查看完整版本: [-- تۇتىۋېلىش قابىلىيىتى(ئاق گۈل تەرجىمىسى) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرجىمە ئەسەرلەر -> تۇتىۋېلىش قابىلىيىتى(ئاق گۈل تەرجىمىسى) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ak gul 2012-06-13 20:51
تۇتىۋېلىش قابىلىيىتى
مىير.فوست (ئەنگىلىيە) )lG}B U.  
گۈلباھار مۇھەممەد تەرجىمىسى c8uaZvfW  
  20c5U%  
90ياشلىق موماي رۇسسى.دالىستون يېقىن ئەتراپتىكى ماگزىندىن قايتىتقۇچە،ئۆزىنىڭ ساقلاش ئادىتى بولمىغانلىقى ئۈچۈن،قاراپمۇ قويماي ئۆينىڭ قارشىسىدىكى يولدىن كېسىپ ئۆتتى.ئۇنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارى ياخشى ئەمەس ئېدى،ئەمما ئۇنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقى، قۇلاققا خۇشياقمايدىغان كاناي ئاۋازلىرىنى ئاڭلىماسلىققا سېلىۋالىدىغان قىلىپ قويۇپلا قالماستىن ،بەلكى ئۇنى ئالدىنقى قېتىملىق  ئۇرۇش پارتىلاشتىن ئىلگىرى مۇشۇ كوچىدىكى بۇ بىنادا جاھىللىق بىلەن ئىزچىل ئولتۇرغۇزغانىدى.ئۇنىڭچە بولغاندا،ئۇنى كۈنبويى ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدىن ئۇياق-بۇياققا غۇيۇلداپ ئۆتۈپ تۇرىدىغان بارلىق ناتۇنۇش كىشىلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا،ئۇلار بۇ يولنى ئىشلىتىشكە تېخىمۇ ھوقۇقلۇق ئېدى. , $7-SN  
ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىدىكى ھەممىدىن ساقلايدىغان تىلتۇمارنى ئۇ ئەزەلدىن ئويلاپمۇ باقمىغان ئېدى.ئەمما ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغىنى،ئۇ ھەر قېتىم ناھايىتى خاتىرجەم ھالدا پىيادىلەر يولىدىن ئۆتۈپ،ئۆيىگە يېتىپ كەلگەندە،پەلەمپەينى تۇتىۋېلىپ ئەڭ يۇقىرىسىغىچە چىقىپ، سومكىسىدىكى ئارغامچا،تازىلىق قەغىزى ۋە چېچىلىپ كەتكەن تەڭگىلەرنىڭ ئارىسىدىن ئاچقۇچنى ئىزدەشكە باشلىدى.بۇ قېتىم مال سېتىۋالغىلى چىقىپ،ئۇ سېتىۋالغان نەرسىلىرىنىڭ ھېچقايسىسىنى ئەكەلمىگەن،ھەتتا بۇ ئىش ئۇنىڭ تەرتىپسىز چوڭ مېڭىسىنىڭ ئازراقمۇ دىققىتىنى تارتىمىغان ئېدى.ئۇ ئۆزى سېتىۋالغان بولكا،پىشلاق،پەمىدۇر ۋە چاي قاتارلىق نەرسىلەرنى بولكا دۇكىنىدىكى پۇكەيگە قويۇپ قويغانىدى. Zbczbnj  
خوشنىسى چىققان ۋاقىتتا،ئۇ تېخچىلا ئاچقۇچنى ئىزدەۋاتاتتى.خۇشنىسى ئۇنى كۆرۈپ،ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن ئىشىكنى يېپىپ قويۇپ،ئالدىراپ پەلەمپەيدىن چۈشۈپ كەتتى،پەقەت ماشىنىنىڭ تۈۋىگە يېتىپ بارغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن سالاملاشتى،ھەمدە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: }-3 VK%  
-ھېچ ئىش بولمىغاندۇ،دالىستون خانىم؟-دەپ سورىدى. 9Yt|Wj  
ئۇ ماشىنىسىغا چىقىشقا تېخى ئۈلگۈرمىگەن ئېدى.دالىستون خانىم بۇرۇلۇپ ئۇنىڭ قېشىغا كەلگەندە،ئۇ ئەمدىلا ماشىنىسىنىڭ ئىشىكىگە ئاچقۇچ سېلىۋاتاتتى.دالىستون خانىم: lNX*s E .  
