查看完整版本: [-- شائىرنىڭ ئۆيىمۇ بىزنىڭ دەرسخانىمىز --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> مۇھاكىمە خاراكتىرلىك ئەسەرلەر -> شائىرنىڭ ئۆيىمۇ بىزنىڭ دەرسخانىمىز [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

abdurexit 2012-06-09 11:26
شائىر مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ ئۆيىمۇ بىزنىڭ دەرسخانىمىز nTys4 R  
ئابدۇرېشىت ئوسمان /"""z=q  
( غۇلجا شەھەر 3- ئوتتۇرا مەكتەپ ) 3ty4D2y  
ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدە تىل - ئەدەبىيات دەرسىگە بولغان چوڭقۇر قىزىقىش، ھەۋەس ئوتىنى ياندۇرۇپ، تىل - ئەدەبىيات دەرىسىنىڭ ئۆزگىچە سېھىرىي كۈچى ۋە قۇدىرىتىنى نامايەن قىلىش مەقسىتىدە غۇلجا شەھەرلىك 3- ئوتتۇرا مەكتەپ قۇش تىللىق تولۇق ئوتتۇرا 1- يىللىق 13- سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنى 2011- يىل 9- ئاينىڭ 12- كۈنى بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تۆھپىكار ئەدىب مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىنىڭ ئۆيىگە ئاپاردىم . K;oV"KRK  
fL!V$]HNt  
چۈنكى شائىر مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ « ياشىسۇن » ناملىق نادىر شېئىرى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ دەرس ئۆلچىمى تەجرىبە دەرسلىكى تىل – ئەدەبىيات ( زۆرۈر دەرسلىك 1- كىتاب ) نىڭ ئىككىنچى بۆلىكىگە كىرگۈزۈلگەنىدى . مەن بۇ دەرسنى دەرسخانىدا ئۆتمەي شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىنىڭ ئۆيىدە ئۆتۈشنى مۇۋاپىق كۆردۈم . بۇ نۆۋەتتە يولغا قويۇلىۋاتقان يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنىڭ ئىھتىياجى ئىدى . ئېچىۋىتىلگەن تىل - ئەدەبىيات دەرسخانا مۇھىتىنى بەرپا قىلىشنىڭ زۆرۈر تەلىپى ئىدى. يۇرتىمىزدىكى تىل - ئەدەبىيات دەرس بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلنىشنىڭ ئەۋزەللىكىنى نامايەن قىلىش ئىدى. X<(6T  
r5o@+"!  
مەن بىر كۈن بۇرۇن شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىغا تېلېفون قىلىپ، مەقسەت - مۇددىئايىمنى ئېيتىم. شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكا خۇشاللىق بىلەن تەكلىپىمنى ماقۇل كۆردى. دەم ئېلىش كۈنىگە توغرلاپ بىر سىنىپ ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ غۇلجا ناھىيىسى جېلىليۈزى بازىرى دۆڭمەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق شائىرنىڭ ئۆيىگە باردۇق. بىز شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن بىلەن بىللە « ياشىسۇن » ناملىق بۇ شېئىرنى ھەممىمىزنىڭ ئىسىمىزدىن كۆتۈرۈلمىگۈدەك دەرىجىدە ئۆتۈپ، شائىرنىڭ ئۆيىنى ئەركىن – ئازادە ، بەس – مۇنازىرىگە تولغان، قىزىقىش- ھەۋەسنىڭ ئۇچقۇنلىرى چاچىرىغان ، ھاياجان، ئېپتىخارلىققا چۆمگەن قاينام - تاشقىنلىق دەرسخانىمىزغا ئايلاندۇرۋالدۇق. B!eK!B  
`9/0J-7*  
تۆۋەندە مەن « ياشىسۇن » ناملىق دەرسنىڭ ئوقۇتۇش جەريانىنىڭ خاتىرىسنى قىستۇرۇپ ئۆتىمەن. 3 m6$YWO  
