查看完整版本: [-- پەرق --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرمىلەر -> پەرق [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tunyukuk 2012-05-01 12:55
پەرق
 

قۇرداش ئىككى ياش بىرلا ۋاقىتتا بىر دۇكانغا ئىشقا كىرىپتۇ ھەمدە ئوخشاش مائاش ئاپتۇ. ئەمما، ئانود دېگەن يىگىتنىڭ مەرتىۋىسى بىردىنلا يۇقىرىلاپ كېتىپتۇ، برونو دېگىنى بولسا ئۆز ئورنىدا تۇرۇۋېرىپتۇ. ئۇ خوجايىننىڭ ئۆزىگە ئادىل مۇئامىلە قىلمىغانلىقىدىن ناھايىتى نارازى بولۇپ، ئاخىر بىر كۈنى خوجايىننىڭ ئالدىغا كىرىپ كوتۇلداشقا باشلاپتۇ. خوجايىن ئۇنىڭ ئاغرىنىشلىرىنى سەۋرچانلىق بىلەن تىڭشىغاچ ئولتۇرۇپ، كۆڭلىدە ئۇنىڭ بىلەن ئانود ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئۇنىڭغا قانداق چۈشەندۈرۈشنى ئويلىشىپتۇ. 
− برونو ئەپەندى، − دەپتۇ خوجايىن، − سىز بازارغا بېرىپ، بۈگۈن ئەتىگەن نېمە سېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كەلسىڭىز، − دەپتۇ. 
برونو بازاردىن قايتىپ كېلىپ خوجايىنغا بۈگۈن ئەتىگەن بازاردا بىر دېھقاننىڭ بىر ھارۋا ياڭيۇ ئەكېلىپ سېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپتۇ. 
− قانچىلىك چىقىدىكەن؟ − دەپ سوراپتۇ خوجايىن. 
برونو دەررۇ قالپىقىنى كىيىپ بازارغا قاراپ يۈگۈرۈپتۇ. ئاندىن قايتىپ كېلىپ خوجايىنغا ياڭيۇنىڭ قىرىق تاغار ئىكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. 
− باھاسى قانچىكەن؟
برونو بازارغا ئۈچىنچى قېتىم قاتراپ بېرىپ باھانى سوراپ كەپتۇ. 
− بوپتۇ، − دەپتۇ خوجايىن ئۇنىڭغا، − ئەمدى سىز ماۋۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي، باشقىلارنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ بېقىڭ. 
ئانود بازاردىن ناھايىتى تېزلا قايتىپ كېلىپتۇ ھەمدە دوكلات قىلىپ ھازىرغىچە بىرلا دېھقاننىڭ ياڭيۇ سېتىۋاتقانلىقى، ياڭيۇنىڭ قىرىق تاغار ئىكەنلىكى، باھاسىنىڭ قانچە ئىكەنلىكى؛ ياڭيۇنىڭ سۈپىتىنىڭ ناھايىتى ياخشىلىقى، ئۆزىنىڭ خوجايىن كۆرۈپ باقسۇن دەپ بىرنى ئالغاچ كەلگەنلىكى؛ بۇ دېھقاننىڭ بىر سائەتتىن كېيىن يەنە بىرنەچچە ساندۇق پەمىدۇر ئەكېلىدىغانلىقى، ئۆزىنىڭ قارىشىچە، باھاسىنىڭ ناھايىتى ئەرزانلىقى، تۈنۈگۈن ئۆزلىرنىڭ دۇكىنىدىكى پەمىدۇرنىڭ تولىمۇ تېز سېتىلغانلىقى، ئامباردا كۆپ قالمىغانلىقى، شۇڭا ئۆزىنىڭ مۇنداق ئەرزان پەمىدۇرنى خوجايىن جەزمەن ئازراق ئالىدۇ دەپ ئويلاپ، پەمىدۇردىن بىرنى ئالغاچ كېلىپلا قالماستىن، يەنە ھېلىقى دېھقاننىمۇ باشلاپ كەلگەنلىكى، ئۇنىڭ شۇ تاپتا تالادا جاۋاب كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. 
شۇ چاغدا خوجايىن برونوغا بۇرۇلۇپ: 
− ئەمدى سىز ئانودنىڭ ئىش ھەققىنىڭ نېمىشقا سىزنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى چۈشەنگەنسىز؟ − دەپتۇ.  
 
