڭرىغان جۇشقۇن،
ھىجران پەيتى قۇرسىمۇ تۇزاق،
 
قوشماق يۈرەك ئۇيۇلغان تېرەك،
قاپتۇ ئەجەپ مەزگىلسىز قۇرۇپ.
يىراق كەتكەن سۆيۈملۈك يارنى،
ئەسلەپ چىقتىم... يۆلىنىپ تۇرۇپ.
مەنبە: ئىجادىيىتىم

koksangun 2012-06-20 20:16
كۆكسۇلتان ، شېئىرلىرىڭىزغا بەرىكەتلەر بولسۇن .

danix 2012-06-21 13:24
    كۆكسۇلتاننىڭ لېرىكىلىرى ئادەمنى ئاجايىپ ھېسلارغا باشلايدىكەن جۇمۇ !

kok-sultan 2012-06-21 16:20
ئۇنتۇلماس دەقىقىلەرنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان تېرەكلەرگە بەرىكەتلەر ياغسۇن!

tawpek 2012-06-21 23:50
كۆكسۇلتان ئاكىمىزنىڭ رەت-رىتى بىلەن تېىزىلىپ كەتكەن شىئىرلىرىدىن سۆيۆندۆم.

مۇشۇنداق ئازراق ئارسالدى بولوپ قالغان چاغلىرىڭىزدا بولسىمۇ تەۋپىقداشلارنىڭ قەلىب ئىتىزلىرىنى لىرىك ھىسياتلاردىن پۈتكەن ئابى كەۋسەرلىرىڭىز بىلەن سۇغىرىپ تۇرۇشنى ئۇنۇتمىغايسىز.

ak gul 2012-06-22 01:20
كۆك -سۇلتان مۇئەللىمنىڭ لېرىكىلىرى خۇددى ئۇسساپ كەتكەندە بەرگەن بىر قاچا مۇزدەك سۇغا ئوخشاش يۈرەككە تېگىدۇ

گۇليار 2012-06-23 22:39
مۇشۇنداق ئازراق ئارسالدى بولوپ قالغان چاغلىرىڭىزدا بولسىمۇ تەۋپىقداشلارنىڭ قەلىب ئىتىزلىرىنى لىرىك ھىسياتلاردىن پۈتكەن ئابى كەۋسەرلىرىڭىز بىلەن سۇغىرىپ تۇرۇشنى ئۇنۇتمىغايسىز.

گۇليار 2012-06-23 22:57
كۆكسۇلتان ، شېئىرلىرىڭىزغا بەرىكەتلەر بولسۇن .

tawpek 2012-06-23 23:40
قوشماك يۈرەك ئويولغان تىرەك
بولوپ قاپتۇ كىسىلىپ ئوتون
ئەسلەپ قالدىم نەدىسەن نىگار
بولوپ قالدىڭ كىملەرگە خوتون؟


查看完整版本: [-- قوشماق يۈرەك ئۇيۇلغان تېرەك --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.117455 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us