查看完整版本: [-- خىيال تىۋىشلىرى(ئاق گۈل) --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> نەسىرى ئەسەرلەر -> خىيال تىۋىشلىرى(ئاق گۈل) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ak gul 2012-05-30 22:58
خىيال تېۋىشلىرى
-سەن مېنىڭ پەرىشتەم،دىكابىرلاردىمۇ توزۇمايدىغان ئاپئاق گۈلۈمسەن،-دەيتتىڭ نازۇك بارماقلىرىمنى،چاچلىرىمنى ئويناپ تۇرۇپ.
سەن مېنىڭ سۇلتانىم،كۆڭۈل تەختىمنىڭ ئەڭ ئالىي ھۆكۈمرانى،سەنسىز بۇ ھايات ماڭا قاراڭغۇ،-دەيتتىم مەنمۇ كەڭ،ئىللىق يەلكەڭگە بېشىمنى قويۇپ.
شۇ مىنۇتلاردا ئەتراپتىكى،ياق،پۈتۈن دۇنيادىكى ھەممە،ھەممە نەرسىلەر باشقىچە گۈزەل كۆرۈنەتتى.گۈللەر يېقىملىققىنا كۈلۈمسىرەيتتى،دەرەخ شېخىدا شوخ سايراۋاتقان ئاق قۇشقاچ پەقەت بىزگىلا يېقىملىق ناخشىلىرىنى ھەدىيە قىلاتتى.سەلكىن شامال مۇھەببەتلىك يۈرىكىمىزدىن ئۇرغۇپ چىققان ياڭراق سادالارنى يىراقلارغا ئېلىپ كېتىپ،شادلىقىمىزغا جۈر بولاتتى.
مەن سېنىڭ قەلپ قەسىرىڭدىكى يىگانە بىر ئاي بولسام،سەن مېنىڭ قەلپ قەسىرىمدىكى جەسۇر بىر مەردانە ئېدىڭ.سەن مەن كۆكلەيدىغان،يايرايدىغان،خۇش چىمەنزار بولساڭ،مەن ئاشۇ چىمەنزاردىكى خۇشپۇراق چېچىپ تۇرىدىغان،سەن پۇراپ قانمايدىغان بىر تال،پەقەت بىر تاللا ئاپئاق گۈل ئېدىم.
ئەپسۇس،تولىمۇ ئەپسۇس.تۇيۇقسىز سۆيگۈ پەسلىمىزدە ياپيېشىل باراخسان بولغان يوپۇرماقلىرىمىزغا قىروۋ چۈشتى.كىچىككىنە بىر ئۈششۈك تېگىشتىن ئامان قالالمىدى.كۆڭۈل بوستانلىقىمىزدا پورەكلىگەن گۈللەر ھەسرەتلىنىپ،مەيۈس ھالدا كۆز يۇمۇشتى.قولنىڭ ئۇچى تېگىشەر-تېگىشمەستىنلا يۈرەكلەرگە تارايدىغان ئىللىق ئېقىمنىڭ،چەكسىز ھارارەتنىڭ ئورنىغا، جەنۇبىي قۇتۇپنىڭ مۇزلىرى ئالماشتى.گۈزەل.ئېغىزنى ئاچسىلا تۆكۈلىدىغان يېقىملىق ئىبارىلەر ئۆزىنى ئاللىقاياقلارغىدۇر ئەپقاچتى.كۆزلەر ئۇچراشسا تارايدىغان مۇھەببەتلىك نۇرلار يوقىلىپ، زەھەردەك ئاچچىق ئىبارىلەر،مۇدھىش،سوغ نىگاھ ئۇچقۇنلىرى بېشىمىزغا كۆمتۈرۈلدى.قىزلارغا خاس ساپ تۇيغۇم،سۈزۈك قەلپ تېۋىشلىرىم ئىز-دېرەكسىزلا توزۇپ كەتتى.ئارزۇ-ئىستەكلىرىم سەن بىلەنلا يوقالغان بولسا كېرەك،ھېچنىمىنى ئەسلىيەلمەيدىغان،چۈشەنمەيدىغان،قىزىقمايدىغان بولۇپ قالدىم.جاھان شۇنچىلىك سوغۇق، مۇدھىش تۇيۇلدى.ھەتتا سەنسىز ياشاشمۇ بەك مەنىسىز... .
كەلگىن،قايتا يېنىمغا كەلگىن!چاڭقىغان دىلىمنى سۆيگۈ يامغۇرىنىڭ شەربەتتەك تامچىلىرى بىلەن سۇغارغىن.يۈرىكىڭگە دەپنە قىلىۋەتكەن شېرىن ئەسلىمىلىرىمنى قايتۇرۇپ بەر!ۋۇجۇدۇمنى كۆيدۈرۈپ چۇل-چۇل قىلىۋەتكەن ئاتەش كەبى باغرىڭنىڭ ئىللىقلىقىنى قايتا ھېس قىلدۇرغىن.سۆيگۈ،ھېجران دەردىدە زەئىپلەشكەن،نىمجان بولغان يۈرىكىمگە مېھىر-مۇھەببەتلىك مەلھەملىرىڭنى داۋا قىلىن،سۆيگۈ دېڭىزىمدا كېمىلىرىڭنى چاپتۇرۇپ،ۋىسال قىرغاقلىرىغا مېنىمۇ بىللە ئېلىپ بارغىن،ئۆتۈنەي!!!...