-بېرى مېنىڭ ئاچقۇچۇمنى ئوغۇرلىۋاپتۇ،-دېدى.قوشنىسى ئۆزىنى چەتكە ئالماقچى بولدى ھەمدە يەنە: }&0LoW/  
-جەزملەشتۈرەلەمسىز؟-دەپ سورىدى. N9-0b  
-ئەلۋەتتە جەزملەشتۈرۈلەيمەن،مەن ياكى كالۋا بولمىسام. r_+Vb*|Y  
-بەلكىم بىرەر يەردە ئۇنتۇپ قالغانسىز؟-دېدى ئۇ ئەسكەرتىپ. ag'hHFV  
-مەن نېمىشقا ئۇنتۇپ قالىمەن؟ساڭا دېسەم چوقۇم بىرسى ئوغۇرلىۋالدى. ct\msG }b:  
قوشنىسى تېخىچە ماشىنىسىنىڭ يېنىدا تۇراتتى. sc*R :"  
-تۈنۈگۈن ئايىغىمنى ئوغرىلىۋالغان،-دېدى دالىستون خانىم ئۇنىڭغا. "}()/  
-ئەمدى ئۇلار ھېچنىمىڭىزنى ئوغرىلىۋالمايدۇ،-دېدى ئۇنىڭ قوشنىسى ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلىغاندەك. ,7V?K j  
-ئۇلار ئايىغىمنى ئوچاقنىڭ ئىچىگە تىقىپ قويۇپتۇ،بۇ پەسكەشلىك، ھېيلە- مىكىر.ئاچقۇچۇمنى ئوغۇرلىۋېلىشىمۇ ئوخشاشلا ھېيلە-مىكىر. 4U dk#  
-دالىستون خانىم،مېنىڭ جىددى ئىشىم بار ئېدى،ماڭمىسام بولمايدۇ. سىزگە قانداق ياردىمىم كېرەك؟ nmpc<&<<  
-ياردەم؟-ئۇ ياندۇرۇپ سورىدى،-كېرەك ئەمەس،ماڭا ھېچقانداق ياردەمنىڭ كېرىكى يوق،ماڭا پەقەت ئاچقۇچۇم لازىم. 4q .;\n  
-ئۇنداقتا ياخشى،سىزگە ھېچ ئىش بولمىغان بولسىلا بولدى،-دېدى ھەمدە تاقەتسىزلەنگەن ھالدا ماشىنىسىغا لىپلا قىلىپ چىقىپ،ماشىنىسىنى ھەيدەپ كەتتى. xoVd[c!   
دالىستون خانىم بۇ ۋاقىتتا ئاچقۇچىنى شۇنچە ئىزدەپمۇ تاپالماي، بۇلۇڭدىكى تېلىفۇن بوتكىسىغا بېرىپ،ئوغلى يوھانغا تېلىفۇن بېرىپ، ئاچقۇچىنى بىرسىنىڭ ئوغۇرلىۋالغانلىقىنى ئېيتىتى.ئەگەر ئۇنىڭ ئېسىدە بولسا ،ئوغلىغا يەنە ئايىغىنى ئوچاقنىڭ ئىچىدىن تاپقانلىقىنى،كىشىلەرنىڭ نېمىشقا ئۆزىنى بۇنداق قىينايدىغانلىقىنى ھېچ چۈشىنەلمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتاتتى . لېكىن يوھان ئۇنىڭغا ئايىغىنى ئۆزىنىڭ ئوچاقنىڭ ئىچىگە قويۇپ قويغانلىقىنى،ئەمما بۇنداق ئەمەسلىكىنى بىلىدىغانلىقىنى ئېيىتتى.ئۇ نېمىشقا بۇنداق ھاماقەتلىك قىلىپ،ئۆزىنىڭ ئايىغىنى ئوچاقنىڭ ئىچىگە قويۇپ قويىدۇ؟ )j2 #5`?"j  
ئۇ تېلىفۇن بوتكىسىغا ماڭغان چېغىدا،يانچۇقىدىن بىر ئاز پارچە پۇل ئېلىۋېدى،ئاچقۇچمۇ بىللە چىقتى.ئۇ ئاچقۇچقا گۇمانلانغاندەك بىر ھازا قاراپ كەتتى. 6aB]&WO1@  