Te# ]Cn|  
ئوقۇتقۇچى : ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكا، مەن ئالدى بىلەن سىزنىڭ « ياشىسۇن » ناملىق شېئىرىڭىزنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ تىل – ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى تىل - ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار نامىدىن قىزغىن تەبرىكلەيمەن . lbRzx4=\y  
wHf&R3fg  
مۇھەممەتجان راشىدىن : رەھمەت، بۇ ئۇچۇرىڭىز ماڭا خۇشخەۋەر بولدى. مىنىڭ« ياشىسۇن» ناملىق شېئىرىمنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ تىل - ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىدىن خەۋىرىم يوق ئىكەن. 6Lb{r4^  
{@3z\wMK$  
ئوقۇغۇچى: مۇھەممەتجان راشىدىن بۇۋا، بىز ئوقۇغۇچىلار « ياشىسۇن » ناملىق بۇ شېئىرىڭىزنى ئۆز ئاغزىڭىزدىن ئاڭلاشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمىز. GQb i$kl  
/hL\,x 2  
مۇھەممەتجان راشىدىن : بولىدۇ، بۇ شېئىرىمنى سىلەرگە دېكلاماتسىيە قىلىپ بېرەي، ( دېكلاماتسىيە قىسقارتىلدى ) n+2%tW  
k0JW[04j  
ئوقۇغۇچى: مۇھەممەتجان راشىدىن بۇۋا، سىز « ياشىسۇن » ناملىق بۇ شېئىرىنى قاچان، قانداق مەقسەت - مۇدېئا بىلەن يازغان ؟ Vz{>cSz#  
S`0NPGn;@[  
مۇھەممەتجان راشىدىن : ھەر قانداق ئەسەرنىڭ يېزىلىش تارىخي ئارقا كۆرۈنۈشى بولىدۇ. ياخشى يېزىلغان بىر پارچە شېئىر ئىدىيىۋىلىك ۋە بەدئىيلىك جەھەتتە ئۈستۈن بولۇشى كېرەك، ، دەپ قارايمەن. « ياشىسۇن » ناملىق بۇ شېئىرنىڭ ئۆز ئىدىيىسى بار. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا شەخسكە خۇراپىيلارچە ، قارىغۇلارچە چوقۇنۇش ناھايتى ئەۋج ئالغانىدى. شۇ چاغدىكى سىياسەت، تەشۋىقاتنىڭ كۈچى بىلەن مەتبۈئاتلارنى شۇئارسىمان شېئىرلار قاپلاپ كەتكەنىدى. « تۆتنى ئۇلۇغلاش» يەنى ئۇلۇغ داھىي، ئۇلۇغ رولچى، ئۇلۇغ قۇماندان ، ئۇلۇغ ئۇستاز تېمىسىدىكى ئەسەرلەرنى يېزىش ناھايتى ئەۋج ئالغانىدى. بۇ تېمىلاردىكى ئەسەرلەر ئەلۋەتتە كىشلەر قەلبىگە ياقمايدۇ. لېكىن شۇ چاغلاردا بۇنىڭغا قارىشى ئىنكاس قايتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس يىللار ئىدى. بۇ دەۋردە بۇنداق تېمىدىكى شېئىرلار خەلققە زورلاپ تېڭىلغانىدى، كېيىن دەۋر ئۆزگەردى. ئىسلاھاتنىڭ باشلىنىشى بىلەن بۇنداق قۇرۇق مەدھىيە، شۇئارسىمان شېئىرلار يوقالدى. R::zuv  
;'0=T0\  
مەن يازماقچى بولغان « ياشىسۇن » ناملىق شېئىرىمدا يېزىشقا تېگىشلىك ئادەملەر قانداق ئادەملەر بولۇشى كېرەك، دېگەن سوئال مېنى چوڭقۇر ئويلاندۇردى. مېنىڭچە « ياشىسۇن » دەپ يېزىشقا تېگىشلىك ئادەملەر ئۆزىدە ئادىمىي ئەخلاق – پەزىلەتلەرنىڭ ھەممىسى بولغان، جۈملىدىن ئۆز خەلقى، مىللىتى، ۋەتىنىگە بولغان سەمىمى – ساداقىتى كۈچلۈك، ھەر قايسى كەسىپ – ساھەلەردە تۆھپە ياراتقان، خەلقنىڭ ئالقىش، ھۆرمىتىگە ، ئىززىتىگە ئېرىشكەن كىشلەر بولۇشى كېرەك، مانا مۇشۇنداق كىشلەرنى «ياشىسۇن » دەپ مەدىھىيلەش كېرەك، دېگەن مەقسەتتە بۇ شېئىرىنى يېزىپ چىققان. مەن بۇ شېئىرىنى قانداقتۇر بىر كېچىدىلا يازغان ئەمەسمەن، مەن بۇ شېئىرىنى خېلى ئۇزاق كۈنلەر  ئويلىنىشتىن، خېلى كۆپ جاپادا يازغان. بىر نادىر شېئىرىغا نىسبەتەن شائىرنىڭ ئويلايدىغىنى بەدىئىي كامالەت ۋە بەلگىلىك ئىدىيىدىن ئىبارەت. شېئىرنىڭ تىلىغا كۆپ ئىشلەش كېرەك، ھېكىمەتلىك سۆزلەر، ماقال- تەمسىللەردىن پايدىلىنىش كېرەك. ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن كەڭرى پايدىلىنىش كېرەك. مەن ئادەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسىگە مۇراجئەت قىلىپ شېئىر يازىمەن. تۆۋەندە « ياشىسۇن » ناملىق شېئىرىمدىكى مۇنۇ مىسرالارنىڭ  قانداق پەيدا بولغانلىقىنى سۆزلەپ بېرەي : XRxj  W  
; b*i3*!g  
« سۇغارغاندەك سايە بەرگەن چىنارنى ، $=)gpPT  
XogVpkA  
ئاتا ئاجرىنى تۆلىگەنلەر ياشىسۇن .» hr/o<#OW  
]{GDS! )  
ئاپتونۇم  رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيتى 1985- يىلى خوتەندە يېزا ئىگىلىك تېمىسىدىكى ئەسەرلەر مۇھاكىمە يىغىنى ئاچقاندا مەنمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشقانىدىم . بىز يىغىننى تۈگىتىپ خوتەننىڭ بىر قىسىم ناھىيە- يېزىلىرىنى زىيارەت قىلدۇق، قاراقاش ناھىيىسىگە بارغاندا بىر تۈپ ھەيۋەت چىنارنى كۆرۈپ ھەممەيلەن ھەيران قالدۇق. بۇ چىنارنىڭ شاخلىرى ئۈچ تارتىپ بىر مۇدەك يەرنى ئىگەللەپتۇ، نۇرغۇن كىشلەر بۇ چىنار تۈۋىدە سايدايدىكەن ، « ياشىسۇن » ناملىق شېئىرىمنى يېزىۋاتقاندا مانا مۇشۇ كۆرگەن – بېلگەنلىرىم ئاساسىدا يۇقارقى مىسرالارنى يازغان. Z"y=sDO{  
}Wh6zT)  
« ئېتى ھارسا ئانا چۈشكەن ھارۋىنىڭ، xfFg,9w8  
"@/62b  
ئۆزى ئات بوپ سۆرىگەنلەر ياشىسۇن ! » 2 =iH$v  
Ig6T g ?  
دېگەن مىسرالارغا كەلسەم، 1966- يىللىرى ئاپام ئاغرىپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى، ئاپام بەزىدە ئانا يۇرتىمىز ئونياريۈزىدىكى ئۆيدە ، بەزىدە غۇلجا شەھىرىدىكى ئۆيدە تۇراتتى. شۇ قېتىم ئاپام ئاغرىغاندا ئونياريۈزىدىكى ئۆيدە ئىدى، ئاپام بىزگە « شەھەردىكى ئۆيگە ئەكىرىپ قويۇڭلار » دەپ تۇرىۋالدى. بىز بىر ئىشەك ھارۋىسى تېپىپ كېلىپ، ئاپا ھارۋىغا چىقىڭ، شەھەرگە ئەكىرىپ قويايلى دېسەك، ئاپام ئۇنىمىدى. سەۋەبى ئىشەك سوكۇلداپ ماڭسا، ھارۋا جالداقشىپ، ئاپامنىڭ مەيدىسى غىلغىيدىكەن، بىئارام بولىدىكەن، بىز تۆت قېرىنداش قانداق قىلىمىز دېيىشىپ، ئاخىرى ئاپىمىزنى شەھەرگە ھارۋىدا سۆرەپ ئەكىرىشنى مەسلىھەتلەشتۇق. ئونياريۈزىدىن شەھەرگىچە بولغان 38 كېلومېتىر يولنى ئاپىمىز چۈشكەن ھارۋىنى تۆت قېرىنداش نۆۋەت بىلەن سۆرەپ ئەكىرىدۇق. مەن « ياشىسۇن » ناملىق شېئىرىمنى يېزىۋاتقاندا مانا مۇشۇ كەچمىشلەر يادىمغا كېلىپ، ئاشۇ مىسرالارنى يازدىم . بۇ قانداقتۇر ئۆزۈمنى ۋە بىزنىڭ ئائىلىدىكى تۆت قېرىنداشنى « ياشىسۇن » دەپ ماختىغانلىقىم ئەمەس، ئاتا - ئانىلىرىغا ، ئۇرۇق- تۇغقان، قېرىنداشلىرىغا راپاۋات كۆرسەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى ياشىسۇن دېگەنلىكىمدۇر. چۈنكى بۇ ئاتا - ئانىنى ئەزىز كۆرگەنلىك ، قەدىرلىگەنلىكتۇر. V[nQQxWp=  
n, i'Dhzk  