aktorna 2012-05-31 11:33
ياخشئمذ سئز؟ خانئم.مەن يېڭىدىن ئەزا بولغان بىر ئاددى ئۇقۇتقۇچى.مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش بۇ مەرىپەتكە تولغان داستىخانلاردىن ھۇزۇرلانسام،قەلىب تەمەچلىرىمىنى سۇنسام بۇلامدىكىن دەپ ھىس قىلدىم.  سىزنىڭ خىيالغا تولغان كۈڭۈل تىۋىشلىرىڭىز مىنى ئىختىيارسىز ئىنكاس يىزىقا ئۈندەپلا تۇردى.ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپسىز.ھارمىغايسىز.

تۇنجى قېتىم مەن مۇشۇنچىلىك يازاي.مىنى ئۆز تۇپۇڭلارغا قۇشۇپ تەپەككۈرلرىمىزنى بىرلىكتە قانات يايدۇرۇشقا ئىمكانىيەت يارىتىپ بىرىشىڭىزلارنى ئۈمىت قىلىمەن.

kamalat 2012-05-31 14:30
نىمە دېگەن ياخشى يىزىلغان ئەسەر بۇ. قەلەم تۇتقان قوللىرىڭىزدىن بەركەت تاپقايسىز.

ak gul 2012-06-01 01:04
كامالەت ۋە ئاق تورنا،خىيال تېۋىشلىرىمگە قۇلاق سالغىنىڭلارغا رەھمەت.
ئاق تورنا،سىزنى ھەممىمىز قىزغىن قارشى ئالىمىز،سىزنىڭ قەلىپ تەرمەچلىرىڭىزنى ھوزۇرىمىزغا سۇنۇپ،تەۋپىقداشلار بىلەن بىرلىكتە،تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىمىز،مۇنبىرىمىز ئۈچۈن تېگىشلىك ھەسسە قوشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

koksangun 2012-06-01 01:20
ئاقگۈلنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن ، مۇشۇنداق نادىر يازمىلىرىڭىز بىلەن تەۋپىق مۇنبىرىدە يارقىن ئىزلارنى سېلىپ تۇرۇشىڭىزغا تىلەكداشمەن .

tawpek 2012-06-01 17:42
تەرجىمانمىكىن دىسەم شائىرەلىكىڭىز قوشولغانتى مانا ئەمدى ئەخمەت ئىمىننىڭ ئۇدۇمىنى ئالغان شاگىرتىدەك قىلىسىز.

دىمەك ئەدەبىياتنىڭ ھەممە تۈرلىرىدە باركەنسىز. بارىكاللا.

يىڭى ئۆزگەرتكەن باش سۈرىتىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن.

ھەممە ئەزالارنىڭ ئۆزىگە خاس باش سۈرەتلىرىنى بەلگىلىۋىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

ak gul 2012-06-01 19:59
نەقىل
引用第5楼tawpek于2012-06-01 17:42发表的 :
تەرجىمانمىكىن دىسەم شائىرەلىكىڭىز قوشولغانتى مانا ئەمدى ئەخمەت ئىمىننىڭ ئۇدۇمىنى ئالغان شاگىرتىدەك قىلىسىز.

