查看完整版本: [-- سىنىپ مەسئۇلىنىڭ مەسئۇلىيىتى قەيەرگىچە؟ --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇھاكىمە خاراكتىرلىك ئەسەرلەر -> سىنىپ مەسئۇلىنىڭ مەسئۇلىيىتى قەيەرگىچە؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

danix 2012-06-16 16:44
  Bg`b*(Q  
دانىش v% 1#y5  
     سىنىپ مەسئۇللۇق خىزمىتى مەكتەپلەردىكى موھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى. /$n${M5!  
4=9F1[  
لېكىن بەزى مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلار سىنىپ مەسئۇلى بولۇشنى ئۇنۋان ئالمىسىلا ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالدى . نېمە ئۈچۈن دېگەندە سىنىپ مەسئۇلىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسى بىر ھېساپتا چەكسىز بولۇپ كەتتى . 4nY2v['m0  
0`x 
سىنىپىنىڭ ئىشىك بېشىسىدىكى قولغا ئاران يۇققىچە بولغان چاڭ – توزاندىن   تارتىپ ، تەتىلگە قويۇپ بېرىلگەن ئوقۇغۇچىسىنىڭ نەدە تۇرىۋاتقان ، نېمە قىلىۋاتقانلىقىغىچە ؛ دەرس ئوقۇتقۇچىسى ياكى ساۋاقداشلىرى بىلەن بولۇشىچە تاكاللىشىپ ، مەكتەپتىن يامانلاپ ئۆيىگە بېرىۋالغان ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا- ئانىسى ئالدىدا ئۇلارغا يېلىنىپ چىراي سارغايتىپ تۇرۇشتىن ، مەكتەپلەر ئىخچاملىنىپ ، يۇقۇرىغا ئېلىپ كېتىلگەن ھەم يۇقۇرىدىكى مەكتەپكە بارماي ، توختاپ قالغان ئوقۇغۇچىغا يېلىنىپ يالۋۇرۇشلارغىچە ؛ پەلەمپەيدىن چۈشكىچە دىققەت قىلماي ، پۇتىنى سۇندۇرىۋالغان ئوقۇغۇچىسىنى دۇختۇرخانىغا ئاپىرىش ، پۇلىنى ئۆز يېنىدىن چىقىرىپ داۋالىتىش ۋە شۇ ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا –ئانىسى ئالدىدا مەسئۇلىيەتنى بوينىغا ئېلىپ ، ئۇلاردىن كەچۈرۈم سوراشتىن تارتىپ ، ھۆكۈمەت ۋە مەكتەپ رەھبەرلىكى بىر كۈنمۇ مەكتەپكە ئەكىلىپ بېرەلمىگەن ، نەلەردە موتسىكىلىت چاپتۇرۇپ قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىنىڭ داۋالىنىشىغا ياردەم قىلىشقىچە ... xH=&={  
v}!,4,]:&  
مەن مۇشۇنداق يازغىلى تۇرسام ، سىنىپ مەسئۇلىنىڭ مەسئۇلىيىتى بەلكىم نەچچە كۈنلەر يازساممۇ تۈگىمەس . قېنى ئېيتىڭلارچۇ قېرىنداشلىرىم ، سىنىپ مەسئۇلىنىڭ مەسئۇلىيەت دائىرىسى زادى قەيەردىن قەيەرگىچە ؟ [p  
$Ec;w ~e  

koksangun 2012-06-16 18:27
دانىش مۇئەللىمنىڭ دېگەنلىرى بەرھەق ، سىنىپ مەسئۇللىرىنىڭ خىزمەت بېسىمى ھەقىقەتەن ئېغىر ، مەكتەپلەردە مەسئۇلىيەتچان ئوقۇتقۇچىلاردىن خىزمەت بېسىمى تۈپەيلى ئاغرىپ دوختۇرخانىدا ياتمايۋاتقانلار بەك ئاز ، بۇنىڭ سەۋەبى دانىش مۇئەللىم ئېيتقاندەك چەكسىز خىزمەت ئالدىراشچىلىقىدۇر . v9 
شۇ سەۋەپتىن مەكتىپىمىزدە سىنىپ مەسئۇللىرىغا بېرىلىدىغان ھەق ئادەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارغا بېرىلىدىغان ھەقتىن 3-4 ھەسسە يۇقىرى . يىللىق باھالاشتىمۇ سىنىپ مەسئۇللىرىغا بېرىلىدىغان نومۇر ئادەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارغا بېرىلىدىغان نومۇردىن خېلىلا يۇقىرى . 2  
مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى سىنىپ مەسئۇللىرى بالىلارنىڭ ئاتا - ئانىسى بولغاندىن سىرت ، بالا باققۇچىلىق ۋەزىپىسىنى ئارتتۇرۇپ كەلمەكتە . بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ھەر بىر ھالقىدا سىنىپ مەسئۇللىرىنىڭ يۈرەك قېنى سەرپ قىلىپ قالدۇرغان خاتىرە ئىزنالىرى بار .

