ئۆيىڭىزگە بىر قاراپ بېقىڭ قېرىندىشىم tOPkx(
بىر بالىنىڭ ئالىم ياكى ئەل – يۇرتقا ياراملىق ئادەم بولغانلىقى كىمنىڭ ، نېمىنىڭ تەربىيىسىدىن ؟ دەپ سورىساق ، << ئاتا – ئانا ياكى ئۇستازنىڭ تەربىيىسىدىن >> دەپ جاۋاپ بېرىدىغانلار ناھايىتى كۆپ چىقىشى مۈمكىن . مېنىڭچە بۇ جاۋاپ ناھايىتى بىر تەرەپلىمىلىك ۋە ئەڭ مۇھىم بىر نەرسىنىڭ ئادەم تەربىيلەشتىكى رولىغا سەل قارىغانلىق بولۇپ ھېساپلىنىدۇ . S1!_ IK$m #elaz8 5 << قايسى نەرسىنىڭ ؟ >> دەمسىز ؟ كىتابنىڭ ، كىتابنىڭ ئادەم تەربىيلەشتىكى رولى ئاتا – ئانا ۋە ئۇستازنىڭ ئادەم تەربىيلەشتىكى رولىدىن قېلىشمايدۇ . بۇ سۆزۈمنىڭ H/ub=,Ej* St1>J.k_ دەلىلى سۈپىتىدە تارىخقا بىر نەزەر سېلىپ كۆرەيلى : X .S8vlb4z UmQ'=@^kR يەھۇدىيلاردىن چىققان پەيغەمبەر ئەيسا ، يەھۇدىيلاردىن چىىققان سوتسىيالىزم ۋە كوممۇنىزم نەزىريىچىسى ماركس ، يەھۇدىيلاردىن چىققان كەشپىيات پادىشاھسى ئېدىسۇنلار ئاتا- ئانا ياكى ئۇستازنىڭ تەربىيىسىگە ئانچە نائىل بولالمىغان . ئۇلار كىتابتىن ئىبارەت گۆھەردىن تەلىم ۋە بىلىم ئېلىپ ئەنە شۇنداق پەيغەمبەر ، ئەنە شۇنداق دۇنيانى ئىككى قۇتۇپقا ئايرىغان سىياسىئون ، ئەنە شۇنداق كەشپىياتچىلارنىڭ پادىشاھسى بولالىغان . _d<\@Tkw wmPpE_{ يەھۇدىيلار يېڭى تۇغۇلغان بوۋىقىنى بەتلىرىگە شىكەر سۈيى سۈركەلگەن كىتاب بىلەن ئېغىزلاندۇرىدۇ . بىزچۇ ؟ بىز يېڭى تۇغۇلغان بوۋىقىمىزنى ھەسەلگە مىلاپ چاينالغان نان بىلەن ئېغىزلاندۇرىمىز . 2!Ex55 LvS3c9|Aj يەھۇدىيلارنىڭ شىكەر سۈيى سۈركەلگەن كىتاب بىلەن ئېغىزلاندۇرۇلغان بالىلىرى چوڭ بولغاندا ئۆيىنى مەنىۋىي بايلىق كىتاب بىلەن زىننەتلەيدۇ . بىزنىڭ ھەسەل سۈركەپ چاينالغان نان بىلەن ئېغىزلاندۇرۇلغان بالىلىرىمىز چوڭ بولغاندا ئۆيلىرىنى ماددىي بايلىق بىلەن زىننەتلەيدۇ . يەنى نەچچە يۈز مىڭ يۇەنگە ئۆي سېتىۋىلىپ ، ئۇنى يەنە نەچچە يۈز مىڭ يۇەنگە زىننەتلەيدۇ . يەھۇدىيلارنىڭ ئۆيىدە تۇغۇلغان بالىنىڭ ئەڭ كۆپ كۆرىدىغىنى كىتاب بولسا ، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىدە تۇغۇلغان بالىنىڭ ئەڭ كۆپ كۆرىدىغىنى ئېسىل گىلەم ، پار – پۇر زىننەت چىراقلىرى … بولىدۇ .
