attila |
2012-06-14 20:58 |
ئۇ مىڭ يىل ياشىدى، يەنە مىڭ يىللاپ ياشايدۇ! (ئاتتىلا)
مەخمۇت ئېلى ئاتتىلا
مىلادىيە 2012-يىل 6-ئاينىڭ 10-كۈنى خەلقىمىزنىڭ زامانىمىزدىكى ئويغاق ئەۋلادى، ۋىجدانلىق ئوغلانى، چىركىنلىك قاپلىغان دەۋرىمىزدە ھالاللىق بىلەن ياشاش يولىنى تۇتۇپ، ئىمان-ئېتىقادى بىلەن چوڭلارغا قولداش، ياشلارغا يۆلەك بولىۋاتقان روھىي تايانچىمىز، ئادىمىيلىك قەسىرىدە بىلىم تۇلپارىنى ئەركىن چاپتۇرۇپ، مەنىۋىيەت ئالىمىنى توختاۋسىز كېزىۋاتقان مەسۇليەتچان قەلەم ساھىبى يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق ئەپەندى تۇيۇقسىز قازا قىلدى! ياق، ئۇ قازا قىلمىدى، بىز بىلەن ۋاقىتلىق خوشلىشىپ، دىيارىمىزنىڭ ھەر بىر زەررىچىلىرىگە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ قول پۇلاڭلاتقان ھالدا، قالدى سۆھبەتلەرنى كېلىچەككە قالدۇرۇپ، پانى ئالەمدىن باقى ئالەمگە سەپەر قىلدى. مەرھۇم ئۆزىنىڭ مەنەلەرگە باي قىسقا ھاياتىنى «قۇتادغۇبىلىگ» ۋە «تۈركى تىللار دىۋانى» بىلەن بەھىرلەندۈرۈپ، ئۇنىڭ گۈزەللىككە تويۇنغان سەتىرلىرى بىلەن بېزەكلەندۈرگەن ئىدى. ئۇنىڭ جىسىمى خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇد قەشقەرى بوۋىمىزنىڭ ئالتۇن بويى بىلەن بىرىككەن، ساپ روھى «قۇتادغۇ بىلىگ» ۋە «تۈركى تىللار دىۋانى» بىلەن يۇغۇرلۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ قىسقىغىنا 54 يىللىق ھاياتىدا تالاي قېتىم كۈننى تۈنگە، تۈننى كۈنگە ئۇلاپ، خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇد قەشقەرى بوۋىمىز بىلەن مۇڭداشقان، «قۇتادغۇ بىلىگ» ۋە «تۈركى تىللار دىۋانى» بىلەن سىرداشقان، ئۇنىڭدىن گۆھەرلەر قېزىش ئۈچۈن توختاۋسىز ئىزدەنگەن، يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان ئىدى. ئۇ جىسمانىي جەھەتتىن مىلادىنىڭ 1958-سىدە پانى ئالەمگە كۆز ئېچىپ، 2012-سىدە قازايى قەدىرگە تەن بەرگەن بولسىمۇ، روھىي جەھەتتىكى تۇغۇمى «قۇتادغۇ بىلىگ» ۋە «تۈركى تىللار دىۋانى» نى مەيدانغا كەلتۈرگەن خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇد قەشقەرى بوۋىمىز بىلەن تەڭ باشلىنىپ، 1000 يىل ياشىدى، يەنە 1000 يىل ياشاش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىباھا يازمىلىرى ئىچىگە شۇڭغۇپ كەتتى، ياق خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇد قەشقەرى بوۋىمىزنىڭ قېشىغا سىرداشقىلى بېرىش ئۈچۈن بىز بىلەن ۋاقىتلىق خوشلاشتى! ئۇنى ئارىمىزدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەر تونىماستىن، مۇھەببەت رومانلىرىنى تولا يېزىپ، ياشلارنىڭ ئەسەبىي ھېسسىياتلىرىنى غىدىقلاپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدىن «ئۇلۇغ» سالىنىپ ئورۇن ئالغان بىر قىسىم «پېشىۋالىرىمىز» دەك ھۆرمەتكە سازاۋەر بوللاماستىن، ئۆزىنىڭ ئالتۇنغا تىگۈشكىسىز ئېسىل ئەسەرلىرىگە چۇشلۇق ئورۇن تۇتالماستىن بىزدىن ئايرىلدى. خۇددى ھەقىقىي ھالاللىقى بىلەن خەلققە ئېسىل ھېكىمەت ئۈنچىلىرىنى سۇنۇپ تۇرۇپمۇ، دەۋر لۇكچەكلىرىچىلىك