كۈتۈش ( ئەقىدە)
ھەيرانمەن تەقدىرنىڭ چاقچاقلىرىغا ، بۇ يۇرەك توساتتىن باغلاندى ساڭا. ئاشىقلىق ئوتلىرى قاچان تۇتاشتى ؟ قەلبىمدە جۇش ئۇردى ئازاپلىق نىدا . يولۇڭغا تەلمۈرۈپ كۈتتۈم ھەر ۋاقىت ، سېنىڭدىن خەۋەر يوق يۈرىكىم زەرداپ . تەقدىر ئاشۇنداق رەھىمسىزمىدۇر ؟ مەھكۇمدۇر قەلبىمگە مەڭگۈلۈك ئازاپ . بىلىمەن بۇ ئازاپ ساڭىمۇ ئورتاق ، سەنمۇ ھەم كۈتەرسەن ئوخشاشلا مېنى . بىلمىدىم شۇمىدۇ مۇھەببەت دىگەن ؟ جۇت كېتىپ ئاتارمۇ مۇھەببەت تېڭى ؟ ۋىسالسىز ئاشىقمەن سېنىڭسىز جانان ، ھەمراھدۇر ئاشىقىم پاك سۆيگۈڭ ماڭا . كۈيلەيمەن پاك سۆيگۈ ،چىن مۇھەببەتنى ، سېغىنىش ئىچىدە مۇڭلىنىپ يانا . مەنبە: ئەقىدە (ئۆز قەلىمىم ) |