yaxar |
2012-05-01 01:34 |
دانىش ئەپەندىگە ياشارنىڭ دەيدىغانلىرى ئابدىغىنى ئابلىمىت (ياشار) بىلىشىمچە بۈگۈكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا "ئىللەت تۈزەلمەي مىللەت تۈزەلمەس" دىگەن تىمىدا، پەخىرلىك ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندى، ھەقىقى مەنىدىكى زىيالىلارغا خاس بۇرۇچ تۇيغۇسى بىلەن، پۈتكۈل مىللەت كوللىكتىۋىنىڭ ئىستىقبالىغا مەسئۇل بولۇش ئىستىگى، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ دۇنيادىكى ئىلغار مىللەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئىلىشىنى تىزراق رىئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئارزۇسىدا تۇنجى قىتىم قەلەم تەۋرىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ روھىيەت قۇرۇلمىسىغا دائىر تەتقىقاتىنى ئەڭ بۇرۇن باشلىغان ۋە يۇكسەك پەللگە كۆتۇرۇپ، ئۆزگىچە ئۇسلۇپ ياراتقان. پەخىرلىك ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەپەندى ئۆز خەلقىنىڭ روھىيىتىدىكى نۇقسانلارنى بايقاش ۋە ئېچىپ تاشلاش جەھەتتە كۆپلىگەن ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ بېرىپ "مىللى مەدەنىيەت راۋاجلىنىشىدىكى بىر مۇھىم قانۇنىيەت "، "ھەسەتخورلىقنىڭ ئون چوڭ كاساپىتى"، "ئەنئەنىۋى ئاڭ ۋەزامانىۋى ئاڭ"، "تارىخ ھەققىدە ئويلۇنۇش- مىللەتلەر تەرەقىياتىنىڭ ئېھتىياجى"، "ياشلار ۋە ئېقتىدار قىممىتى"، "ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل مىىللى ئويغۇنۇش"، "ھەشەمەتخورلۇق ۋە قۇرۇق شۆھرەت"، "مىللى مائارىپ ۋە نەزەرىيىۋى تەپەككۇر" ، "كىلاسسىك مەدەنىيەت ۋە نەزەرىيىۋى تەپەككۇر" ، "ياتلاشقان ئىنسسان ۋە ياتلاشقان ئەقىل پاراسەت"، "ھەسەتىخۇرلۇق ھەققىدە ھەسرەتلىك خىياللار"، "مىللەتنىڭ بىرلىك ھەمدە ملىگى ۋە يۇرتۇۋازلىق يەملىكى"، "روھنى ساغلاملاشتۇرۇش مىللەتنى گۇللەندۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسى"، "ھازىرقى جاھان مەدەنىيەت تۇزۇلمىسىدىكى پاجئىەلىك زىدىيەت"، " مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئۆزىنى بىلىشى ۋە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت ئۈچ بۇرجكى"، " كەلگۇسى مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ "، "تىل قۇدىرىتى تىل پەزىلىيىتى بىلەن"، "يىپەك يولىدىكى يېڭى سەھىپە ۋە تۆگە قۇش روھى"، "ئەنئەنىۋى ئاڭ گۇگۇمدىكى ئۇيقۇ ، زامانىۋى ئاڭ سەھەردىكى ئويغۇنۇش"، "روھىيەت ۋەمەدەنىيەت " ..... قاتارلىق ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىپ، بۇ جەھەتتىكى بوشلۇققا ئۇل سالدى، ۋە بۇ بىر قاتار ماقالىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ روھىيەت قۇرۇلمىسىغا دائىىر تەتقىقاتى ئارقىلىق مىللەت پىسخىكىسىدىكى نۇقسانلارنى چۆرىدەپ تەنقىت ۋە ئۆز- ئۆزىنى تەنقىت قىلىش دولقۇنىنى قوزغىغان ئىدى، شۇندىن ئىتىۋارەن بۇ تىمىدا قەلەم تەۋرەتكەنلەر خىلى كۆپ بولغان بولسىمۇ، بىراق ئالىمنىڭ بۇ تىمىسىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئىزچىللىقنى تا ھازىرغىچە ساقلاپ كەلگىنى ۋە تەسىرى