tikan |
2012-05-01 14:03 |
ئىملا خاتالىقىنى تېپىپ باقامسىز مەلۇم بىر شىركەت ئۆزى مەبلەغ چىقىرىپ سالغان تۆت يۈرۈش ئۆينى سىرىتقا قارىتا سېتىپ چىقارماقچى بۇلۇپ ئېلان شىركەتلىرى بىلەن ئالاقىلاشماي ئۆز شىركىتىدىكى بىر خىزمەتچىسىگە ئېلان يېزىپ كوچا-كوچىلارغا چاپلىشنى بۇيرۇپتۇ.ئېلان يېزىلىپ كوچىلارغا چاپلىنىپتۇ ،ئەمما بىر ئايغىچە بىرمۇ خېرىدار كىلىپ ئۆينى سېتىۋالماپتۇ.شىركەت رەھبەرلىرى بۇ ئىشنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ يېزىلغان ئېلاندا ئېغىر دەرىجىدە ئىملا خاتالىقى بار ئىكەن ھەم ئوقۇغان كىشىنگە بىرخىل قورقۇنۇش تۇيغۇسى بىرىدىكەن. ئىشەنمىسەڭلار تۆۋەندىكى ئەسلى ئورگىنالىنى ئوقۇپ كۆرۈڭلار. شىركىتىمىز يېقىندا پوقتا سېلىنغان بىر يۈرۈش بىنانى سىرىتقا قارتا ساتماقچى.بىنالارغا ئىشلەتكەن ماتىرياللار بىرقەدەر چىداملىق بۇلۇپ ،سېلىنىشى پوقتا ،شەكلى كۆركەم ئادەم ئۆلتۈردىغان ئۆيلەرنىڭ سايمانلىرى پۈتۈنلەي ئىمپورت قىلىنغان.
ھەممىدىن قۇلايلىق يىرى شۇكى:ھەر-بىر ئۆيلەردە ئوتتۇرا ۋە كىچىك ئۆلتۈرۈشلەرنى قىلىدىغان ئىككى ئېغىزلىق ئۆي بار. بۇ ئۆيلەرنىڭ ئۆلتۈرۈش قىلىدىغان سايمانلىرى پۈتۈنلەي زامانىۋى بۇلۇپ،سىز قاچان ئۆلتۈرۈش قىلىمەن دىسىڭىز شۇ ھامان ئىشقا چۈشەلەيدۇ. پوقتا سېلىنغان تۆت يۈرۈش ئۆينىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى ھەربىر بىنانىڭ ئالدى تەرەپتە 600كىۋادىرات مىتىرلىق گۈللۈك باغچە بار .باغچىنىڭ ئىچىدە بىر قانچە يەردە ئادەم ئۆلتۈردىغان ئۇرۇندۇق قۇيۇلغان.ئادەم ئۆلتۈردىغان بۇ ئورۇندۇق پۈتۈنلەي چات دۆلەتلەردىن كىرگۈزۈلگەن ئادەم ئۆلتۈرسە بىرخىل خاتىرجەملىك ھىس قىلىدۇ.كەڭ خىتىدارلار پورسەت غەنىيمەت ،سىلەرگە مەرھەمەت.
پوقتا ئۆي مۈلۈك شىركىتى.
مەنبە : دۇنيا قارا بىلوگى.
كەڭ تورداشلارنىڭ ئىملا خاتالىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن ،كىچىككىنە نۇخسانمۇ ۋاختى كەلگەندە نەھەيتى چوڭ خەتەر ئېلىپ كىلىدۇ. |
|