tursun |
2012-05-19 00:35 |
«قانۇن ئادىلمۇ؟» ھازىر قانۇندىن، قانۇننىڭ ئادىللىقىدىن سوز ئىچىش قىيىن مەسىلە بولۇپ قالدى كەسىپداشلىرىم،مەن بىر ئاددىي ئەنزە مىسالىنى سىلەرگە سوزلەپ بىرەي،مەن بىر تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى،ئايالىم بولسا بىر مۇكەممەل ساقچى ئائىلىسىدە چوڭ بولغان تۇرۇقلۇق قانۇننىڭ ئادىل بولماسلىقى تۇپەيلى ئىككى يىلدىن بىرى تارتقان ئازاپلىرىمىز ئاز ئەمەس. چوڭ ئوغلۇم 2010 -يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۇنى توي قىلدى،4-ئاينىڭ 28-كۇنى باشقىلار تەرىپىدىن باش ۋە سول قولى ئىغىر زەخمىلىنىپ قانۇن دوختۇرلىرىنىڭ تەكشۇرۇشىدە قولى 8-دەرىجىلىك مىيىپ دەپ يەكۇن چىقىرىلدى،قولىمىزدا يىتەرلىك ئىسپات ماتىرياللىرى تۇرۇقلۇق مۇشۇ ئاددىي دىلو ئۇچۇن ئالتە قىتىم سوت ئىچىلدى،قانۇن ماددىلىرىغا ئۇيغۇن كەلگۇدەك ھىچقانداق نەتىجە چىقمىدى،ئەكسىنچە بىزنىڭ ئائىلىدىكىلەر، بولۇپمۇ زەخمەلەنگەن ئوغلۇم گويا جاۋاپكاردەك سوغۇق مۇئامىلىلەرگە ئۇچراپ كىلىۋاتىمىز،ھەتتا 40يىلغا يىقىن ساقچى بولۇپ ئىشلىگەن،مەملىكەت بويىچە ئۇلگىلىك ساقچى بۇلۇپ،پاك ئىشلىگەن قىيىن ئاتاممۇ (بۇيىل76ياشقا كىردى) نەۋرىسىنىڭ ئىشىنى دەپ سوت مەھكىمىسىدىكى «بالا سوتچى» لارنىڭ ھاقارەتلىشىگە ئۇچرىدى،شۇنداق بولسىمۇ بىز يەنىلا «قانۇن ئادىل»دەپ كۇتۇپ تۇرۇۋېتىمىز،ئوتتۇرا خەلق سوتى بۇ ھوكۇمنىڭ تەرتىۋى خاتا،ئەسلىدىكى سوت ھوكۇمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلسۇن،قايتىدىن سوت ئىچىپ بىر تەرەپ قىلىنسۇن دەپ قايتۇرغان بولسىمۇ،ئەسلىدىكى سوت مەھكىمىسى 2012-يىلى3-ئاينىڭ 8-كۇنى ئاخىرقى سوتنى ئاچقان بولسىمۇ تا بۇگۇنگىچە سوت ھوكۇمى چىقىرىلمىدى، ئوغلىمىزنىڭ قولىنى ئاڭلىغانلىقى داۋالاش رىتسىپلىرىدىن پايدىلىنىپ ئىككى يىلدىن بىرى ئىزچىل داۋالىتىپ كىلىەۋاتىمىز...دەرت دىگەن توشۇپ كەتتى،بۇنىڭغا كىم ياردەم قىلدى؟قىلالىدى؟ تورداشلىرىمنىڭ ئىيتقانلىرىنى ئوقۇپ كورۇپ ،مىنىڭ بىشىمدىن ئوتكەن بۇ ئەمەلىي ئەھۋاللارنى يىزىپ تورداشلىرىم بىلەن بولسىمۇ كوڭلىمنى ئازراق بولسىمۇ تەسكىن تاپقۇزاي دىگەن ئۇمىتتە بۇ ئازاپلىق مەخپىيىتىمنى سىلەرگە ئوخشاش سىرداشلىرىمغايوللىدىم،تەۋفىقداشلىرىم بۇ ماتىريالنى ئوقۇپ كورگەندىن كىيىن قانۇننىڭ ھازىرقى ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى تىخىمۇ ياخشى چۇشۇنۇشى ئۇچۇن ئازراق بولسىمۇ پايدىسى تىگىپ قالار دىگەن ئۇمىتتە بۇ ماتىريالنى سۇندۇم، كەچۇرگەيسىلەر.... مىنىڭ ھازىر ئىككى سىنىپقا تىل ئەدەبىيات دەرسىم،بىر سىنىپنىڭ سىنىپ مۇدىرىلىق ۋەزىپەم بولغاچقا،يۇكۇم بىر قەدەر ئىغىر،شۇنداق بولسىمۇ دەرسىم بولمىسىلا مۇشۇنداق تەۋفىق تورىدىكى كەسپداشلىرىم بىلەن پىكىرلەشسەم ھاردۇقۇم چىققاندەك بولىدىكەن،ئويگە كىرسەم بىر ئوماق نەۋرەم بار،ئەمدىلا 6ئايلىق بولدى،ئىشىكتىن كىرسەم پىسسىڭڭىدە بىرنى كۇلۇپ،ماڭا ئىنتىلگەن چىغىدا بىر كۇنلۇك ھاردۇقۇم چىقىپ كەتكەندەك بولىمەن،ئەمما كوز ئالدىمدا تۇرغان .وغلۇمنى كورگەن چىغىمدا ئاتىلىق مەسئۇلىيتىمنىتولۇق ئادا قىلالمىغانلىقىمدىن تولىمۇ ئىچىنىمەن..............بولدى، تورداشلىرىمنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلماي،كەچلىكىڭلار خەيرىلىكبولسۇن! |
|