koksangun 2012-06-16 18:29
دانىش مۇئەللىم ، بۇ تېمىڭىز تولىمۇ ياخشى بوپتۇ ... 5X  
سىنىپ مەسئۇللىرىنىڭ قىلىدىغان خىزمەتلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن خاتىرىلەپ چىقساق ياخشى بولاتتى ، سىنىپ مەسئۇللىرى زادى قانچىلىك خىزمەتلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدىكەن ؟

kamalat 2012-06-17 15:58
   دانىش مۇئەللىم ، بۇ تېمىڭىز تولىمۇ ياخشى بوپتۇ ... X=DJOepH'  
سىنىپ مۇدىرىنىڭ جاپاسىنىڭ جىقلىقىدىن ھەممە ئادەم قاچىدىغان بولۇپ قالدى.

گۈلزىبا 2012-06-18 12:37
سىنىپ مەسئۇلىنىڭ مەسئۇلىيىتى زادى قەيەرگىچە؟(2) N%^mR>.`  
سىنىپ مەسئۇلى ئەسلىدە ئۆز سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يولباشچىسى ،تەشكىلاتچىسى، ھەرقايسى پەن ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغۇچى ،مەكتەپ، ئائىلە ، جەمئىيەتتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنى چەمبەرچەس باغلاپ تۇرغۇچى بەلباغلىق رولىنى ئويناش ئالاھىدىلىكى بىلەن باشقا ئوقۇتقۇچىلارغا قارىغاندا كۆپرەك كۈچ سەرپ قىلىپ ، مائارىپ ھارۋىسىنىڭ يۈكىنى بىۋاستە كۆتۈرىدىغان ئاساسلىق قۇرۇلمىلىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ،سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ ، سۈيىدە ئاقاتتى .يۈرىكى ئۇلار ئۈچۈن سوقاتتى ،ئۇلارنىڭ سىردىشى ،غەمگۇزارى بولۇشقا خۇشتار ئىدى ، ئوقۇغۇچىسىنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتۈپ ،ۋىلىققىدە كۈلدۈرەلىگىنى ئۈچۈن بىر ئۇزاققىچە لەززەتلىنەلەيىتتى . ئالتە يىل (باشلانغۇچ )،ئۈچ يىل (تولۇق ، تولۇقسىز )نىڭ ئاخىرقى تىنىقلىرىدا يۈرىكى رەڭدار تىنىقتا ئۆكسۈپ ،سىماپ ياشلىرى مەڭزىلىرىنى يۇيغىنىچە ، بۇ گۈل چىىراي ئۈمىد چىراقلىرىنى ئىزگۈتىلەكلەر بىلەن ھاياتلىق دېڭىزىدىن گۆھەرلەر سۈزگىلى ئۇزىتىپ ، يىڭى بوغۇنلارغا ھايات يولىدا كانلار قىزىشنى ئۆگەتكۈسى كېلەتتى، ئەمما ئۇ قورقاتتى ، نىمىدىن ؟ ئەجەبا ... / {A]('t  
ئۇ ئۆزىگە ئۈمىد بىلەن تىكىلگەن سەبىيلەرنىڭ قەلبىگە ئادىمىيلىك ، پاكلىق ، گۈزەللىك ئۇرۇقلىرىنى چاچىدىغان ۋاقىتتا ، پات-پات كىلىپ تۇرىدىغان باھالاش ئۆمەكلىرىنى كۈتىۋىلىش ئۈچۈن ھەپتە- ھەپتىلەپ چوڭ تازىلىق قىلىشى ، كىلىدىغا ن باھالاشچىلارنىڭ <<تۈر>>ىگە ئاساسەن شۇنىڭغا دائىر <<ئۆلچەم ،مەزمۇن ، تەلەپ >>لەرنى باھالاشچىلار سورىسا سۇدەك راۋان دەپ بىرەلىگۈدەك ئۆگىنىشى ،ئۆگىتىشى كىرەك .ئوماقلىرى بىلەن سىردىشىپ ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان ، مىسكىن قەلبىگە مەلھەم بولاي ، ھەر خىل قۇلۇپنى ھەر خىل ئاچقۇچتا ئاچاي دەپ ئويلىغانلىرىدا ،ھىلىلا پارتىيە قۇرۇلۇش ئىشخانىسىدىكى مۇدىر تارقاتقان ھەر بىر نۇسخىسىنى <H$CCo  
