查看完整版本: [-- كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان ئىشلار --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇھاكىمە خاراكتىرلىك ئەسەرلەر -> كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان ئىشلار [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

abdurexit 2012-06-09 11:28
ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدىكى كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان ئىشلار /3KEX{'@U  
ئابدۇرېشىت ئوسمان Qbv)(&i# ~  
( غۇلجاشەھەرلىك3 -ئوتتورا مەكتەپتىن ) Ae ue:u>  
       2011 - يىلى 10 - ئاينىڭ 26 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقوتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ئىلمىي جەمئىيىتى بورتالا شەھىرىدە ‹‹ نۆۋەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسخانا ئوقۇتۇشى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئاچتى. يېغىننىڭ 1 - كۈنى ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئالدىمدىكى رەتتە ئولتۇرغان تۆت نەپەر كەسىپداشنىڭ قىلىشقان پاراڭلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى. _F@FcFG1Z*  
a#uJzYB0  
__ ھەي ئاغىنىلەر،شۇنچە يىراقتىن بۆرتالاغا كەپتىمىز ،بۆرتالا دېگەن غۇلجىنىڭ بوسۇغۇسى ، مۇشۇ پۇرسەتتە غۇلجىغا بىرىپ ئويناپ كەلمەمدۇق ! ^f 
K9w24Oka  
__ شۇنداق قىلايلى، بورتالادىكى ساۋاقدىشىمنىڭ ماشىنىسى بار ئىكەن.ئۇ ماڭا ‹‹ نەگە بارساڭلار شۇ يەرگە ئاپىرىپ ئەكىلىمەن ›› دېگەن. $ 
(_nkscf  
__ ئىش ئوڭغا تارتتى دېگەن شۇ ،سەن ھازىرلا شۇ ساۋاقدىشىڭنى تېپىپ ،غۇلجىغا بارىدىغان ئويۇمىزنى ئېيتقىن ،بول ،ئۇنىڭغا ھازىرلا تېلېفۇن قىل؟ Ei}DA=:s  
@F3d9t-  
ئۇلارنىڭ بىرى خۇددى جىددىي ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالغان جەڭچىدەك ئورنىدىن چەبدەسلىك بىلەن تۇرۇپ ئۆزىنى تالاغا ئاتتى. ئۇزاق ھايال بولمايلا بۇ كەسىپدىشىم بۆرتالادىكى ھېلىقى ساۋاقدىشى بىلەن يىغىن زالىنىڭ ئىشىك تۈۋىدە ئۈندى - دە، ئولتۇرغان بۇرادەرلىرىنى ‹‹بۇ ياققا چىققىڭلار ،ماڭىدىغا بولدۇق !›› دېگەن مەنىدە باش ئىشارىتىنى قىلدى.ئولتۇرغانلار خۇددى بۇيرۇققا بىنائەن جەڭ مەيدانىدىن چىكىنگەن جەڭچىلەردەك باشلىرىنى تۆۋەن تۇتۇپ ،سومكىلىرىنى قولتىقىغا چىڭ قىستۇرۇپ بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى سوڭدىشىپ خۇددى ئاكتوپتا ماڭغاندەك يىغىن زالىدىن چىقىپ كىتىشتى . i^QcW!X&  
DcOu =Y> 1  
مەن بۇ ئىشنى كۆرۈپ ھەيران - ھەس قالدىم ۋە بۇ ھەقتە ئويلىنىپ قالدىم. "4"L"lJ   
YDmFR,047  
ش ئۇ ئا ر ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقوتۇش ئىلمىي جەمئىيىتى ۋە ش ئۇ ئا ر ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى قاتارلىقلار ئورۇنلار ھەر يىلى ئانا يۇرتىمىزنىڭ جاي-جايلىرىدىكى شەھەرلەردە قەرەللىك ھالدا ئوتتۇرا مەكتەپ تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ماھىرلىرىنى تاللاش مۇسابىقىسى، ئوتتورامەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، يىڭى دەرىس ئىسلاھاتى بويىچە تىل-ئەدەبىيات دەرسخانا ئوقوتۇش كۆرەك دەرس پائالىيىتى،ئوتتورا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشى بويىچە ئىلمىي ماقالە ئوقۇش پائالىيىتى،ئالي مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئىمتىھانى مۇھاكىمەيىغىنى ،....قاتارلىق مەزمۇنى مول،شەكلى ھەرخىل، ئۈنۈمى يۇقىرى ئىلمىي يىغىلىشلارنى ئەستايدىل پىلانلاپ، مەخسۇس تەشكىللەپ،ئەتراپلىق تەييارلىق قىلىپ، دەل ۋاقتىدا ئېچىپ ،بىز ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇش تەتقىقات خادىملىرى ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقماقتا. pn =S%Qf]  
.pdgRjlSn  
مەن خىزمەتكە قاتناشقاندىن بېرى بۇنداق ئىلمىي يىغىلىشلارنى كەسىپى بىلىمنى تولۇقلاش، نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىش، كۆز-قاراشنى يىڭىلاش، تىل-ئەدەبىيات دەرسخانائوقۇتۇشنى ئەلالاشتۇرۇش، تەلىم-تەربىيە جەھەتتىكى تەجىرىبە - ئۇسۇللارنى ئالماشتۇرۇش،كەسىپداشلار بىلەن سىردىشىش ،ئوقۇتۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ ئوبدان پۇرسىتى،دەپ بىلىپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ كېلۋاتىمەن . D~mGv1t"  
