ozqan |
2012-05-01 02:39 |
تۆۋەندىكى يازمام ئارقىلىق تەۋپىق ئۈچۈن ئەمگەك قىلمىغانلارغا «تاتلىق يامانلاش »نى سوۋغا قىلىمەن ، تەۋپىقنى دەپ ھەممىنى ... نۇرغۇن ۋاقتىنى ، زېھنىنى سەرىپ قىلىۋاتقانلارغا چىن ، سەمىمىي سالام ، ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن . ئەجىر-ئەمگەك بىزگە داۋاملىق ھەمراھ بولغاي ، ئىش-ئوقىتىمىز ، پىشاينىمىزدىكى ھالال تەرىمىز بىلەن ئۆز ئورنىمىزنى ، ئۆز قەدىر-قىممىتىمىزنى ساقلاشنى ئىگىسى نېسىپ قىلغاي ... ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت ھەقىقىي ئەمگەككە ، ھالاللىققا تويۇنغان بۇ كەسىپ سىلەرگە داۋاملىق خوشاللىقلار ئاتا قىلغاي ... مۇنبەردىكى ئەجىرىڭلاردىن گۈللەر ئېچىلغاي ...
مۇنبەر ئۈچۈن ئىشلىمەي چىشلەشكىلا تۇرغانلار، ئېلىشنىلا ئۆگىنىپ «بەر» گە قولى قاتقانلار . ئەجىر بىلەن باشقىلار گۈلگە گۈللەر قوشقاندا ، پەرۋايى يوق ،نامى بار توردا ئۇخلاپ ياتقانلار . ئويغىنشىنى تەس كۆرۈپ ، قېنى سەن ئاۋال باشلا ... دەپ جاپانىڭ قامچىسىدىن ھەجەپمۇ تېز قاچقانلار . ھەمدەم بولماي ئاۋامغا ئۇيات قاراپ تۇرۇشمۇ ، ئۆشنىسىدە باشقىلارنىڭ كۆككە ئەركىن باققانلار . سىزمۇ مۇشۇ ئېقىننىڭ سۈيىدە تەڭ ئاقارسىز ، مېھرىڭىزنى ئايىماڭ ، چاڭقاپ قالدى بالىلار . مەرىپەتنىڭ بۆشۈكى تەۋرىسۇن ئاق قوللاردا، داغ تەگمىسۇن بۇ ساھەگە يىراق قاچسۇن قارىلار. قوللاپ ، كۈيگە كۈي قېتىڭ ئاۋازىمىز جاراڭلار ، تاپقاندا بىر باش پىياز مۇنبەرگە دەپ ئاتساڭلار .
تەۋپىقنىڭ ئۇز بېغىدا سەرخىل مېۋە پىشىپتۇ ، تەمى تىلدا داستان بولۇپ ، ھەر ياقلارغا يېتىپتۇ . ئەجىر قىلغان باغۋەنلەر ھوسولىدىن شاتلىنىپ ، ئىزچىللىقنىڭ بايرىقىنى بۇ تۇپراققا تىكىپتۇ . باغقا كەلگەن بەزىلەر بىر تويۇپلا نەگىدۇر ، شەپىسىزلا يوقاپ كېتىپ ، باج تۆلەشتىن قېچىپتۇ. ئەلىف بىلەن بە ھەرپنى تەڭ ئۆگەنگەن قەدىردانلار ، ئۆز ئەجرىدىن بىنەملەرگە نۇرغۇن ئۇرۇق چېچىپتۇ. باغدا يوللار بەك راۋان ، ئۆتەر كۈندە نۇرغۇن كارۋان، گۈزەللىككە كۆپ كىشى چېچەكلەرنى قېتىپتۇ . بەرنالىقتا باغ مانا شۇنچە كۆركەم بېزىلىپ ، پەن-مائارىپ ھاۋاسىغا خۇش پۇراقلار قېتىپتۇ . ئاۋام ئۈچۈن ئىشلەشنى شەرەپ بىلگەن بەزىلەر، ماكان تۇتۇپ بۇ باغنى يۇلتۇزلاردەك يېنىپتۇ .
ھۆرمىتىم بار ئەۋلادقا مېھرىدىن نۇر چاچقانغا ، ئەجىر بىلەن تار يوللاردا داغداملىقنى ئاچقانغا . كۈيلەر قاتسام ئەرزىيدۇ ، تۆردە ئورنى ئۇلارنىڭ، چاڭقاپ كەتكەن دىللارغا يامغۇر بولۇپ ياغقانغا. قۇرۇق گەپنىڭ ئورنىغا ئىش -ئەمەلى ئەجرى بىلەن، بالىلارنىڭ قەلبىگە شامدەك يورۇق چاچقانغا . ئىللەتلەرگە خەنجەر بولۇپ، لەنەتلەردىن يىراق تۇرۇپ، نادانلىقنىڭ كۆلبەسىگە ئۈگۈتتىن ئوق ئاتقانغا . چېچەك بىلەن ئەسرار بولۇپ ،ياۋا ئوتنى باغدىن يۇلۇپ، گۈللەر ئۈچۈن ئاپتاپ بولۇپ مېھىر بىلەن باققانغا . تەۋپىق ، دەپ ئوتتا كۆيۈپ ، سۈيىدە تەڭ ئاققانغا ، تۆردىن ئورۇن كۆرسىتەيلى ، ئەل ئاۋامغا ياققانغا ... ئىناقلىقتىن ، ئىلغارلىقتىن يىمىرلمەس قورغان قۇرۇپ ، تەۋپىق ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز يورۇق چىراق ياققانغا. |
|