كېمىدا بىر سائەتتە ئاران توشقۇزۇپ بولغىلى بولىدىغان ھەپتىدە قانچە ئوقۇغۇچى بىلەن سۆھبەتلىشىش بەلگىلەنگەن <<ئوقۇغۇچىلار سۆھبەت خاتىرىسى >><<نوقتىلىق ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتلىشىش خاتىرىسى >><<ئەلاچىلارنى يىتەكلەش ،ئارقىدا قالغانلارنى يىتەكلەش .....>>دېگەندەك خاتىرىلەر تىزرەك يىزىلىپ ئارخىپقا سېلىنىشنى كۈتۈپ ئۇنىڭغا چەكچىيىۋاتسا ، ھەتتىڭەي ،ئۇ دائىم سىردىشىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاۋازىنى ئۈنئالغۇغا ،سۈرىتىنى سىنئالغۇغا ئېلىپلا تاپشۇرغىلى بولسىچۇ ؟؟ OnG!5b  
ھەرخىل تازىلىق ،ئەمگەك ،قۇياش نۇرى تەنتەربىيە پائالىيىتى ،مەيدان مەدەنىيىتى سەنئەت پائالىيىتى ، پىئۇنرلار پائالىيىتى ...دىگەنلەردە يىتەكچى بولۇش ،بىرگە بولۇشتىن باشقا يازىدىغان خاتىرىلىرىنى چوقۇم يېزىپ ماڭماي بولمايدۇ . ^6Xio6W  
ئەمدى تەتىل بوپتۇ ، كاللامنى ئارام ئالدۇرايچۇ ،سالامەتلىك تەكشۈرتۈپ ،داۋالىنىۋالايچۇ ، يىراقتىكى توغقانلارنى يوقلىۋالايچۇ ، دەپ ئويلىسىا ،چۈش كۆرگەن ئوخشايدۇ .چۈنكى بىر ھەپتىدىن كۆپ رۇخسەت سورىسا بولمايدۇ (بىزدە تەتىل ،ھىيىت-بايراملاردا ھەر جۈمە كۈنى مەكتەپكە  چىقىپ ، ئوقۇغۇچىلاردىن نوقتىلىق سان ئېلىۋىتىپ ،نورمال ئىشلەيدىغان قائىدىمىز بار )،ئۇنىڭدىن سىرت تەتىللەردە ئۆيمۇ -ئۆي بىرىپ سۆھبەتلىشىپ خاتىرە قالدۇرىدىغانغا ، ھەرخىىل تەشۋىقاتلارنى يەتكۈزىدىغانغا ،مەكتەپكە كىلىپ مەكتەپ تازىلىتىدىغانغا يەنىلا ئۇ بولمىسا بولمايدۇ ،زادى بولمايدۇ !!.... fA|'}(kH  
ئۈچ يىل توشتى ، ئەمما ئۇنىڭ بېشىغا غەممۇ قوشۇپ چۈشتى ، ئۇ  ئورۇنلاشتۇرۇش  بىلەن ھەرخىل كەسپى مەكتەپلەرگە بالا ماڭغۇزۇشى كېرەك (بەلگىلەنگەن سان بويىچە )، ئەمما بۇ <<شۇملار >>تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇيمەنەي ، ساتىراچ بولمايىتتىمەي ،ماشىنا رىمۇنىتچىلىقىنى ئاكامنىڭ دۇكىنىدا ئۆگنىتتىمەي دىگەندەك باھانىلەرنى كۆرسىتىپ كەسپىي مەكتەپلەرگە ماڭغىلى ئۇنىمايدۇ ، ئەمدىلىكتە ئۇلارغا يالۋۇرۇش ، ئاتا-ئانىسىغا يالۋۇرۇش ، ئاتا-ئانىلارنىڭ <<مۇئەللىم بالام ئوقۇپ كەلسە ئىشقا ئورۇنلىشالارمۇ ؟>>دېگەن سوئاللىرىغا دەبدەبىلىك ۋەدىلەرنى بېرىپ ،چاقىرىق قەغىزىگە كېراپۇلىنى قوشۇپ تۇتقۇزۇپ يولغا سىلىش يەنىلا ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى ،شۇڭا ئۇ قورقۇپ سىنىپ مەسئۇللۇقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىماس بولۇپ قالغان چېغى ،دانىش ئەپەندى توغرا ئېيتىپتىكەن يازسام-يازسام تۈگىمىگىدەك ،ئاخىرىنى قولۇمدىكى ئەتە ئېچىلىدىغان سىنىپ يىغىنى پىلانىنى يىزىپ ،ئەخلاق تەربىيە مۇدىرىغا تەستىقلىۋىتىپ يازايمىكىن...

