查看完整版本: [-- تۇزۇپ كېتەر چارچىغان خىيال --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> تۇزۇپ كېتەر چارچىغان خىيال [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

kok-sultan 2012-06-19 09:25
تۇزۇپ كېتەر چارچىغان خىيال،

قارا بوران ھۇۋلىغان باشتىن.

ئۈنۈپ چىقار قىسمەتلەر قايتا،

ئوتتا كۆيۈپ يېرىلغان تاشتىن.

 

تۇزۇپ كېتەر چارچىغان خىيال،

پاناھ تىلەپ ئاخىرقى كۈندىن.

ئۇچار نۇرغا ئايلانغان روھلار،

ئۆتۈپ مەغرۇر قاراڭغۇ تۈندىن.

 

تۇزۇپ كېتەر چارچىغان خيال،

لالما ئىتلار قاۋىغان يولدا.

غۇنچە يېرىپ چېچەكلەر كۈلپەت،

قاسماق باسقان يۇيۇقسىز قولدا.

 

تۇزۇپ كېتەر چارچىغان خىيال،

ئامەت قېچىپ سىقىلغان جاندىن.

كۆكلەر ئۆڭۈپ مۇقەددەس گۇناھ،

ئوقچۇپ ھالسىز بۇزۇلغان قاندىن.

 

تۇزۇپ كېتەر چارچىغان خىيال،

ئىچىپ دۇزاق كۆڭۈلدىن شاراب.

شېرىن چۈشتىن ئويغانغان دۇنيا،

ئىڭەك تۇتۇپ  ئولتۇرار قاراپ.
مەنبە: ئىجادىيىتىم

ak gul 2012-06-19 12:23
يەنە بىر تاتلىق لېرىكىڭىز بىلەن ئۇچراشقىنىمدىن خۇرسەنمەن.قوللىرىڭىزغا دەرد كەلمىسۇن!

kok-sultan 2012-06-19 12:24
رەھمەت، بۇرۇن يازغان شېئىر ئىدى.................................

گۇليار 2012-06-25 13:41
يەنە بىر تاتلىق لېرىكىڭىز بىلەن ئۇچراشقىنىمدىن خۇرسەنمەن.قوللىرىڭىزغا دەرد كەلمىسۇن!

uzqak 2012-06-25 15:15
يىشىل بوستان ، يىشىل يايلاقلار،
ياسىنىشتى جەننەت تۈسىدە ...
توزۇپ كېتەر چارچىغان خىيال،
يىشىللىقنىڭ تىنىق كۆزىدە.

يىشىللىقنىڭ لىرىكىسىدا ،
مەسخۇشلاندى چارچىغان خىيال.
ئۆز – ئۆزىدىن خوشلىشىپ بىردەم،
كىتىپ قالدى يىرتىلغان ئارمان....

بۇ شېئىر مېنى مۇشۇنداق ئىلھاملارغا باشلاپ قويدى . تەپەككۈرىڭىزگە بەركەتلەر بولغاي!


查看完整版本: [-- تۇزۇپ كېتەر چارچىغان خىيال --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.099453 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us