« چاۋاك چالماڭ، بىزدەك شائىر تۈمەن مىڭ، ,9D+brm  
5jxQW ;  
ئادالەتنى كۈيلىگەنلەر ياشىسۇن !» $F'>yop2b  
OEx^3z^  
دېگەن مىسرالارغا كەلسەك، شائىرغا قويۇلغان تەلەپ ئۇ ئالدى بىلەن ھەققانىيەت تۇيغۇسى مول كىشى بولۇشى كېرەك. ھەقىقەت ئۈچۈن ياشايدىغان، ۋىجدان، غورۇرنى ھەممىسىنىڭ ئالدىغا قويۇدىغان كىشى بولۇشى كېرەك. يەنە جەمئىيەتتە ئۆزى شائىر بولمىسىمۇ ۋىجدان، غورۇر بىلەن ياشايدىغان، ھەقىقەت ئۈچۈن تىك تۇرىدىغان، خەلقنىڭ مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن بىلىدىغان نۇرغۇن ئېسىل، ئالىيجاناپ كىشلىرىمىز بار. ۋىجدانى بار دەپ يالغۇز شائىرلارغىلا چاۋاك چالماڭ، جەمئىيەتتە ئادالەتنى كۈيلىگەنلەر ، ھەتتا جېنىدىن كەچكەنلەر ، قۇربان بولغانلار ، بىر ئۆمۈر ھەق – ئادالەتنى ياقىلاپ خىزمەت قىلغان كىشلەر بار، مانا مۇشۇنداق كىشلەر ياشىسۇن ، دېمەكچى. E&$yuW^z  
%ru;;h  
« ئۇنتۇلمىسۇن ئارمان بىلەن كەتكەنلەر، \;u@"  
/zDi9W*~1  
ئۈمىدلىرى ئۆلمىگەنلەر ياشىسۇن ! » D^%^xq )E  
^ V$Ajt  
دېگەن مىسرالارغا كەلسەك، بۇ مىسرالاردىكى ئىدىيىۋى مەزمۇن بىر تارىخىي مۇقەررەرلىك، بىزنىڭ بۈگۈنكى بۇ بەختىيار كۈنلىرىمىز ئۆتمۈشتىكى نۇرغۇن پېداكار قەھىرىمانلارنىڭ قۇربان بېرىش بەدىلىگە كەلگەن. ھازىر جاي – جايلاردا ھەققانىيەت ئۈچۈن قەھرىمانلىق بىلەن قۇربان بولغانلارنىڭ خاتىرە تاشلىرى بار، مەقبەرە، ھەيكەل، خاتىرە سارايلىرى بار، مانا مۇشۇنداق ئەل تەرىپىدىن قەدىرلەنگەنلەر، كىشلەر قەلبىدە ياشاپ كېلىۋاتقانلارنى ياشىسۇن دېمەكچى . B(xN Gs  
bwiPS1+);  
ئوقۇتقۇچى : شائىر مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ « ياشىسۇن » ناملىق بۇ شېئىرى بىر پارچە قەسىدە بولۇپ، شائىر بۇۋاڭلار ئۆزىنىڭ قىممەت ئۆلچىمى بويىچە كىشلىك ھايات سەھنىسىدىكى بىر قاتار پەزىلەت ئىگىلىرىگە مەدھىيە ئوقۇغان. شائىر بۇۋاڭلار مەدھىيە ئوقۇغان كىشلەرنىڭ بىر ئورتاقلىقى شۇكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى باشقىلار ئۈچۈن ياشاش روھىغا ئىگە كىشلەردۇر. باشقىلار ئۈچۈن ياشاش ئالىيجاناپ كىشلەرگە خاس ئېسىل ئەخلاق – پەزىلەتتۇر. بۇنداق روھتىكى كىشلەر ئىنسانىيەت جەمئىيتىنى ئىللىقلىققا تولدۇرىدۇ، گۈزەللىككە چۆمدۇرىدۇ. باشقىلارغا ئۈمىد- ئىشەنچ ئاتا قىلىدۇ. -46C!6a  
4jD2FFG- G  
ساۋاقداشلار، « ياشىسۇن » ناملىق بۇ شېئىر سىلەرنى قانداق ياشاش، كىم ئۈچۈن ياشاش مەسىلىسىدە ئويلىنىپ بېقىشقا دەۋەت قىلىدۇ. بۇ خىل دەۋەتنىڭ كۈچى ئاخىرقى ھىساپتا سىلەرنىڭ جەمىئيەتتىكى ،خەلىققە، مىللەتكە مەسئول بولۇش روھى بىلەن ياشاش ئادىتىڭىزنى شەكىللەندۇرۈشكە تۈرتكە بولغۇسى ! x#Sqn #  
 V<k8N^  
ساۋاقداشلار، مۇھەممەتجان راشىدىن بۇۋاڭلارنىڭ نۇرغۇن نادىر شېئىرلىرىغا مۇزىكا ئىشلىنىپ ، ناخشا قىلىپ ئېيتىلغان. مانا بۇ « ياشىسۇن » ناملىق شېئىرىمۇ ناخشا قىلىپ ئېيتىلغان. قېنى ئەمىسە ، ھەممىمىز بىرلىكتە بۇ « ياشىسۇن » ناملىق ناخشىنى ئېيتايلى ! ( ناخشا تېكىستى قىسقارتىلدى ) UTXSeNP  
M|:UwqV>  
