aktorna |
2012-06-16 22:58 |
يامغۇر لىرىكىسى aktorna] ئەركىلىتىپ ھىسلىرىمنى غىدىقلاپ، سىم-سىم يامغۇر سۈيۈپ ئۆتتى جىسمىمنى. گۈل-چىمەنمۇ ئاستى مۇنچاق يامغۇردىن، يېقىپ مەھكەم نەم تۇپراققا باغرىنى .
شۇ تاپ سىنى ئەسلەپ قالدىم ئەزىزىم، شەھرىڭدىمۇ ياغدىمىكىن كۆك يېغىن. ئىزدەپ يۈرسەڭ باغچىلاردىن تۆتقۇلاق، چۈچۈتتىمۇ تۇيۇقسىزلا يا چېقىن.
سەنمۇ شۇ چاغ بەت ئاچقانسەن ئەسلىمىگە ، چىللاپ يەنە دىل خانەڭگە ۋىسالنى . چوغلاتقاندۇر كۆك يېغىنمۇ ئېھتىمال ، قەلبىڭدىكى ئۈچەي دېگەن گۈلخانىنى.
رەڭدار كۈنلۈك ئاستىدىكى جۈپ گەۋدە ، سايە تاشلاپ ئۆتكەندۇر ھەم كۆزۈڭگە . ئويغانغاندا يۈرىكىڭدە شىرىن ھىس، ئوخشاتقانسەن بىراۋلارنى بىر كىمگە.
شۇتاپ بەلكى ئويلىغانسەن بىر كىمنى ، تۇنجى سۆيگۈ ، نىسىۋىسىز بەختىڭنى . يامغۇر ياققان ئاشۇ كۈندە ئۇچراتقان ، يۈرۈكىڭنى ئوغۇرلىغان جاناننى .
ئويلىغانسەن بەلكى يەنە بىر قېتىم ، يامغۇر بۇلۇپ تازا قاتتىق يېغىشنى. يۈرىكىڭنى ئوغۇرلىغان سەنەمنىڭ، دېرىزىسىنى تۇيدۇرماستىن چىكىشنى.
شەھىرى توقسۇ
پەيشەنبازار ئوتتۇرا مەكتەپ |
|