:$}67b)MO  
نۆۋەتتىكى بۇنداق ئىلمي يغىلشلاردا كۆڭۈلنى ئاۋۇندۇرىدىغان ۋە كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان ئىشلار تەڭلا مەجۇت بولماقتا. ئىلىمىي يىغىلىشتا قاتناشقان بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار يىغىن جەريانىدا ئوقوتقۇچىلىق كەسپى ئەخلاقىغا ، ئۇستاز ، تەربىيىچى بولۇشتەك ئۈلگىلىك سالاھىيتىگە ماس كەلمەيدىغان ئىش- ھەرىكەتلەردە بولۇپ، كەسىپداشلارنىڭ، يىغىن تەشكىللىگۈچى خادىملارنىڭ ۋە يىغىن زالى بىلەن تەمىنلىگەن مەكتەپتىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ ھۆرمەت نەزىرىدىن چۈشمەكتە. ;$%+TN  
]]7s9PCN  
     1. ئىلمىي لېكىسىيە ۋە كۆرەك دەرسلەرگە كېچىكىپ كىرىش A$5!]+  
Wo2M}]0  
ئادەتتە يىغىن تەشكىللىگۈچى خادىملار يىغىن ئەھلىگە يىغىن ۋە پائالىيەت كۈنتەرتىپىنى يىغىن باشلىنىشتىن بىر كۈن بۇرۇن يەنى يىغىنغا تىزىمغا ئالدۇرۇش كۈنىلا تارقىتىدۇ. شۇنداقتىمۇ يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا يىغىن ۋە پائالىيەت كۈنتەرتىپىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ، بولۇپمۇ يىغىن ئەھلىنى ۋاقىتقا ئالاھىدە دېققەت قىلىشنى تاپىلايدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار يىغىن ۋە پائالىيەتكە كېچىكىپ كېلىدۇ. بەزىلەر كېچىككىنى ئۈچۈن خىجىل بولماي ھەتتا خۇددى كىنۇخانىدا ئادەم ئىزدىگەندەك تونۇش - بىلىشلىرىنى ، سەپەرداشلىرىنى ئىزدەپ، يىغىن زالىدا ئۇياق - بۇياققا ئارىلاپ، يىغىن ئىنتىزامىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. wEkW=  
nKHyq\  
      2. ئىلمىي لېكسىيە ۋە كۆرەك دەرسلەردە ئۆز ئارا پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇش h,#A Y[Q  
sxuYwQ  
بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار يىغىن زالىدا قىلچە تەپ تارتماستىن ،يىنىدا ۋە ئالدى - كەينىدە ئولتۇرغان كەسىپداشلىرى بىلەن كەڭ كۇشادە ،قىزغىن پاراڭلىشىپ ئولتۇرىدۇ. بەزىلەر ئىلمىي لېكسىيە ۋە كۆرەك دەرسلەردىكى مەلۇم مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي،تېخى ئىلمىي لېكسىيە ۋە كۆرەك دەرس ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي گەپ تالىشىپ، زەڭ قويۇپ ئاڭلاۋاتقان كەسىپداشلىرىنىڭ دېققىتىنى چاچىدۇ، ئۇلارنىڭ نورمال ئىلمىي لېكسىيە ۋە كۆرەك دەرس ئاڭلىشىغا ، خاتىرە قالدۇرۇشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. 1= <Qnmw  
z{%G  
     3. ئىلمىي لېكسىيە ۋە كۆرەك دەسلەردە مۈگىدەش ياكى ئۇخلاش `GSfA0?  
M&>Z[o  
بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار ئىلمىي لېكسىيە ۋە كۆرەك دەرسلەردە ئەتراپىدىكى كەسىپداشلىرىدىن قىلچە تەپ تارتماستىن،نومۇس قىلماستىن ئولتۇرۇپ مۈگىدەيدۇ ياكى ئۈستەلگە بېشىنى قويۇپ خاتىرجەم ئۇخلايدۇ. شۇ قېتىملىق ئىلمىي لېكسىيە بېرىشكە تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسىسلەرنىڭ تەتقىقات ، ئىزدىنىشلىرىدىكى يىڭى ئۇچۇرلار ۋە كۆرەك دەرس ئۆتۈۋاتقان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزگىچە ئوقۇتۇش مېتۇدىغا قېلچە پەرۋا قىلمايدۇ. "1l d4/  
K}wUM^  
      4. ئېلمىي لېكسىيە ۋە كۈرەك دەرسكە قاتناشماسلىق 2} T" |56  
D vK}UAj=  
بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار تەسكە قولغا كەلگەن ئېلىمىي لېكسىيە ۋە كۈرەك دەرس ئاڭلاش پۇرسىتىنى ئويۇن - تاماشىغا  راسا قېنىۋىلىش پۇرستى دەپ بىلمەكتە. ikofJl]9  
|#MA?oz3T  
