查看完整版本: [-- سايرار قىزنىڭ كۆكسىدە كەپتەر --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇنبىرىمىز ئەزالىرى ئىجادى شىئىرلىرى -> سايرار قىزنىڭ كۆكسىدە كەپتەر [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

kok-sultan 2012-06-15 17:21
سايرار قىزنىڭ كۆكسىدە كەپتەر،

قېقىپ سۆيگۈ كۆكىدە قانات.

ئاشىق يۈرەك قۇشۇلۇپ جانغا،

باشلار جۇشقۇن رومانتىك ھايات.


سايرار قىزنىڭ كۆكسىدە كەپتەر،

مۇڭى ئوتلۇق كۈيلەرگە ئۈنلەپ.

پەيدا قىلار ئاھاڭسىز ناخشا،

شېرىن ۋىسال ئىشقىدا كۈنلەپ.


سايرار قىزنىڭ كۆكسىدە كەپتەر،

قارا تاشنىڭ باغرىنى يېرىپ.

قېچىپ كېتەر مۇساپىر تۇيغۇ،

قىلىپ ھىجران پەسلىنى غېرىپ.


سايرار قىزنىڭ كۆكسىدە كەپتەر،

ئەگىپ قۇتلۇق بېشىدا ھىلال.

ئاقار شەھلا كۆزىدىن شەربەت،

مىسكىن دىلدا ئويناقلاپ زىلال.


سايرار قىزنىڭ كۆكسىدە كەپتەر،

تۈمەن نازدا كۆڭۈلنى ئۇتۇپ.

مامۇق پەيلەر چاقنايدۇ رۇشەن،

ئالتۇن جىيەك يولىنى تۇتۇپ.


سايرار قىزنىڭ كۆكسىدە كەپتەر،

قوزغاپ يۇلتۇز دۇنياسى ھەۋەس.

قاقشال بولۇپ قۇرىغان تەندىن،

ئۆرلەپ مەشۇق تىنىقى پەۋەس.

مەنبە: ئىجادىيىتىم


koksangun 2012-06-16 10:32
شائىرنىڭ ئىجادىيىتىگە بەرىكەت تىلەيمەن ، مۇشۇنداق ئۆزگىچە تۈيغۇ ئاتا قىلىدىغان شېئىرلىرڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي !

ak gul 2012-06-17 01:35
ئۆزگىچە ھېسلارغا تويۇنغان يەنە بىر ئوتلۇق لېرىكىڭىز بىلەن  ئۇچراشقىنىمدىن خۇرسەنمەن،قولىڭىزغا دەرد كەلمىگەي

پەزىليەم 2012-06-18 14:17
ئۆزگىچە ھېسلارغا تويۇنغان يەنە بىر ئوتلۇق لېرىكىڭىز بىلەن  ئۇچراشقىنىمدىن خۇرسەنمەن،قولىڭىزغا دەرد كەلمىگەي

گۇليار 2012-06-23 22:45
ئۆزگىچە ھېسلارغا تويۇنغان يەنە بىر ئوتلۇق لېرىكىڭىز بىلەن  ئۇچراشقىنىمدىن خۇرسەنمەن،قولىڭىزغا دەرد كەلمىگەي

tawpek 2012-06-23 22:50
كۆچۆرمىكەشلەر كۆپىيىپ كەتتى دىسە.

سەمىمىيەتسىزلىك قىلسا بىرگە يۈز ھەسسە زىيان.


查看完整版本: [-- سايرار قىزنىڭ كۆكسىدە كەپتەر --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.089318 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us