ئاتا – ئانامغا يۈرەك سۆزۈم بار لىرىك نەسر
توختىگۇل
تاتلىق تۈن ئۇيقۇلىرىدىن كېچىپ، بىزنىڭ يىغىمىز پەسلەتكەن، بىزنىڭ قايغۇمىزغا قايغۇرۇپ، يولمۇ يول، تۈنۈ – كۈن ياش تۆككەن، بىز ئۈچۈن ھاياتلىقنىڭ ھەممە كوچىلاردا قاتىرىغان، ھەتتا بىزنىڭ ئىھتىياجىمىز ئۈچۈن يۈرىكىنى قوش قوللاپ سۇنۇشقا رازى بولغان بۇ پەرىشتە سۈپەت كىشى پەقەت ۋە پەقەت ئانا!!!
بىز ــ پەرزەنتلىرىنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرگەن، گۆدەك ھېچ ئىشتىن خەۋىرى يوق ساددا بوۋاقنى تەربىيلەپ قاتارغا قوشۇشتىن ئۇلۇغ مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان، پەرزەنتلىرىنىڭ يۆلەنچۈكى، بىر ئائىلىنىڭ تۈۋرىكى، مىللەت ــ قەۋمنىڭ قوغدىغۇچىسى بوپ ئۈنتىنسىز تۆھپە قوشۇۋاتقان بۇ ئۇلۇغ زات پەقەت ۋە پەقەت ئاتا !!!
ئاتا- ئانىلارنىڭ پەرزەنتلەرگە سىڭدۈرگەن ئەجرى شۇنچە خالس، ئۇلارنىڭ كۆكسى قارنىنىڭ پايانى يوق ئۇلار شۇنچىلىك ئەپۇچان، مېھرىبان. ئۇلارنىڭ بارلىقى پەرزەنتى ئۈچۈن، بىراق ئۆزلىرىنى پەرزەنتى ئۈچۈن تەسەددۇق قىلغان ئاتا- ئانىلارغا بىز نېمە قىلىپ بېرەلدۇق؟! ئۇلارنىڭ قايغۇ – شادلىقىنى قانچىلىك ھېس قىلالىدۇق؟!! بىز ئۇلارنى نېمىلەردىن مەھرۇم قىلىپ، ئۇلارغا نېمىلەرنى ئاتا قىلالىدۇق؟!!!
مەن ئۆزۈمنى شامغا ئوخشاتسام، سىلەرنى قۇياشقا ئوخشىتىمەن! مەن ئۆزۈمنى كىچىك ئېقىنغا ئوخشاتسام، سىلەرنى چەكسىز دېڭىزغا ئوخشىتىمەن! ئەلۋەتتە، ئۆزۈمنى بىر دانە يۇلتۇزغا ئوخشاتسام، سىلەرنى بىپايان ساماغا ئوخشىتىمەن!!! بىراق بۇ خىل تەرىپلىرىم بىلەن سىلەرنىڭ ئېسىل پەزىلىتىڭلارنى سۈپەتلەپ بېرەلەيمەن.
ئاتا – ئانا، سىلەر مېنىڭ زېمىستاندىكى ھارارەتلىك قۇياشىم، باھاردىكى جانغا راھەت مەيىن شامالىم، تومۇز ئىسسىقتىكى ھايات بەخش زەمزەم سۈيۈم!!! سىلەر مېنىڭ بارلىقىم! سىلەر مېنىڭ مەنىۋىي ئوزۇقۇم، سىلەر مەن ئۈچۈن جاپا چەكتىڭلار، تۈنلەرنى كۈنلەرگە ئۇلاپ بەدەل تۆلىدىڭلار! سىلەر مېنى تەربىيلەپ ئۆستۈرۈش جەريانىدا كۆزلىرىڭلار خىرەلەشتى، بەللىرىڭلار مۈكچەيدى، چىرايىڭلارغا يىللار ئىز سالدى، گۈلدەك ياشلىقىڭلار سۇلدى... سىلەر پۈتكۈل ھاياتىڭلاردا « بالام »، «بالام » دەپلا ياشايسىلەر، سىلەرنىڭ پەرزەنت ئۈچۈن قىلغان سىخىيلىقىڭلار زېمىننى، پەرزەنكەت ئاتا قىلغان مېھىر- مۇھەببىتىڭلار قۇياشنى خىجىل قىلىدۇ!