گۈلزىبا 2012-06-18 12:50
كۆكسانغۇن ،سىلەرنىڭ مەكتەپتە سىنىپ مەسئۇللىرىغا ئادەتتىكى ئوقۇتقۇچىلاردىن 3-4ھەسسە ئارتۇق ھەق بىرىپ ،باھالاشتىمۇ نۇمۇرى يۇقىرىمۇ ؟بۇ ياخشى گەپكەنغۇ ،بولىدىكەن

danix 2012-06-18 16:53
    مۇنبەردىشىم  گۈلزىبا ، قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى wgfn:LR  
ئاجرىتىپ يوللانمامنى ئەستائىدىل ئوقۇغۇنىڭىزغا ۋە تولۇقلىغىنىڭىزغا 8={(V f6  
كۆپتىن - كۆپ رەھمەت ! 3{~h Rd  
   مۇنبىرىمىزدا يەنە نۇرغۇنلىغان جاپاكەش باغۋەنلىرىمىز بار . ;LthdY()n(  
شۇ باغۋەنلىرىمىزمۇ گۈلزىبا خانىمدەك بۇ يوللانمامنى يەنىمۇ تولۇقلاپ nn5S7!  
باقسا دېگەن ئۈمىدتىمەن .

gulhan 2012-06-19 00:02
سىنىپ مەسئولىنىڭ خىزمەت دائىرسى قەيەرگىچە؟! PDM>6U  
  مىنىڭچە سىنىپ مەسئولىنىڭ خىزمەت مەسئولىيىتى ئادىمىيلىك پەزىلەت، كەسپىي مەسئولىيەت نۇقتىسىدىن ئىلىپ ئېيتقاندا چەكسىزدۇر. سىنىپ مەسئولى ھىچقاچان بۇ تىنىمسىز ئەمگەكلىرىدىن ئاغرىنىپ باققىنى يوق. I0GL/a 4s  
بىراق ئۇنى شەكىلگە ئايلىنىپ قىلۋاتقان تۈزۈملەر ھارغۇزۇپ قويىدۇ، خۇددى گۈلزىبا ئېيتقاندەك يۈتەلسىڭىزمۇ خاتىرسى بولۇشى كېرەك،  بىر ماڭدام ئۈچۈنمۇ تەستىق ئىلىش كېرەك، تەكشۈرۈش ئۆمەكلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش كېرەك... K)@]vw/\  
بىر پىداگوك<< سىنىپ مەسئولى بولۇپ باقمىغان ئوقۇتقۇچى  ئۆزىنى ئوقۇتقۇچى بولدۇم دىمىسىمۇ بولىدۇ >> دەپتىكەن. دىمىسىمۇ سىز 30-40 ئوقۇغۇچىنىڭ مەكتەپتىكى ئاتىسى، ئانىسى. ئاتا-ئانا قاچانمۇ ئۆز مېھنىتىدىن مىننەت قىلغان دەيسىز... ^wW{7Uq>  
مەكتىۋىمىزدە بورۇن سىنىپ خاتىرسىگە قارىتا سىنىپ مۇدىرلىرىنىڭ ئىشلىگەن خىزمىتىگە باھا بېرىش تۈزىمى بار  ئىدى. شۇنىڭغا ئاساسەن سىنىپ مۇدۇرلۇق پۇلىنى ئا    ب   س  د  بۇيىچە باھالاپ تارقاتقاندا بىر قىسىم پىشقەدەم مۇئەللىملەر   م  قىلۋاتسىمۇ مەيلى، نىمانداق شەكىل بۇ دەپ پەرۋا قىلمىغان ئىدى. sUN9E4  
  ھازىر ھەر ھالدا  بۇ خىل تۈزۈمدىن، شۇنداقلا خېلى شەكىلگە ئايلىنىپ قالغان تۈزۈملەردىن   قۇتۇلۇپ قالدۇق. JK^pb0ih  
مەكتىۋىمىزدە كۈكسانغۇن ئېيتقاندەك يىل ئاخىرىدىكى ئىلغار سايلاملىرىدا سىنىپ مەسئوللىرىنىڭ خىزمىتى ئاساس قىلىنىدۇ، تىخى يىلدا بىر قىتىم دىگدەك سىنىپ مەسئوللىرىنى ساياھەتكە تەشكىللەيدۇ... K?gO ]T{6  
ۋايسىماي ياشىنىپ قالسىمۇ ئىزچىل سىنىپ تۇتۇپ كىلۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇنىمىز خېلى كۆپ. شۇنداقلا  سىنىپ مەسئوللۇق خىزمىتىنى جاپا كۆرۈپ 10-15 يىل ئىشلەپمۇ بىرەر قارار سىنىپ مەسئولى بولۇپ باقمىغان ياشلىرىمىزمۇ خېلى كۆپ... GEZ!z5";BQ  
شۇ  ۋەجىدىنمۇ ۋىلايىتىمىزدە سىنىپ مەسئولى بولمىسا ئۇنۋان بېرىلمەيدۇ، دىگەن بىر شەرت كۈپىيىپ قالدى. بۇ بىر قاراشتا سىنىپ مەسئوللىرىنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۈتەرگىنى بىلەننۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلارغا قۇلايسىزلىقلارنى كەلتۈردى.بۇنىڭغا نىمە دىگۈلۈك.... z18 
مەن سىنىپ مەسئولى بولۇپ ئىشلىگەن 10يىللىق ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىمنىڭ تۇلۇمۇ مەنىلىك ئۈتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ قالىمەن...بۇ بەلكىم مىنىڭ خىزمەتتىن ئالغان ھۇزورۇمدۇ...

