tursun |
2012-05-30 01:45 |
بىر خىل... غەزەل ئاپتورى:تۇرسۇن ھۇسەيىن
«چىكىت قويدۇم» دىسە باشلىق،يالاشتۇق ھەجىبا بىر خىل، «چىكىپ قويدۇم»دىسە باشلىق،تالاشتۇق ھەجىبا بىر خىل.
چىگىشمەيلى دەپ كوڭۇلنى دەپ،شۇئار توۋلاپ ئوتۇشكەنتۇق، «تىگىپ قويدۇم»دىسە باشلىق،قاۋاشتۇق ھەجىبا بىر خىل.
ئۇنۇتتۇققۇ ئەزىز دوستلار قەسەم بەرگەن مىنۇتلارنى، «ئىگىپ قويدۇم» دىسە باشلىق ،ساۋاشتۇق ھەجىبا بىر خىل.
قىنى سوھبەتكە دىلكەش دوست،قىنى كوڭۇلنى ئۇتقان دوست، «ئىلىپ قويدۇم»دىسە باشلىق،ياماشتۇق ھەجىبا بىر خىل.
ئوزۇڭنى ئويلىماق بولساڭ،كوزۇڭ سال ئوزگىگە بىر رەت، «چىچىپ قويدۇم»دىسە باشلىق ،ئاداشتۇق ھەجىبا بىر خىل.
«چىگىپ قويدۇم»دىسە باشلىق،تاراشتۇق ھەجىبا بىر خىل، «چىچىپ قويدۇم»دىسە باشلىق،ئاداشتۇق ھەجىبا بىر خىل...!
مەنبە: ئوز ئىجادىيىتىم
|
|