查看完整版本: [-- زوردۇن سابىرنىڭ ھېكايىلەر دۇنياسى --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇھاكىمە خاراكتىرلىك ئەسەرلەر -> زوردۇن سابىرنىڭ ھېكايىلەر دۇنياسى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

abdurexit 2012-06-19 10:35
زوردۇن سابىرنىڭ ھېكايىلەر دۇنياسى 2c"/QT  
چېن يۈ(ئابدۇرېشىت ئوسمان تەرجىمىسى) xSx&79Ez<*  
    زوردۇن سابىر ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەر تولىمۇ ياقتۇرىدىغان يازغۇچى بولۇپ،زۇنۇن قادىردىن كىيىنكى بەلگىلىك تەسىرگە ئىگە مۇھىم يازغۇچىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1960-1970-يىللاردا باشلانغان بولۇپ، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىن كېيىنكى 20يىللق ئەدەبىي ئىجادىيەتتە جەمئىي تۆت رومان ،16 پوۋېسىت،70 تىن ئارتۇق ھېكايىسى ئېلان قىلىنغان .بىر قىسىم ئەسەرلىرى خەنزۇچىگە تەرجىمە قىلىنىپ ،‹‹زوردۇن سابىر ھېكايىلىرىدىن تاللانما ››‹‹ئۇنتۇمايمەن،گۈلسارە ››دېگەن نامدا ئككى ھېكايە توپلىمى نەشىر قىلنغان .نۇرغۇن ئەسەرلىرى نېمىس ،ئېنگىلىز ،موڭغۇل ،قازاق ،ئۆزبىك ،ئەرەپ تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان .زوردۇن سابىر دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا تونۇلغان، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ ،ئىجتىھات بىلەن نۇرغۇن نادىر ئەسەرلەرنى ياراتقان تۆھپىكار يازغۇچى . }+*w.X }L  
زۇردۇن سابىرنىڭ خەنزۇچە نەشىر قىلىنغان ئىككى ھېكايىلەر توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن ئەسەرلەر مەزمۇن ،تېما جەھەتتىن مۇھەببەت تېمىسىدىكى ھېكايىلەر ۋە ئىجتىمائى تېمىدىكى ھېكايىلەردىن ئىبارەت ئىككى  تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ . aD?# ,  
‹‹جىگدىلەر پىچىرلايدۇ››،‹‹ئۇنتۇمايمەن،گۈلسارە››‹‹ناخشىچى››قاتارلىق ھېكايىلىرى مۇھەببەت تېمىدىكى ھېكايىلەردۇر .‹‹سەھەردىكى چۈش››، ‹‹دولان ياشلىرى››،‹‹قوشنىلار››،‹‹خەزىنە ››،‹‹ئايدىڭ كېچە ››،‹‹ئورمان مۇھەپىزەتچىسى ››،‹‹سۈبىھى›› ‹‹خەيرىلىك ئىش ››،‹‹چايخورلار ››،‹‹خېرە دېرىزە ›› قاتارلىق ھېكايە ،پوۋېسىتلىرى ئېجتىمائى تېمىدىكى ھېكايە-پوۋىسىتلىرىغا تەۋە ئەسەرلىرىدۇر. $  9S>I'  
تۇرمۇشتىكى ھېكايىلەر بىلەن ئەدەبىياتتا تەسۋىرلەنگەن ھېكايىلەر ھەم ئۆز ئارا ئوخشايدۇ ھەم ئۆز ئارا پەرىقلىنىدۇ.تۇرمۇشتىكى ھېكايىلەر تۇرمۇش لوگىكىسىغا بويسىنىدۇ، تۇرمۇش لوگىكىسىدىن ھالقىيالمايدۇ. ئەدەبىياتتىكى ھېكايىلەر بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. ئەدەبىياتتىكى تۇرمۇش سەنئەت لوگىكىسىغا ھۆرمەت قىلىنىدۇ . $xLEA\s  
‹‹سۈبھى››پوۋېسىتىدا ‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى››نىڭ ئالدى - كەينىدىكى ئاگرانوم ئەسئەت بىلەن ئىخلاسبۇۋى،غىلمانبۇۋى ئىسىملىك ئىككى ئايال (ئەمەلىيەتتە ئىككىسى بىر ئايال ) ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى بايان قىلىنىدۇ. ئەسەردە ئەسئەت بىلەن ئىخلاسبۇۋى ئىلگىركى تۇرمۇشىغا قايتىشقا ئامالسىز .ھېكايىنىڭ بۇ خىل نەتىجىسى تۇرمۇش لوگىكىسى بويىچە ئاخىرلاشقان. ئاشۇ يىللاردىكى بىر تۈركۈم يېڭىلىق ياراتقان يازغۇچىلارغا ئوخشاش زوردۇن سابىر ‹‹سۈبھى ››پوۋېستىنىڭ بايان ئۇسلۇبدا چوڭقۇر ئىزدىنىپ يىڭىلىق ياراتقان ،ئوخشاشمىغان زاماندا، ئوخشاشمىغان پىرسۇناژلارنىڭ ئورنىدا تۇرۇپ ھېكايە ۋەقەلىرىنى قانات يايدۇرغان ‹‹جىگدىلەر پىچىرلايدۇ›› ، ‹‹ئۇنۇمايمەن،گۈلسارە ››،‹‹خىرە دېرىزە ››،‹‹خەيرىلىك ئىش›› قاتارلىق ئەسەرلەردە نوقۇل ھالدا مۇھەببەت ھېكايىسىلا بايان قىلماي، جەمىئيەتتىكى سىياسىي ،ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشلەر ئېلىپ كەلگەن يېڭى زىدىيەت - تۇقۇنۇشلارنى، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى دادىللىق بىلەن پاش قىلغان ،ئېچىپ تاشلىغان. ئوقۇرمەنلار مانا بۇ ئەسەرلەردىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت پىسخىكىسنى ،مەنىۋى تۇرمۇشىنى چۈشنىدۇ . مانا بۇ نادىر ئەسەرلەر بۈگۈنكى دەۋىر ئۇيغۇر ئەدەبىيات خەزىنىسىنى تېخىمۇ بېيتقان . _ 'H2>V_  
