kok-sultan |
2012-06-12 12:19 |
ھايات دېگەن ئەركەكمۇ، چىشى؟
سوراپ قالدى بىر گەپدان كىشى.
چوڭقۇر ئويلاپ تاپقۇچە جاۋاپ،
كىردى دىلغا زۇلمەتلىك قىشى.
ھايات دېگەن ئەركەكمۇ، چىشى؟
سوراپ قالدى مەيپۇرۇش قايناپ.
شۇنچە سۆزلەپ قىلالماي قايىل،
تۇرۇپ قالدىم تىلىمنى چايناپ.
ھايات دېگەن ئەركەكمۇ، چىشى؟
سوراپ قالدى شەرەنداز ئايال.
پەيلى يۇمشاق ئەركەكلەر كەلدى،
چىشى بولۇپ ئۆتمەستىن ھايال.
ھايات دېگەن ئەركەكمۇ، چىشى؟
سوراپ قالدى ئاق چاچلىق موماي.
جاۋاپ بەردى يېنىمدىن ئۆتكەن،
«ئەركەك» دەپلا چار ساقال بوۋاي.
ھايات دېگەن ئەركەكمۇ. چىشى؟
سوراپ قالدى تولمىغان جۇۋان.
ھەيران قالدىم كۆزىگە قاراپ،
لېۋىم چىشلەپ سۈرمەستىن زۇۋان.
ھايات دېگەن ئەركەكمۇ، چىشى؟
سوراپ قالدى نەۋقىران يېگىت.
جاۋاپ بەردىم ئۈمىدتە مەغرۇر،
«ئەركەك» دەپلا چاقماستىن چېگىت.
ھايات دېگەن ئەركەكمۇ چىشى؟
سوراپ قالدى قوشنامنىڭ قىزى.
سىزمۇ، غەيۇر تەڭداشسىز ئەركەك،
دېدىم، چاقنار نۇزۇگۇم ئىزى...
ھايات دېگەن ئەركەكمۇ، چىشى؟
بىلىپ ياشار ئۆزىنى كىشى.
ئۇلۇغ ئەلگە نامايەن قىلار،
بېسىپ كەلگەن ھايات كەچمىشى.
|
|