ozqan 2012-06-23 18:05
دانىش مۇئەللىم : ئەمەلىي تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز  ... C:{&cIFrPe  
uW^W/S%'  
بىر قانچە كۈندىن بۇيان مېنىڭ كاللامغىمۇ مۇشۇ تېما بەكلا كىرىۋالدى . r!HB""w  
fr 0iEO_  
ھەقىقەتەنمۇ نېمىشقا سىنىپ مەسئۇللۇق خىزمىتىنى بىر ۋاقىتلاردا تالىشىپ ئىشلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار ھازىر  «پاسسىپ » بولۇپ قالدى ؟ m$xyUv1  
نېمە ئۈچۈن سىنىپ مەسئۇللۇق خىزمىتىنى قىلشىنى خالايدىغان  ئوقۇتقۇچىلار بارغانچە ئازلاپ كەتتى ؟ {da Nw>TH  
=Po!\[SBU  
بەزى  ئوقۇتقۇچىلار ھەقىقەتەنمۇ ئالىي دەرىجە ئۇنۋانىنى ئېلىپ بولۇپلا ، ھەممىنى تاشلايدۇ . ئىنتىلىدىغان نىشان ، مەنپەئەت بولمىغاچ پاسسىپ ھالەتكە قەدەم قويىدۇ . ئالاھىدە دەرىجىنى ئېلىش بولسا ، ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلاپ يېگەندەك يىراقتىكى ئىش تۇيۇلىدۇ . مېنىڭچە بۇ جەھەتتە مائارىپ تارماقىلىرى كونكىرىت چارە-تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقىشى ۋە ئالىي دەرىجىنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىنمۇ  يەنە مۇۋاپىق شەرتلەرنى ھازىرلىغان ئوقۇتقۇچىلارغا يېقىن ئارىدا يەتكىلى بولىدىغان يەنە بىر دەرىجە ئۇنۋان ھەم ئىقتىسادىي كاپالەتنى ھازىرلىشى كېرەك . jG0{>P#+  
HB4Hz0Fa  
سىنىپ مەسئۇلى بولماسلىقتا يەنە بىر مۇنچە كونكىرىت سەۋەبلەر بار . سىنىپ مەسئۇلىنىڭ ئەمگىكى بىلەن ئۇلارغا بېرىلگەن باھا ئوتتۇرسىدىكى تەڭسىزلىك ، ئۇلارنىڭ  ئەمگىكى بىلەن ئۇلارغا بېرىلگەن ھەقنىڭ ماس كەلمەسلىكى ... DsqsMlB{  
سىنىپ مەسئۇللىرىنىڭ ئەمەلىي ئىشىدىن بەك شەكىلگە ياتىدىغان ئامىللارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشى ، تولدۇرۇرىدىغان ھەر خىل جەدىۋەل ، ئىستاتىستىكا ، ھەل قىلىش دائىرسىدىكى ئىشلارنىڭ كۆپلىكى ، ئېچىلىدىغان يىغىنلارنىڭ ، تولدۇرىدىغان خاتىرىلەرنىڭ كۆپلۈكى ... Etj*3/n|  
بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ ساپاسىزلىقى ، ئوقۇتقۇچى خىزمىتىنى چۈشەنمەسلىكى ، سىنىپ مەسئ.ۇلىغا ماسلاشماسلىق ... 7g5sJj  
بالىلارنىڭ جەمئىيەتنىڭ ، تېلۋىزورنىڭ ، تورنىڭ پاسسىپ تەسىرلىرى بىلەن يۇقۇملاندۇرۇشىنىڭ مۇرەككەپلىشىىش بىلەن بالىلارنى تەربىيەلەشنىڭ تەسلىشىپ بېرىشى ... )vsiX}3  
مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشىنىڭ چوڭىيىپ ، خىلمۇ -خىل كېسەللىكلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى چىرمىۋېلىشى ... ھەتتا بەزىلەرنىڭ روھى بېسىمىنىڭ ھەددىدىن زىييادە ئېغىرلىقى سەۋەبلىك مۇنبەردە يىقىلىپ شۇ يىقالغانچە ھاياتىدىن ئايرىلىشى ، قان بېسىم ، بەل -پۇت ئاغرىقلىرى ، قۇلاقتىكى چاتاق ، گالدىن چىققان چاتاق ، روھىي ئامىللار سەۋەبدىن كېلىدىغان بۇ بېسىملار ، ئاغرىقلار بىلەن ئاغرىسا ، ھېچكىم ئارا تۇرالماي ، نادامەتتە قېلىش ... A5Yfm.Jy  
`6!l!8 v  