شۇنداق، سىلەرنىڭ شەخسىيەتسىز مېھرى-مۇھەببىتىڭلارنى، ئۈنتىنسىز تارتىۋاتقان جاپا – مۇشەققىتىڭلار، تۆكۈۋاتقان تەرىڭلار، ئاققۇزۋاتقان ياشىلىرىڭنى تىلغا ئالغىنىمدا خىجىللىق ئوتىدا كۆيۈپ كۈل بولىمەن!! بەڭباشلىق، ھورۇنلۇق جىسمىغا سىپاشقىنىدا، بىر جۈپ قەدىردانلىرىمنىڭ مەن ئۈچۈن ياشاپ سۇلىۋاتقانلىقىنى ئەسكە ئالغىنىمدا، ۋىجدان سوتىغا تارتىلىپ، روھلىرىم رۇسلىنىپ، قەددىم تىكلىنىپ، تەپەككۇرلىرىم ھاياتلىققا، قەدەملىرىم قاناتقا ئېرىشىدۇ.
شۇنداق، مەن سىلەرنىڭ ئۈمىدىڭلار، مەن سىلەرنىڭ ۋارىسىڭلار! ئارزۇ – ئارمانلىرىڭلار مەن ئارقىلىق مەقسەت مەنزىلىگە يېتىدۇ، سىلەرنىڭ خۇشاللىقىڭلار مەن بىلەن، سىلەرنىڭ قايغۇ – ئازابىڭلارمۇ مەن بىلەن...
سىلەر خاتىرجەم بولۇڭلار، ئارزۇيۇڭلار مېنىڭ ئارزۇيۇم، روھىي تۈۋرىكىم!!!مەن كۆپكۈك دېڭىزدىكى زۇمرەتلەرنى، چەكسىز ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى ئۈزۈپ بوينۇلارغا زۇننار قىلىپ ئاسىمەن! جاھاندىكى خۇشپۇراق چىرايلىق گۈللەر بىلەن پۈركەيمەن، ھايات بېغىڭلارغا گۈلزارلىققا ئايلاندۇرىمەن.سىلەر مەڭگۈ قەلب قەسرىمدە، ھايات گۈلزارلىقىمدىكى ئەڭ خۇشبۇي، ئەڭ چىرايلىق، ئەبەدىلئەبەد سۇلماس بىر جۈپ گۈل!!! +++++++++++++++++++++++++++ زۆرۈر دەرسلىك ( 4) ئابدۇللا پوسكامىنىڭ « ئاتا » نامىلىق شېئىرىنى ئۆگەنگەندىن كېيىنكى تەسىراتى ئاساسىدا « ئاتا - ئانامغا يۈرەك سۆزۈم بار »، « دادامنىڭ پەزىلەتلىرى » دېگەن تېمىلاردا ئەسەر يېزىش تاپشۇرقىنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدىم. ئويلىمىغان يەردىن كۆپۈنچە بالىلار ئۆزلىرىنىڭ قەلب ئىكرانىدىكى ئاتا - ئانىسى بىلەن تاپشۇرۇق دەپتىرى ئارقىلىق دېئالوگلىشىش يولى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ پەرزەنتلىك سالاھيىتى ئاستىدىكى مەسئۇلىيەت، مەجبۇرىيەتلىرىنى ھېس قىلىش بىلەن بىرگە، ئاتا-ئانىسىنىڭ پەرزەنتى ئۈچۈن تۆككەن تەرى، تارتقان جاپاسىنى كۆرۈش بىلەن بىرگە، ئۆزىلىرىگە ئاتا قىلغان مېھرى-مۇھەببىتىنى، بېغىشلىغان چەكسىز مېھرى-مۇھەببىتى ... نى ھېس قىلىپ يەتكەن. مەن بۇ تاپشۇرۇق ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ئائىلىۋى ئەھۋالىنى كۆپ تەرەپتىن چۈشىنىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ ئوي - خىيالىنىمۇ بىلىۋالدىم. كونىلار ئېيتقان « بىر چالمىدا ئىككى پاختەك » دېگىنى مۇشۇ بولسا كېرەك.. مەنبە : ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇقى
|