دىمەك ئەدەبىياتنىڭ ھەممە تۈرلىرىدە باركەنسىز. بارىكاللا.

يىڭى ئۆزگەرتكەن باش سۈرىتىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن.
.......
بەك ئاشۇرىۋېتىپسىز.خىياللىرىمنى مۇنداقلا يېزىپ باققۇم كەلگەن شۇ،ئەخمەت ئىمىندەك بولۇش ئۈچۈن،مەندە نۇرغۇن نەرسىلەر كەم.
شۇنداقتىمۇ ماڭا ئىلھام ۋە مەدەت بەرگىنىڭىزگە رەھمەت.

tawpek 2012-06-01 20:03
مۇمكىن بولسا مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى بولوش سۈپىتىڭىز بىلەن باش سۈرىتىڭىزنى يەنە بىر تەھرىرلىۋىتىڭ.

gulhan 2012-06-01 23:13
قەلىب تارىنى چەككۈدەك لېرىكا بۇپتۇ.

ئىتىقاد 2012-06-03 12:25
بەلەن.

akbarmuallim 2012-06-04 13:25
ياخشى بوپتۇ ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ ، قارىغاندا ئەنۋەر تاشتۇمۇرنىڭ نەسىرلىرنى كۆپ ئۇقۇپ تۇردىغان ئوخشايسىز ، ئىجادىيەتلىرىڭىز گە ئۇتۇق تىلەيمەن  . داۋاملىق تاتلىق مىسرالىرىڭىزنى ئۇقۇپ تۇرغۇم بار .

ak gul 2012-06-04 18:55
نەقىل
引用第10楼akbarmuallim于2012-06-04 13:25发表的 :
ياخشى بوپتۇ ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ ، قارىغاندا ئەنۋەر تاشتۇمۇرنىڭ نەسىرلىرنى كۆپ ئۇقۇپ تۇردىغان ئوخشايسىز ، ئىجادىيەتلىرىڭىز گە ئۇتۇق تىلەيمەن  . داۋاملىق تاتلىق مىسرالىرىڭىزنى ئۇقۇپ تۇرغۇم بار .

دوستلارنىڭ ئاق تىلەكلىرىگە رەھمەت.ئۈمىدىڭلارنى يەردە قويماسلىققا تىرىشىمەن.

tursun 2012-06-05 16:13
يازمىلىرىڭىز شۇ قىزىل گۇلدەك،
دىماقلارنى مەستخۇش قىلىدۇ.
ئويناپ تۇرغان خۇما كوزلەرنى،
ئوز باغرىغا دىلخۇش قىلىدۇ.

كۇي بۇلدۇقلاپ تۇرغان سەمەرىلىرىڭىزگە زور مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن.

ak gul 2012-06-05 22:30
نەقىل
引用第12楼tursun于2012-06-05 16:13发表的 :
يازمىلىرىڭىز شۇ قىزىل گۇلدەك،
دىماقلارنى مەستخۇش قىلىدۇ.
ئويناپ تۇرغان خۇما كوزلەرنى،
ئوز باغرىغا دىلخۇش قىلىدۇ.

.......

رەھمەت سىزگە تۇرسۇن مۇئەللىم.سىزنىڭمۇ ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

ak gul 2012-06-16 10:47
ئىنكاس ئۆچۈرۈلدى

danix 2012-06-18 10:39
          ئاق گۈل بۇ سىزنىڭ خىيالىڭىزما ؟ ماڭا بۇ خىيالىڭىز ئەمەس ،
بەلكى باشتىن كەچۈرگەن مۇھەببەتلىك كەچۈرمىشىڭىزدەك بىلىندى !
شۇ شېرىن كەچۈرمىشكە << قىرۇۋ >> چۈشۈرگەن قانداق ۋەقەدۇر ؟ دەپ ئويلىنىپ قالدىم !

ak gul 2012-06-18 12:08
ھەي،دانىش مۇئەللىم،ئەسەر يازغان ئادەمنى ئەمەس،ئەسەرنى باھالاڭ -ھە!

شۇنداقتىمۇ خېلى كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇغاندەك قىلىسىز،ئەرزىمەس تېمامغا كۆز يۈگۈرتكىنىڭىزگە رەھمەت!


查看完整版本: [-- خىيال تىۋىشلىرى(ئاق گۈل) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.104842 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us