قوش تىل مۇھىتىدىكى دەرسنى خەنزۇ تىلىدا يادلاپ يۈرۈپ ئۆتىۋاتقان ئەھۋالدا باشقا خىزمەتكە يەنى سىنىپ مەسئۇللۇق خىزمىتىگە يېتىشەلمەسلىك . . . au5 74tj  
GFx >xQk  
بالا باققۇچى تاپالماسلىق ، يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپتىكى بالىلارنىڭ يۈكى بارغانچە ئېغىرلاپ ، ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ يۈكىنىڭ ھەسسىلەپ يۇقۇرىلاپ كېتىشى . مەكتەپلەردە دەرسكە كىرىش ۋاقتىنىڭ بالدۇر ، يەسلىلەرنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى ۋاقچە بولۇش . بالىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا قىينىلىش . . . Gy 'l;2  
w*Sl  
سىنىپ مەسئۇللىرنىڭ خىزمەت سىجىلىققى ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى بولۇپ كېتىپ ، مەكتەپتىكى ھەممە بۆلۈم ھەممىلا ئىشتا سىنىپ مەسئۇللىرىغا تاينىۋېلىش ، ھەتتا ، دەرس ئورۇنلاشتۇرۇشتىمۇ مۇزاكىرىلەرگە سىنىپ مەسئۇللىرى كىرىش ، تەتقىقاتلىق ئۆگىنىش دەپ سېتكىغا يېزىلىپ قويۇلغان ،ئەمەلىيەتتە ئۆتۈلمەيدىغان دەرسلەر ئۈچۈن ، ئەتتىگەنلىك ئوقۇش ، گېزىت ئوقۇش ، گىمناستىكا ، ئۆتۈلمەي قالغان ، ئاغرىپ قالغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەرسلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرلۇشىدىمۇ سىنىپ مەسئۇلىغا تايىنىش . `#2}[D   
مەكتەپتىكى باشقا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىزمەت سالمىقى بىلەن سىنىپ مەسئۇللىرىنىڭ خىزمەت سالمىقى ئوتتۇرسىدا پەرقنىڭ بەك چوڭ بولۇشى . كۆتۈرەلىگەن ئىشەككە يۈكنى ئېغىر ئارتقاندەك ھەسسىلەپ ئارتىلغان يۈك سەۋەبلىك چىن ئىخلاس بىلەن ، خوشاللىق بىلەن ئىشلەيدىغان خىزمەتنىڭ ئورنىغا ئالماشقان بىزارلىق ، بېسىم ئىچىدىكى خىزمەت ... zXvAW7  
ياشلارنىڭ خىزمەتكە چۈشە چۈشمەيلا زاككىسىدا قېرىپ قېلىپ خىلمۇ-خىل ئامال چارىلەر بىلەن خىزمەتتىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىشى ، بېغىشلاش روھىنىڭ كەمچىللىكى ، رەھبەرلىكنىڭ ئىشەنچىنى يەردە قويۇشى . شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بۇ قىلالمايدۇ دېگەن نام ئاستىدا نۇرغۇن يىل كۈن ئۇياققا ، مەن بۇياققا بولۇپ يۈرىۋېرىشى . ئۇلارنى تەربىيەلەشنىڭ سېستىمىلىق بولماسلىقى ، مۇئاۋىن سىنىپ مەسئۇللىرىنى تەربىيەلەشنىڭ شەكىلگە ئايلىنىپ ؛ B:a&)L wp0  
ئەمەلىي ئۈنۈمىنىڭ ياخشى بولماسلىقى مەكتەپنىڭ تەلىم -تەربىيە ئەخلاق تەربىيە خىزمىتىنىڭ ھەر بىر باشلىق ئالمىشىىش بىلەن سېستىمىسىنى يوقۇتىشى ، ئۇزۇن مۇددەتلىك سىنىپ مەسئۇللىرىنى تەربىيەلەش ۋە نۆۋەت بىلەن ئالماشتۇرۇپ ، دەم ئالدرۇرۇپ سىنىپ مەسئۇللۇققا قويۇش ئاستا-ئاستا ياشلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش  خىزمىتىنىڭ ئۈنۈملۈك بولماسلىقى ... V3xC"maA@  
دېسە سەۋەب تولىمۇ جىقكەن ... pqBd#  
دانىش مۇئەللىم: ئىچىمنى تاتىلاپ تۇرغان بۇ تېمىدا پىكىر يۈرگۈزۈپ مۇنبەر ئارقىلىق روھىي بېسىمىمنى يەڭگىللىتىۋالغىنىم ئۈچۈن سىزگە رەخمەت ئېيتىمەن . سىز ياراتقان پۇرسەتكە رەخمەت ئېيتىمەن .