يېقىندىن بېرى ئۇنىڭ تۇرمۇشى بەكلا قالايمىقانلىشىپ كەتتى.ئۇ كۈنى ئەتىگەندە ئۇ پۈتۈنلەي قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى.ئۇ بۇ كۈننى يەكشەنبە دەپ قالغانىدى،بەزى يەكشەنبە كۈندە يوھان ئۇنى كۆرگىلى كېلەتتى،شۇڭا ئۇ يوھاننى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈپ تۇرىۋاتاتتى،بىرەرسى ئىشىك قوڭغۇرىقىنى جىرىڭلاتسىلا،ئۇ دەرھال يۈگۈرۈپ بېرىپ ئىشىكنى ئاچتى.ئۇ ھەپتە ئاخىرىدا تىز تاماق ساتقىلى كېلىدىغان ھېلىقى قىز ئېدى.دالىستون خانىم بۇ قىزنى شەنبە ياكى يەكشەنبە كۈنلىرى ئىشىك ئالدىدىكى پەلەمپەيدە ئولتۇرۇپ، توپتۇغرا بىر كۈن كۈتەتتى.ئۇنىڭ چۈشلۈك تامىقىنى بەزىدە كەچ كىرگەندە ئەكىلىپ بېرەتتى.ئۇ ئىشىكنى ئېچىپ كىرگەندىن كېيىن بايىقى ئاچقۇچ ئىزدەپ پاراكەندە بولغان ئىشنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ قالدى،ئەمدى ئۇنىڭ كاللىسىغا كىرىۋالغان بىردىنبىر ئىش پەقەت بىر ئىستاكان چاي ئىچىش ئېدى.ئاشخانىغا كىرگەندىن كېيىن،ئۇ ناھايىتى قورقۇپ كەتتى،بىرەيلەن ئۇنىڭ ئىشكابىنى ئاختۇرىۋاتاتتى. Rxdj}xy  
-سەن نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟-دەپ سورىدى دالىستون خانىم.ھېلىقى ئۇرۇقلۇقتىن خۇددى ياغاچتەكلا بولۇپ قالغان ئوغۇل بالاچۆچۈپ كەينىگە بۇرۇلدى.دالىستون خانىم ئۆنى كۆرگەندىن كەينىگە بۇرۇلۇپ،كەينىدە يەنە بىر ياشنى تۇرغانلىقىنى بايقىدى.ئالدىدىكى ھېلىقى بالىغا قارىغاندا خېلى قاۋۇل بولسىمۇ،ئەمما يۈزى مودور-چوقۇر ئېدى.دالىستون خانىم قىلچە قورقمىدى،قورقاشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ قويمىدى. lL zR5445)  
-سىلەر قەيەردىن بولىسىلەر؟-دەپ سورىدى دالىستون خانىم ۋە ھېلىقى كۆرۈمسىز بىرسىگە قاراپ،-مەن سېنى تونۇمايمەن،-دېدى. r(S h  
-سىز ئەلۋەتتە تونۇيسىز خانىم،-دېدى ئۇ بىغەم ھالدا يېنىدىكى ھەمراھىغا قاراپ كۆز قىسىپ قويۇپ. g73 23m1=  
-ئالدىنقى يىلى پەلەمپەيدىكى قارلارنى مەن تازىلىشىپ بەرگەن، ئېسىڭىزدە بارمۇ؟سىز تېخى مېنى ئىشنى بەك پاكىز،چىرايلىق قىلدىكەنسەن دېگەنىدىڭىز،مەن،مەن ياشانغانلارغا ياردەم بېرىشكە ئامراق، دېگەنىدىم، - دېدى. ) i=.x+Q  
-بۇ يەردە ئۇزۇندىن بېرى قار يېغىپ باقمىدى،-دېدى دالىستون خانىم ۋە يەنە بىرىدىن،-نېمە ئىزدەۋاتىسەن؟-دەپ سورىدى. n]fMl:77  
-ئالدى ئىشىكىڭىز ئوچۇق ئىكەن،بىز بىرسىنىڭ چىقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق،شۇنداقمۇ،تاد. M)j.Uu  
-شۇنداق،-دېدى ھېلىقى ئاۋاق قوشۇمچە قىلىپ. Q? ]-/v  
-بىز ئۇنى سىزنىڭ پۇلىڭىزنى ئوغرىلىدىمىكىن دەۋاتىمىز. ?_nbaFQK3  
-كىم پۇلۇمنى ئوغرىلىدى؟ h0)Dj( C  
-بىزمۇ تېخى بىلمەيمىز،پۇلنى قەيەرگە قويغان؟جايىدابارمۇ-يوق،قاراپ باقايلى. u+5MrS [  
-چوقۇم سومكىسىنىڭ ئىچىدە،-دېدى ھېلىقى ئاۋاق. EE$\8Gx']!  
