زوردۇن سابىرنىڭ يېزىقچىلىق ئادىتى ئابدۇرېشىت ئوسمان
$I}7EI
(غۇلجا شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتىن) _!_%Afz
d>k)aI
Yp
[ H|ifi
يازغۇچىلارنىڭ يېزىقچىلىق ئادەتلىرى ھەر خىل ھەر ياڭزا، بەزىلىرىنىڭ ناھايتى غەلىتە. يازغۇچى لېف تولىستوي يېزىشقا تولىمۇ جىددىي، ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلاتتىكەن. ئۇ ئەسەر يېزىۋاتقاندا، ھەر بىر سۆز ، ھەر بىر جۈملە ئۈستىدە قاتتىق باش قاتۇرۇپ ئويلىناتتىكەن . ھەمىشە بىر بەتتىن يېزىپ ، بىر بەتتىن تۈزىتەتتىكەن، يازغۇچى گوگۇل ئەسەر يېزىشقا كىرىشىش ئالدىدا ئاۋۋال جىمجىت خىيال سۇرۇپ، ئۆينىڭ ئىچىدە ئۇياقتىن - بۇياققا ماڭاتتىكەن، يېزىشنى بىر باشلىۋالسا نەچچە كۈنلەپ سىرتقىمۇ چىقماي يازاتتىكەن. يازغۇچى بالزاك ھەر كۈنى پەقەت تۆت سائەتلا ئۇخلايتتىكەن. تۈن يېرىم بولغاندا بالزاك تاتلىق ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ، يېزىقچىلىققا كىرىشىپ كېتەتتىكىن. يازغۇچى ئالېكساندىر دۇما ئەسەر يازغاندا بىر تەرەپتىن يازغاچ بىر تەرەپتىن ئەسەردىكى پېرسۇناژ بىلەن سۆزلىشەتتىكەن. يازغۇچىنى ئىزدەپ كەلگەنلەر « مەن ھازىر كېتىپ تۇراي، دۇما ئۆيدە يالغۇز چاغدا كېلەرمەن » دەپ كېتىپ قالاتتىكەن. يازغۇچى ئوستىروۋىسكى قاتتىق كېسەل بولۇپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغاندا قەلەم تۇتالماي، ئېغىز ئارقىلىق ئېيتىپ بېرىش يولى بىلەن يېزىقچىلىق قىلاتتىكەن. يازغۇچى فېلوبېر ئەسەر يېزىشقا كىرىشكەندە ئىشىكنى تاقاپ كۈنبۇيى باش كۆتۈرمەي يازاتتىكەن. يازغۇچى بېلنىسكى ئىسسىق قېنى بىلەن يېزىپ چىققان مەشھۇر ماقالە « گوگۇلغا خەت » نى ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان چاغلاردا قان قۇسۇپ تۇرۇپ يازغانىكەن. يازغۇچى دوستويېۋىسكى سەككىز يىللىق ھاشار بىلەن سىبىرىيىگە سۇرگۇن قىلىنغاندىمۇ ئۇزۇن قاراڭغۇ كېچىلەردە، غۇۋا چىراغ يورۇقىدا قەغەزنى تىزىغا قويۇپ توختىماي يازاتتىكەن، يازغۇچى ژولى ۋېرىن ئەسەر يازغاندا ۋاقىتنى ئىنتايىن قەدىرلەيتتىكەن، ئۇ ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت بەشتە ئورنىدىن تۇرۇپ تاكى كەچ سائەت سەككىزگىچە يازاتتىكەن، مۇشۇ 15 سائەت ئىچىدە ئۇ پەقەت بىر نەچچە مىنۇتلا دەم ئالاتتىكەن. يازغۇچى ھېمىڭۋاي ئادەتتە ئۆرە تۇرۇپ ئەسەر يازاتتىكەن، ئۇ : « مەن ئۆرە تۇرۇپ يازىمەن، سىڭا پۈتۈم بىلەن ئۆرە تۇرىمەن، بۇنداق تۇرۇشۇم مېنى بىر تۈرلۈك جىددىي ھالەتكە كىرگۈزىدۇ - دە، مېنى پىكىرىنى ئىمكان قەدەر ئىخچام ئىپادىلەشكە مەجبۇرلايدۇ » دېگەنىدى. p#A{.6Pa: =]F;{x يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭمۇ ئۆزىگە خاس يېزىقچىلىق ئادىتى بار. زوردۇن سابىر بىر - بىرىدىن سەر خىل ، ئېسىل ئەسەرلىرىنى قانداق يازغانىدى ؟ بۇ مەسىلە ئۈستىدە مەن يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئايالى ۋە پەرزەنتلىرى ، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى زىيارەت قىلىش، يازغۇچى زوردۇن سابىر ھەققىدە يېزىلغان ئەسلىمىلەردىن نەقىل ئېلىش ،يازغۇچى زوردۇن سابىردىن يادىكار قالغان ئۈچ دانە خاتىرە دەپتەرنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىش ئارقىلىق بۇ تېمىنى يورۇتۇشقا تىرىشتىم . fBw" )0UXTyw^ مەن يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئايالى خەلچەم ھاجىمدىن يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ يېزىقچىلىق ئادىتىنى سورىغىنىمدا، خەلچەم ھاجىم مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى : «ــ زوردۇن ئەسەر يېزىشقا كىرىشىشتىن بۇرۇن، ھەمىشە لازىملىق نەرسىلەرنى تەييار قىلىۋالاتتى ، ئۈستەلنىڭ سول قول تەرىپىگە بىر نەچچە دەستە قەغەزنى رەتلىك تىزىپ قوياتتى. ئالدىغا قەلەم بىلەن