uzqak |
2012-06-02 03:43 |
ئۇزچاقنىڭ كۈندىلىك خاتىرسى 12 «خىزمەت» دېگەن نامنى كىم قويغان بولغۇيتتى؟ تۈگۈمەس ئىشلارنى ،بەزىدە ياسالمىلىقنى ، بەزىدە مەزموننى ، بەزىدە شەكىلنى يەنى بەزىدە بىسىمنى ،بەزىدە ئۆزەڭمۇ بىلىپ – بىلمەيدىغان بىرەر شان – شەرەپنى دەپ بولسىمۇ تىرىشىدىغان بۇ خىزمەتنى كىممۇ چىقارغان بولغىيتتى؟ سەن خۇشالمۇ . كۆڭلۈڭ يېرىممۇ ؟ مۇھىم ئىشىڭ بارمۇ ياكى باشقىمۇ ؟ ھېچكىم – ھېچكىم بىلەن ھېسابلاشماي خۇددى موكىدەك ئۆتىۋاتقان بۇ كۈنلەر ئىچىدىن ئۆزۈڭ بىلىپ – بىلمەي، چىن ئىنسانىيلىققا ياتىدىغان مەنىلەرنى ئىزدەيسەن ،بەزىدە تېخى سەمىيمىلىك تەلەپ قىلىپ، گۇناھكار بولۇپ قالىدىغان، بۇ خىزمەتنى كىممۇ ياراتقان بولغايتتى؟بۈگۈن يەكشەنبە «تىل – ئەدەبىيات ئىمتىھان نەتىيجىسىنى ئەكىلىپ بەر » دېگەن تېلفۇندىن بىرنەچچىنى تاپشۇرۋالدىم . تېخى ئوتتۇردا كىملەرنىڭدۇر تېز تەكشۈرۈپ بولغانلىقىنى ، نېمىشقا مېنىڭ تەكشۈرۈپ بولالمىغانلىق تەھلىل سېلىشتۇرمىسىنى ئاڭلاپ كۈلگۈممۇ كەلدى. لېكىن مېنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقتتا نەتىيجىنى تاپشۇرمىغىنىم راست .。。 بۇ ئويلىرىم ئۆزۈمگە ماس كەلمىسىمۇ شۇنداق غۇدۇراپ يۈرۈپ ئىمتىھان قەغىزىنى ئېلىپ مەكتەپكە مېڭىشقا مەجبۇر بولدۇم . مەكتىۋىمىزدە ھەر ئايدا بىر قېتىم ئايلىق ئىمتىھان ئېلىناتتى . بىر يېرىم كۈندە 6،7 پەندىن ئىمتىھان ئېلىپ ،تەكشۈرۈپ، تاپشۇرۇپ نەتىيجە تەھلىلىگە تەييارلىق كۆرەتتۇق . بۇ قېتىمۇ يەنە پەيشەنبە چۈشتىن كېيىن ئىمتىھان باشلاندى . ئۇ كۈنى يانداش ئوقۇتقۇچىنىڭ قىزى قىزىپ قالغاچقا ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرمىدۇق. جۈمە كەچتە سائەت 10 غىچە ئىشلىگەن بولساقمۇ ئىككى يىللىق 6 سىنىپنىڭ قەغىزىنى تەكشۈرۈپ كىتەلمىدۇق . شەنبە كۈنى بىر كۈن تەكشۈرۈپ ئىشنى تاماملىغاندىن كېيىن ،ئۇھ دىدۇق. «ئىمتىھان مائارىپىنى ئىسلاھ قىلىش » دېگەن تەلەپكە سەل يىقىنلىشىپ بۇرۇنقى ئىككى ھەپتىدە ئالىدىغان ئىمتىھاننى، بىر ئايدا بىر قېتىم ئالىدىغانغا ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ كۈن بويى كوممىسىيە بولۇش ، كەچتە ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈرۈشنىڭ سالمىقىمۇ خېلى بار ئىدى. ئېغىر كېلىش دېگەن شۇ چېغى . بەزىدە مۇشۇنداق قاخشاپ قۇيۇمىز-يۇ ،يەنىلا« رېلىسىمىز »دا داۋاملىق ماڭىمىز. .. ئادەتتە مەكتەپ ئىلمىي بۆلۈمنىڭ ئىمتىھان تەھلىلى