tunyukuk |
2012-05-06 11:56 |
ھايۋانلارمۇ چۈش كۆرەمدۇ
مەلۇمكى، كېچىدە كۆرگەن چۈش كىشىلەرنىڭ ئارزۇ - ئىستەكلىرىنىڭ ئىپادىلىنىشى، ئەمما، ئالىملار يېقىندا ھايۋانلارنىڭمۇ چۈش كۆرىدىغانلىقىنى بايقىدى. ھايۋانلارنىڭ چۈش كۆرۈشىنىڭ ئىسپاتلىنىشى فرانسىيىلىك فىزىئولوگ بوشىر نوف ناھايىتى قىزىقارلىق تەجرىبە ئىشلىگەن. مۈشۈكنىڭ چۈش كۆرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئۇ مۈشۈك چوڭ مېڭىسىنىڭ مېڭە كۆۋرۈكىنى ئېلىۋەتكەن. نەتىجىدە مۈشۈك چۈشىدە نېمىنى كۆرگەن بولسا شۇ ھەرىكەتنى قىلغان. ئوپېراتسىيىدىن كېيىن بۇ مۈشۈك قاتتىق ئۇخلاۋاتقاندا تۇيۇقسىز بېشىنى كۆتۈرۈپ ئەتراپقا قارايدىغان، ئورنىدىن تۇرۇپ خۇددى يېمەكلىك ئىزدىگەندەك ئەتراپنى بىرنەچچە قېتىم ئايلىنىدىغان، تۇيۇقسىز قۇلاقلىرىنى دىڭ قىلىپ، پۇتىنىڭ تىرنىقىنى چىقىرىپ خۇددى بىرەر كۈشەندىسىگە ئېتىلىدىغاندەك تۇرىدىغان بولۇپ قالغان. مانا بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ئۇلارنىڭ چۈشىدە بولغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن نوف مۈشۈكنىڭ يېنىغا قويۇلغان يېمەكلىكنى چېگىدۇ، ھەتتا چاشقاننى ئۇنىڭ قېشىغا قويۇپ قويىدۇ. ئەمما، ئۇ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ئىشلارغا پەرۋا قىلمىغان، قارىغاندا ئۇ ھەقىقەتەن چۈش كۆرۈۋاتقان ئوخشايدۇ. چاشقان چۈشىدە نېمە كۆرىدۇ ئامېرىكا سانائەت پەنلىرى ئالىمى ماتېۋ ۋىلسون بىرنەچچە چاشقاننى تەجرىبە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەن چۈش كۆرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، ۋىلسون ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىلىرى مىكرو ئېلېكتروننى چاشقان مېڭىسىنىڭ سەقەنقۇرسىمان كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدىغان تەرىپىگە چېتىپ (بۇ رايون ھايۋانلارنىڭ خاتىرىلەش ۋە ئۆگىنىشىنى كونترول قىلىدۇ) كىچىك يۇمىلاق دائىرىنى بىرنەچچە قېتىم ئايلاندۇرۇپ مەشىق قىلدۇرغان. نەتىجىدە ۋىلسون ئوخشاشمىغان چاشقان نېرۋا ھۈجەيرىسىنىڭ ھەرىكەت رىتىمىنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقى، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر تەجرىبە چاشقىنىغا نىسبەتەن ئۇلارنىڭ نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ، ئوخشاش بولىدىغانلىقىنى بايقىدى، شۇنداقلا ئۇلار يەنە مۈشۈكنىڭ چۈش كۆرگەندە كۆزىنى توختىماي ئايلاندۇرغانلىقىنى ئوخشاش نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھەرىكىتىنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى بايقىدى. ۋىلسون «ئۇلارنىڭ ھەرىكەت رىتىمى ئوخشاش ئەمەس» تەجرىبە چاشقانلىرىنىڭ چۈشىنىڭ ئۇلارنىڭ كۈندۈزدىكى پائالىيەتلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بار. ئۇلار چۈشىدىمۇ كۈندۈزدىكى پائالىيەتلەرنى باشلايدۇ. ۋىلسون ۋە لويى تەجرىبىسىدە يەنە تەجرىبە چاشقىنىنىڭ چۈشىدە يۈگۈرۈش يولىنىڭ قانداقتۇر بىر يېرىنى چۈشىگەنلىكىنى ئېيتقان. كىشىلەرنىڭ چۈشىدە كۆرگەنلىرى كۆپ ھاللاردا كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا يېقىندا يۈز بەرگەن ئىشلار، ئەمما بىر قىسىملىرى بولسا نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى يۈز بەرگەن ئىشلاردۇر. ۋىلسون يەنە بەزى چاشقانلارنىڭ ئادەملەرگە ئوخشاش ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلدى. ۋىلسون چاشقان تەجرىبىسى قىلىشتىن ئىلگىرى تۇرمۇشى ئادەتتىكىچە