سىياھ قۇتىنى قوياتتى، ئوڭ قول تەرىپىدە خاتىرە دەپتىرىنى قوياتتى، ئەتىگەن سائەت بەشتە ئورنىدىن تۇرۇپ، يېزىشقا بىر كىرىشىپ كەتسە، چۈشتە قەلەمنى توختىتىپ، تاماق يېيىشكە تۇتۇناتتى. چۈشتىن كېيىن كۆپ ھاللاردا يېزىقچىلىق قىلمايتتى، باشقا جىددىي ئىشى بولمىسا دوست - بۇرادەرلىرى بىلەن شاھمات ئويناتتى، كەچتە ئۆيدە بالىلار بىلەن پاراڭلاشقاچ تېلېۋىزور كۆرەتتى . ھەر كۈنى كەچتە كىتاب ئوقۇيتى، مەن ئۇنىڭغا ‹ كەچتە كىتابنى ئاز ئوقۇڭ، كۆزىڭىز بەكلا ئاجىزلاپ كەتتى، ھېلىمۇ مىڭ گرادوستىن ئارتۇق كۆز ئەينەك تاقايسىز ،بۇنداق قادىلىپ كىتاب ئوقۇۋەرسىڭىز كۆزىڭىز كۆرمەس بولۇپ قالمامدۇ ؟ › دەپ كايىتتىم. ئۇ ‹ كەچتە كىتاب ئوقۇشقا ئادەتلىنىپ قاپتىمەن، كىتاب ئوقۇمىسام بىرەر ئىشىم چالا قالغاندەك ھېس قىلىمەن › دەپ جاۋاب بەرگەنىدى ». !~`aEF3 n0b{Jg * « يازغۇچى زوردۇن سابىر يېزىپ بولغان ئەسەرنى قايتىدىن تۈزىتىش، تولۇقلاش ۋە ئاققا كۆچۈرۈشكە نىسبەتەن قانداق پوزىتسىيە تۇتاتتى ؟ » دەپ سورىغان سوئالىمغا خەلچەم ھاجىم مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى : « ــ زوردۇن يازماقچى بولغان ئەسىرىگە لازىملىق ماتېرىياللارنى توپلاشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرەتتى، ئالدىراپ قولىغا قەلەم ئالمايتى، ئۇ يازماقچى بولغان ئەسىرىنىڭ ۋەقەلىكى ۋە قۇرۇلمىسىنى كاللىسىدا ئۇبدان پېشۇرۇپ، قانائەت ھاسىل قىلغاندىن كېيىن قولىغا قەلەم ئالاتتى، ئادەتتە بىر ئولتۇرۇشىدىلا ئەسەرنى يېزىپ پۇتتۇرۋىتەتتى. ناۋادا يېزىپ بىر يەرگە كەلگەندە توختاپ قالسا ھەرگىز زورۇقۇپ يازمايتى، قەلەمنى شۇ جايدىلا توختىتىپ يەنە ئەسەر ھەققىدە ئويلىناتتى. قاچان كاللىسىدا يازماقچى بولغان پىكىر پىشسا ئاندىن يازاتتى. يازغان ئەسەرلىرىنى ئالدىراپ ئۆزگەرتمەيتى، ئەسەر ئارگىنالىمۇ ناھايتى پاكىز، رەتلىك ئىدى، شۇڭا يازغان ئەسىرىنى قايتىدىن ئاققا كۆچۈرمەيتتى، ئاشۇ بىرىنچى قول ئەسەر ئارگىنالىنىلا مەتبۇئاتلارغا يوللايتتى » . N**"u"CX rnQ9uNAu يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ بۇ خىل يېزىقچلىق ئادىتى ھەققىدە ئەدىب ماخمۇت مۇھەممەت « قەلبىمدىكى زوردۇن سابىر » ناملىق ئەسلىمە كىتاب ( شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2000- يىل نەشىرى، 45-52- بەتلەر ) دا مۇنداق دەپ يازىدۇ : « ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيتى 1974- يىلىنىڭ ياز ئايلىرىدا غۇلجىدا ئويۇشتۇرغان سېمنارىيە خاراكتېرلىك ئەسەر تەشكىللەش ، مۇھاكىمە يىغىنى ئاچتى . ئۇستازىم بىلەن بىر ھەپتە ياتاق، تاماقتا بىللە بولۇپ، ئاجايىپ قىزىق، مەنىلىك پاراڭلىرىنى قانغۇچە ئاڭلىغانىدىم ۋە ئۇنىڭ يېزىقچىلىق ئۇسۇلىنىمۇ تۇنجى قېتىم نەق مەيداندا كۆرگەنىدىم. ..... كۆڭۈللۈك بۇ يىغىنغا ئاتاقلىق شائىرىمىز مەرھۇم تېيىپجان ئېلېيۇف ، ئابدۇكىرىم خوجايوف، پەتتارجان مۇھەممىدى، ئابدۇشۇكۇر تۇردى، خەنزۇ يازغۇچىسى ۋاڭ يۇيفۇ قاتارلىقلار ئالاھىدە ئۈرۈمچىدىن كېلىپ ئىشتىراك قىلدى... شۇ كۈنلەردە زوردۇن سابىر ، ئابدۇراخمان قاھار، تۇرسۇنمۇھەممەت ئىمىن، تۇرسۇن ياسىن، ئابلىز ھوشۇر، جاۋجىگۇ ۋە مەن قاتارلىق ئىلى ئاپتۇرلىرى يانداش ئىككى ياتاقنى ئىگىلەپ ئۆزىمىزنىڭ ئىزدىنىش خاراكتېرلىك ئەسەرلىرى ئۈستىدە بىللە ئىشلىگەنىدۇق. بۇ ئەدەبىي ئىجادىيەت يىغىنى بىر نەچچە كۈنلۈك ئەمەلىي ئىجادىيەت ۋەزىپىسى بىلەن تۈگەللەندى. ئەمەلىي ئىجادىيەت مەزگىلى بىزنىڭ ئەڭ جىددىي ، ئېغىر – بېسىق كۈنلىرىمىز بولدى. مەن بۇ كۈنلەردە بىر نەچچە يېڭى شېئىرلىرىمنى يېزىشتىن باشقا، ئاساسلىقى ‹سەيغىندۇلادا باھار› دېگەن چوڭراق ھەجىملىك ھېكايەم ئۈستىدە كاللا قاتۇردۇم، ئابدۇراخمان ئاكىمۇ يېڭىدىن بىر ھېكايە يازدى، شېۋە مىللىتىدىن بولغان ئۇيغۇر تىلىدا ئەسەر يازىدىغان جاۋجىگۇ خېلىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان ‹ يېشىل مايسىلار › ناملىق ھېكايىسىنى يېزىپ تاماملىدى .... بىز جىددىي ئەسەر ئىجادىيتى بىلەن مېىڭىمىزنىڭ قېتىقى چىققۇدەك ئويلىنىپ، شىرىلدىتىپ بىر نېمىلەرنى يېزىپ، يەنە ئۆچۈرۈپ،ئۆز ئارا نېمىلەرنىدۇر مەسلىھەتلىشىپ ئولتۇرغان بىر نەچچە كۈنلەر داۋامىدا زوردۇنكام خۇددى ئىلگىركى كۈنلەردىكىدەكلا پەرۋاسىز، خۇش چاقچاق ھالدا چاقچىقىنى قىلىپ، دۇتارىنى چېلىپ، ناخشىسىنى ئېيتىپ ، پاراڭنى دوڭ سوقۇپ يۈرىۋەرگەنىدى. 