زوردۇن سابىرنىڭ ئىجتمائىي تېمىدىكى بەزى ئەسەرلىرى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا بەلگىلىك كۆلەم ۋە چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلغان ،خەنزۇچە نەشىر قىلىنغان ئىككى كىتابقا كىرگۈزۈلگەن ئەسەرلەر ئىچىدىكى ‹‹خەيرىلىك ئىش›› پوۋېسىتى بىلەن ‹‹چايخۇرلار›› ناملىق ھېكايىسى ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ سېھرى كۈچىنى نامايەن قىلغان نادىر ئەسەرلەر ھېساپلىنىدۇ. ‹‹خەيرىلىك ئىش ›› پوۋېستى ئەنئەنىۋى قىممەتكە ئىگە ئىجتمائى تېمىدىكى ئەسەرلەر بولۇپ ، يازغۇچىنىڭ بۇ ئەسەردە تەسۋىرلەنگىنى قانداقتۇ تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق–چۈچۈكى ئەمەس ، بەلكى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنى بىر ئۈزۈمچىلىك كەسپى ئائىلىسىگە يىغىنچاقلاپ ئەكس ئەتتۈرگەنلىكىدە.  ھەرقانداق ئادەم تۇرمۇشنىڭ كاتاڭ يوللىرىدا مۇدۈرۈپ كېتىشتىن ساقلىنالمايدۇ ،ھەر قانداق ئادەم تۇرمۇشتا مۇھەببەت بىلەن نەپرەت ،ئىشچانلىق بىلەن ھۇرۇنلۇق ،ئارزۇ بىلەن خام خىيال ، ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئۇمۇدسىزلىك ئارىلىشىپ كەتكەن داش قازاندا قايناپ پىشىدۇ . Xs{/}wc.q;  
ئەسەردىكى ھېسىسيات ئۇيغۇرلارنىڭ تىپىك پىسخىكىسى بولۇپ ،ئەسەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈش ،ئەسەردىكى مۇھىت، ئەسەردىكى پىرسۇناژلار پىسخىكىسى ... قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇق تۇرمۇش ئادىتىدىن كەلگەن. ئەسەردىكى تىل ،مەنزىرە- مۇھىت،سيۇژىت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى يازغۇچى  زوردۇن سابىرنىڭ ئۆزىگە خاس پىشقان ئەدەبىي ماھارىتىنى ۋە كۈچلۈك ئەدەبىي قابىلىيەت ،ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىپ بىرىدۇ . }~myf\$  
‹‹چايخورلار ››ھېكايىسى يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ خەنزۇچە نەشىر قىلىنغان ئىككى كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن ئەسەرلىرى ئىچىدە ئەڭ سەرخىل ، قىزىقارلىق ئەسەر ھېسابلىنىدۇ . يازغۇچى بۇ ئەسەردە بەسخور،قىزىقىچى بۇتىياخان ئوبرازىنى يارىتىش ئارقىلىق بىر چايخانىدىكى قايناق ئۆزگىچە ، ئاجايىپ تۇرمۇشنى سۈرەتلىگەن ،بۇ تىياخاننىڭ كەيپىياتى چايخانىنىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچىگە ئوخشاشتۇر.ناۋادا ئۇنىڭ قاپىقى تۈرۈلسە چايخانىدىكى ھەممە چايخورلار جىممىدە بولىشىدۇ، ھەتتا چايچى ئۇستامنىڭمۇ تىلى تۇتۇلۇپ قاتتىقراقمۇ يۆتىلەلمەيدۇ. ناۋادا بۇتىياخان كۈلسە چايخانىدىكى چايخورلارنىڭ چىرايى ئىچىلدۇ ، چايخانا ئادەتتىن تاشقىرى قاينام –تاشقىنلىققا چۆمۈلىدۇ . بۇتىياخان چېلىش مەيدانىدا خوتەك لەقەملىك بىر كىشىدىن يىڭىلىپ قىلىپ ئىزا – ئاھانەتتىن قورقۇپ چايخانىغىمۇ دەسسىمەس بولدى.چايخانىدا ،چايخورلار ‹‹بۇتىيا ۋاي بارمۇ- ئۆلدىمۇ ؟›› دەپ مۇنازىرە قىلىشىدۇ. ‹‹ـــ بۇتىيا ھايات،-دېدى مەنىلىك قىلىپ زېمىنباي،-ھەم ئۆلدى.›› مانا بۇ گەپ ئەسەردىكى كىتاپخانا ئاچىدىغان زېمىنبەگنىڭ بەرگەن ئەڭ توغرا جاۋابى . }*xC:A%aS  
بۇتياخان بىر چايخۇر ، تۇرمۇشتىكى ئادەتتىكى بىر كىشى، ئەمما بۇ ئەسەردە مانا مۇشۇ بۇتيادەك ئاددىي بىر پېرسۇناژغا بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت گېنى مۇجەسسەملەنگەن . 9 vB9k@9  
زوردۇن سابىر بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئەدەبىي ئىجادىيەت نەتىجىسى كۆرىنەرلىك ،ئەدەبىي ئىجادىيەت تالانتى ئۇرغۇپ تۇرغان، ئەدەبىي ئىجادىيەت قابىلىيەت ، ئىقتىدارى يۇقىرى تۆھپىكار ئۇيغۇر يازغۇچىسى بولۇپلا قالماي، يەنە جوڭگۇ بۈگۈنكى دەۋىر ئەدەبىياتىدا كۆزگە كۆرۈنگەن مۇنەۋۋەر يازغۇچىدۇر. ئەپسۇس، زوردۇن سابىر ئەدەبىي ئىجادىيەتتە گۈللەپ ياشناۋاتقان بىر پەيتتە تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتتى، گەرچە ئۇ ئارىمىزدىن كېتىپ قالغان بولسىمۇ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىكى گۈزەل تىل، تەسىرلىك ۋەقە- تەپسىلاتلار ئوقۇرمەنلار قەلبىنى ھېلىھەم ھاياجانغا چۆمدۈرمەكتە . s 4MNVT  
(خەنزۇچە ‹‹ئەدەبىيات - سەنئەت گېزىتى››نىڭ 2010-يىلى 12-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى سانىدىن تەرجىمە قىلىندى ) zfk'>_'  

