查看完整版本: [-- تۇگىمەس ناخشا --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تولوقسىز ئەدەبىيات تىكىسىتلىرى -> تۇگىمەس ناخشا [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tursun 2012-06-12 11:19
تۇگىمەس ناخشا
(ناخشا تىكىستى)
ئاپتورى:تىيىپجان ئىلىيىف

ھەر ئاخشىمى ناخشا ئىيتىمەن،
شۇ كوچىنى ئەگىپ كىتەلمەي.
بىر پەللىنى كوزلەپ ماڭىمەن،
ئاۋارەمەن تىخى يىتەلمەي.

بۇگۇن ئاخشام ئوتكەنتىم يەنە،
ناخشام بىلەن دەرىزە قىقىپ.
قەيەردىدۇ ئىشىك غىچىرلاپ،
كايىپ كەتتى بىر بوۋاي چىقىپ.

-جارقىرايسەن ھەر كۇنى شۇنداق،
ساراڭمۇسەن ئوڭشالمايدىغان؟
يا ئادەمگە ئۇيقۇ بەرمەيسەن،
قانداق ناخشا بۇ تۇگىمەيدىغان؟

-كايىما،بوۋاي،سەنمۇ بىر چاغدا،
ياش ئىدىڭغۇ ئۇخلىمايدىغان.
سەنمۇ ئىيتىپ تۇگىتەلمىگەن،
شۇنداق ناخشا بۇ،تۇگىمەيدىغان!
1956-يىلى ئاۋغۇست

مەنبە:8-يىللىق تىل ئەدەبىيات دەرسلىك كىتاپ 2-قىسىم 189-بەت

akida228 2012-06-12 13:24
تۈگىمەس تاپشۇرۇق(بىر ئوقۇغۇچى تىلىدىن)

ھەر ئاخشىمى بېشىم قاتىدۇ،
تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولالماي.
100 نومۇرنى كۆزلەپ يازىمەن،
ئاۋارە مەن تولۇق ئۇخلىماي.

بۈگۈن ئاخشام ئىشلىدىم يەنە،
قاقشاپ تۇرۇپ دەپتەرگە يېزىپ .
نېرىقى ئۆيدىن جان ئانام چىقىپ ،
كايىپ كەتتى غەزىپى تېشىپ.

-ئۇخلىمايسەن ھەر كۈنى شۇنداق،
دۆتمۇ يا سەن دەرس بىلمەيدىغان؟
يا  كىشىگە ئارام بەرمەيسەن،
قانداق تاپشۇرۇق بۇ تۇگىمەيدىغان ؟

كايىما ئانا سەنمۇ بىر چاغدا،
بالا ئىدىڭغۇ ئۇخلىمايدىغان.
سەنمۇ ئىشلەپ تۈگىتەلمىگەن ،
شۇنداق تاپشۇرۇق بۇ تۈگىمەيدىغان.

tursun 2012-06-12 16:27
ئەقىدە مۇئەللىم يارايدۇ،تىل ئەدەبىيات يىزىقچىلىق ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلارغا
ئوزگەرتىپ يىزىش ۋە تەقلىد قىلپ يىزىش تاپشۇرۇقلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان،
راست،شۇ ئوقۇغۇچى بۇ«تۇگىمەس تاپشۇرۇق» نى تەقلىت قىلىپ يازغان بولسا،
مۇئەللىمنىڭ ئەجىر -مىھنىتى مىۋە بەردى...دىگەن سوز.ئەقىدە مۇئەللىمگە ئاپىرىن!

kok-sultan 2012-06-12 19:10
«تاپشۇرۇق ناخشىسى» ماڭا بەك ياقتى.................

xahinxah 2012-06-13 11:30
راخمەت ياخشى  تېما يوللاپسىز

tursun 2012-06-15 15:51
تورداشلىرىمغا تەشەككۇر!     

tawpek 2012-06-15 16:56

gulhan 2012-07-01 00:58
تۈگمەس تاپشۇرۇق ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈرەك سۆزىنى ئىپادىلەپتۇ.
  تۈگمەس ناخشىنى ئىزدەپ يۈرەتتىم . رەھمەت. تەۋپىققە.

tawpek 2012-07-01 16:29
ئەقىدىنىڭ يوللاپ قويغان تۈگىمەس تاپشۇرۇقىنى بۇ دەرىسنى ئۆتكەندە ئوقوغۇچىلارغا ئوقوپ بىرىپ شىئىر يىزىش ئىستىكىگە خۇرۇچ قاتتىم.

تاما-تاما كۆل بولار دىگەن مۇشۇكەن.

تۆتتاش 2012-07-11 11:26
تۈگىمەس ناخشىغا قۇشۇلغان تۈگىمەس تاپشۇرۇقلار .نىمانداق قىزىقارلىق چىققاندۇ دەپ ئويلاپتىمەن بۇ تەخمىسنى.ئەسلىدە ئەقىدە خانىمنىڭ ئىكەندە.

ak gul 2012-07-11 11:38
تۇرمۇشىمىزدا نۇرغۇنلىغان تۈگىمەسلەر بار،شۇ تۈگىمەسلەر قاينىمىدا ئېقىپ يۈرۈشكە مەجبۇرمىز.
بۇ شېئىرلار بىر-بىرىدىن ياخشى چىقىپتۇ.ئەجرىڭلارغا بارىكاللا!

tawpek 2012-07-14 17:06
بۇ ماۋسۇمدىكى ۋىلايەتتە ئۆتكۆزۆلگەن دەرىس ئۆتۆشتىمۇ مۇشۇ دەرىس ئۆتۆلگەنتى.

مۇئەللىمنىڭ تۈگىمەيدىغان يەنە نىمىلەر بار دىگەن سۇئالىغىمۇ بىر ئوقوغۇچى <<تاپشۇرۇق>. دىگەن جاۋاپنى بىرىپ ھەممىنى كۈلدۈرىۋەتكەنتى.

زۆھرە 2012-07-21 22:31
بۇ ئوقۇغۇچىنىڭ «تۈگمەس تاپشۇرۇق خاتىرىسى»راست ياخشى يېزىلىپتۇ.

tawpek 2012-07-23 14:04


查看完整版本: [-- تۇگىمەس ناخشا --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.171194 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us