查看完整版本: [-- ئارام ئېلىۋال دېمىگىن ئانا --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> ئارام ئېلىۋال دېمىگىن ئانا [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

turkinaz0992 2012-06-20 12:23
    ئارام  ئېلىۋال دېمىگىن ئانا   

        


ئوقۇتقۇچىمەن ،
يىراقتىكى خىلۋەت سەھرادا.
ماڭىمەن ھەر تاڭ ئۈمىدنى يۈدۈپ ،
توپا ھەم شور تاڭ چىغىر يوللاردا .
توپىغا مىلەنگەن دېھقان باللىرى
مېنى ،
ئۈمىد ۋە ھۆرمەتتە ئالىدۇ كۈتۈپ .
مەن ئەنە شۇلارنىڭ قەلىب قۇياشى ،
ئۇلار تەشنا يورۇقلۇققا .
ئارام ئېلىۋال دېمىگىن ئانا ،
قىزىڭغا ھەر سەھەر
مەدەت تىلە نامىزىڭدا .
ئويلا ئانا ، قالمامدۇ پېتىپ
  قۇياشسىز يەر جاھان قاراڭغۇلۇققا ؟


ئوقۇتقۇچىمەن ،
يىراقتىكى خىلۋەت سەھرادا،
بۇلىقىمەن
دېھقان ئاتام تىككەن كۆچەتنىڭ .
    سۇ بولمىسا تەشنالىق ئۈچۈن
ھاياتلىق قايدا ، كۆچەتلەر قايدا ؟
ئۈمىدىممۇ شۇ ئىدى ئانا ،
  ئارمىنىممۇ شۇ،
تامچە سۇ بولماق تەشنا دىللارغا .
    دېھقان ئاتام كۆچىتى بىر كۈن ،
مېۋە بەرسە ئارمانىم قايدا ؟
ئارام ئېلىۋال دېمىگىن ئانا ،
ماڭا ھەر دەم بەرگىن سەن مەدەت ،
سەن بولمىساڭ دەرمانىم قايدا ؟
مېھنەتسىز چۆلدە بوستانلىق قايدا ؟


ئوقۇتقۇچىمەن ،
  تاڭ بىلەن تەڭ  ماڭىمەن
سەھرا ئۈچۈن سەھەرنى يۈدۈپ .
  غېچىرلىشى ۋېلسىپىتىمنىڭمۇ
بېرىدۇ ماڭا غايىۋىي مەدەت.
  ئېھ ،سەھرا بالىلىرى
ئاجايىپ قەيسەر بولىدۇ ئانا.
            ئوقۇماپتىكەن كىتابنى ئەجەپ،
     مومام ئېيتقان چۆچەكلەردىكى
    پادىچى بالا .
   بىراق بۇندا دېھقان باللىرى
قوللىرىدىن چۈشمەيدۇ كىتاپ.
   ساددا ،قەيسەر سەھرالىق ئانا
  ئۆگىتەر ئۇلارغا ئەدەپ ۋە ئەخلاق .
  ئوخشىمايدۇ ئۇلار پەقەتلا
   شەھەر بالىلىرىغا ھەرگىزمۇ ئانا .
بىر كېلىپ كۆرسەڭ ئېدىڭ ،
    بالىلىرىمنى .
زېرەك ،قەيسەر ، ئەدەپلىكلىكىگە
ئاپىرىن ئوقۇماي تۇرالماس ئېدىڭ .
بەزى مىشچان شەھەر باللىرىغا ،
بەلكىم قايتىپ ساۋاق بېرەتتىڭ
ئۈلگە قىلىپ سەھرا باللىرىنى .


       ئارام ئېلىۋال دېمىگىن ئانا ،
بەرگىن ماڭا ئۈمىدۋارلىقنى.   
ئوقۇتقۇچىمەن ،
يىراقتىكى خىلۋەت سەھرادا.
  بار ئۇندا،
دېھقان ئاتام ئەۋلادى -
مېنىڭ ئەۋلادىم.
ئۇلار مېنىڭ ئارامگاھىم،
ئۇلار مېنىڭ شاتلىقىم ،
ئۇلار مېنىڭ كۆز قارچۇقۇم .
سىڭگەن ئۇلارغا مۇھەببىتىم ،
سىڭگەن ئۇلارغا ئەجرىم ،بارلىقىم .
ئۇلارنىڭ شاتلىقى مېنىڭ شاتلىقىم ،
ئۇلارنىڭ بەختى مېنىڭمۇ بەختىم .
  ئۇلار مېنىڭ شانۇ - شۆھرىتىم ،
ئۇلار مېنىڭ تاجۇ - تەختىم.
  مۇبادا
ئۇلار غۇلىسا يەرگە،
  غۇلايدۇ شۇئان قەلىب تەختىم .
مەيلى مەن قالسام قالايكى چۆلدە،
لاچىن كەبى
پەرۋاز قىلىپ ئۇچسۇن  ئاسمانغا ،ئايغا،
  شۇدۇر مېنىڭ ئۈمىد -ئىستىكىم .