خۇلاسىسىنى گىرافك شەكىلدە ئومۇملاشتۇرۇپ چىقىرىپ بەرگەندىن كېيىن (مەكتەپ بويىچە تەھلىل ) قائىيدە بويىچە يىللىقتا يەنى بىر قېتىم ئىمتىھان نەتىيجە تەھلىلى ئېلىپ بارىمىز. تەرتىۋى مۇنداق ؛ ئالدىن يىللىق مەسئولى ، ئاندىن ھەر قايسى پەن گۇرۇپلىرى ، ئاندىن سىنىپ مەسئوللىرى ئاخىرىدا يىلىقلار يىغىنىغا ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان مەكتەپ رەھپىرى يول – يورۇق كۆرسىتىپ ئاخىرلىشىدۇ. مەزمونى ؛ سۇئال قۇرۇلمىسى ، سۇئالنىڭ قىيىنلىك دەرىيجىسى . ئوقۇغۇچىلار نۇمۇر كەتكۈزگەن ئورۇنلار، نۇمۇر ئالغان ئورۇنلار سەۋەبى ، ئۈتۈش نىسپىتى ، ئەلالىق نىسپىتى ، ئۈتەلمىگەنلەر نىسپىتى . ۋە بۇندىن كېيىن قانداق تەدبىر قوللىنىش قاتارلىق جەھەتلەر . پەنلەردىكى پەرق, نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق پەرقنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقى قاتارلىق بىر قاتار مەزمونلار بىلەن ئىمتىھان تەھلىلى ئېلىپ بارىمىز. مەكتىۋىمىز قۇشۇۋېتىلگەن مەكتەپ بولغاچقا تەھلىلنى خەنزۇچە ئېلىپ بارىمىز. تەھلىل جەريانىدا ياد بىر تىلدا ئىپادىلەش تەس بولغان كەسپى ئاتالغۇلارغىمۇ ئۇچۇراپ تۇرۇمىز، قىزىرىش ،خىجىل بولۇش ئارلاشقان ئاھاڭدا قىيىپ كېتىش پات – پات كۆرۈنىپمۇ تۇرۇدۇ . بۇنداق ۋاقتلاردا قىزىرىشنىڭ نېمە ھاجىتى ؟ سىلەر بەك قالتىس!دېگۈم كېلىدۇ. كىمدۇر بىرى ئېيتقاندەك « ياد تىلدا مەقسەتنى چۈشەندۈرەلدىڭىزمۇ ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ ! سىز بەك قالتىس !» دىگىنى ئىسىمدە . شۇڭلاشقىمۇ مەقسەتنى ئىپادىلەش، يەنى كېلىپ بۇنى بىر قېتىملىق چىنىقىش دەپ قاراش ئاقىلانىلىك . تىل ئۆگىنىشتە ئۆزىمىزنى شۇ تىلدا سۆزلىشىدىغان قەۋىم بىلەن سېلىشتۇرۇپ ، ئۆز – ئۆزىدىن نۇمۇس قىلىش يولىمىزنى توسۇپ قۇيۇدۇ. ئۆگەنگۈچىلەرنى مەسخىرە قىلىش تېخىمۇ مۇستەبىتلىك ، شۇڭا تىل ئۆگىنىشتە ئىلھاملاندۇرۇش ، ئۆزئارا مەدەت بېرىش كېرەك ! ھەر قېتىم يىغىن ئاچقان ياكى ئۆگىنىش تەسىراتلىرىنى سۆزلىگەندە مېنىڭ كاللامدا مۇشۇنداق ئويلار پەيدا بولىدۇ . بۇنى روھى غالىبىيەتچى دەمدۇق؟ مەيلى نىمىلا دىمەيلى قىينىلۋاتقان، قىينىلىشتىن قىزىرۋاتقانلىقىمىز راست ! ھەممە گۈللەر بەس بەستە ئېچىلىش ئۈچۈنمۇ ئېچىلىشنىڭ تولغاقلىرىغا بەرداشلىق بېرىشكە توغرا كېلىدىكەن ... بۈگۈنمۇ ئەمدى ئۇھ دىيىشىمىزگە ئىمتىھان تەھلىلى يىغىنى ئېچىلدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇش قىلدى .