« ياشىسۇن » ناملىق دەرس ئاياقلاشقاندىن كېيىن ئوقۇغۇچىلار شائىر بىلەن كۆرۈشكەن بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بەس - بەستە سوئال سوراشتى. شائىرمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا ئەستايىدىل ، ئەتراپلىق ،  قايىل قىلارلىق جاۋاب بەردى. ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قىزىقىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئىلھام، رىغبەت بەردى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاتىرە دەپتەرلىرىگە ئىمزا قويۇپ بەردى . شائىر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈچلۈك  تەلىپى بىلەن « ۋىجدان ۋەجىدىن » دېگەن شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى. بىز ئاخىرىدا شائىر بىلەن بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ، ئۆز ئارا بىر – بىرىمىزگە سالامەتلىك تىلەپ، ئاپتوبوسقا ئولتۇرۇپ غۇلجا شەھرىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق. مەن ئاپتوبۇستا كېتىۋېتىپ كومپىيۇتېر مەشغۇلاتىغا ماھىر ئوقۇغۇچىلارنى بىر گۇرۇپپا قىلىپ تەشكىللەپ، بۇ پائالىيەتنىڭ سىن خاتىرىسى ۋە فوتۇ خاتىرىسىنى كىرىشتۈرۈپ، فىلىم ئىشلەشنى تاپشۇردۇم. قالغان ئوقۇغۇچىلارغا بىر پارچە تەسىرات ماقالىسى يېزىپ كېلىشنى تاپشۇردۇم. كېيىنكى سائەتتە ئوقۇغۇچىلار ئۆزى قول سېلىپ ئىشلىگەن بۇ فىلىمىنى سىنىپتا ھاياجان ئىلكىدە كۆردۇق. ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازغان تەسىرات ماقالىلىرىنى سىنىپتا ئاڭلاپ ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇردۇق. {%_L=2n6  
VkZ7#  
مەن تۆۋەندە ئوقۇغۇچىلار يازغان تەسىرات ماقالىلىرىدىن ئۈزۈندىلەرنى دېققىتىڭلارغا سۈنىمەن : hdrm!aBd  
wi iCd  
دىلنار ئابلەت : ئىنسان ھاياتىدا كۈنلەرنى مەنىلىك ، ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ. مېنىڭمۇ كۈنلەرنى مەنىلىك ئۆتكۈزسەم دەيدىغان ئارمىنىم بار ئىدى. 2011- يىلى 9- ئاينىڭ 12- كۈنىنى ھاياتىمدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك كۈن دەپ ئويلايمەن. چۈنكى بۇ كۈنى تىل - ئەدەبىيات مۇئەللىمىمىزنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئىلگىرى گېزىت - ژۇرناللاردا ،  كىتابلاردا ۋە تېلېۋىزورلاردا شېئىرلىرىنى ئوقۇپ، ئاڭلاپ يۈرگەن ھۆرمەتكە سازاۋەر شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن بۇۋىمىزنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق، دەرقەمدە تۇرۇپ سۆھبەتلەشتۇق. U*) 8G  
I1X-s  
ئىمران بۇرھان : تىل - ئەدەبىيات مۇئەللىمىمىز بىزنى غۇلجا ناھىيە جېلىليۈزى بازىرى دۆڭمەھەللىدىكى بىر ئۆينىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ، « مانا مۇشۇ ئۆي شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن بۇۋاڭلارنىڭ ئۆيى ! » دېگەندە كۆز ئالدىمدىكى مەنزىرىگە ئىشەنمەي قالدىم. مانا بۇ ئۆيدە ئەلنى سۆيگەن، ئەلمۇ سۆيگەن شائىر بۇۋىمىز مۇھەممەتجان راشىدىن بار . >Z5gSs0  
=|Y,+/R?  