ئارام ئېلىۋال دېمىگىن ئانا ،
  تۇرسا مۇندا ئارامگاھىم .
  بولسىلا ئۇلارنىڭ كەلگۈسى پارلاق،
      تۈگەيدۇ شۇ ئان چارچاشلىرىم .
   ماڭا ھەردەم بەرگىن سەن مەدەت  ،
  ۋە يەنە بەرگىن ئۈمىدۋارلىقنى.
  ئىشەنگىن ،
  مەدىتىڭدە ئەي ئۇلۇغ ئانا
تەشنا چۆللەر قانىدۇ سۇغا .
سەن ئاتا قىلغان ئۈمىدۋارلىقتا،
جەزمەن بىر كۈن
چۆللەرمۇ ئايلىنار چىمەنزارلىققا  !


               مەنبە  :        ئىجادىيىتىم
    ئەسكەرتىش : بۇ شىئېرىم  1999  -يىلى 9  -مارت  « شىنجاڭ مائارىپى »  گېزىتىگە ئېلان قىلىنغان .

ak gul 2012-06-20 18:39
يەنە بىر ھەقىقىي مۇئەللىمەنىڭ مۇنبىرىمىزگە باسقان قەدەملىرىگە مۇبارەك بولسۇن!
بىزگە ئېلىپ كەلگەن سوۋغىڭىز تېخىمۇ ئېسىل بوپتۇ،بەرىكەتلەر يار بولسۇن!

koksangun 2012-06-20 20:10
بەك ئېسىل شېئىركەن ، ئۇنىڭدىكى ھېسسىيات شۇ قەدەر ساپ ۋە سەمىمىي ، تىلەك شۇ قەدەر پاك ۋە بىغۇبار . تىل شۇ قەدەر گۈزەل ۋە جەزىبدار ، كىشىنى تولىمۇ تەسىرلەندۈرىدىغان مەزمۇن ، ئىجادىيىتىڭىزگە بەرىكەتلەر بولسۇن .

koksangun 2012-06-20 20:12
ئادەمئاشۇنداق شىرىن تىلەكتە ئارزۇلىرىغا يېتىپ ياشىسا قانچىلىك ياخشى ! ئاشۇنداق تىلەك ئارزۇلار قوينىدا ئۆز ھاياتىنى مەنىلەرگە تولدۇرۇپ ياشاش نېمە دېگەن بەخت !

kok-sultan 2012-06-21 16:23
ئادەملەرگە مېچرى مۇھەببەت ئاتا قىلىغان كەسپتىن بۇ دۇنيادا قانچىسى باردۇر؟

tawpek 2012-06-21 23:39
كۆكسانغۇن ئاكىمىز ئاۋازغا ئىلىپ دىكلىماتسىيە قىلغان  <<ئانا>. ناملىق شىئىرنىڭ ھىدىنى پۇرىغاندەك بولدۇم.

گۇليار 2012-06-23 22:41
ئادەملەرگە مېچرى مۇھەببەت ئاتا قىلىغان كەسپتىن بۇ دۇنيادا قانچىسى باردۇر؟

tawpek 2012-06-23 22:45
ئىنكاس كۆچۆرۆش نۇمۇس!

گۇليار 2012-06-23 22:58
يەنە بىر ھەقىقىي مۇئەللىمەنىڭ مۇنبىرىمىزگە باسقان قەدەملىرىگە مۇبارەك بولسۇن!
بىزگە ئېلىپ كەلگەن سوۋغىڭىز تېخىمۇ ئېسىل بوپتۇ،بەرىكەتلەر يار بولسۇن!

tawpek 2012-06-23 23:05
ئۈستىدىكى خان بىلەن مۈكۈمۈكۈلەڭ ئويناپ زىرىكتىم، ئۆچۆرۆپلا قۇتۇلايمۇ يا؟

ozqan 2012-06-23 23:40
تۈركىناز : تەۋپىققە باسقان قەدىمىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن ...
ئېسىل شېئىرىڭىز بىلەن بىزنى ھوزۇرلاندۇرغىنىڭىزغا رەخمەت ، ئىزچىللىق سىزگە ھەمراھ بولسۇن .... قەدەملىرىڭىزدىن گۈللەر ئۈنسۇن ...

tawpek 2012-06-23 23:46
مىسرانىمغا يوللىغان ئەسىرىڭىزنىلا ئەمەس ئىجاد مىھنەتلىرىڭىزنىمۇ سۇنۇپ تۇرغايسىز.

danix 2012-06-26 12:34
      يازغۇچىلىقنىڭ دەسلەپكى قەدىمى كۆپ ھاللاردائۆزىنىڭ
كەچۈرمىشلىرىنى ،كۈندىلىك خاتىرلىرىنى ئەسەر قىلىپ يېزىشتىن
باشلىنىدۇ . تۈركىنازنىڭ بۇ ئېسىل لېرىكىسىدىن ياقا ، چەت
يېزا مائارىپىغا ئۆزىنى بېغىشلىغان ، نامرات دېھقان بالىلىرىنى
ئۆز بالىسىدەك كۆرىدىغان ، ئاجايىپ ئېسىل خىسلەتكە ئىگە
بىر چىرايلىق مۇئەلىمە قىزنىڭ سىماسى كۆز ئالدىمدا گەۋدىلىنىپ،
شۇ غايىبى سىماغا سۆيگۈم ئىنتىلدى !

turkinaz0992 2012-07-04 00:34
بارلىق ئەزىز دوستلارنىڭ مەدىتى ۋە ياخشى تىلەكلىرىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم ! ھەممىڭلارغا كۆپ تەشەككۈر !............

ayhenim926 2012-08-28 23:21
بەك ياخشى چىقىپتۇ


查看完整版本: [-- ئارام ئېلىۋال دېمىگىن ئانا --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.146249 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us