koksangun 2012-06-23 18:56
ئۆزقاننىڭ تەھلىلىىرى ، كۆرسەتكەن ئەمەلىي مىساللىرى كىشىنى بەك قايىل قىلىدۇ ، ئەمەلىيەتتە ، سىنىپ مەسئۇللىرىنىڭ خىزمەت بېسىمى ئۆزقان دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن چېتىشلىق . بۇ خىل ئەھۋالنى قانداق قىلغاندا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ ، بۇ مائارىپ باشقۇرغۇچىلىرى تارماقلىرىنىڭ جىددى ھەل قىلمىسا بولمايدىغان ئەمەلىي مەسىلىسى بولۇپ قالدى .

danix 2012-06-23 19:03
       ئۆزقان مۇئەللىم ، سىزنىڭ بۇ ھەقتىكى تولۇقلىمىرىرىڭىز |]HU$Gt S  
ھەقىقەتەن مائارىپ ئورگانلىرى ئويلاشمىسا بولمايدىغان مۇھىم bT*MJ7VVm  
مەسىلىلەركەن . ھازىر سىز دېگەندەك ئوقۇتۇش مىتۇدى ، بالا 2BBGJE  
تەربىيلەش ئىقتىدارى يۇقۇرى بولغان ئوقۇتقۇچىلار ئالىي دەرىجىنى 2J^6(vk  
ئېلىپ بولغان ئوقۇتقۇچىلار تولدۇردىغان جەدىۋەل ، خاتىرە دېگەنلەرنىڭ كۆپلىكى يەنى بالىنى قانداق تەربىيلىگەنلىكىگە ئەمەس ، يازغان ، ,(}7 ST  
تولدۇرغان نەرسىسىنىڭ كۆپلىكىگە قاراپ باھالايدىغانلىقىدىن رەنجىشىپ m'X zZmI  
سىنىپ مەسئۇلى بولۇشنى خادلىمايدۇ . خىزمەت ستاژى ئۇزۇن بولمىغان ، IrjKI.PR  
1- ، ئالىي دەرىجىلەرنى تېخى ئالمىغان ئوقۇتقۇچىلار شۇ .% 
دەرىجىلەرنى كۆزلەپسىنىپ مەسئۇلى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ . DGj:qd(  
دېمەك بۇ يەردە ئوقۇتقۇچىلارنى نېمىنى كۆزلەيدىغان قىلىش مەسىلىسى Bjq1za  
مائارىپ باشقۇرغۇچىلارنىڭ ئالدىغا قويۇلغان مۇھىم مەسىلە . p;+O/'/j  
بەزى ئوقۇتقۇچىلار بىر سىنىپقا ئۈچ يىل سىنىپ مەسئۇلى بولسىمۇ ، v"G1vSx)BT  
ئۇنى ئۇستازىم دەپ ئاتايدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاز چىقىپ ، *dBeb  
سىنىپ مەسئۇلى بولماي ، شۇ سىنىپقا دەرس بەرگەن بەزى ئوقۇتقۇچىلارنى '}Fe&%  
ئاتا- ئانىسىدىنمۇ ئەتىۋار بىلىپ ، سىنىپ مەسئۇلىغا ، ھەتتا ئاتا - ?@b6(f xX  
ئانىسىغا دېمىگەن گەپلىرىنى شۇ دەرس ئوقۇتقۇچىسىغا دېيىشى ۋە شۇ Vq'7gJj'  
دەرس ئوقۇتقۇچىسىنى ئۇستازىم دەپ ئاتىشى ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ . yYCS-rF>  
ئوقۇتقۇچىنىڭ نېمىنى كۆزلەپ سىنىپ مەسئۇلى بولغانلىقىنى بالىلارنىڭ سەبىي قەلبى تۇيىۋالىدۇ .  

gulhan 2012-06-24 00:07
ھەي،  مارىپ  ئادىللىقى،  ئوقۇتقۇچىدىكى  بېغىشلاش   روھىنى قازىدىغان تۈزۈلمە   قاچانمۇ  تۈزىلەر  ھەم  ئىزچىللىشار؟... DG TLlBkT  
  

زىبا2 2012-06-30 23:23
دانىش مۇئەللىم، ناھايىتى ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز!    