يىغىن تەرتىپلىك باشلاندى قائىيدە بويىچە يىللىقلار باشلىقى جاڭ مۇئەللىم ئىمتىھان مەيدانلىرىدا كۆرۈنگەن ئەھۋاللار ، قەغەز تەكشۈرۈش تەرتىپى ، نەتىيجىنى كۆمپىيوتورغا كىرگۈزۈش ۋە كىيىنكى نەتىيجە پەرقلىرىنى سۆزلەپ بولۇپ بۇ قېتىمقى نەتىيجە تەھلىلىدە سىنىپ مەسئوللىرىنىڭ تەھلىلىنى ئاساس قىلىپ ، نەتىيجىدىكى پەرقنى كىچىكلىتىش ھەققىدىكى تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرغا قۇيۇش تەلىۋىنى قويدى . يىللقلار بويىچە ئالدىنقى ئوننىڭ ئىچىگە كىرگەن ئوقۇغۇچى، 20 ئىچىگە كىرگەن ئوقۇغۇچى ... داۋاملىشىپ 500 گە كەلگەندە ئۆزەمچىلا يەنە خىيالغا كىتىپ قالدىم . ئادەمنىڭ ئىڭى تەرەقىياتى ھەتتا پۈتكۈل ھاياتىنى سان بىلەن ئىپادىلەيدىغان كىممۇ بەرگەن ھوقوقتۇ بۇ بىزگە ؟ تەھلىل قىلمىسا چاتاق چىقىدۇ . لېكىن بالىنىڭ ئۈچەي – باغرىنى سانلىق مەلۇمەت ئامبىرىغا ئايلاندۇرۇپ قۇيۇش... ھەي ئىدىيە! 12-خاتىرەمنى يۇقۇرقى قۇرلارنى يېزىپ تاشلاپ قويغىلى خېلى كۈنلەر بولدى . ئارىدا سۆيۈملۈك تەۋپىق مۇنبىرىمىز بىرنەچچە كۈن تاقىلىپ قالدى . ئىمتىھان تەھلىلىنى يوللاپ قۇياي دەپ تەييارلىق قىلىۋېتىپ تۇرۇپلا يەنە نىشانىمنى ئۆزگەرتتىم . بىرنەچچە كۈندىن بېرى مەكتىۋىمىز كەينى -كەينىدىن تەكشۈرۈش ئۆمەكلىرىنى كۈتىۋالدۇق .ئاپتۇنوم رايۇن رەھپەرلىرىدىن ئەركىنجان تۇراخۇننىڭ قوش تىل ئوقۇتۇشنى تەكشۈرىشىگە تەييارلىق قىلدۇق. ئاندىن ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئوقۇتۇش تەتقىقاتىنىڭ دەرسلىككە پىكىر تەلەپ ئېلىش گۇرۇپىسىنى كۈتۈۋالدۇق . ئاندىن ئوبلاسنىڭ يەنى ناھىيەنىڭ ... قىسقىسى پائالىيەت ، تەكشۈرۈش ،ئوقۇتۇش گىرەلەشكەن بىر ئاينى توشقۇزۇپ بۈگۈن بالىلار بايرىمىمۇ يېتىپ كەلدى . قىزىمنىڭ نۇمۇرىنى كۆرۈش ئۈچۈن دەرسلىرىمنى مىڭ بالالىقتا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۇچۇپ دېگەندەك باردىم. پائالىيەت باشلىنىپ كەتكەن ئىدى. رىياسەتچىلەرنىڭ سۆزلىرى دىقىتىمنى تارتتى .بالىلار باغچىسىنىڭ بالىلىرى رىياسەتچىلىك سۆزىدە 21- ئەسىرنىڭ ئالاھىدىلىكى ، ئىقتىساسلىق خادىملار دېگەندەك ياش ۋە تەپەككۈرىگە چوڭ كېلىپ قالغان نۇرغۇن سۆزلەرنىقوللانغان ئىدى. قىزىق ئۇلارنى نېمىشقا يىشىدىن بۇرۇن قېرىشقا مەجبۇرلايدىغاندىمىز؟ قىزىمنىڭ سىنىپىدا ئاز سانلىق مىللەتتىن پەقەت قىزىملا بار ئىدى. خېلى ساقلىغاندىن كېيىنمۇ قىزىمنىڭ سەھنىگە چىقمىغانلىقىدىن ئىچىم تىت – تىت بولۇپ سىنىپىغا قاراپ ماڭدىم . ئىشىك تىشىدىن سۇلاپ قۇيۇلغان بولۇپ ئىچىدە بالىلار كىيىنكى نۇمۇر ئۈچۈن تەييارلىق كۆرىۋاتاتتى . نېمىگە بۇنچە بىئارام بولغىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن..داراڭ – دۇرۇڭ مۇزىكىلارمۇ ،ئەتراپىمدىكى كىشىلەرمۇ مەۋجۈت ئەمەستەك ... شۇ تاپتا قىزىمغا جاۋابكاردەك ئىشىكنىڭ دەرىزىسىدىن قارىغانچە تۈكۈلۋاتقان ياشلىرىمنى مەيلىگە قۇيۇۋەتتىم . كۆز ياشلىرىم قىزىمغا چۈشەندۈرەلمەيدىغان يۈرەك سۆزلىرىم بولسا كېرەك . .. ئۇمۇ ئاخىرى سەھنىگە چىقتى . ماڭا قاراپ قۇيۇپ ،ئۆمچەيگىنىچە قولىغا تۇتقۇزۇلغان يەلپۈگۈچنى ئۇياق ،بۇياققا ئۆرۈپ ئۇسۇلنى باشلىدى. .. نۇمۇرلار تۈگىگەندىن كېيىن قىزىمنى ئېلىپ قايتىپ كەلدىم . چۈشتىن كېيىن يەنى مەكتەپكە قاراپ ماڭدىم . ئىشخانە ئىشىكىنىڭ يىنىك چىكىلىشى بىلەن بۇنىڭدىن9 يىل بۇرن تۇنجى قارار « قوش تىل سىنىپ » تا ئوقۇتقان ئوقۇغۇچۇم رىزۋانگۈل كىرىپ كەلدى . ئىككىمىز قىزغىن ئەھۋاللاشتۇق. ئۇ ئاسپىرانتلىق ئىمتانىغا تەييارلىق كۆرگەچ قايتىپ كەلگەن ئىكەن . ئۇنىڭ مۇستەقىللىقى بىر قەدەر كۈچلۈك ،ئەمگەكچان ئىدى . سۆز ئارلاپ مېنىڭدىن بىرنەچچە سۇئال سوراپ قالدى . - مۇئەللىم يېزىقچىلىقنى تاشلاپ قويمىغانسىز؟ - تاشلىنىپ قالدى . بەك ئالدىراش ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى بالا بىلەن... - تورغا نەرسە يوللاۋاتامسىز ؟ - -تەۋپىق تورىغا ئانچە – مۇنچە . - مەھۋۇملۇققا بەك كۆپ ۋاقت بېرىۋەتمەڭ چۈنكى بىز رىياللىقتا ياشايمىز ئەڭ مۇھىمى قۇلىڭىزدا تۇتقۇدەك بىرەر ئىش قىلسىڭىز ياخشى بولاتتى مۇئەللىم . - - قانداق دەيسىز؟ - ئادەملەر پۈتۈن ئۈمرىنى ئۆزىنى ئالداش بىلەن ئۆتكىزىدۇ، دىسەم ئىشىنەمسىز؟ - قانداق؟ - باھانە قانچە كۆپ بولسا ، ئادەم ئۆزىنى شۇنچە كۆپ ئالدىغان بولىدۇ .ھەر قانداق ئىشقا باھابە تاپقىلى بولىدۇ . - دىگىنىڭىز توغرا. ئۇ سۆز ئارلىقىدا ماڭا بىرنەچچە مېسالنى ئېلىپ بەردى . « بىر ئادەم جەڭ مەيدانىدا 7 كۈندە بىر خىل تىلنى ئۆگىنىپ بولغان . بىز ھازىر جەڭ مەيدانىدا ئەمەس. لېكىن رىقابەت ئالدىدا تىترەپ تەمتىرەۋاتقانلىقىمىز راست.» «بىر ئىت ئالتۇندىن ياسالغان بىر سۈڭەكنى غىجاپ ياتىدىكەن ، بىر ئادەم ئۇنىڭدىن ئالتۇن سوڭەكنى تارتىۋالماقچى بولۇپ ، قاتتىق تالىشىپتۇ . لېكىن ئۇزاق ۋاقىتتىن كېيى ئۇ تىتما تىتما بولۇپ كېتىپمۇ ئۇ سوڭەكنى ئالالماپتۇ . ئەتراپىمىزدا ئىتقا ئوخشاش كىشىلەر كۆپ ئۇلاردىن سۆڭەك تالىشىمەن دەپ ئاۋارە بولغاندىن كۆرە نىشاندىن بوشاشماي ئۈگەنگەن ياخشاراق .» « مەن بىلەن ئاسپىرانتلىقا ئىمتىھان بېرىش ئۈچۈن بىللە دەرس تەييارلايدىغان بىر ساۋاغدىشىم بار .