-شۇنداقمۇ خانىم؟سىز پۇلنى داۋاملىق يېنىڭىزدا ئېلىپ يۈرەمسىز؟-دېدى يەنە بىرى،-بىز قاراپ باقايلى! 2v?fbrC5c  
-مەن ئەزەلدىن پۇلنى يېنىمدا ئېلىپ يۈرمەيمەن،يوھان بۇنداق قىلىشىمغا ئۇنىمايدۇ. ,u_ Z0S M  
-بەك ئەقىللىق ئىكەن،ئۇنداقتا بىز كۆرۈپ باقايلى،-دېدى ھەمدە ئۇنىڭ كاناپ سومكىسىنى رەھىمسىزلەرچە تارتىۋېلىپ،سومكىنىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۈستەلگە تۆكتى.ئاندىن بىر دۆۋە قالايمىقان پارچە پۇل، تازىلىق قەغىزى ۋە ھېچنىمىگە ئەسقاتمايدىغان بۇ نەرسىلەرگە بىزارلىق بىلەن مۇنداقلا بىر قاراپ قويدى. P+bA>lJd  
-بولدى،بۇ بىر مۇنچە قالايمىقان نەرسىلەر بىلەن مېنى تېرىكتۈرمەڭ ، پۇلنى زادى قەيەرگە قويدىڭىز؟ ]I'dnd3e  
-نېمە پۇل؟-دەپ سورىدى دالىستون خانىم. @A'@%Zv-  
-ئاناڭنى،بولدى.ئۇ دېگەن بىر ساراڭ،-دېدى ھېلىقى ئاۋاق،-يۈر كېتەيلى! '8w>=9Xl  
-يەنە بىر ئايلىنىپ چىقايلى،-دېدى ھېلىقى چوقۇر كىشى،-چوقۇم ئورىلىغۇدەك بىر نەرسە چىقىدۇ. *WaqNMD[%  
-مەسىلەن؟ f9D01R fo  
-بىلمەيمەن،ھەر قانداق بىر ئادەمدە چوقۇم ئوغۇرلىغۇدەك بىر نەرسە بولىدۇ.ئەجابا سىزدە پۇلغا يارىغۇدەك ھېچنىمە يوقما خانىم؟-دېدى چوقۇر يۇقىرى ئاۋازدا قوشۇمچە قىلىپ. Q>(a JF  
-مېنىڭ نەرسەمنىڭ بار-يوقلىقى بىلەن سىلەرنىڭ نېمە كارىڭلار؟-دېدى دالىستون خانىم بىر قىسقا ئارغامچىنى سومكىسىغا قايتىدىن سېلىپ،-ئەگەر يەنە كەتمىسەڭلار،مەن ئوغلۇم يوھانغا تېلىفۇن بېرىمەن. 0p]v#z}  
-چاتاق يوق،بىزنى ئۇ ئەۋەتكەن. @ Fkhida  
-مېنىڭ ئوغلۇم يوھان سىلەرنى ئەۋەتىما؟ئۇنىڭ بىلەن قاچان كۆرۈشكەنىدىڭلار؟ %+^Qs\j  
-بىز ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق ئۇچرىشىپ تۇرىمىز.مەن يوھان بىلەن ياخشى دوستلاردىن،شۇنداقمۇ تاد؟ +/ rt'0o  
-شۇنداق،سىلەر ئەلۋەتتە ياخشى دوست. d}Q% I  
-ئۇ مېنى سىزنى يوقلاپ كېلىشكە ئەۋەتتى. Wh)!Ha}  
-مەن سىلەرنىڭ يوھاننىڭ دوستى ئىكەنلىكىڭلارنىڭ بىلمەيدىكەنمەن. BP}@E$  
-سىز بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن سىزدىن ئەنسىرەيدىغىنىمىزنى بىلەمسىز؟سىز پۇلىڭىزنى جەزمەن دائىم قويۇپ قويىدىغان يەرگە قويدىڭىزما؟مەن سىزدىن سورىۋالماي يوھاننىڭ ئەيىپلىشىنى خالىمايمەن. b~qH/A}h  
-ئاھ، ئوغلۇم يوھان،مېنىڭ ياخشى ئوغلۇم.داۋاملىق مەندەك بىر قېرى ئانىسىنى ئېسىدىن چىقارمايدۇ. 6?'7`p  
-شۇنداق،ئۇ بىر ياخشى بالا.پۇلچۇ؟بىخەتەرمۇ؟ Ol~M BQs  
-توختاپ تۇرۇڭلار،مەن قاراپ باقاي. =*1NVi $n  