XC{(O:EG X]*W + يەھۇدىيلار بالىلىرىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە بالىسىغا ئەڭ ئېسىل سوۋغا سۈپىتىدە كىتاب سوۋغا قىلىدۇ . ئۇلار ئەمدى ئۆمىلەشكە باشلىغان بالىلىرى ئۈچۈنمۇ كىتاب ئىشكابىدىن ئورۇن بېرىپ ، كىتاب ئىشكابىنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتىگە شۇ ئۆمىلەيدىغان بالىسىنىڭ كۆرۈشى ئۈچۈن ناھايىتى ئاددىي رەسىملىك كىتابلارنى تىزىپ بېرىدۇ . ئۆمىلەشنى بىلگەن ئۇ بالا ئۆمىلەپ كېلىپ ، شۇ كىتابلارنى ۋاراقلايدۇ . يەھۇدىي بالىلىرى ماڭالايدىغان بولغاندا ئۇنىڭ كىتابلىرى ئىشكابنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىنى ئىگىلەيدۇ . يەھۇدىيلار بالىسىنىڭ ساۋادى چىققاندا ، ئۇنىڭغا يەھۇدىيلارنىڭ تارىخى ۋە يەھۇدىيلارنىڭ ئۇلۇغلىقى توغرىسىدىكى كىتابلارنى سوۋغا قىلىپ ، كىتاب ئىشكابىنىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىنى توشقۇزىدۇ … _mL 9G5~r $Y0bjS2J ھەممىمىزگە مەلۇم يەھۇدىيلار 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا فاشىستلار تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە قىرغىن قىلىنغان ، ئىنتايىن زورلۇق – زومبۇلۇق ۋە خورلۇققا ئۇچرىغان . شۇ سەۋەپلىك يۇرت – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ ، تەرەپ – تەرەپكە قۇمدەك چېچىلىپ ، سەرسان – سەرگەردان بولۇپ كەتكەن قەۋم ئىدى . ئەمدى قارايدىغان بولساق ، ئۇلار ئىسرائىلىيىدىن ئىبارەت قۇدرەتلىك يەھۇدىي دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقتى . يەھۇدىيلارنى شۇنداق ئېگىلمەس- سۇنماس روھقا ، تېز پۈكمەس ئىرادىگە ، قۇمدەك چېچىلىشتىن ئۇيۇلتاشتەك زىچ ئىتتىپاقلىققا ئىگە قىلغان نەرسە زادى نېمە ؟ ئۇ بولسىمۇ يەھۇدىلار تۇغۇلۇشى بىلەنلا سۆيگەن كىتاب !!! 0KT{K( k*c:%vC! بىزچۇ ؟ بىز بالىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئۇنىڭغا نېمە سوۋغا قىلىمىز ؟ يەنى شۇ ماددىي تۇرمۇش سوۋغىسى _ تاتلىق ھەم چوڭ تورت سوۋغا قىلىمىز . قېرىندىشىم ، ئۆيىڭىزگە بىر قاراپ بېقىڭ . ئۆي زىننەتلەشكە ئىشلەتكەن نەچچە يۈز مىڭ يۇەننىڭ بىرەر يۈز يۇەنىنى ئادەمگە ئەنە شۇنداق كۈچ – قۇدرەت ئاتا قىلىدىغان كىتاب ئۈچۈن خەجلىدىڭىزمىكىن ؟ KwQO,($,] 8h20*@wSN جېنىم قېرىندىشىم ، سىز بالىڭىزغا مەڭگۈلۈك تەربىيىچى بولالمايسىز . بالىڭىزنىڭ ئۇستازىمۇ ئۇنىڭغا ۋاقىتلىقلا تەربىيچى بولالايدۇ . كىتابچۇ ؟ كىتاب بالىڭىزغا مەڭگۈلۈك تەربىيىچى بولالايدۇ . كىتاب بالىڭىزغا سىز ياكى ئۇستازى بېرىشكە ئۈلگۈرمىگەن تەربىيەلەرنى بېرەلەيدۇ ، سىز ۋە ئۇستازلىرى ئۈگىتىپ بولالمىغان بىلىملەرنى ئۈگىتىپ قويالايدۇ . شۇڭا كۆز قاراچۇقىڭىز ، يۈرەك پارىڭىز بولغان پەرزەنتىڭىزنى ئېگىلمەس- سۇنماس روھقا ، تېز پۈكمەس ئىرادىگە ، ئۇيۇلتاشتەك زىچ ئىتتىپاقلىشىدىغان ئىدىيىگە ئىگە بولسۇن دېسىڭىز ، شۇ مەڭگۈلۈك تەربىيىچى ، بىلىم بەرگۈچى بولغان كىتابنى سۆيىدىغان قىلىپ تەربىيەلەڭ ! 16Gv?