گۈلزار روزى : ھويلىدا ئاددىيغىنە بىر ئۈستەل – ئورۇندۇق تۇرۇپتۇ، ئۈستەلدە بىر نەچچە دانە كىتاب ۋە يېزىقچىلىق ئارگىناللىرى تۇرۇپتۇ. قارىماققا شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن بۇۋىمىز بۈگۈنمۇ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن ئالدىراشتەك تۇرىدۇ، مەن ئىختىيارسىز ئاشۇ نادىر شېئىرلارنىڭ مانا مۇشۇ ئاددىي ئۈستەلدە پۈتۈپ چىققانلىقىنى ھېس قىلدىم، ئىنسان ئۈچۈن روھىي بايلىقنىڭ نەقەدەر زۆرۈرلىكىنى چۈشەندىم . f.9SB  
jEZMUqGY!  
ئىلفىرە نۇرمۇھەممەت : بىزنىڭ تىل - ئەدەبىيات دەرسلىك كىتابىمىزغا كىرگۈزۈلگەن « ياشنىسۇن » ناملىق بۇ شېئىر شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن بۇۋىمىزنىڭ ھايات مۇساپىسىنىڭ جۇغلانمىسى ئىكەنلىكىنى  چوڭقۇر ھېس قىلدىم. بۈگۈن بۇ شېئىرىنى شائىرنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىغىنىمدا قەلبىم ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز ھاياجانغا چۆمدى . y]f"@9G#  
MB~=f[cUnd  
نەۋبەر ئابدۇخېلىل : شائىر مۇھەممەتجان راشىدىن بۇۋامنىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزى ماڭا ناھايتى قاتتىق تەسىر قىلدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ « ئادەم چوقۇم كەمتەر، كېچىك پېئىل، ئېسىل مىجەز - خارەكتېرلىك بولۇشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە ئىززىتىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ » دېگەن سۆزلىرى ماڭا جانلىق دەرس بولدى. شائىر ئۆزىدىن تەلىم ئالغان شاگىرىتلىرى ھەققىدە سۆزلەپ كېلىۋېتىپ « شائىر بولۇش، شېئىر يېزىش، بىر ، ئىككى كۈنلۈك ئىش ئەمەس، چىش چۈشمەي، چاچ ئاقارماي تۇرۇپ شائىر بولغىلى بولمايدۇ، چوقۇم بەل قويماي تىرىشىش كېرەك » دەپ ئېيتقانلىرى مېنى تەسىرلەندۇردى. ;;#qmGoE  
5?]hd*8   
زۇلپىقار مىرزەكىم : بۈگۈنكى سۆھبەتتىن ھەقىقىي ئادەم بولۇشنىڭ يولىنى، قانداق كىشلەرنى مەدھىيلەش كېرەكلىكىنى ، ھەقىقى شېئىرىنىڭ نېمىلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم . `ojoOB^L  
6">+ ~ G  
نادىرە نۇرمۇھەممەت : بۈگۈن شائىرنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىغان « ياشىسۇن » « ۋىجدان ۋەجىدىن » دېگەن شېئىرلار مەن ئۈچۈن ئۇنتۇلماس ئادىميلىك تەربىيىسى بولۇپ قالدى. بۈگۈنكى سۆھبەت بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ئۆگىنىشىمىزگە زور تۈرتكە بولىدۇ. d?A 0MKnl  
6\g cFfo  