مەن 2006- يىلى 9- ئايدا شىنجاڭ ئاپتونۇم رايونلۇق ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى ئوتتۇرا مەكتەپ تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ئىلىمىي جەمىئيتى تەشكىللىگەن 2- نۆۋەتلىك ئوتتۇرا مەكتەپ تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ  « ئوقۇتۇش ماھىر» لىرىنى تاللاش دەرس ئۆتۈش مۇسابىقىسىغا قاتنىشىش ئۈچۈن قۇمۇلغا باردىم. شۇ چاغدا بىز بىلەن سەپەرداش كەسىپدىشىم قومۇلغا بارغىچە ئاپتوبۇستا بىر تىجارەتچى بىلەن تونۇشۇپ قاپتۇ، قۇمۇلغا بىرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ بولۇپلا، كەچلىكى شۇ تىجارەتجى بىلەن بىر سورۇنغا بارغانچە تاكى يىغىن ئاخىرلاشقۇچە ئويۇن - تاماشا بىلەن بولۇپ كېتىپ ، ئۆزىنىڭ قۇمۇلغا مۇسابىقە دەرسى ئاڭلاش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئۇنتۇپلا قالغانىدى. 2009- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى ئوتتۇرا مەكتەپ تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتۇش ئىلىمىي جەمىئيتى تۇرپان شەھىرىدە ئاچقان يېڭى دەرس ئىسلاھاتى تىل - ئەدەبىيات دەرسخانا ئوقۇتۇشى ھەققىدىكى بىر قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتىم. شۇ چاغدا يىغىنغا قاتناشقىلى كەلگەن بىر كەسىپدىشىم تۇرپاندىكى دوست - بۇرادەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپلا ئۈچ كۈنلۈك يىغىن ۋاقتىنى كۈندۈزى ياتاقتا ئۇخلاپ، ئاخشىمى رىستۇرانلاردا مېھمان بولۇش بىلەن ئۆتكۈزۋەتتى. \Hy~~Zh2  
M~wJe@bc  
5. مەكتەپ قۇراسى ئىچىدە تاماكا چىكىش jLZ~9FXF2  
g8B@M*JA  
ھازىر بىر قىسىم مەكتەپلەر « ئىس - تۈتەكسىز مەكتەپ» بەرپا قىلىش ئۈچۈن مەكتەپ ئىچىدە ئوقۇتقۇچى ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى ۋە سىرتتىن كىرگەنلەرنى تاماكا چەكمەسلىككە ئۈندىمەكتە. بەزى مەكتەپلەر بۇ ياخشى يۈزلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى، بىر قىسىم ئۇقۇتقۇچىلار ئىلىمىي لېكسىيە ۋە كۈرەك دەرس پائالىيەتلىرىنى يىغىن زالى بىلەن تەمىنلىگەن مەكتەپلەرنىڭ « ئىس – تۈتەكسىز مەكتەپ» قۇرۇش شۇئار، تەشەببۇسىنى بىلسىمۇ بىلمەسكە سېلىش ، كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىش، يىغىن تەشكىللىگۈچى خادىملارنىڭ « ئون مىنۇت ئارام ئىلۋىلىڭلار ! » دېگەن سۆزى چىقىپ بۇلغۇچە بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار خۇددى بۇ سۆزنى ئۆزلىرىگە « تاماك چىكىۋىلىڭلار» دەپ ئېيتقاندەك ئىغىل - قوتاندىن چىققان پادىدەك ئىشىكتىن قىستىلىشىپ چىقىپ يىغىن زالى، كارىدۇرىدا ، يىغىن زالى ئىشك ئالدىدا ھەتتا مەكتەپ قورۇ-سەيناسىدا ئوقۇغۇچىلاردىن قىلچە يۇشۇرمايلا تاماكا چىكىشىدۇ. تاماكا قالدۇقلىرىنى كۆرگەنلا يەرگە تاشلىشىدۇ . ھەممەيلەن يىغىن زالىغا كىرىپ كەتكەندە قارىسىڭىز ھەممە يەرنىڭ تاماكا قالدۇقلىرى بىلەن تولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرىسىز. NB>fr#pb  
M#2DI?S@  
دېمەك، يۇقىرقى ئىش- ۋەقەلەر بىرقىسىم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىلىمىي يىغىلىشلاردىكى  CRS/qso[Q'  
2AU_ 
« ئىلىمىي ساپا» سى، ئىلىمىي يىغىلىشلارغا تۇتقان « ئاكتىپ پوزىتسىيە» سى . بەلكىم شۇ ئوقۇتقۇچىلار شۇ ئىلىمىي يىغىلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇشنى بىلگەندىن تارتىپ تاكى شۇ ئىلىمىي يىغىلىشقا ئۆزنىڭ بارىدىغانلىقىنى مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ تەستىقلىغىچە بولغان ئارلىقتا خىزمەتداشلار ئارا كۆپ تالاش - تارتىش ، تاپ - تەنىگە قالغانلىقىنى،يېغىن خىراجىتى ئۈچۈن  خۇددى دادىسىدىن پۇل سورىغان بالىدەك مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ ئالدىدا تەڭقىسلىقتا بويۇن قىسىپ تۇرغانلىرىنى ئويلىغان بولسىدى ، ئۇلار تەستە كەلگەن بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ ، ئىلىمي لېكسىيە ۋە كۈرەك دەرسلەرنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىغان ، ئەستايدىل خاتىرە قالدۇرغان بولاتتى. شۇڭا ئىلىمىي يىغىلىشلارغا قاتناشقان ئوقۇتقۇچىلاردا ئۆزىدە ئىلىمىي يىغىلىشقا لايىق ساپا بولۇش كېرەك. ئىلىمىي يىغىلىشلارغا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىدىغان قىزغىن پوزتسىيە بولۇشى كېرەك. ئاشۇ ئىلىمىي يىغىلىشلاردىن ئالغان يىڭى تەجىرىبە ، يىڭى ئىسلاھات ، ئۆزگىچە كۆز - قاراش ۋە يىڭىلىقلارنى ئۆز خىزمەت ئەمەليىتىگە جانلىق تەدبىقلىشى كېرەك.  ~I!7]i]"*?  
ku?i[Th  
  CxwZ$0  
Nno*X9>~  

