سەن كېچە قوينىدا ھەمراھ بولغان چۈش
سەن كېچە قوينىدا ھەمراھ بولغان چۈش، شەپىلەر بېرىسەن تاتلىق تۇيغۇدىن.
مۇڭلانغان ھۇجراممۇ كۈلەر قاقاقلاپ،
بىشارەت بەرگەندەك شېرىن ۋىسالدىن.
سەن كېچە قوينىدا ھەمراھ بولغان چۈش،
بىر تاتلىق ئارمانلار كۆكلەيدۇ سەندە.
چاڭقىغان دىلىمغا تامدۇرساڭ سۆيگۈ،
كۈلىدۇ بېغىمدا ئەتىرگۈل،سەبدە.
سەن كېچە قوينىدا ھەمراھ بولغان چۈش،
روھىمدا بىخ يارار يېڭى تۇيغۇلار.
سەن بولغاچ يىقىلماي ياشايمەن مەغرۇر،
يۈرەكتىن يۈرەككە تامىدۇ نۇرلار.
|