( مەنبە: «قەترىگە يوشۇرۇنغان دېڭىز»  ناملىق كىتابتىن ئېلىندى. 2012-5-1  )    


uzqak 2012-05-01 16:55
بۇ يازمىنى كۆرۈپ ئالدىنقى كۈنى ئىشخانىدا بولغان پاراڭنى ئەسلەپ قالدىم .
-كەچكىچى ئادەمنى ئادەم قىلىش دەيدىكەن .كىمنىڭ مەقسىتى ئادەمىنى ھايۋان قىلىشكەن ، ھەممىسىنىڭ مەخسىتى ياخشى قىلىشقۇ شۇ ....
-شۇنى دەيمەن .
گەپ  قىستۇرۇشنى ئويلىساممۇ  - ھە ،دەپ قۇيۇپ دەرسكەماڭدىم . ئەمەلىيەتتە بالىلارنى ئادەم قىلىشقا كەتكەن سىڭدۈرگەن جەرياننى مۇشۇ يازمىدىكى جەريانلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئويلاپ باقسىمۇ بولغۇدەك...
ئەتىگەن ۋەتەن بىلوگىدىن بىر يازمىنى كۆرگەن ئىدىم .ماتىريال قاچۇلغۇچۇمغا قاچىلاپ قويغان بالىلارغا كۆرسىتەي دەپ،ئۇنىمۇ قۇشۇپ يوللاپ قوياي؛