دالىستون خانىم ھېلىقى ئاۋاق ئالدىدا تۇرغان ئشكاپقا قاراپ ماڭدى.ئۇ قولىنى ئۇزىتىپ،ئەڭ ئاستىدىكى بىر تارتمىنى ئېچىپ، گىئورگى ( VI) دەۋرىدىكى پادىشاھنىڭ تاجى نەقىشلەنگەن چاي قۇتىسىنى ئېلىپ،قۇتىنىڭ ئاغزىنى ئاچتى.ئىچىدىكى لىق قاچىلانغان پۇلنى كۆرۈپ،بۇ ئىككىيلەننىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى. :bm%f%gg  
-ۋاھ،ئەكىلىڭە كۆرۈپ باقاي،-دېدى ھېلىقى چوقۇر يۈزھەمدە ئۇنىڭ قولىدىن قۇتىنى يۇلۇپ تارتىۋالدى. AmC?qoEWQ7  
-سىلەر نېمە قىلماقچى؟ئۇنى ماڭا بېرىش!ئالدىنقى قېتىمقى ئۇرۇش پارتىلاشتىن ئىلگىرىلا،مەندە ئۇ قۇتا بار ئېدى. xv&h>GOg  
-شۇنداقمۇ؟ئەگەر شۇنداق بولسا،مانا بۇ قۇتىنى ئېلىڭ،-دېدى ھەمدە قۇتىنى دالىستون خانىمغا قايتۇرۇپ بەردى،ئەمما ئىچىدىكى پۇلنى ئۆزىنىڭ يانچۇقىغا سالدى. f ,4erTBH  
-بىز كېتەيلى ،تاد،-دېدى ئۇ ھېجىيىپ تۇرۇپ. t1]/Bw`j/  
-ئۇ قانداق قىلىدۇ؟ 9z..LD(  
-ئۇ قانداق قىلىدۇ؟! &O^-,n  
-ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىمىز؟ xJ2I@*DN  
-مەن ھېچقانداق بىر ئىش قىلىشقا تەييارلىق قىلمىدىم.ماڭا ئۇ كېرەك ئەمەس.مەن ئۆزۈمگە لازىملىق نەرسىگە ئېرىشىپ بولدۇم،ئۇ ساڭا قالدى. ^sB0$|DU  
-بىلجىرلىما!ئۇنى قالدۇرۇپ قويساق بولمايدۇ،ئۇ ساقچىغا مەلۇم قىلىپ قويىدۇ. Z`u$# 
-ئۇ ھېچنىمىنى ئېسىدە تۇتالمايدىغان تۇرسا، ساقچىغا نېمە دەيدۇ؟ شۇنداقمۇ خانىم،سىز بىزنىڭ چىراي-تۇرقىمىزنى ئېسىڭىزدە تۇتالمىدىڭىز، - ھە! U8AH,?]#  
-يۈزۈڭلارنى بەك ئېنىق ئېسىمدە تۇتىۋالدىم. e"52'zAV-  
-بىلدىم.بىز سىزگە نېمە دېدۇق،نېمە قىلدۇق؟ 6tndC o;`  
-پۇلۇمنى ئېلىۋېلىپ نېمە قىلىسىلەر؟ V*{rHp{=p  
-يەنە بىر ئېغىز ئۆيدە بىر لاخشىگىر بار ئىكەن،تاد،-دېدى چوقۇر ياش ئاستاغىنە،-سەن ئۇنى ئېلىپ كەل.بىز بۇ موماينىڭ خاتىرىسىنى قالايمىقان قىلىۋېتەيلى. !)s(Lv%]   
-بۇ ئامال بولىدىكەن،-دېدى ئاۋاق كۈلۈمسىرىگىنىچە لاخشىگېرنى ئالغىلى چىقىپ كەتتى. $BqiC!~  
ئۇ ئالدى تەرەپتىكى ئۆيدىكى تام مەشنىڭ ئىچىدىن لاخشىگېرنى تاپتى.ئۇ بىر پۇختا ياسالغان كونا تىپتىكى لاخشىگېر بولۇپ،بۇنى ئىشلەتسە ناھايىتى مۇۋاپىق ئېدى.ئۇ قولىغا ئېلىپ، خۇددى ئالتە ئاتار تاپانچا ئاتىدىغان ئېتىشىش ماھىرىدەك ئوڭ-سولغا تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ دەڭسەپ باقتى ھەمدە كۆرەڭلىگەن ھالدا ئۆيدىن ئۆتتى.بۇ ۋاقىتتا،ئالدى ئىشىكنى قاتتىق ئۇرغان ئاۋاز ئاڭلاندى.بۇ ئاۋاز بىلەن تەڭ ئۇ رېئاللىققا قايىتىپ كەلدى.ئۇ لاخشىگېرنى تاشلاپ،ئالدىراپ ئاشخانىغا كىردى. U2Ve @.  