3Gt@Fo= 3Y=uBl ـــ ھەي، زوردۇن، ھەي، يازمامسىزۇي، يېگەن جىڭمۇمىغا لايىق ئىش بولسۇن - دە! -دەپ جاۋ جېگۇ چاقچاق قىلدى زوردۇنكامغا. t'*2)U
T;#:Y ـــ يازىمىز ، ۋاھ يازمىغاندا !- زوردۇنكام قىزىقچىلىق قىلىپ يەڭلىرىنى شۇمۇدەكلەپ، ھېلىلا كەتمەن چاپىدىغاندەك ئەلپاز كۆرسەتتى، - سىلەر ياتاقنى بىكار قىلمامسىلەر باشتا، ھەر قايسىڭلارنى قارىتىپ قويۇپ بىر يازىمەنكى .... `! _mIh} [cT7Iqip
ـــ زوردۇننىڭ تەييار ھېكايىسى بار جۇمۇ ! - دېدى ئابدۇراخمان قاھار ئاكا زوردۇنكام ياتاقتا يوق چاغدا، - بولمىسا ئۇنداق يۇرمەيدۇ، ئەمما لېكىن يېزىۋىتىدۇ ! G&#l3bkQ -9yWf8; ئەمەلىي ئىجادىيەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى ئەتىگەنلىك تاماقتىن قايتىپ ياتاققا كىرگىنىمىزدە، بىزدىن بالدۇراق قايتىپ كىرىۋالغان زوردۇنكام ئالدىغا يىغىن خادىملىرى تارقىتىپ بەرگەن بىر توپ ئارگىنال قەغىزىنى قويۇۋېلىپ قەلىمىگە سىياھ ئىچكىزدى - دە، بىزگە ئېلان قىلدى: ــ خوش ! مانا ئەمدى بىز ئىشقا كىرىشىپ كەتتۇق جۇمۇسلا، دەخلى قىلىشمىغايلا ! `sM^m`yE .1h1J ئۇنىڭ قىزىق پارىڭىدىن ھەممىمىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق، زوردۇنكام بولسا بۇ قېتىم كۈلمەستىن ، ئارگىنال قەغىزىگە دانىمۇ دانە قىلىپ ‹ باھار بۇۋاينىڭ كۈنلىرى ›دېگەن خەتلەرنى يازدى. ئاستىغا ئىسكوپكا ئېچىپ ( ھېكايە ) دەپ يازدى، ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەنرەككە ، ئوڭ چەتكە ئىسىم - فامىلىسىنى يېزىپ قويدى. مەن بولسام، قىزىقىپ ئۇنىڭ يېنىدا ئۆرە پېتىمچە ئۇستازىمنىڭ ھەركىتىگە نەزەر سېلىپ تۇراتتىم، ئۇ ئالدىرىماي - تېنىمەي ھېكايىنىڭ بىرىنچى جۈملىسىنى يازدى. ئۆزىگىلا خاس تىل ۋە پوچۇركىسى بىلەن داۋامىنىمۇ قەغەزگە چۈشۇردى. g&d
tOjM ^A$p)`KR چۈشلۈك تاماققىچە ۋە چۈشتىن كېيىنمۇ ئۇ جىمجىت ئولتۇرۇپ يېزىشنى داۋاملاشتۇردى. بىزمۇ كېيىنچە ئۇنىڭغا ھالاقىت بەرمەيلى دېگەندەك قوشنا ياتاققا چىقىپ كەتتۇق. كەچلىك تاماققا ئاز قالغاندا ، زوردۇنكام نىھايەت چاقچاققا ئېغىز ئاچتى : mH7Mch|
m ?#
VkzT ــ ئالە مەھمۇت ھېكايەڭنى، قىچار ئابدۇشۇكۇرنى، ھىم! - جىددىي، مۇشەققەتلىك بىر كۈنلۈك ئەمگەكتىن كېيىن ئۇنىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ ، قولىدا ئوتتوز - قىرىق بەتچە كېلىدىغان سۇۋارى، رەتلىك يېزىپ چىقىلغان، بىر بەتتە بىر يېرىمۇ ئۆچۈرۈلمىگەن يېڭى ھېكايىسى تۇراتتى». 7hl,dtn
7 .{66q#. ئەدىب ئابلەت ئابدۇللا « تەڭرىتاغ » ژۇرنىلىنىڭ 2011- يىللىق 4- سانىدا ئېلان قىلغان « ئۇلۇغ قەرزدار، ئۇلۇغ يازغۇچى زوردۇن سابىر » ناملىق ماقالىسىدا يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ يېزىقچىلىق ئادىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ : ]B9Ut&mF; UN7J6$!Cx7 « مەن ئۇنىڭدىن قايسى ۋاقىتلاردا يازىدىغانلىقىنى سورىغىنىمدا: ("
ulL5 qo5WZ