سېلر.كۇستېر ئەپەندى، «چىكاگومۇنبىرى گېزىتى» نىڭ بالىلار سەھىپىسى باشقۇرغۇچىسى بولۇپ، ئون يىللاردىن بىرى، بالىلاردىن شۇخىلدىكى«  تەڭرى نېمە ئۈچۈن ياخشىلارنى مۇكاپاتلىمايدۇ، يامانلارنى جازالىمايدۇ ؟»دېگەندەك مەزمۇندىكى خەتلەرنى كۆپ قېتىم تاپشۇرۇپ ئالغان.
ھەرقېتىم بۇخەتلەرنى ئوقۇغىنىدا ئۇنىڭ قەلبى تىمتاسلىققا چۆمەتتى، چۈنكى ئۇ بۇخەتلەرگە نېمە دەپ جاۋاب قايتۇرۇشنى بىلەلمىگەن ئىدى.
شۇ قېتىم، ئۇ مارىنىڭ خېتىگە نېمە دەپ جاۋاپ قايتۇرۇشنى ئويلىشىۋاتقىنىدا، بىر دوستى ئۇنى توي مەرىكىسىگە تەكلىپ قىلىدۇ.
ئۇ بىرئۆمۈر شۇ قېتىمقى توي مەرىكىسىگە چىن رەھمىتىنى بىلدۈرىدۇ، چۈنكى شۇ توي مۇراسىمىغا قاتنىشىۋاتقانىدا ئۇ بالىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب تاپقان ئىدى، يەنە كېلىپ بۇ جاۋاب بىر كېچىدىلا دۇنياغا تونۇلدى.
ئۇنداقتا ئۇ توي مۇراسىمىدا سېلر.كۇستېر ئەپەندى قانداق جاۋاب تاپتى؟
باستېر توي مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ بولغاندىن كېيىن، قىزبىلەن يىگىت ئۆز-ئارا توي ئۈزۈكى تەقدىم قىلىشىدۇ، لېكىن ئۇلار تەمتىرىگىندىن ئۈزۈكلەرنى قارشى تەرەپنىڭ ئوڭ قول بارماقلىرىغا سېلىشماقچى بولىشىدۇ. بۇچاغدا باستېر چاقچاق قىلىپ: «مېنىڭچە ئوڭ قولۇڭلار يېتەرلىك مۇكەممەللىككە ئىگە بولۇپ بولغان، ئەڭ ياخشىسى ئۈزۈكلەربىلەن سول قولۇڭلارنىڭ بارماقلىرىنى بېزەڭلار… » دەيدۇ.
باستېرنىڭ بۇ چاقچىقى راستىنلائۇنىڭ كۆڭلىنى پاللىدە يورىتىۋەتكەن ئىدى. ئوڭ قول ئەسلىدىلا ئىنتايىن مۇكەممەل، ئۇنى زىبۇ-زىننەتلەر بىلەن بېزەشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەتىراپىمىزدىكى ئەشۇ ئەخلاق، پەزىلەت ئىگىلىرى دائىم نەزەردىن چۈشۈپ قالىدۇ، بۇ ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ يېتەرلىك مۇكەممەلىكىدىن كېلىپ چىققان ئەمەسمۇ؟
سېلر.كۇستېر ئەپەندى كېيىن بۇ ھەقتە مۇنداق يەكۈن چىقىرىدۇ: تەڭرى ئوڭ قولنى ئوڭ قول قىلىپ ياراتقان، بۇ ئوڭ قولغا بېرىلگەن ئەڭ چوڭ مۇكاپات، شۇھېكمەت بويىچە بولغاندا ئاق كۆڭۈل ئادەملەرنىڭ ئاق كۆڭۈللۈكى تەڭرىنىڭ ئۇلارغا بەرگەن ئەڭ چوڭ مۇكاپاتى.
سېلر.كۇستېر بۇ قائىدىنى بايقىغاندىن كېيىن، قاتتىق ھاياجانلىنىدۇ، ئۇ « تەڭرى سىزنى ياخشى بالا قىلىپ ياراتقان، مانا بۇ سىزگە بېرىلگەن ئەڭ چوڭ مۇكاپاتتۇر » دېگەننى باش تېما قىلىپ، تېزدىن مارىغا جاۋاب خەت يازىدۇ ۋە «چىكاگو مۇنبىرى گېزىتى » دە ئېلان قىلىدۇ، بۇخەت ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇزاق ئۆتمەي ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى مىڭدىن ئارتۇق گېزىتتە كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىنىدۇ ھەم ھەر قېتىملىق بالىلار بايرىمىدا بۇخەت داۋاملىق بېسىلىدۇ.
خەنلەردە: ياخشىلىقنىڭ ياخشىلىق جاۋابى، يامانلىقنىڭ يامانلىقتۇر جاۋابى، گەرئۇنداق بولمىسا، كەلمىگەندۇر دەل ۋاقتى دېگەن گەپ بار، بىز دائىم يامانلارنىڭ جاجىسىنى يېمەيۋاتقانلىقىدىن زارلايمىز، لېكىن بۇ قانۇنىيەت بىزگە ئەسكەرتىدۇكى، ئۇلارنىڭ يامان ئادەم بولۇشى تەڭرىنىڭ ئۇلارغا بەرگەن ئەڭ چوڭ جازاسى.
خەنچە« ئادەم» تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

ozqan 2012-05-01 22:34
تۇنيۇقۇق ، ئۇزچاق : بەك ياخشى ماتىرياللارنى يوللاپسىلەر . ئوقۇغۇچىلارغا ماقالە يېزىش ماتىريالى قىلىپ ئىشلەتسەك بولغۇدەك .

koksangun 2012-05-01 22:52
بۇم امتېرىيال ھەقىقەتەن ياخشى پايدىلىنىشم ماتېرىيالىكەن ، كىشىنى يېڭىچە ئويغا يېتەكلەيدىكەن . ئەجرىڭلارغا كۆپ رەھمەت !!!


查看完整版本: [-- پەرق --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.039246 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us