ak gul 2012-06-09 15:02
بۇ ھەقىقەتەنمۇ مۇشۇ خىلدىكى يىغىلىشلاردا،بىزنىڭ ھەر قايسى مەكتەپلىرىمىزدىن ئەۋەتىلگەن«تايانچ»،«ساپالىق»،«ئالدىنقى قاتار»دىكى ئوقۇتقۇچىلىرىمىزدا كۆرۈلىۋاتقان ئەھۋاللار.ئۇلار بۇنداق يىغىلىشلارغا نېمە ئۈچۈن،قانداق مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچتا كەلگەنلىكىنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ قېلىشىدۇ.بىز ئادەم تەربىيىلەيدىغانلاردا مۇشۇنداق ئەھۋاللار يۈز بەرسە،باشقا كەسىپتىكىلەردىن نېمىدەپ ئاغرىنغۇلۇق؟ !7Ta Vx}`(  
rr2|xL?+u  
ماقالىڭىزدە مۇشۇ خىلدىكى ئەھۋاللار ناھايىتى ياخشى يورۇتۇپ بېرىلىپتۇ،ئەجرىڭىزگە رەھمەت!

kamalat 2012-06-09 23:37
ھەممە ئىشنى موللا بىلەر ، موللا قۇپۇپ كۆلگە سىيەر دىگەندەك ئىش بولۇپتىغۇ.

