ئوتقاشئەرقۇتى |
2012-06-15 00:36 |
ئىسىمدە . خۇشاللىقتا ئۇتكەن شۇ كۈنلار ، مۆكۆ-مۆكىلەڭ ئويناپ قانماستىن ، گاگا ئويناپ ياكى ھارماستىن ، مۇزتىيىلىپ سۇغا چۈشكەندە ، قايىتقان ئۆيگە قىلچە چانماستىن . چامغۇر يۇلۇپ ،راسا قىچىقلاپ ، تىلىقپ كۈلگەن ،قىلچە ھارماستىن . غەم -ئەندىشە يوق ئىدى قىلچە ، كۈنلەر ئۈتەر ئىدى سەزمەستىن .
ئىسىمدە ، دەرەخلەرگە ياماشقان مايمۇن ، دەرەخ ئۈستىدە قوغلاشماق ئويناپ، بىرىمىز ساقچى ،بىرىمىز قاچقۇن، چوڭلار كۆرۇپ پەسكە چۈش دىسە، سېلىپ يۇقۇرى ئاۋازدا شاۋقۇن ، تىخمۇ ئىگىز چىقىپ دەرەخكە ، دەيىتتۇق "خالايىق بىز دىگەن مايمۇن." چۇقىرىشىپ دەرەخ ئۆستىدە، "ئۇيۇن "ئىدى يۈرەكتە يالقۇن.
ئىسىمدە ، سەھرادىكى شۇ ئۆستەڭ بويى، "چۈنچە "سىلىپ .ئېرىق بۇيىدا ، ياڭرىتىپ ھارماي بالىلىق كۈيى ، قۇرساق ئاچقاننى ،تۇيمايلا يۈرۈپ ، يىغلاپ كەتكەن ،سۇغا يىقىلىپ ، ئۇلغايغاندا ئۆستەڭنىڭ سۇيى .
ئىسىمدە ، "ئوغۇرلۇق "قىلغان شۇ تەنتەك چاغلار، ئولجا ئالغان ،"مىۋە"لەر ،"باغ" لار، باغۋەن دېھقان سېزىپ قالغاندا ، پۈتۈن كۈچ بىلەن چىكىنگەچ "قۇشۇن " تۈپتۈزيول بىلىنگەن تىك قىيا تاغلار. يىقىلىپ چۈشۈپ يارلانسا باشلار، چىقمىغان ئىدى كۆزلەردىن ياشلار.
ئىسىمدە ، "تىپىشماق" ئويناپ تىپىك يىگەندە ، ئورنۇندىن تۇرالماي،ئاسقاپ كەلگەندە ، ئاتا -ئانام نىمە بولدى دىسە ، كۆزلىرىمگەياشلار كەلگەندە ، سۇئال قويغان ئۆز -ئۆزەمگە، قىنى سىنىڭ ئوغۇل باللىقىڭ ؟ غەيرەت -شىجائەت زادى قەيەردە ؟ ئويلاپ باقسام ،شۇ ئۇيۇنلاردا ، "ئەركەك"لىكنىڭ روھى باركەندە .
نىمە دىگەن غەمسىز چاغلار ئۇ ، مال -دۇنيانىڭ غىمى بولمىغان ، ئەمەل -مەنسەپ كېرەكمۇ ئەمەس ، سەبىيلىككە تىخى قانمىغان ، دوستلار- ئارا ھىيلە مىكىر يوق ، بۇلغۇنىشتىن خۇدا ساقلىغان.
ئوتقاش ئەرقۇتى پىچان لۈكچۈن |
|