be ـــ ھەر كۈنى سەھەر سائەت بەشتە ئورنۇمدىن تۇرىمەن، چۈشكىچە يازىمەن، چۈشتىن كېيىن دەم ئالىمەن، كىتاب ئوقۇيمەن، شاھمات ئوينايمەن، پاراڭلىشىمەن، - دېدى » . dEWI8Q] 8^av&u$ يازغۇچى زوردۇن سابىر ئەسەر يېزىشقا تولىمۇ جىددىي، ئەستايدىل مۇئامىلە قىلاتتى. ئۇ ئەسەر يېزىش ئويىغا كەلگەن ھامان تۇرمۇش ماتىرىياللىرىنى ئىنچىكە كۈزىتىشكە تولىمۇ ماھىر ئىدى. يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئاكىسى نۇرۇم سابىرنىڭ قىزى نۇربانۇم نۇرۇم « دادام ۋە مېنىڭ خاتىرەمدىكى زوردۇن سابىر » ( « ئىلى تارىخ ماتىرىياللىرى » 14- قىسىم كىتاب، 252- بەت ) ناملىق ماقالىسىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ :« ھېلىمۇ ئېسىمدە بىر ياز مەزگىلى ئىدى، تاماق ئاللىقاچان تەييار بولغان بولسىمۇ، كىچىك دادام ( زوردۇن سابىر ) نىڭ قارىسى ھېچ يەردە كۆرۈنمەي قالدى. دادام مېنى كوچىغا چىقىپ ئىزلەپ بېقىشقا بۇيرۇدى، مەن كوچا دوقمۇشىغا بېرىپ ھەيرانلىقتا تۇرۇپلا قالدىم . چۈنكى كىچىك دادام يول بويىدىكى بىر چىملىقتا بەدەشقان قۇرغىنىچە گويا قاتۇرۇپ قويغان ئادەمدەك ئۈنسىز ئولتۇراتتى. ئالدىدىكى توپىلىق يولدىن بولسا بىر توپ كالا پادىلىرى ئاپئاق توپا توزىتىپ ئۆتىۋاتاتتى. ئۇ بىردە كالا پادىلىرىغا ، بىردە پادىچىنىڭ تۇرقىغا سىنچىلاپ قارايتتى، مېنىڭ گېپىم قۇلىقىغا كىرەر ئەمەس ئىدى، مەن قايتىپ كىرىپ كۆرگەنلىرىمنى دادامغا ئېيتتىم . دادام : ‹ مەن ئۇنىڭ مىجەزىنى ئوبدان بىلىمەن، ئۇ بىرەر ئەسەر يېزىشقا تۇتۇش قىلىۋاتقان ئوخشايدۇ، ئۇ ئۇنداق ۋاقىتلاردا ھەممىنى ئۇنتۇپلا قالىدۇ. زوردۇن بەلكىم كالىغا مۇناسىۋەتلىك بىرەر نېمە يازسا كېرەك ! - دېدى. مەن دادامنىڭ گېپىگە ئانچە ئىشەنمىدىم ۋە : ‹ بىرەر ئەسەر يېزىش ئۈچۈن پاكىز كىيىملەر بىلەن توپىغا مىلىنىپ يۈرمەس، كىچىك دادام تازلىققا بەك دىققەت قىلاتتىغۇ ؟ › دېگەننى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۇم. ئۇزۇن ئۆتمەيلا دادامغا ‹ تارىم › ژورنىلىنىڭ بىر سانىنى ئەۋەتىپتۇ. ئېچىپ قارىساق كىچىك دادامنىڭ ‹ ئاخىرقى پادىچى › دېگەن ئەسىرى ئېلان قىلىنغان ئىكەن. بۇ ئەسەردە بىزنىڭ مەھەللىدە ئۇزۇن يىل كالا باققان بىر پادىچىنىڭ ئىشلىرى تەسۋىرلەنگەنىدى ، شۇ كۈندىن ئىتىبارەن كىچىك دادامغا بولغان قايىللىقىم ھەسسىلەپ ئاشتى » . ?s5hckhh
v{*# بۇ ھەقتە يەنە ئەدىب غۇجاخمەت يۇنۇس « زوردۇن سابىر ھەققىدە ئۈچ قىسقا ئەسلىمە » ناملىق ماقالىسىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: « ..... بىز ئولتۇرغان ئاپتوموبىل غۇلجا شەھەردىن ئەتىگەن سائەت تۆت يېرىمدا يولغا چىقىپ ، دۆڭمازارغا بارغاندىن كېيىن ئوڭ تەرەپكە بۇرۇلۇپ ماڭدى. بۇ چاغدا ئەتىگەن سائەت ئالتىدىن سەل ئاشقان بولۇپ ، قۇياش ئەمدىلا چىققان ئىدى . يولنىڭ ئىككى يىقىغا جايلاشقان ھويلىلارنىڭ ئىشىك ئالدىدا قاپاق چۆمۈچ سىلىنغان چىلەكنى يىنىغا قويۇپ قويغان، قولىغا چىغ سۈپۈرگە ئالغان قىز - چوكانلار ياغلىقىنى چېكىدىن چۈشۈرۈپ تاڭغان پېتى ئىشك ئالدى ۋە ھويلا ئىچىنى سۈپۈرمەكتە ئىدى. ئىلى يېزىلىرىنىڭ ئۆزىگە خاس بۇ ئالاھىدىلىكىگە زوقلىنىپ قاراپ يولىمىزنى داۋاملاشتۇردۇق. بىر چاغدا يولنىڭ ئوڭ تەرىپىنى ياقىلاپ ئۇياق- بۇياققا قاراپ ئالدىرماي كېتىۋاتقان يالغۇز بىر ئادەم يىراقتىن كۆزىمىزگە چېلىقتى. ئۇ ئادەمگە يېقىنلاپ كەلگەندە ئاپتوموبىل ئەينىكىدىن قارىسام ، بۇ ئادەم زوردۇن سابىر ئىكەن، بىز ئاپتوموبىلنى توختىتىپ يەرگە چۈشتۇق - دە، زوردۇن سابىر بىلەن كۆرۇشۇپ تىنىچ -ئامانلىق سوراشتۇق.ئۇ بىزدىن قاياققا كېتىۋاتقانلىقىمىزنى سورىدى، بىز يېڭتامغا كېتىۋاتقانلىقىمىزنى دېدۇق . QzX|c&&>u2 `w/`qG:dK ـــ مۇنداق قاق سەھەردە نەگە كېتىتۋاتىسەن ؟ - دەپ سورىدىم نۆۋىتى كەلگەندە ئۇنىڭدىن |XoW
Z,K YQ#o3sjs ـــ سەھرانى ئارىلاپ بولمامدۇ، - دېدى ئۇ . sqP (1|9 #JIh-h@ ـــ ئەمسە ئاپتوموبىلغا چىقىۋال، بارىدىغان يېرىڭگە ئاپىرىپ قويايلى. IW-lC{hK yttIA/ ــ ياقەي، ‹ مەپىگە چۈشكەن بىلەن ھېچنەلەر كۆرۈنمەيدۇ › دېگەن قوشاقنى ئاڭلىمىغانمۇ ؟ مەن ‹ كوڭكاڭ › غا چۈشسەم، سەھرا مەنزىرلىرىنى كۆرەلمەي قالىمەن.