پەزىليەم ئابدۇقېيۇم : بۈگۈنكى سۆھبەتتىن شائىر بۇۋىمىزنىڭ يۇمۇرىستىك، تىلى ئۆتكۈر، سۆزگە باي، تۈز، ئاددي- ساددا،  كەمتەر خاراكتېرىدىكى كىشى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. مەن قايتىش ئالدىدا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ شائىرغا ئىمزا قويغۇزۋالدىم، مەن مۇشۇ چاققىچە ئۇنداق پۇرسەتلەرگە نائىل بولغان ئەمەس، ئۆيگە قايتىپ كىلىپلا خۇشاللىقىمدا شائىرنىڭ ئىمزاسىنى ئاتا - ئانامغا كۆرسىتىپ پەخىرلىنىپ كەتتىم . 2AT5  
 W\d{a(*  
مەدىنە تۇرسۇن : مەنمۇ ساۋاقداشلىرىم قاتارىدا شائىر بۇۋامنىڭ ئىمزاسىنى قويدۇرۋالدىم، شۇ ئىمزا قويۇلغان ۋاراقنى تىل - ئەدەبىيات خاتىرەمنىڭ بىرىنچى بېتىگە چاپلىۋالدىم، ھەر قېتىم تىل - ئەدەبىيات دەرىسىدە شۇ ئىمزانى كۆرسەم، تىل - ئەدەبىيات دەرسى ۋە ئانا تىلغا بولغان قىزىقىش - ئىشتىياقىم ھەسسىلەپ ئاشىدۇ . !{tkv4  
02OL-bv}HS  

otkal 2012-06-09 15:49
ئابدۇرەشىت مۇئەللىم ناھايىتى پائالىيەتچان ، ئىجاتچانلىق روھىغا باي مۇئەللىم

akkax 2012-06-09 16:38
   نېمىدېگەن ئوبدان! بەك ھەۋىسىم كەلدى. y+D 3(Bsn  
شائىرنىڭ تېنىغا سالامەتلىك، كۈنلىرىگە خاتىرجەملىك تىلەيمەن !

koksangun 2012-06-09 16:59
ئابدۇرېشىت مۇئەللىمنىڭ ۈۇ بىر سائەتلىك ئەمەلىي پائالىيەت ئارقىلىق ئۆتۈلگەن دەرسنىڭ شۇ سائەتلىك دەرسكە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىگە ئۆچمەس مۆھۈر بولۇپ بېسىلغىنى ئېنىق . V mxVE=l  
بۇ بىزنىڭ تىل - ئەدەبىيات دەرىسىدە ئېچىۋېتىلگەن ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق دەرسنىڭ پىلانلانغان نىشانلىرىغا يېتىشتە باشلانغان ياخشى بىر باشلىنىش ھېسابلىنىدۇ . f4.k%|]  
تولۇق ئوتتۇرا تىل - ئەدەبىيات دەرىسىدەمۇشۇنداق جانلىق ، ئەمەلىي پائالىيەت دەرىسى تەشكىللەش ئارقىلىق ئۆتۈشكە بولىدىغان نۇرغۇن تېمىلار بار . z"/Mva3|  
مۇشۇنداق ئىجادىي دەرسخانا پائالىيىتىنى تۇنۇشتۇرغانلىقى ئۈچۈن ئابدۇرېشىت مۇئەللىمگە تەۋپىقداشلار نامىدىن چىن قەلبىمدىن رەھمىتىمنى بىلدۇرىمەن .

ak gul 2012-06-09 17:34
ھەقىقەتەنمۇ ئەمەلىي ئۆتۈلگەن بىر سائەتلىك دەرس بوپتۇ.ئوقۇغۇچىلىرىڭىز مۇشۇنداق بىر تەلەپچان،ئەستايىدىل ئۇستازىنىڭ بولغىنىدىن سىزدىن تولىمۇ مىننەتدار بولىدۇ. 56  6vjE  
ئاپىرىن سىزگە!

gulhan 2012-06-10 16:07
ئابدۇرىشىت مۇئەللىمنىڭ ئۇقۇغۇچىلار قەلبىگە ھاياتىنىڭ قىممىتىنى يارىتۋاتقان ئۆزى ئاددىي ئەمما روھى، پەزىلىتى ، قەدەملىرى ئولۇغ خەلق سۆيگەن شائىرىمىزنىڭ ئوبرازىنى سىزىپ، ئۈلگە تىكلەپ بەرگىنىگە قايىلمەن .<< سۆز تەربىيىسىدىن ئۆز تەربىيىسى ئەلا >>دەپتىكەن. Hg)5c!F7  
مائارىپچىغا خاس پەزىلىتىڭىزگە بارىكاللا. 3f'dBn5  
  بۇندىن كىيىنكى ئەھمىيەتلىك قەدەملىرىڭىزدىن بىزنى زەررەتلەشنى ئۇنۇتماڭ. D&1*,`  
  سىزگە ئىزچىللىق يار بولسۇن.

