مۇنبىرىمىزدىكى بارلىق جاپاكەش،مېھرىبان ئاتىلارنىڭ ئاتىلار بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن،بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
ئاتا
گۈلباھار مۇھەممەد
ئاتا ئۇ تاش يېرىپ چىققان قارىغاي،
قادىردۇر تېرەشكە تاغ باسسا سېنى.
ئاتا ئۇ بارخاندا يېشىل بىر توغراق،
سايىۋەن بولىدۇ ئۇنتۇپ ھەممىنى.
ئاتا ئۇ دانا ھەم يىگانە ئۇستاز،
ئۆگىتەر ھەرۋاقىت چىدام ۋە غەيرەت.
ئاتا ئۇ ھەممىدىن بۈيۈك، مۇقەددەس،
مۇجەسسەم ئۇنىڭدا بۇرچ،پەزىلەت.
ئاتا ئۇ پەرزەنتىنىڭ يۆلەنگەن تېغى،
ياشايدۇ دۇنيادا تىك تۇرۇپ ھەيۋەت.
ئاتا بار پەرزەنتنى بېسىۋالماس غەم،
قەلىبلەر تاپىدۇ ئۇنىڭدىن ھېكمەت.
ئاتاڭ بارقاتىدۇ قانىتىڭ مەزمۇت،
بۈركۈتتەك پەرۋاز قىپ ئۇچىسەن ھەر يان.
ئاتاڭ بار قىسمەتلەر كەلمەس بېشىڭغا،
ئاتاڭ بار جېنىڭغا قوشۇلىدۇ جان.
مەنبە:ئۆز قەلەم
|