-مېنىڭ ئىشىكىمنى قېقىۋاتامدۇ؟-دەپ ئۈچ قېتىم سورىدى دالىستون خانىم ۋە چۆگۈننى ئوچاقتىن ئالدى. g2OnLEF]s  
-ئەنسىرىمەڭ خانىم،بىز سىزنىڭ ئورنىڭىزدا ئىشىكنى ئاچايلى،-دېدى چوقۇر يۈز ياش بالا.ئۇ ھېلىقى ئاۋاق ھەمراھىنى باشلاپ ئارقا ئىشىككە قاراپ ئۇچقاندەك يۈگۈردى.ئىشىك قايتا چېكىلگەندە،بۇ ئىككىيلەن گۈللۈكنىڭ تېمىغا يامىشىۋاتاتتى. {^]qaQ[5N  
ئىشىك ئۈچىنچى قېتىم چېكىلگەندە،دالىستون خانىم،ئۆزى ئىشىكنى ئاچتى.ئىشىك ئالدىدىكى پەلەمپەيدە ياش بىرقىز تۇراتتى. ,NO[Piok  
-ياخشىمۇ سىز،دالىستون خانىم.سىز يەنە سېتىۋالغان نەرسىلىرىڭىزنى ئۇنتۇپ قاپسىز،-سۆزلەۋېتىپ قولىدىكى تور سومكىنى مومايغا سۇندى. >,6  
-ئويلىسام بۇ مېنىڭ ئەمەسكەن،-دېدى دالىستون خانىم،-سىز نېمىگە ئاساسلىنىپ،بۇنى مېنىڭ دەيسىز؟ }8'_M/u\  
-سىز ھەمىشە مۇشۇنداق. l)r\SE1  
-شۇنداقمۇ؟ئۇنىڭ ئىچىدە نېمىلەر بار؟ =?]`Xo,v~  
ھېلىقى ياش قىز بىر ئۇھ تارتىپ قويۇپ،سومكىنىڭ ئىچىگە قارىدى. 175e:\Tw  
-كىچىك بىر پارچە ئاق رەڭلىك بولكا،ئازراق پەمىدۇر،پىشلاق ۋە دەملەيدىغان چاي بار ئىكەن. P| NGAd  
-ھە،ئويلىسام ،مېنىڭ بولۇشى مۇمكىن،-دېدى دالىستون خانىم.  |Iy;_8c  
دالىستون خانىم ھېلىقى ياش قىزنىڭ قولىدىكى تور سومكىنى ئېلىپ ئۆيىگە كىردى.ئۇ بۇ نەرسىلەرنى ئاشخانىدىكى ئۈستەلگە قويدى.دەملەيدىغان چاينى كۆرۈپ،ئۇ چەينەك قويۇلغان كۆمۈرگازىنى ئاچتى. بۇ قىزنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزى سېتىۋالغان نەرسىلەرنى ئەكىلىپ بەرگەنلىكىنى قىلچىمۇ چۈشەنمىدى، ئەمما،دەملەيدىغان چاينى كۆرۈپ،قەلبى مىننەتدارلىققا تولدى.ئۇ پۇلىنى ئوغۇرلىغان ھېلىقى ئىككى ئوغۇل بالىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتتى. 2Z; !N37U  
ئۇ كۆمۈرگازىغا ئوت يېقىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالدى. Csyh 'v  

tursun 2012-06-14 10:37
يارايدىلا ئاقگۇل،ئاپىرىن ئەقىل-مىۋىلىرىگە!بىر ئىسىل تەرجىمە ئەسەرلىرىنى يوللاپ،نوۋەتتىكى دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا مۇھىم بولۇۋاتقان بىر بوشلۇقنى تولدۇرۇپتىلا، F`KXG$  
رەھمەت!