koksangun 2012-06-19 14:12
زوردۇن سابىرنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى تەسىرىنىمۇ كۆرىۋالغىلى بولىدىكەن ، ئۇنىڭ ئۆچمەس ئابىدىسى « ئانا يۇرت » ئەۋلادلارغا مەڭگۈلۈك تەربىيە دەرسلىكى بولۇپ قالدى .يازغۇچىنىڭ ھايات چاغلىرىدىكى ئىجادىيەت پائالىيەتلىرى بۈگۈنكى نۇرغۇن ياشلارغا ئۈلگە بولۇپ قالدى ، ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئۇسلۇبىنى نۇرغۇن يازغۇچىلار دوراپ ئۆگەندى .

turkinaz0992 2012-06-20 19:11
     مېنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەرگە بولغان قىزىقىشىم زوردۇن سابىرنىڭ « تارىم » ژورنىلىغا بېسىلغان ھېكايىلىرىنى ئوقۇش بىلەن باشلانغان دېسەممۇ بولىدۇ ....

قاياش 2012-06-26 00:31
زوردۇن سابىرنىڭ ئادىمىيلىك پەزىلىتى، يېزىقچىلىق ئىستىلى زوردۇن سابىر تەجەللىسىدىكى يۈكسەكلىكنىڭ نۇرانە جۇلاسى ئىدى، شۇنداقلا زوردۇن سابىرنى ۋە باشقا ئۇتۇق قازانغان نۇرغۇن يازغۇچىلارنى ھۆرمەت تەختىنىڭ ساھىپلىرىغا ئايلاندۇرغان ئەڭگۈشتەر ئىدى.  

زىبا2 2012-06-30 22:45
ئېسىل پەزىلىتى ،نادىر ئەسەرلىرى بىلەن خەلقىمىز قەلبىدىن ئورۇن ئالغان ئەل سۆيگەن يازغۇچى ئىدى.   

شەھلا 2012-08-30 17:20
‹‹ئانا يۇرت ››نى ئوقۇپلا ئەسەرلىرىگە قىزىقىپ قالغان ئىدىم.

tawpek 2012-08-30 22:14
مۆھتەرەملىرىمىزگە بولغان باشقا ئەللەرنىڭ قارىشىغا ھەممە قىزىقىدۇ دىسە. |kRx[UL  
a~ +WL  
فايسال مۇكاپاتىغا ئىرىشكەنكەنغۇ.


查看完整版本: [-- زوردۇن سابىرنىڭ ھېكايىلەر دۇنياسى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.181541 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us