ئۇ كىچىسى ئۈچ سائەتلا ئۇقلايدۇ ، كۈندىزى ئوقۇپ ۋە ئىشلەپ ئىككى سىڭلىسىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇدۇ . ئۇنىڭغا قارىسام ئۆزەمنى ئادەم ئەمەستەك ئويلاپ قالىمەن . تەييار مائاش ئالىدىغان نۇرغۇن كىشىلەر مەن بايام دېگەندەك نۇرغۇن پاسىپ ئامىللارنى ئۆزىگە سەۋەپ قىلىپ كالىسىغا تىزىۋالغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار پەقەت مائاش ھېسابلايدىغان ھىسابلىغۇچقا ئايلىنىپ قالغان » - مۇئەللىم سىزدىمۇ چىكىنىش باركەن . مۇھىت سىزنى يەپ كەتمىسۇن. .. يۈزۈمنىڭ قىزىرىپ كەتكىنىنى سېزىپ تۇرۇپتىمەن . ئوڭايسىزلانغىنىمنى چاندۇرماسلىققا تىرىشساممۇ يەنىلا چىنىپ قىلىۋاتاتتى . .. ئۇنى مەكتەپ دەرۋازىسىغىچە ئۇزۇتۇپ قويدۇم . ئوقۇغۇچۇمنىڭ تەپەكۈرىنىڭ ئېچىلغانلىقغا ،چوڭ بولغانلىقىغا ئىچ – ئىچىمدىن خۇشال بولىۋاتاتتىم .لېكىن بايامقى خىجىللىق بىرنەچچە كۈنگىچە يۇقايدىغاندەك ئەمەس. شۇ خىجىللىق بۇ كۈندىلىك خاتىرنىڭ نىشانىنى ئۆزگەرتىپ «ئىمتىھان تەھلىلى» دىن بىراقلا «بالىلار بايرىمىدىكى ھىسلار»غا يۆتكەپ قويدى .بۈگۈنكى ئاچچىق- چۈچۈك ھېسلارنى مۇنداق خۇلاسىلەپ قويدۇم ؛ بۈگۈن ئۆگىنىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلغان پەرزەنلەرنىڭ جاۋابىنى كەلگۈسىدە نامراتلىق بېرىدۇ . ئۇ جاۋاب ئىچىدە روھى نامراتلىق ھۇۋلايدۇ . ساتقىنلىق ،گۇروھۋازلىق ، بوشاڭلىق مۇھىمى ئېتىقادى سۇزلۇشۇپ ئۆزىنىڭ بۇ دۇنياغا كېلىشى ھەققىدە ئەزەلدىن ئويلاشمايدىغان ،قىلىۋاتقان كەسپىنىڭ پىشانىگە پۈتۈلگەن تەغدىرلىكىدىن ئاغرىنىشنىلا بىلىدىغان ئەمما ئۆزىنىڭ مۆجىزىلىك بىر كۈچ بىلەن يۇغۇرۇلغانلىقى ھەققىدە ئەزەلدىن ئويلانمايدىغان كىشىلەر، تۇرمۇشنىڭ مەيىنشەتلىرى ،ئوڭۇشسىزلىقلىرى ئالدىدا تىزلىنىپ تۇرغان بولىدۇ... ئاقار يۇلتۇز، قۇيرۇقىدا، سىلىپ بەردى پال. ھەرىكەت -بەرىكەت! تەپەككۈر -ئىبادەت ! بىلىم -دىڭىزدىكى سال . تەمتىلەپ ، سال ياسايدۇ مۇنبەردە بىرى ، تەمتىرەپ ، ياسايدۇ مايىكىنى قايتا، قايتىلاپ ، روھ مەشئىلىنى ياندۇرۇپ رەت – رەت ! ئەۋلاد ،ئەۋلاد ئۈچۈن ! كۆي ! يۈرۈكۈڭدىن يەنە كۆي! گەرچە كۈيۈش بولسىمۇ ئازاب!
|
|