danix 2012-06-14 20:32
       ئاقگۈل ، ئادەمنى ئەنسىرىتىدىغان يوللانمىدىن بىرنى يوللاپسىزغۇ ؟ e Z L!Z!  
بىزمۇ قېرىساق شۇ مومايدەك بولۇپ قالارمىزمۇ ؟ بىر ھېساپتا تۇتىۋىلىش |+-b#Sa9  
قابىليىتىنىڭ تۆۋەن بولىشىمۇ ياخشىمۇ - نېمە ؟ ئەگەر موماينىڭ تۇتىۋىلىش AgDXpa q  
قابىليىتى ياخشى بولغان بولسا ، ئاۋۇ ئىككەيلەن ئۇنىڭ جېنىغا زامىن (-o}'l'mo  
بولاتتى ياكى ئۇرۇپ ھوشىدىن كەتكۈزىۋېتەتتى . تۇتىۋىلىش قابىليىتى 3ug>,1:6-  
تۆۋەن بولغاچقا ئامان قالدىغۇ - دەيمەن - ھە !

ak gul 2012-06-14 22:27
ئەنسىرەپ كەتتىڭىزما دانىش؟ 1<]?@[l<  
لېكىن ھېلىقى قىزدەك سەمىمىي ،باشقىلارنىڭ رىزقىغا كۆز قىرىنىمۇ سالمايدىغان،ھەتتا ئۆيىگىچە ئەكىلىپ بېرىدىغان كىشىلىرىمىز ھېلىھەم ئارىمىزدا ناھايىتى كۆپ. uE#"wm'J  
بۇ ئەسەردە ئىككى ياش يىگىت بىلەن ھلىقى قىزچاق روشەن سېلىشتۇرما قىلىنغان. U|)CZcM  
خاتىرجەم بولۇڭ،سىزمۇ مومايدەك قېرىغاندا ھېلىقى قىزدەك كىشىلەر چوقۇم ئۇچرايدۇ.

زىبا2 2012-06-30 23:31
ئەجىڭىزگە رەھمەت!   

tawpek 2012-06-30 23:56
نەقىل
引用第3楼ak gul于2012-06-14 22:27发表的 : _29wQn@]  
ئەنسىرەپ كەتتىڭىزما دانىش؟ uWFyI"  
لېكىن ھېلىقى قىزدەك سەمىمىي ،باشقىلارنىڭ رىزقىغا كۆز قىرىنىمۇ سالمايدىغان،ھەتتا ئۆيىگىچە ئەكىلىپ بېرىدىغان كىشىلىرىمىز ھېلىھەم ئارىمىزدا ناھايىتى كۆپ. |_7k*:#q:  
بۇ ئەسەردە ئىككى ياش يىگىت بىلەن ھلىقى قىزچاق روشەن سېلىشتۇرما قىلىنغان. En\q. 3 5  
خاتىرجەم بولۇڭ،سىزمۇ مومايدەك قېرىغاندا ھېلىقى قىزدەك كىشىلەر چوقۇم ئۇچرايدۇ. ) )FLM^dj  
&=n/h5e0t&  
بۇنداق دىسىڭىز شۇنداق قىزلارنى ئۇچرىتىش ئۈچۈن قىرىلىقنى تىلەپ يۈرمىسۇن يەنە دانىش مۇئەللىم

ak gul 2012-08-23 12:04
قېرىلىقنى،ياشلىقنى تىلەپ تاپقىلى بولماس،ئۇ دېگەن ھاياتلىق قانۇنىيىتى تۇرسا.  


查看完整版本: [-- تۇتىۋېلىش قابىلىيىتى(ئاق گۈل تەرجىمىسى) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.356370 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us