tursun 2012-06-11 12:28
دەرس مانا شۇنداق ئەمەلىيەتچانلىققا ئىگە ئوتۇلسە،ئۇنىڭ ئۇنۇمىمۇ يۇقۇرى tCnx:1  
بولىدۇ،شائىر مۇھەممەتچان راشىدىننىڭ تىنىگە سالامەتلىك،ئىجادىيىتىگە مول-ھوسۇل يار بولسۇن! ئابدۇرەشىد مۇئەللىمنىڭ تەتقىقاتلىق بۇ يوللانمىسىغا ئالىي RG(m:N  
تەشەككۇر!

ozqan 2012-06-12 00:25
تولىمۇ ئېسىل دەرس بوپتۇ بۇ ... Q;O\tl  
ئادۇرىشىت مۇئەللىم  : بالىلار سىزدەك ئوقۇتقۇچىسى بولغىنىدىن پەخىرلەنسە بولغۇدەك ، بۇنداق ئەمەلىي دەرسلەرنى ئاڭلىيالايدىغان ئوقۇغۇچىلار ھەقىقەتەنمۇ كۆپ ئەمەس . \=+ s3p5N  
بۇ دەرستە بىزنىمۇ ھەم مۇھەممەتجان راشىدىن ئاكىنىڭ ئۆز ئاغزى بىلەن ئېيتقان دەرس بايلىقلىرى بىلەن تەمىن ئېتىپىسز .. رەخمەت سىزگە . oOk.Fq  
تەۋپىقتىكى قەدەملىرىڭىزنىڭ تېخىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

لالە 2012-06-12 00:57
ئەجرىڭىزدىن گۈللەر ئۈنسۇن ساۋاقدىشىم،شۇ دەم مەنمۇ شۇ دەرسكە قاتناشقاندەك ھاياجانلىنىپ كەتتىم،ئاپىرىن ساڭا!!!

danix 2012-06-13 20:49
      سەردار يازغۇچىمىز زوردۇن سابىر مۇنداق دېگەن << بىزدە بىر يامان `Rj 
ئادەت بار . ھايات ياشاۋاتقان تىرىكلەر بىلەن كارىمىز يوق. ئۆلگەنلەرگە ئىسىلىۋىلىپ خاتىرە مۇنارى تىكلەشنى ئويلايمىز . ئۆلگەندىن كىيىن پالانى ئۇنداق ئولۇغ يازغۇچى، بۇنداق ئولۇغ شائىر ، قەبرىسىنى ياساش كېرەك. i |>K  
مۇھىمى ھايات ، تىرىك ياشاۋاتقان يازغۇچىلارغا كۆيۈنۈش ، ئۇلارغا ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىپ ئۇلارنىڭ ھايات ۋاقتىدا خەلق ئۈچۈن كۆپرەك g~d}?B\<@  
نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىشىغا ئىلھام بېرىشىمىز لازىم . >> LGT\1u  
     ئابدۇرېشىت مۇئەللىم ، سىز بەكمۇ ئەھمىيەتلىك بىر ئىش قىلىپسىز . i;^ e6A>  
سىز ئوقۇغۇچىلىرىڭىزغا ناھايىتى ئوبدان بىر سائەت دەرس ئۆتۈپلا قالماي ، ,_`\c7@  
مۆھتىرەم شائىرىمىزنىڭ ناھايىتى ئوبدان قەدرىنى قىلىپسىز . زوردۇن a PB %6c=  
سابىرنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا شائىرىمىزنىڭ خەلق ئۈچۈن كۆپرەك D0PP   
نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىشىغا زور بىر ئىلھام بېرىپسىز . مۇشۇ   mKZ?H$E%%  
پائاليىتىڭىزنىڭ ئىلھامى بىلەن مۆھتىرەم شائىرىمىز تېخىمۇ كۆپلىگەن D`e!CprF  
نادىر ئەسەرلەرنى خەلقىمىزگە سۇنغۇسى ! ئەجرىڭىزگە رەھمەت b!UT<:o  
ئابدۇرېشىت مۇئەللىم ! مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك پائاليەتلىرىڭىز X|.X4fs  
ئۈچۈن تېنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن !


查看完整版本: [-- شائىرنىڭ ئۆيىمۇ بىزنىڭ دەرسخانىمىز --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.225121 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us