tawpek 2012-07-01 00:27
گۈلزىبا مىنىڭ دەيدىغانلىرىمنى دەپ بوپتۇ. a$ FO5%o  
3=~0m  
ئوقوتقۇچىنىڭ بولوپمۇ سىنىپ مەسئۇلىنىڭ مەسئۇلىيتىنى ئىنىق ئايرىپ بەرسە بولاتتى. wz=c#}0dB  
E2~&GkU.UN  
3-4 مىڭكوي پۇلنى بىرىپ 50-60 بالىنىڭ بىر ئايلىقىنى ھۆددە بەرسە كىم ئالار دەيمەن. K/Qo~  
مۇشۇ ئىشلار زادى ئىچىمنى قاينايدۇ. ھە دىسىلا مەسئۇلىيەتتىن قچىپ قۇتۇلالمايسەن، ئىش چىققاندا ئىگە بولىسەن دەۋاتقان.  &@h(6  
cg]>*lH  
پالانى مەكتەپتە بىر بالا يىقىلىپ چۈشۈپ مىيىپ بوپ قاپتىكەن ياخشى تەشكىللىمىگەن مۇئەللىم مانچە يۇز مىڭ جەرىمانە تۆلەپتۇ، پالانىنىڭ سىنىپىدا بىرسى چىقىپ كىتىپتىكەن ۋارقىراپ سالغان مۇئەللىم ئىزدەپ كىتىپتۇ  دىگەن گەپلەرنى ئاڭلاشچۇ تىخى. 5b5Hc Inu  
M\rZr3  
بۇلارنىڭ ھەممىسى سىياسى قورقۇتۇشمۇ ياكى بىزنىڭ شۇنداق مەسئۇلىيتىمىز بارمۇ؟ O~ ]3.b  
]oIP;J:&  
22  ياشتا خىزمەتكە چىقىپ سىنىپ مەسئۇلى بولسام ئىككى ئاساسەننىڭ تەلىۋى دەپ 20 ياشقا كىرىپ قالغان(ئوقوتقۇچىنىڭ بالىسىنى بىقىپ سىنىپ كۆچمەي تۇرۇپ قالغان) بىرسىنى قاۋاقخانا مۇلازىمەتچىلىكىنى قىلىۋاتقان يەردىن سىنىپىمغا ئەكىرىپ بەردى.ئائىلە قىيىنچىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئاز تولا ياردەم قىلىپ مەكتەپتە تۇتۇپ قالسام مەكتەپتە كۈلكە چاخچاققا قالدىم. سىرىتلاردا ئۆي تۇتۇپ ئولتۇرۇپتۇ توي قىلماقچىكەن ئىش چىقسا سەن ئىگە دەپ مۇدىرلار قورقۇتسا تازا بىرىپ خەقنىڭ ئۆيىدىن ياندۇرۇپ ئەكەپتىمەن.3- يىللىقنىڭ 2- ماۋسۇمىدا يوقاپ كەتكىلى 3-4 ئاي بولغان يەردىن بۇلاڭچىلىق جىنايىتى بىلەن قولغا ئىلىنسا سىنىپىدىن ئىش چىققان سانىلىپ بىر دەرىجە مائاشىمنى چۈشۈرۋەتتى. =d M'n}@U  
BDiN*.w5  
تەتىلدە دىنى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانسىمۇ ئاتا ئانىسى بىلەن كارى يوق 2، 3 قىتىم جەرىمانە تۆلەپ شۇ بىر يىلدا ئىنكار قىلىنىپ يۈرىيدىغان گەپ. f5o##ia7:  
;:A/WU.^  
ئۈنلۈكرەك ۋارقىراپ قويساق  بالامنى ئۇرۇپتۇ دەپ ناھيىگە بىرىپ ياتىدۇ تىخى، بۇنى ئاڭلاپ يۇقىردىن مۇئەللىمنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىڭلار دىگەن بۇيرۇق كىلدۇ. &~{0@ /  
'}BYMEd/m%  
60% مائاش بىلەن پىنسىيگە چىقىرىپ قويسا 100000   كوي بىرىدىغانلار ئىلانى بار ھازىر مائارىپتا. /|#";QsPN  
P?/Mrz   
دىسەك گەپ تولا. kG>m(n  
GD@|X wK){  
بىزدە 50-60 بالىغا سىنىپ مۇدىرى بولسا پەقەت ئايدا 170  كوينى كۆپ بىرىدۇ.بۇنىمۇ يىلدا بىر باھالاپ تۇتۇپ ئىشىپ قالغىنىنى ئالىمىز.


查看完整版本: [-- سىنىپ مەسئۇلىنىڭ مەسئۇلىيىتى قەيەرگىچە؟ --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.225039 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us