查看完整版本: [-- پۇتبول ۋە كىشىلىك ھايات --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> تەرمىلەر -> پۇتبول ۋە كىشىلىك ھايات [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

tunyukuk 2012-05-01 12:37
پۇتبول ۋە كىشىلىك ھايات
 

سەن تۇغۇلغاندىكى تۇنجى يىغا ئاۋازىڭ − پۇتبول مۇسابىقىسى باشلانغاندىكى ئۈشتەك ئاۋازى؛
سېنىڭ يېشىڭ − مۇسابىقە ۋاقتى؛
سېنىڭ ئارخىپىڭ − مۇسابىقە خاتىرىسى؛ 
سېنىڭ تونۇش - بىلىشلىرىڭ − تاماشىبىن؛
سېنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىڭ − مەدەت بەرگۈچىلەر؛ 
سېنىڭ رەھبىرىڭ − رېپىرى؛
سېنىڭ رۇخسەت سوراپ ئارام ئېلىشىڭ − مۇسابىقىنى ۋاقىتلىق توختىتىش؛
سېنىڭ ئالدىنقى يېرىم ئۆمرۈڭ − پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى ئالدىنقى يېرىم مەيدان؛
سېنىڭ كېيىنكى يېرىم ئۆمرۈڭ − پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى كېيىنكى يېرىم مەيدان؛
سېنىڭ ھېيت - بايراملاردىكى ئارام ئېلىشىڭ − يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئارىلىقىدىكى ئارام ئېلىش؛
سېنىڭ تالىشىپ ئىش قىلىشىڭ − توپ تالىشىش؛
سېنىڭ تەس كەلگەن ئىشنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويۇشۇڭ − توپ تېپىش؛ 
سېنىڭ خىزمەتنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشىڭ − پاس بېرىش؛
سېنىڭ ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشكە ئېرىشىشىڭ − ئاساسلىق كۈچ؛ 
سېنىڭ ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىلمەسلىكىڭ − زاپاس كۈچ؛
سېنىڭ ئالدىنقى سەپتە ئىشلىشىڭ − ھۇجۇمچى؛
سېنىڭ ئارقا سەپ خىزمىتى ئىشلىشىڭ − بېك؛
سېنىڭ ھوقۇقۇڭ دائىرىسىدىن ھالقىپ ئىش قىلىشىڭ − ئوفسايد؛
سېنىڭ خىزمىتىڭنىڭ ئالمىشىشى − ئادەم ئالماشتۇرۇش؛
سېنىڭ خىزمىتىڭدە ياخشى نەتىجە كۆرۈلۈشى − توپ كىرگۈزۈش؛
سېنىڭ خىزمىتىڭدە ئارقا - ئارقىدىن ياخشى نەتىجە كۆرۈلۈشى − بىر مەيدانغا بىر ئادەمنىڭ كەينى - كەينىدىن توپ كىرگۈزۈشى؛
سېنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈپ ئۆزۈڭنى تەكشۈرۈشۈڭ − سېرىق كارتا ئاگاھلاندۇرۇشى؛
سېنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەتتىن ئايرىلىپ قېلىشىڭ − قىزىل كارتا چىقىرىپ مەيداندىن چىقىرىۋېتىلىش؛
سېنىڭ خىزمىتىڭنىڭ تەڭشىلىشى − كوماندا ئالمىشىش؛ 
سېنىڭ يېڭى خىزمەت ئورنىغا بېرىشىڭ − كوماندىغا قاتنىشىش؛ 
سېنىڭ ۋەزىپەڭدىن توختىتىلىشىڭ − ترېنېرلىقتىن قېلىش؛
سېنىڭ پېنسىيىگە چىققىنىڭ − پۇتبول مۇنبىرىدىن چېكىنىش؛
ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلغىنىڭ − پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئاخىرلىشىشى. 

(مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلىنىڭ 2007 - يىل 5 - سانىدىن ئېلىندى.)
 

tunyukuk 2012-05-01 12:45
بۇ ماتېرىيالدا  "كىشىلىك ھايات" − "پۇتبول" ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن، يەنى پۇتبول مۇسابىقىسىگە ئائىت ئاددىي ئىشلاردىن كىشىلىك ھايات قانۇنىيەتلىرى ھەققىدىكى چوڭقۇر ھېكمەتلەر ئىپادىلەنگەن.  بۇ - "شەيئىلەرنىڭ تەرەققىياتىنى مەلۇم بىر ھادىسە ئارقىلىق ئىپادىلەش"  ئۇسۇلىغا ئۈلگە بولالايدۇ.  

gulhan 2012-05-01 12:54
يېزىقچىلىقنىڭ ئۆزگىچە شەكلىكەن بۇ. ئۇلانمىڭىزغا رەخمەت.

ozqan 2012-05-01 12:55
نېمە دېگەن ياخشى تەدبىقلىنىش بۇ ...   تولىمۇ جايىدا ، ئوبرازلىق ئىپادىلىنپتۇ .
پۇبول مەيدانىدا قانداق رولنى ئېلىش پۇتبولچىنىڭ بەدەن قۇۋىتىگە ، ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ تەۋرەنمەس ئىرادىسىگە ، جاسارىتىگە ، غەيرىتىگە ، پىسىخىكىسىنى قانداق تەڭشەپ تۇرۇشىغا ، بىر قېتىملىق مەغلۇبىيەتنى كېيىنكى تەجىربە-ساۋاقلىق غەلىبىلەر بىلەن قانداق تولۇقلىشىغا باغلىق ئىكەن . پۇتبول مەيدانىدا بەلگىلىك رولىمىزنى جارى قىلىدۇرۇپ  بۇ مەيداندىن ئايرىلغان چاغدىمۇ ، ئەسلەنگۈدەك پۇتبولچىلاردىن بولۇشىمىز ئۈچۈن تىرىشايلى . . .
تۇنيۇقۇق مۇئەللىم:  رەخمەت ئەجرىڭىزگە .

uzqak 2012-05-01 16:39
بۇ يازمىنى كۆرسىتىپ «مەن توپنى خاتا تېپىپ قويغان پۇتبولچى » «ناۋادا  توپنى خاتا تېپىپ  قويسام »... دېگەندەك ماۋزولارنى بېرىپ بىرەر نەرسەيېزىشقا يېتەكلەپ باقسىمۇ ياخشى ماتىريال بولامدۇ قانداق ؟
ئەجرىڭىزگە رەخمەت!


查看完整版本: [-- پۇتبول ۋە كىشىلىك ھايات --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.083828 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us