tp3]?@0 m C&*K ـــ ئۆزۈڭ سەھرادا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن تۇرساڭ، - دېدى مىجىت ئوسمان، - كېچىكىڭدىن تارتىپ كۆرۈپ كېلىۋاتقان سەھرانىڭ يەنە نېمىسىنى كۆرىسەن ؟ v"N%w1`.e 98x&2(N ـ بۇ دېگىنىڭغۇ راست، - دېدى زوردۇن ، - سەن بىلەن مەن كېچىكىمىزدىن تارتىپ سەھرانى كۆرۈپ كېلىۋاتىمىز. بىراق ، مېنىڭ ھازىر سەھرا مەنزىرلىرىنى ئىجادىيەتكە ئىلھام تېپىش ۋە تۇرمۇش دېتاللىرىنى توپلاش ئۈچۈن كۆرىمەن، سەھرادىكى ئۆزگىرىشلەرنى، بولۇپمۇ ئادەملەرنىڭ روھىي ھالىتى، كۆز قارىشىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئىگىلەيمەن، بۇ تۇرمۇشنى شەھەردىن تاپقىلى بولمايدۇ . W|e$@u9 vjz*B$ ــــ سەپىرىڭ قەيەردىن باشلاندى؟ - مەن سورىدىم ئۇنىڭدىن، - قەيەردە ئاخىرلاشماقچى ؟ -SGoE= k
9Xv@v ــ دۆڭمازادىكى ئاكامنىڭ ( نۇرۇم سابىرنى دېمەكچى ) ئۆيىگە چىققانىدىم، شۇ يەردىن پىيادە ئارىلاپ كېلىۋاتىمەن-دېدى ئۇ ، - پۈتۈم تالغان، قورسىقىم ئاچقانغا قەدەر ماڭىمەن، ئاندىن بىر دېھقاننىڭ ئۆيىگە كىرىپ ناشتا قىلغاچ بىردەم پاراڭلىشىپ، كەلگەن يولۇم بىلەن قايتىمەن..... Ns}
BE H "0ZBPp1q ئۇنىڭ ‹ سەھەرچى › ناملىق ھېكايىسىنى ئوقۇغىنىمدا ،1974- يىلى كۈزدىكى بىر سەھەردە سەھرا يولىدا قىلغان سۆھبىتىمىز ئىختىيارسىز كۆز ئالدىمغا كەلدى ...»( ماخمۇت مۇھەممەت : « ئابرال ئوغلى » ناملىق كىتاب، شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى، 2011- يىل نەشىرى، 265-266- بەتلىرى ) /3`(Ki{
Q U6/$CH يازغۇچى زوردۇن سابىر ئەدەبىي ئىجادىيتىدە ھېكايىنى كۆپ يازغان. ھەر قايسى گېزىت -ژۇرنال تەھرىر بۆلۈملىرىنىڭ مۇھەررىرلىرى يازغۇچى زوردۇن سابىردىن ئەسەر سوراپ بەزىدە تېلېفون قىلسا، بەزىدە ئۆيىگە كېلىپ پۇتكەن ئەسەرلىرىنى ئېلىپ كىتەتتى. ھەتتا بەزىلەر ئالدىن ئەسەر زاكاس قىلاتتى. شۇڭا زوردۇن سابىر بىر قىسىم گېزىت - ژۇرنال مۇھەررىرلىرىنىڭ تەلىپىنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن تىرىشىپ - تىرمىشىپ ناھايتى جىددىي ھالدا ھېكايە ئىجادىيتىگە كىرىشىپ كەتكەن. بەزىدە بىر قانچە ھېكايىنى تەڭلا باشلاپ يېزىشقا مەجبۇر بولغان . 2:4:Q[{A aViZKps`m بۇ ھەقتە ئەدىب ماخمۇت مۇھەممەت « قەلبىمدىكى زوردۇن سابىر » ( شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى، 2000- يىل نەشىرى ، 58- ، 62- بەتلەر ) ناملىق ئەسلىمە كىتابىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ : « 1983- يىلى ‹ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى باھالاش، مۇكاپاتلاش › يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغانىدى. مېنىڭ ‹ ھېسام چاقچاقلىرى › ناملىق كىتابىمنىڭ 1- قىسمى 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بولۇپ، ئەسىرى مۇكاپاتلانغان غۇجاخمەت يۇنۇس ئاكا ئىككىمىز بىللە غۇلجىدىن يولغا چىقتۇق.... مۇكاپاتلاش يىغىنى ئاياغلاشقاننىڭ ئەتىسى غوجاخمەتكام ئىككىمىز چۈشلەرگە تاقاپ زوردۇنكامنىڭ ئۆيىگە يول ئالدۇق .... ئارىلىقتا زوردۇنكام يېزىق ئۈستىلىنىڭ تارتمىسىدىن بىر دەستە قەغەزنى ئېلىپ، ئۇنىڭ ئارىسىدىن قايسىدۇر قوليازمىنى ئايرىپ، غوجاخمەت يونۇسقا كۆرسەتتى. شۇ ئارىدا مېنىڭ دېققىتىمنى شىرە ئۈستىدە چېچىلىپ ياتقان قەغەزلەر ئارىسىدىكى تۆت توپ ئارگىنال قەغىزى تارتتى. ھەر بىر توپ قەغەزدە بىر ھېكايە باشلانغان بولۇپ، گاھىسى جىقىراق، گاھىسى ئازىراق يېزىلغان، ھېچقايسىسى ئاياقلاشمىغانىدى. ھېكايىلەرنىڭ ئىسىملىرى مۇنداق ئىدى : ‹ قەرزدار ›، ‹ ھۆرمەت ئازابى › ، ‹ قوبۇلغانىدا › ، ‹ يولدا › . 41Nm+$m @7j$$ ـــ ھە، قانداق مەھمۇت ، ئەدەبىي مۇزدۇزمىكەنمەن ؟ - نېرىقى ئۆيدىن چاي كۆتۈرۈپ كىرگەن زوردۇنكام قولۇمدىكى ئارىگىناللارنى كۆرۈپ، قىزىقچىلىق قىلدى. (- QvlpZ op|x~Thf ـــ يازماقچى بولغان ھېكايىلىرىمنىڭ ھەممىسىنى بىر يوللا ، ئايرىم - ئايرىم قىلىپ باشىلىۋالىمەن . قايسىسىغا ئىلھام كەلسە تارتمىدىن شۇنى شارتتىدە ئېلىپ ، يازىۋىرىمەن ». 5va ;Ol4 *7 >K"j