tursun 2012-06-11 12:48
نادانلىقتە،نادانلىق! سەن نىمە مەخسەتتە شۇ جايغا باردىڭ؟ پۇتۇن ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى مىللىي(ئۇيغۇر) مائارىپى ئۇچۇن ۋەكىل بولۇپ،تەجرىبە ئۇگەن- t&0pE(MO/  
گىلى،كىڭئەيتكىلى ۋە يىتەكچىلىك قىلغىلى بارغان ئىدىڭلارغۇ؟ ئەپسۇس ،بىزنىڭ ,%yjEO  
سويۇملۇك ۋەكىللىرىمىز.....!ئابدۇرەشىد ئوسمان مۇئەللىمگە ئالىي تەشەككۇر!

akkax 2012-06-11 15:10
  بۇ بەلكى پۇرسەتنىڭ ھەممىگە ئورتاق ئەمەس، بەزىلەرنىڭ مونوپولىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىدىن بولسا كېرەك. jj.iW@m  
  ماڭا بۇ يىل 1- ئايدىكى ئاقسۇدا ئېچىلغان يىغىنغا بېرىش پۇرسىتى چىقىۋىدى، خوشلۇقۇمدىن ئاغزىم قۇلىقىمغا يەتكەن. « قاغىمۇ ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى سايرايدۇ » مەن مۇشۇ قاراشتا ئىكەنمەن. بىراق، ماڭا بۇنداق پۇرسەت يەنە چىقسا ھەرگىزمۇ ئېتىبارسىز قارىمايمەن.

ozqan 2012-06-12 00:13
ئابدۇرىشىت مۇئەللىم : تولىمۇ ئەمەلىي بىر مەسىلىنى يوللاپسىز . @'s^  
شۇ خىل  ئۆگىنىش سورۇنلىرىنى باھانە قىلىپ ، مەكتەپنىڭ پۇلىنى بىكار خەجلەپ ، ئويناپ كېلىدىغانلار  ھەقىقەتەن بار . GR Rv0M  
بىزنىڭ بۇنداق سورۇنلىرىمىز  ئەسلى ھېچقانچە كۆپ ئەمەس ، بۇ مەزگىللەرنى پۇرسەت دەپ قەدىرلەش كېرەكىدى . ]xfu @''  
سىزنىڭ توغرا يۆلىنىشتىكى پىكىرلىرىڭىزدىن خۇش بولدۇم ، تەۋپىق ئۈچۈن كۆپرەك ۋاقىت ئاجىرتىپ قىممەتلىك پىكىرلىرىڭىزنى ئايمىغايسىز ...