ياكى خەلقنىڭ قېنىنى ئىچىش ۋە ئۇلارنى قايسىدۇر بىر زالىملارنىڭ چاڭگىلىغا تاشلاپ بېرىش بەدىلىگە ھوقۇق شوتىسىغا يامىشۋاتقان بىر قىسىم ئەمەلدارلارچىلىك ئورۇن تاپالماي، بۇ دۇنيادىن ھەسىرەت بىلەن خوشلاشقان، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئوبىرازى «خەلق» دەپ ئاتالغان يۇرتداش-ۋەتەنداشلىرىمىز تەرىپىدىن كۈنسېرى ئۇنتۇلۋاتقان قۇتلۇق ھاجى شەۋقى، زۇنۇن قادىرى، نىزامىدىن ھۈسىيىن، ئەھمەد زىيائى كەبى بوۋا-تاغىلىرىمىزغا ئوخشاش. خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇد قەشقەرى بوۋىمىز ئۆزلىرىنىڭ ئالەمشۇمۇل ئەسىرى «قۇتادغۇ بىلىگ» ۋە «تۈركى تىللار دىۋانى» نى ئۇنىڭ ئۈچۈن يازغاندەك، ئەشۇ بوۋىلىرىمىز ئۆز زامانىدىن مىڭ يىل كېيىن تۇغلۇق ئەپەندىدەك بىر زاتنىڭ بۇ ئەلەمگە تۇغۇم قىلىدىغانلىقىنى، ئۆز ئىزىنى بېسىپ، روھىيەت دۇنياسىنى قايتا يورۇقلۇققا چىقىرىدىغانلىقىنى بىلىدىغاندەك؛ تۇغلۇق ئەپەندىمۇ، ئەشۇ بوۋىلىرىمىز ئۇ ئەسەرلىرىنى ئۆزى ئۈچۈن يازغاندەك، روھىيەت دۇنياسىنى ئۆزىگە قالدۇرۇپ، كېيىنكىلەر ئۈچۈن يېشىش قىيىن بولغان سوئاللارنى ئۆزىگە قالدۇرۇپ كەتكەندەك، ئۆز نامىغا مۇناسىپ بىر تۇغنى-ئوت بولۇپ يالقۇنلاۋاتقان بىر يۈرەكنى كۆتۈرۈپ ئۇلار ماڭغان يولغا قەدەم ئالدى. زامان تەققازاسى ۋە ۋەتەن ئىقتىداسى بىلەن خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇد قەشقەرى بوۋىمىزنىڭ ئىزىنى بېسىپ، «قۇتادغۇ بىلىگ» ۋە «تۈركى تىللار دىۋانى» نىڭ روھىيەت قاتلىمىدىن «مەدەنىيەت كارۋانلىرى»، «ئوغلۇم ئالدىڭغا قارا»، «ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيسى»، «تۈركى تىللار دىۋانىنىڭ شەرھىسى» گە ئوخشاش ھەر بىرسىنىڭ ۋەزنى تاغدەك كېلىدىغان 30 نەچچە پارچە ئەسەرلەرنى ۋە ئەمىلىي قىممىتى بىھىساب بولغان تەۋەررۈك ماقالىلەرنى يېزىپ، ئىچىدىكىنى بىزدەك نادان خەلقىگە تېخى تولوق تۆكۈپ بولالماي، بىلدۈرۈپ بولالماي؛ تاڭ خورىزىنىڭ ھاياتلىقنى يېڭى بىر كۈنگە چىللىغىنىدەك، ئۆزىنىڭ ياڭرراق ساداسى بىلەن 300 يىللىق ئۇيقۇ ئالىمىگە غەرق قىلىنغان، ھېلىمۇ تېخى تاڭ ئۇيقۇسىنىڭ شىرىنلىكىدىن مېھرىنى ئۈزەلمەي چۈش كۆرىۋاتقان قەۋمىنى رېئاللىق ئالىمىگە، تەرەققىيات ئالىمىگە، مىللىي ئاڭ گىرۋەكلىرىگە، ئەقىدە ساھىللىرىغا چىللاپ كېلەلمەي، كۆڭلى مەيۈس، دىلى سۇنغان، لېكىن ئۈمۈدۋار ھالەتتە ئۇ ئالەمگە- خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇد قەشقەرى بوۋىمىزنىڭ قېشىغا سىرداشقىلى، مەسلىھەت ئالغىلى كەتتى. ئۇ ئۆلمىدى ھەم «ئۇيغۇر» دېگەن بۇ قەۋملا بولىدىكەن، بۇ قەۋمنىڭ مىللىي ئاڭ بوستانلىقى قاغجىراپ قاقاسلىققا ئايلىنىپلا قالمايدىكەن مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ. ئۇ خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇد قەشقەرى بوۋىمىز بىلەن، ئۇلارنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى «قۇتادغۇ بىلىگ» ۋە «تۈركى تىللار دىۋانى» بىلەن مىڭ يىل ياشىدى، يەنە شۇنداق مىڭ يىللاپ ياشايدۇ!
مەنبە: قەلىمىم |
|