بولۇپ، تەجرىبىگە كىرىشكەندىن كېيىن كۈندىن - كۈنگە يالغۇزسىرىغان، ۋىلسوننىڭ قارىشىچە، بۇ خىل يالغۇزسىراش تەجرىبە چاشقانلارنىڭ ئۆتمۈشىنى چۈشىنىشنىڭ سەۋەبى، ئۇ يەنە چاشقانلارنىڭ تەجرىبە قىلىنىشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىن ئۇلار تۆشۈكتە ھايات كەچۈرىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ ئاساسلىق پائالىيىتى شۇڭا بۇ ئۇلارنىڭ چۈشىدە ئايان بولىدۇ. بارلىق ھايۋانلار چۈش كۆرەمدۇ ئادەملەر چۈش كۆرگەندە چوڭقۇر نەپەس ئالىدۇ. يۈرەك سوقۇش تېزلىشىدۇ. قان بېسىمى يۇقىرىلايدۇ، مېڭىدىكى قاننىڭ مىقدارى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ، يۈز قىسمى ۋە پۇت - قوللار تارتىشىدۇ. ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئېلېكترو ئېنسېفالوگراممىدىنمۇ تېز دولقۇن كۆرۈلىدۇ. شۇڭا «كۆزنى تېز ئايلاندۇرۇش» بىلەن «ئېلېكترو ئېنسېفالوگراممىدىكى تېز دولقۇن » نى چۈش كۆرۈۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسى قىلىشقا بولىدۇ. يۇقىرىدىكىئۇسۇل بىلەن بىرقىسىم ھايۋانلارنىتەكشۈرگەندە، پاقا ئۇخلىغاندا پەقەت ئاستا دولقۇنلۇق ئەگرى سىزىقكۆرۈلۈپ، «ئېلېكترو ئېنسېفالوگرامما تېز دولقۇنى» بىلەن «كۆزنى تېز ئايلاندۇرۇش» بولمىغان. شۇڭا جەزملەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، پاقا چۈش كۆرمەيدۇ. تاشپاقا چۈش كۆرگەندە كۆزىنى تېز ئايلاندۇرىدۇ ۋە ئېلېكترو ئېنسېفالوگرامما تېز دولقۇنى كۆرۈلىدۇ. ئەمما ۋاقتى ئىنتايىن قىسقا بولۇپ، پۈتۈن ئۇيقۇسىنىڭ %2 ىنى ئىگىلەيدۇ. شۇڭا، تاشپاقىنىڭ چۈش كۆرۈش ۋاقتى ئىنتايىن قىسقا دەپ جەزملەشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئالىملار تەتقىقات ئارقىلىق يەنە كۆپ قىسىم ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلارنىڭ چۈش كۆرمەيدىغانلىقىنى، قۇش تۈرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك چۈش كۆرىدىغانلىقىنى، ئەمما كۆپىنچىلىرىنىڭ ئىنتايىن قىسقا ۋاقىتلىق چۈش كۆرىدىغانلىقىنى، سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار، مۈشۈك، ئىت، ئات قاتارلىق نۇرغۇن ئائىلە ھايۋانلىرى ۋە چاشقان، كىرپە، تىيىن، شەپەرەڭ، پىل قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنىڭ چۈش كۆرىدىغانلىقىنى، بەزىلىرى دائىم كۆرسە، بەزىلىرى ئىنتايىن ئاز كۆرىدىغانلىقىنى، بېلىق تۈرىدىكىلەر، قوش ماكانلىقلار ۋە ئومۇرتقىسىز ھايۋانلار چۈش كۆرمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان. ھايۋانلار نېمىشقا چۈش كۆرىدۇ؟ ئادەملەر نېمىشقا چۈش كۆرىدۇ؟ ئالىملار بۇ مەسىلە ئۈستىدە تەجرىبە ئېلىپ باردى. ئەگەر ئادەتتىكى كىشىلەر ئۇدا بىرنەچچە كۈن ئۇخلىمىسا ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. پەقەت ئىنسانلار ئۇخلىغاندىلا چوڭ مېڭە ئۇچۇرلارنى رەتلەيدۇ. شۇڭا، چۈش كۆرۈش ئۆگىنىشنىڭ مۇھىم بىر قىسمىغا ئايلانغان. ئالىملار ھايۋانلارنى بىرنەچچە كۈن ئۇخلاتمىغان، نەتىجىدە ھايۋانلار ئۆلۈپ قالغان. ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنى يېرىپ تەكشۈرگەندە، باشقا كۆرۈنەرلىك زەخىملىنىش كۆرۈلمىگەن. ئالىملار ھايۋانلارنىڭ چۈش كۆرۈشى پەقەت ئۇلارنىڭ كۈندۈزدىكى پائالىيىتىنى ئەسكە ئېلىش، يەنى ئۆگىنىش دېگەن پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويدى.
(مەنبە: «بىلىم - كۈچ» ژۇرنىلىنىڭ 2007- يىل 12 - سانىدىنئېلىندى. 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى)
|
|