پەزىليەم 2012-06-16 22:58
ھەممە ئىشنى موللا بىلەر ، موللا قۇپۇپ كۆلگە سىيەر دىگەندەك ئىش بولۇپتىغۇ

danix 2012-06-18 20:24
ئاققاشنىڭ دېگىنىدەك بەزى مەكتەپلەردە شۇنداق يىغىلىشلار  بېرىش :WJ[ a#  
ئاتا- ئانىسىدىن قالغان مىراستەكلا بولۇپ قالغانلار بار . شۇنداق 8|OsVIe%  
يىغىلىشلارغا بېرىش ئۇلاردىن باشقىلارغا ئاشمايدۇ . شۇ يىغىلىشلارغا L "P$LEk  
دائىم بېرىپلا تۇرىدىغان شۇ ئىمتىياز ئىگىلىرىنىڭ بەزىلىرىگە ئۇ VW}xY  
يىغىلىشلار خۇشياقمايدىغان بولۇپ كەتكەن . شۇڭا ئۇلار بۇ lqTTTk  
يىغىلىشلاردىن پايدىلىنىپ ئوينىۋىلىشقا ، يۇرت كۆرىۋىلىشقا 2X!O '  
يۈزلەنگەن . ئەگەر شۇ خىل يىغىلىشلارغا بېرىپ باقمىغان ئوقۇتقۇچىلار ]ECzb/  
شۇ يىغىلىشلارغا بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ قالسا ، بەلكىم بۇ پۇرسەتنى T'"aStt6  
بەكمۇ قەدىرلىشى مۈمكىن .

turkinaz0992 2012-06-20 12:55
بۇنداق ئىشلار ھەر قانداق پائالىيەتلەردە ئۇچراپ تۇرىدۇ ، ئەڭ يامىنى بۇنداق پائالىيەتلەرگە مۇشۇنداق « ساپالىق » لار تاللىنىپ ئىۋەرتىلىدۇ . بەزى مەكتەپ رەھبەرلىرى ، بەزى ئوقۇتقۇچىلار نېمىنى ئويلايدىكىن ؟ q]ER_]%Gna  
  ھە راست يەنە بىر ئومۇمىي ئەھۋالنى ئېيتماپسىز ، پائالىيەتتە تېلىفۇندا پاراڭلىشىشمۇ بار تېخى ، شۇنچىلىك ئازادە پاراڭلىشىپ كېتىدىكى بەزىلەر ، ئاۋۇ لېكسىيە سۆزلەۋاتقانلار ، ئاڭلاۋاتقانلار ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ھېچنىمە ئەمەستەك ....  ھەيييىى ... بىز ئادەم تەربىيلىگۈچى ، تەبىئەتتىكى ، دۇنيادىكى ئەڭ سىرلىق ئەڭ مۇرەككەپ مەخلۇق بولغان ئادەملەرنى تەربىيلىگۈچى تېخى ! مىللىتىمىزنىڭ ئەتىسى بولمىش باللىرىمىزنىڭ تەقدىرى بىزنىڭ قولىمىزدا ، مىللەتنىڭ ئەتىسى بىزنىڭ قولىمىزدا تېخى! ..........