dzZ75 w@ =Uf7
زوردۇن سابىرنىڭ ئىجادىيەت « قامۇسى » H:
M;H=0
يازغۇچى زوردۇن سابىر كۈزىتىشكە ماھىر ۋە يېزىشتا ھارمايدىغان ئىجتىھاتلىق ، قەيسەر يازغۇچى ئىدى.يازغۇچى زوردۇن سابىر ئادەتتە خاتىرە دەپتىرىنى ئايرىمايدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرگەنىدى.بۇ خاتىرە دەپتەرلەر ھەقىقەتەن يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شوغۇللىنىشتىكى « قامۇسى »ئىدى. بۇ خاتىرە دەپتەرلەر زوردۇن سابىرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى مول ، جانلىق ماتېرىيال ۋە تېما بىلەن تەمىنلەيتى. ئۇ ھەرۋاقىت ، ھەرجايدا كۆرگەن ، ئاڭلىغانلىرىدىن لازىملىق دەپ بىلگەنلىرىنى ئاشۇ خاتىرىسىگە يېزىۋالاتتى. بۇ ھەقتە يازغۇچى زوردۇن سابىر ئۆزىنىڭ « تالانت ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە نادىر ئەسەر يارىتىش توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم » ( «شىنجاڭ گېزىتى » 1996- يىل 5- ئاينىڭ 31- كۈنىدىكى سانى ) ناملىق ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ: « ..... مەن چىرايلىق جۈملە بىلەن يېڭى ئاتالغۇ ئاڭلىساملا خاتىرىلىۋالىمەن . مېنىڭ مەكىت ، خوتەن ، تۇرپان ، قومۇل ، غۇلجا قاتارلىق جايلىرىنىڭ شېۋىلىرى ۋە چىرايلىق جۈملىلەر بىلەن تولغان ئون نەچچە دەپتىرىم بار . مەن بۇ دەپتەرلىرىمدىن پايدىلىنىمەن ». بۇ ھەقتە يەنە تۇردى داۋۇت « ئۇ مەڭگۈ ھايات » ناملىق ئەسلىمە ( « ئىلى تارىخى ماتىرىياللىرى » ، 11- قىسىم كىتاپ ، 260- بەت ) دە مۇنداق دەپ يازىدۇ: « .... ئارىمىزدىكى ناخشىچىمىز سىدىق بەكرى بىر يۈرۈش ئىلى خەلق ناخشىلىرىدىن ‹ كۆچ - كۆچ › ناخشىسىنى ئىيتىپ بەردى. ئۇ ‹ كۆچ - كۆچ › ناخشىلىرىنىڭ I gT~Yn~~b ‹چۆللەرگە چىقىپ كەتتۇق ، )j>BvO c/G]r|k چۆلنىڭ بۆرىسى باردۇر . WMLsKoby _Q1[t9P" كۆچۈپ كۆنمىگەن ئەلنىڭ ، CsND:m PV_q=70%T قىرى - چۆرىسى باردۇر . › N=oWIK<;- ny]R,D0 دېگەن مىسرالىرىنى ئېيتقاندا زوردۇن سابىر ئاكا كىچىك خاتىرىسىنى ئېلىپ خاتىرىلىۋالغانىدى. pGO)9?j_N :sY pZX1 ـــ بۇ مېنىڭ ئادىتىم، خاتىرىنى يېنىمدىن ئايرىمايمەن، سىلەر باشقىچە ئويلاپ قالماڭلار، - دەپ ئىزاھات بەردى. مەن قەدىرلىك يازغۇچىمىزنىڭ تۇرمۇش ئۆگىنىشتىكى ئەستايىدىل ئېستىلىغا كۆڭلۈمدىن ئاپرىن ئوقۇدۇم ھەم تولىمۇ قايىل بولۇپ، ئۆزۈمگە ئۆرنەك قىلىشنى نىيەت قىلدىم.... » };:+0k/ c9eLNVM يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ مانا مۇشۇنداق ئۈچ پارچە خاتىرە دەپتىرى ھازىر « زوردۇن سابىر خاتىرە ئۆيى » دە ساقلىنىۋاتىدۇ. مەن مۇشۇ ماقالىنى يېزىش جەريانىدا بۇ ئۈچ پارچە خاتىرە دەپتەرنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم . بۇ ئۈچ پارچە خاتىرە دەپتەرنىڭ بەزى بەتلىرى ئۇيغۇرچە، بەزى بەتلىرى خەنزۇچە يېزىلغان. يازغۇچى زوردۇن سابىر بۇ خاتىرە دەپتەرلەردىن ئۆز ئەسەرلىرىدە قانداق پايدىلانغان ؟ d/k70Ybk #0WGSIht< 1- خاتىرە دەپتەر : قىزىل سولياۋ تاشلىق مۇخبىرلىق خاتىرىسى ، جەمىئي 31 بەت يېزىلغان . بۇ خاتىرە دەپتىرىنىڭ بىرىنچى بىتىگە يىڭى يېزىقچە « ZORDUN.SABIR» دەپ ئۆز ئىسىم - فامىلىسىنى يېزىپ قويغان. بىر بەتتە « قۇياش ۋەھىمىسى » ناملىق ھېكايىنىڭ ماۋزۇسى ۋە بۇ ھېكايىنىڭ تۆت قۇر تېزىسى يېزىلغان. يەنى مۇنداق : « ماشىنا توختىدى، بىر زىيالى، بىر سودىگەر، بىر دىندار، يەنە بىر قانچە ئىچكىرىدىن كىرگەنلەر، بىر چەت ئەللىك بار، خىلمۇ خىل مۇلاھىزە، بىر ماشىنا ياندىلا توختايدۇ، لېكىن ماي بەرمەيدۇ » ، يەنە بىر بەتتە غۇلجا ناھىيە بايتوقاي يېزا چىغلىق مازار كەنتى ۋە چىغلىق مازار ھەققىدىكى ئۇچۇرلار خاتىرلەنگەن. يەنە بىر بەتتە يېزا ياشلىرىنىڭ ئەخلاقىدىكى ناچار ئىللەتلەر ھەققىدىكى مۇھاكىمىسى يېزىلغان. مەسلەن:« ياشلار ھە دېسىلا ھەشەمەتلىك تۇرمۇشقا قىزىقىپ ئۆيلىرىدىن قاچىدۇ. ئۈرۈمچىگە ، گۇۋاڭجۇغا قاچقانلار خېلى كۆپ، ھاراق ئېچىپ سوقۇشىدۇ، تاياق يەپ نەچچە كۈنلەپ ياتىدۇ، سەلىمنىڭ ئوغۇللىرى پۇل ئۈچۈن دادىسىدىن يامانلايدۇ، قاچىدۇ. قىزلىرىمۇ شۇنداق يېزا ياشلىرىنىڭ ئەخلاقىدا ياتلىشش ئېغىر، ئوقۇمايدۇ، مەدەنىيەتكە قىزىقمايدۇ، كىتابخانا، مەدەنىي ئويۇنخانا يوق، ھېچنىمە يوق ، يامان ئىشلار كۆپ » . jx3J$5 E26zw9d 2- خاتىرە دەپتەر : يېشىل قەغەز تاشلىق كىچىك خاتىرە دەپتەر، جەمئىي 53 بەت يېزىلغان. بۇ خاتىرە دەپتەرنىڭ ئىچ مۇقاۋىسىغا « 祖尔东 » دەپ خەنزۇچە ئىسمى يېزىلغان. بۇ خاتىرە دەپتەرنى يازغۇچى زوردۇن سابىر 1987- يىلى 10- ئايدا غەربىي گىرمانىيىگە بارغاندا يازغان. بەزى بەتلەر ئۇيغۇرچە، بەزى بەتلەر خەنزۇچە يېزىلغان. بۇ خاتىرە دەپتەردە ئاساسلىقى نېمىس تىلىدىكى بىر قىسىم سۆزلۈكلەر ۋە دىئالوگلارنىڭ تەلەپپۇزى ھەم مەنىسى بويىچە سېلىشتۇرۇپ يېزىلغان. يەنە بۇ خاتىرىدە زوردۇن سابىرنىڭ غەربىي گىرمانىيىدىكى ئاڭلىغان – كۆرگەنلىرى ناھايتى تەپسىلى خاتىرلەنگەن. يازغۇچى زوردۇن سابىر مانا مۇشۇ خاتىرە دەپتىرىدىكى ماتىرىياللار ئاساسىدا چەت ئەل تۇرمۇشىدىن يېزىلغان«سىزىق ئادەملەرگىلا » ، « ئىشسىزلار تېخىمۇ ئىشچان » ناملىق ھېكايىلىرىنى ۋە « ياۋرۇپاغا سەپەر » ناملىق زىيارەت خاتىرىسىنى يېزىپ چىققان. 1FCHqqZ= R3;,EL{H& 3- خاتىرە دەپتەر : قارا خۇرۇم تاشلىق سىرىتمىلىق چوڭ خاتىرە دەپتەر ، جەمئىي 69 بەت يېزىلغان. بۇ خاتىرە دەپتەرنى يازغۇچى زوردۇن سابىر 1984- يىل بېشىدىن تاكى 1993- يىل ئاخىرغىچە يازغان. بەزى بەتلەر ئۇيغۇرچە، بەزى بەتلەر خەنزۇچە يېزىلغان. بۇ خاتىرە دەپتەردە ئاساسلىقى يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ جاي – جايلىرىدىكى شەھەر، ناھىيە، يېزا( كەنت ) لەرگە تۇرمۇش ئۆگەنگىلى بارغان چاغدىكى كۆرگەن- بىلگەنلىرى ۋە ئاڭلىغانلىرى ناھايتى تەپسىلى خاتىرلەنگەن. يازغۇچى زوردۇن سابىر مانا مۇشۇ خاتىرە دەپتەردىكى ماتىرىياللار ئاساسىدا « ئېھ ، توپىلىق يول » ، « بۇركۇت » ، « بوش كەلمە تۇرپانلىق » ، « جىگدىلەر پىچىرلايدۇ » قاتارلىق نادىر ھېكايىلىرىنى يازغان . K|q5s]4I [=})^t?8 ئوقۇرمەنلەر يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغاندا، ئەسەردە يارىتىلغان تېپىك پېرسۇناژ ۋە تېپىك ۋەقە - مۇھىتنىڭ خۇددى ئۆزى كۆرگەن ئادەم ۋە ئىشلار بىلەن ئۇچرىشىۋاتقاندەك ئىنتايىن يېقىملىق ھېس قىلىشىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى ، يازغۇچى زوردۇن سابىر ئەسەرلىرىدىكى يارىتىلغان تېپىك پېرسۇناژ ۋە تېپىك ۋەقە – مۇھىتلار كەڭ ئىجتىمائىيلىققا، يۈكسەك يىغىنچاقلىققا ئىگە بولۇپ، ئەسەرلىرىنىڭ تۇرمۇش ئاساسىي ناھايتى