ئانىلار بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىشى (ئەقىدە)
ئانىلار بايرىمىنىڭ تۇنجى تەشەببۇسچىسى ئامېرىكىنىڭ غەربىي ۋېرگىنىيە شىتاتىدىكى ئاننا جارۋىس 10 بالىنىڭ ئانىسى بولۇپ ،جەنۇب- شىمال ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئۇ بىر مەكتەپتە ئامېىرىكىنىڭ «ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان بولغانلار خاتىرىسى » دەيدىغان دەرسىنى ئۆتۈشكە مەسئۇل بولغان.ئۇ ھەر قېتىم مۇنبەردە ۋەتەن ئۈچۈن ،ئادالەت ئۈچۈن قۇربان بولغان قەھرىمانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى سۆزلىگەندە پەستە ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپ تۇرغان مەسۇم چىراي بالىلارغا قاراپ « شۇ قەھرىمانلارنىڭمۇ مۇشۇنداق گۆدەك ،مەسۇم چاغلىرى ،ئۇلارنىڭ شۇ مەسۇم چىرايىغا تويمايدىغان ئانىلىر بولغان بولغىيدى .ئۇلار پەرزەنتلىرىنى ۋەتەن ئۈچۈن ياراملىق ئادەم قىلىپ تەربىيلەپ بەردى .ئەگەر شۇ ئەسكەرلەر بولمىغان بولسا بۇ ئۇرۇشنىڭ غەلبىسى قولغا كىلەتتىمۇ ؟ بالىلىرى ئۇرۇش مەيدانىدا قۇربان بولغاندا ئازابىنى ئۈن -تۈنسىز ئىچىگە يۇتقان ئانىلار ئەڭ چوڭ قۇربان بەرگۈچىلەر،بېغىشلىغۇچىلار ئەمەسمۇ ؟ !» دىگەنلەرنى ئويلايتتى .شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر خاتىرە كۈن ياكى ئانىلار بايرىمى ئۆتكۈزۈپ ئاشۇ ئاددى ئانىلارنىڭ قەلبىگە تەسەللىي بەرمەكچى ،پەرزەنتلىرىنىڭ ۋاپاسىنى ئىپادىلىمەكچى بولىدۇ.لېكىن ئۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئۈلگۈرەلمەي 72 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ قىزى ئاپىسىنىڭ بۇ بۈيۈك ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن دۆلەت مەجلىسى ،شىتات باشلىقى ۋە ئاياللار تەشكىلاتلىرىغا ئۈزۈلدۈرمەي تەكلىپ ،ئىلتىماس يېزىپ ،ئانىلار بايرىمى تەسىس قىلىشقا تەكلىپ بېرىدۇ.ئۇنىڭ چاقىرىقى جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغايدۇ ۋە قوللاشقا ئېرىشىدۇ.شۇنىڭ بىلەن تۇنجى قېتىملىق ئانىلار بايرىمى 1908- يىلى 5-ئاينىڭ 12 -كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ. كېيىنكى يىلى بۇ ئىش غەربىي ۋېرگىنىيە شىتاتىنىڭ باشلىقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ.1914-يىلى ئامېرىكىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى پىرىزدىنتى ۋېلسۇن ھەر يىلى 5- ئاينىڭ 2- يەكشەنبىسىنى يەنى ئاننا جارۋىس ئالەمدىن ئۆتكەن كۈننى ئانىلار بايرىمى قىلىشنى رەسمىي ئېلان قىلىدۇ.ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە ئانىلار بايرىمى قىلىشنى رەسمىي ئېلان قىلىدۇ .ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنە ئانىلار بايرىمى كۈنى ئۆي - ئۆيلەردە دۆلەت بايرىقى ئېسىپ ئانىلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈشنى بەلگىلەيدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىللە جارۋىس خانىم ھايات ۋاقتىدا ياخشى كۆرىدىغان چىنەگۈل ئانىلار بايرىمىنىڭ سىمۇۋۇلى بولۇپ قالىدۇ.
ئانىلار بايرىمى دۇنياغا كەلگەندىن تارتىپلا پۈتۈن دۇنيانىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى . جارۋىس خانىمنىڭ قىزى ھايات ۋاقتىدىلا 43 دۆلەت ئانىلار بايرىمىنى قوبۇل قىلغان . بۈگۈنگىچە بۇ بايرامنى قوبۇل قىلغان دۆلەتلەر 100 دىن ئېشىپ ئىسمىي - جىسمىغا لايىق خەلقارالىق بايرام بولۇپ قالدى.