tawpek 2012-06-20 17:23
تېمىنى ئوقوپ ئۇيىلىپ كەتتىم، 7 يىللىق خىزمەت ھاياتىمدا نىمە بولدىكىن تۇنجى بولوپ ۋىلايەتكە 2 كۈنلۈك ئەۋەتىلدىم، خوتەنگە كىرسەڭلا تىلفۇن قىلىدۇ دىگەنتى 2 كۈن ساقلاپ مەكتەپنىڭ بىزنى خاتا يەنى بالدۇر ئەۋەتكەنلىكىنى بىلدۇق ، ۋاختىنى بىلگەن بولساقمۇ مەكتەپ ئورنىنى ئىيتىپ بىرەلمەي يەنە بىركۈن لاغايلاپ يۈردۇق.ئاخىرى ئۆزىمىز باشقا يىزىدىكى مەكتەپلەردىكى تونوشلىرىمىززدىن ئۇقۇپ يىغىن ئورنىغا بىرىپ 2 سائەت دەرىس ئاڭلاش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇق. Zui2O-L?V  
4p\  
يىغىن ئەھۋالى يۇقاردا ئوتوردا قويولغىنىدىن پەرىقسىز ئىدى. بولوپمۇ دەرىس باھالاشتا دەرىسنى ئەمەس دەرىس ئۆتكەن ئوقوتقۇچىنىڭ مەكتىۋىنى باھالىدى.ھەممە ئالقىشلاۋاتسا ساھىپخان مەكتەپ ۋىلايەتلىك نوختىلىق مەكتەپ بولوش سۈپىتى بىلەن شۇيەرنىڭ ۋەكىللىك ئوقوتقۇچىللىرى قانچە كۆپ نۇخسان تاپسا شۇنچە بىلىملىك سانىلىش مەۋقەسىدە تۇرۇپ باھالاپ يىغىن ئەھلىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ كۇرسانىتلارنى تېزىتىۋەتتى. ^$}9 Enj+Y  
BqC!78Y/e  
چۈشتىن كىيىن ھەق تۆلەيدىغىنىمىزنى ئۇقۇپ پۇل تۆلەيدىغان يەرنى تىپىپ بولالماي تەربىيلىنىشنى تاشلاپ كۈننى كەچ قىلدۇق ouL/tt_~  
*NHBwXg+  
ئەتىسى يىرىم كۈن تەلەت قادىرنىڭ لىكسىيسىنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولدۇق، چۈشتىن كىيىنگە<< يىغىنغا بارغانلار  توخو يۈرەك، يۈرىكى بارلار ئوينايدۇ>> لارنى بايراق قىلىۋالغان بىر توپقا ئارلىشىپ قالغىنىم ئۈچۈن يەنە يىرىم كۈن لاغايلاپ يىنىپ چىقتىم. q\cH+n)C  
ms@*JCL!t  
يىغىن ئەھلىنىڭ ھەممىسى دەسلەپ شۇنداق تولوق ھەم ئەستائىدىل ئىدى، كىيىن قارىسام ئۆزىنى باشقۇرىدىغانغا ئادەم ئىزدەپ تاپالمىغاندىن كىيىن ئەركىن دۇنيانىڭ قەھرىمانلىرىغا ئايلاندى. 8QDs4Bv|  
tpOMKh.`  
باشقىلار تەرپىدىن باشقۇرلۇپ كۆنۆپ كىتىپ ئۆزىمىزنى باشقۇرالماس بولوپ كەتكەندەك قىلىمىز.

13379705568 2013-05-31 01:40
ساۋاقدىشم قولۇڭغا دەرت بەرمىسۇن

ئەنۋەرچەرچەن 2013-08-04 23:07
مەكتەپ دىگەن ھەممە يەردە ئوخشاشمۇ نىمە؟ياكى باشقۇرغۇچىلىرى ئوخشاشمۇ؟بىزنىڭ مەكتىپىمىزدىمۇ بارغانلار بېرىپ ھارمايدۇ،بارمىغانلارغا سان ئەسلا تەگمەيدۇ.

nadiraay 2013-08-05 15:56
ماڭىمۇ بۇنداق پۇرسەت بىرەر قېتىممۇ نېسىپ بولۇپ  باقمىدى  دېسە...

گۈلچىمەن 2013-08-05 16:07
   ھەممە يەردە قازاننىڭ قولىقى  تۆت. = _X#JP79  
    بىزنىڭ  مەكتەپتە ئوقۇتۇش تەتقىقات  ئىشخانىسىدا  تۆت  ئەزا  بار . تۆتىلىسى  30دىن ھالقىغان  ياشلار.  ھەممىسى يەرلىك ئېسىل  نەسەپلەردىن.بىراق ھېچقايسىسى  كومپىئوتېر   مەشغۇلاتىنى  تۈزۈك  قىلالمايدۇ. تەكشۈرۈشكە  تەييەرلىق  قىلىش توغرا كەلسە ھەر  بىر  تۈرنى  ببىردىن  ئوقۇقتقۇچىغا تەقسىم  قىلىپ  بېرىدۇ. S{' /=Px+  
كىم ياخشى قىلالمىسا  شۇ  دەككىسىنى  يەيدۇ.ئاقىۋەت  مۇكاپاتلىنىدىغانلار  ئاشۇ تۆتىسى.


查看完整版本: [-- كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان ئىشلار --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Gzip disabled

You can contact us