كۈچلۈك، يارىتىلغان پېرسۇناژلار رېئال ئىجتىمائي تۇرمۇشتىكى راست ئادەم ( پروتوتىپ ) لەرنى ئاساس قىلغان. "G^Z>Z-` M x/G^yO9 يازغۇچى زوردۇن سابىر بارغان - تۇرغان يەرلىرىدە بىرەر يات كىشى بىلەن سۆھبەتلەشسىلا ئۆزىنىڭ ئاشۇ ناتۇنۇش كىشى توغرىسىدىكى ئەڭ دەسلەپكى تەسىراتلىرىنى، سۆھبەت مەزمۇنلىرىنى قىلچە بىپەرۋالىق قىلماستىن ئەستايىدىل، تەپسىلى خاتىرىلىۋالاتتى. ئۇ مۇشۇنداق خاتىرە كەلگۈسىدىكى ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئەسقاتىدۇ ، دەپ قارايتتى. بۇ سۆزىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ئەدىب ماخمۇت مۇھەممەتنىڭ « قەلبىمدىكى زوردۇن سابىر » ناملىق ئەسلىمە كىتابىدىن مۇنۇ نەقىلنى ئالايلى : « ...... 1986- يىلى خۇتەندە ئېچىلغان يېزا تېمىسىدىكى ئەسەرلەر سۆھبەت يىغىنى ، مەن ئۈچۈن ئالاھىدە ئۇنتۇلماس بىر ئەسلىمىدۇر ...... خۇتەندىكى كۈنلەردە زوردۇنكامنىڭ ياتىقى ھەمىشە ئاۋات بولۇپ تۇراتتى، يىغىن قاتناشقۇچىلىرىمۇ، نە – نەلەردىن ئالايتەن كەلگەن خۇتەنلىك ئاپتۇر، ھەۋەسكارلارمۇ ئۇنىڭ مەزمۇنلۇق، ئۇچۇر، بىلىمگە باي، يەنە كېلىپ قىزىقارلىق سۆزلىرىنى ئاڭلاشقا خۇشتار ئىدى. ئۇ قايسى تېمىدىن گەپ ئاچمىسۇن ئادەمنى قايىل قىلارلىق ھالدا سۆزلەيتتى. _M;n.?H
78=a^gRB ..... خۇتەندە تۇتقان خاتىرەمدە ئۇنىڭ قىلغان سۆزلىرىدىن كەلگەن پارچە – پۇرات خاتىرىلەر ھېلىمۇ ساقلانماقتا ....... ‹ خاتىرە يازغىن، زېرىكمەي، ئۇچرىغاننى يازغىن ، يېزىقچىلىققا ئولتۇرغان چېغىڭدا ساڭا ھېچنىمە ياردەم قىلالمايدۇ، پەقەت كاللاڭدا قېپقالغان ئەسلىمىلىرىڭ بىلەن ئاشۇ قالايمىقان بىر نېمىلەر بىلەن تولغان خاتىرەڭلا ئەسقاتىدۇ ....› » ( 77- ، 78- بەتلەر ) يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ خاتىرە دەپتەرلىرىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جاي - جايلىرىغا بېرىپ تۇرمۇش ئۆگەنگەندە ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى كىشلەر بىلەن قىلىشقان سۆھبەتلىرىنىڭ يازما خاتىرىسى ناھايتى كۆپ. Xjy5Yj
>TB"Ez09 يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئاكىسى نۇرۇم سابىر بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ : « ئىنىم خەلق بىلەن ئىچقۇيۇن- تاشقۇيۇن ئىدى، ئۇنىڭ ‹ قۇشنىلار › ، ‹ ۋاپادارلىق › ، ‹ ئاخىرىقى پادىچى › ، قاتارلىق ئەسەرلىرىنىڭ ماتىرىيال مەنبەسى مۇشۇ مەھەللىدىن ئېلىنغان. شۇڭا تا ھازىرغىچە مەھەللىمىزدىكى بەزى كىشلەرنىڭ ئۆز ئىسىملىرى بىلەن ئاتالماي، شۇ ئەسەردىكى پېرسۇناژلارنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىلىدىغانلىقى سۆزىمىزنىڭ دەلىلى » ( نۇربانۇم نۇرۇم : « دادام ۋە مېنىڭ خاتىرەمدىكى زوردۇن سابىر » ، « ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى 14- قىسىم كىتاب 247- بەت »
9BZyCz BHNcE*U}@? بۇ ھەقتە يەنە ئەدىب ماخمۇت مۇھەممەت يازغۇچىنىڭ خاتىرە دەپتىرى توغرىسىدىكى بىر سۆھبەتتە يازغۇچى زوردۇن سابىر ئۆزىنىڭ خاتىرە يېزىش ئۇسۇلى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: « ـــ مەن ئۆزۈم ئەڭ مۇھىم دېگەن بىر سۆز ياكى بىرەر ئىسىم، ئاتالغۇنى دەپتىرىمگە تىركەپ قويىمەن، كېيىن ئۇنى كۆرسەملا شۇ ۋەقە، شۇ ئىش يادىمغا كېلىدۇ. ئەلۋەتتە، بەزىدە مۇپەسسەل خاتىرە قالدۇرۇش كېرەك » ( ماخمۇت مۇھەممەت : « ئابرال ئوغلى » ( شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى ، 2011- يىل نەشىرى، 74- بەت ) UABaS(f3 YB`;<+sY {RmN1'% T3_3k.,|
|