I
h Sc~kO4 سەيلە – ساياھەتلەرگە بارغاندا ، كىتابخانىغا كىرىشنى سەيلە – ساياھەتنىڭ مۇھىم كۈن تەرتىپىگە كىرگۈزۈڭ . كىتابخانىغا كىرگەندە مەھمۇد قەشقىرىنىڭ << تۈركىي تىللار دىۋانى >> ناملىق كىتابلىرىنى پەرزەنتىڭىز قولىغا ئېلىپ بىر كۆتۈرۈپ باقسۇن . بۇ كىتابلارنى كۆتۈرۈپ ، ئۇنىڭ قوللىرى تېلىپ كېتەر بەلكىم . بۇ چاغدا سىز << بالام ، بۇ كىتاب ئېغىرمىكەن ، قېلىنمىكەن ؟ >> دەپ سوراپ قويۇڭ ھەم ئۇ كىتابنىڭ 6- 7 خىل تىلنىڭ سېلىشتۇرما لۇغىتى ئىكەنلىكىنى ، ئۇنىڭ جاھان بويىچە ئەڭ بۇرۇنقى كۆپ خىل تىل لۇغىتى بولۇپلا قالماي ، ئۇنىڭدا دۇنيا بويىچە تۇنجى دۇنيا خەرىتىسى بارلىقىنى سۆزلەپ بېرىڭ . پەرزەنتىڭىزدىن يەنە << بالام ، قېنى ئېيتىپ باققىنە ، 11- ئەسىردە بۇ دىيارىمىزدا كىملەر ياشىغان ؟ >> دېگەن سۇئاللارنى سوراپ بېقىڭ . پەرزەنتىڭىز بەلكىم بۇ سۇئالىڭىزغا << مەھمۇد قەشقەرى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ، ئەھمەد يۈكنەكى>> دېگەنلا جاۋاپنى بېرەلەر . بۇ چاغدا سىز << بىر ئەسىر دېگەن يۈز يىل ، يۈز يىلدا ئاران شۇ 3- 4لا ئادەم ياشىغانمۇ ؟ يەنى كىملەر ياشىغان دەپ باققىن >> دەپ قىستاپ بېقىڭ . بۇ چاغدا پەرزەنتىڭىز << قالغانلارنى بىلمەيمەن >> دەر . بۇ چاغدا سىز << يۇقارقى ئۈچەيلەننى نېمە ئۈچۈن بىلدىڭ ، قالغانلارنى نېمە ئۈچۈن بىلمەيسەن ؟ >> دەڭ . بۇ چاغدا پەرزەنتىڭىز مەھمۇد قەشقەرى ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ، ئەھمەد يۈكنەكى قاتارلىقلاردىن بىزگە كىتاب يادىكار قالغانلىقتىن ئۇلارنى بىلگەنلىكىنى ، قالغانلاردىن كىتاب يادىكار قالمىغاچقا ، ئۇلارنى بىلمىگەنلىكىنى سۆزلەپ بېرەر . مانا بۇ سىزنىڭ پەرزەنتىڭىزگە كىتابنىڭ ئىنتايىن ئۇلۇغلىقىنى سۆزلەپ بېرىدىغان ئوبدان پۇرسەت ! M9OFK\) }Rux<=cd| قېرىندىشىم ، ئاخىرىدا يەنى سىزگە دەيدىغىنىم ، ئۆيىڭىزگە بىر قاراپ بېقىڭ . ئۆيىڭىز ماددىي بايلىق بىلەنلا بېزىلىپ ، مەنىۋىي بايلىققا ئورۇن بېرىلمەپتىمۇ . ئەگەر شۇداق بولسا ، پەرزەنتىڭىزنىڭ ماددىي تۇرمۇشى مول ، مەنىۋىيىتى قۇرۇق بولغان بولىدۇ . مەنىۋىيىتى قۇرۇق ئادەمدە ئۇلۇغۋار ئىرادە ، يۈكسەك غايە يىگلىگەن بولىدۇ . MM8)yCI \!V6` @0KC قېرىندىشىم ، ئۆيىڭىزگە بىر قاراپ بېقىڭ . ئۆيىڭىزدە پەرزەنتىڭىز مىللىتىمىزنىڭ تارىخىنى بىلىۋالالايدىغان ، پەرزەنتىڭىزنى مىللىتىمىزنىڭ ئۇلۇغلىغىدىن پەخىرلەندۇرىدىغان نېمىلەر باركىن ؟ : }IS=A oV!9B -< قېرىندىشىم ، پەرزەنتىڭىز ۋە مىللىتىمىز ئۈچۈن ئۆيىڭىزگە بىر قارا پ بېقىڭ !!! |B`tRq
|