بىرقەدەر زور، نەتىجىسى مول ۋە گەۋدىلىك بولغىنى ئىجتاھاتلىق يازغۇچىمىز ئەختەم ئۆمەر ئەپەندى بولدى، ئەختەم ئۆمەر ئەپەندىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ساداقىتىگە ھەرگىزمۇ كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ، ئەختەم ئۆمەر ئەپەندى مۇشۇ خىل تىمىدىكى يازمىلىرىدا گەرچە بەزى گەپلەرنى سەل كۆتۈرۈپ، مۇبالىغە قىلىۋەتكەن بولسىمۇ، مىنىڭچە بۇ گەپلەر (بولۇپمۇ "50 يىلدىن كېيىن ئۇيغۇرلار يوقايدۇ" دېگەنگە ئوخشاش بەزى كۆپتۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھۆكۈملەر) ھەرگىزمۇ ئىجتاھاتلىق يازغۇچىمىز ئەختەم ئۆمەر ئەپەندىنىڭ ئاغزىدىن مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن مۇنداقلا چىقىپ كەتكەن گەپ بولماستىن، بەلكى كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بىلەن قايتا- قايتا ئويلىنىپ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ روھىيىتىدە بىر قىتىملىق سىلكىنىش، چۆچۈش ۋە ئىللەتتىن قول ئۈزۈش ئىرادىسىنى تىكلىشىگە تۈرتكە بولۇش ئىستەك- ئارزۇسى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەمدى تەۋپىق مۇنبىرىمىزدىكى ئۆزىنىڭ سالمىقى ئېغىر، پىكرى چوڭقۇر، ئىلمىي قىممىتى يۇقرى يازمىلىرى بىلەن مۇنبەرگە كىرگىنىگە ئۇزۇن بولمىغان بولسىمۇ مۇنبەرداشلارنىڭ ئىتىراپ قىلىشى ۋە ھۆرمىتىگە ئىرىشكەن دوستىمىز مۇھەممەت مەتنىياز دانىش ئەپەندىنىڭ "ئەختەم ئۆمەرگە دانىشنىڭ دەيدىغىنى" ناملىق تىمىسىغا كەلسەك مەزكۇر يازمىدا مۇھەممەت مەتنىياز دانىش ئەپەندىمۇ مىللەتنى سۆيۈش، مىللى غۇرۇرنى قوغداش مەيدانىدا تۇرۇپ پىكىر بايان قىلغان بولسىمۇ لىكىن ماڭا دوستۇم مۇھەممەت مەتنىياز دانىش ئەپەندىنىڭ ماقالىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان قاراشلىرى ئۇزۇن مۇددەتلىك تەتقىقاتىنىڭ يەكۈنى بولماستىن، بەلكى ئەختەم ئۆمەر ئەپەندىنىڭ "سۆزلەشتىكى ئۈچ ئادەت" مەۋزۇلۇق ئەسىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى بىردەملىك ھاياجىنىنىڭ نەتىجىسىدەك تەسىر بەردى. ئەلۋەتتە بىردەملىك ھاياجىنىنىڭ نەتىجىسىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەتقىقاتىنىڭ يەكۈنىدەك مۇكەممەل، تەۋرەنمەس بولىشى ناتايىن، شۇڭا دوستۇم مۇھەممەت مەتنىياز دانىش ئەپەندىنىڭ "ئەختەم ئۆمەرگە دانىشنىڭ دەيدىغىنى" ناملىق تىمىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان قاراشلىرىغا قارىتا بىرنەچچە ئىغىز پىكىر بايان قىلغۇم كەلدى، مەخسىدىم دوستۇم مۇھەممەت مەتنىياز دانىش ئەپەندى بىلەن بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدا ئورتاقلىشىش. دانىش ئەپەندى مەزكۇر تىمىڭىزدا تەكىتلەپ ئۆتكىنىڭىزدەك "ھەرقانداق نەرسىنىڭ ياخشى، يامان ئىككى تەرىپى بولىدۇ" ئەلۋەتتە ھەرقانداق ئىشنىڭمۇ ئوخشاشلا ياخشى، يامان ئىككى تەرىپى بولىدۇ، سىزنىڭچە مۇشۇ ھۆكۈمگە ئاساسلىنىپلا ھىچ ئىش قىلماي بىر چەتتە قاراپ تۇرۇش كىرەكمۇ؟ ئەمەلىيەتتە ھىچ ئىش قىلماي بىر چەتتە قاراپ تۇرۇشمۇ بىر ئىش، بۇ ئىشنىڭمۇ ئوخشاشلا ياخشى ۋە يامان تەرىپى بار، ياخشى تەرىپى قىلمىغان ئىشنىڭ يامان نەتىجىسى كۆرۈلمەيدۇ، ھىچ كىمنى خاپا قىلمايدۇ، ئەلۋەتتە خوشمۇ قىلمايدۇ، يامان تەرىپى بولسا ھىچ ئىش قىلماي بىر چەتتە قاراپ تۇرغاندا بولسا "ئىشلىگەننىڭ يۈزى يورۇق، ئىشلىمىگەننىڭ يۈزى چورۇق" دىگەن ھىكمەتتە كۆرسىتىلگىنىدەك تىگىشلىك نىسىۋىدىن قۇرۇق قالىدىغان، باشقىلارنىڭ قولىغا قاراپ قالىدىغان، مۇھتاجلىقتا بويۇن قىسىلىپ قالىدىغان گەپ، شۇڭا مىنىڭچە بولغاندا يەنىلا دادىل بولغان ياخشى، بۇ جەھەتتە ئەختەم ئۆمەر ئەپەندىنى ئۈلگە قىلىشقا ئەرزىيدۇ. ئەمدى ئەختەم ئۆمەر ئەپەندىنىڭ "ئەاللىك يىلدىن كېيىن ئۇيغۇرلار يوقايدۇ" دېگەن سۆزىگە كەسەك، ئەختەم ئۆمەر ئەپەندى "ئەاللىك يىلدىن كېيىن ئۇيغۇرلار يوقايدۇ" دېگەن مەزمۇندىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا راستىنلا ئەاللىك يىلدىن كېيىن جاھاندا بىرمۇ ئۇيغۇر قالمايدۇ دەپ قارىغانمىدۇ؟ تۇرپانلىق 12 ياشلىق بىر ئوقۇغۇچى "شىنجاڭ مەدەنىيىتى" ژورنىلىدا ئېلان قىلغان ئوبزۇردا ئىشلىگەن ھىساپنى ئەختەم ئۆمەر ئەپەندى ئىشلىيەلمىگەن بولغىيمىدى، مىنىڭچە ئەختەم ئۆمەر ئەپەندى دەل تىخىمۇ كۆپ تۇرپانلىق، خوتەنلىك، قەشقەرلىك، ئاتۇشلۇق.... 12 ياشلىق، 120 ياشلىق ئۇيغۇرنىڭ ئاكا (ئۇكا)، سىز ئەللىك يىلدىن كېيىن ئۇيغۇرلار يوقايدۇ، دەپسىز. مەن ھازىر 12 ياشقا كىردىم (نەۋرەم ھازىر 12 ياشقا كىردى)، يەنە 50 يىلدىن كېيىن 62 ياشقا كىرىمەن(كىرىدۇ). شۇ چاغدا ئىككىمىز (ئىككىڭلار) ھايات بولساق (بولساڭلار)، مەن (نەۋرەم) ئالدىڭىزغا بېرىپ، سىز ئەينى چاغدا 50 يىلدىن كېيىن ئۇيغۇرلار يوقايدۇ، دېگەن. مانا مەن ئۇيغۇر دېمەيدىغان بولسام (بولسا) " دىيىشىنى ئارزۇ قىلغىنى ئەختەم ئۆمەر ئەپەندىنىڭ ئەسەرلىرىدە ئىپادىلىگەن ئىددىيىسى، غۇرۇرى ۋە ئىقتىدارىغا تىخىمۇ ئۇيغۇن كىلىدۇ. ئۆزىدىن سەل- پەل ئۈمىدسىزلىنىپ قېلىۋاتقان، كۆڭلى يېرىم مىللىتىمىزگە نېمىلەرنى دېيىشىمىز كېرەك ئىدى دىگەن مەسىلىگە كەلسەك، مىنىڭچە يەنىلا ئۈمىدسىزلىنىشنىڭ مەنبەسى ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇشنىڭ يولىنى يوشۇرماي كۆرسىتىپ بىرىش كىرەك، چۈنكى رىئاللىقنى توغرا تونىغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭغا يۈزلەنگىلى ۋە ئۇنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا تەنقىتتىن مۇستەسنا ماختاش، مەدھىيىلەر ئۇيقۇ دورىسىنىڭ رولىنى ئوينايدۇ، مەن ئۆزىدىن سەل- پەل ئۈمىدسىزلىنىپ قېلىۋاتقان، كۆڭلى يېرىم مىللىتىمىزگە نېمىلەرنى دېيىشىمىز كېرەكلىكى مەسىلىسىدە ئەختەم ئۆمەر ئەپەندى ئۆز بۇرچىنى ئاساسەن ياخشى ئادا قىلدى دەپ قارايمەن. ئەختەم ئۆمەر ئەپەندىنىڭ "سۆزلەشتىكى ئۈچ ئادەت" دېگەن ئەسىرىدىكى غەيۋەت مەسىلىسىگە كەلسەك خۇددى يۇقارقى تىمىڭىزدا ئەسكەرتىپ ئۆتكىنىڭىزدەك «غەيۋەتخورلۇق ناھايىتى يامان ئىللەت. ئىسلام دېنىدا غەيۋەتخورلۇقنى زىنا قىلىشقاندىن ئېغىر گۇناھ ھېساپلايدۇ. ئىلىم- پەندىمۇ بۇنى ئىنتايىن ئەخلاقسىزلىق سانايمىز». شۇنداق تۇرۇپ يەنە نىمە ئۈچۈن "غەيۋەتخورلۇقنىڭ ئىسلام دىنىغا ئىتىقات قىلمايدىغان مىللەت كىشىلىرىدە تېخىمۇ ئەۋجى ئالغان" لىقى. "غەيۋەتخورلۇقنى زىنا قىلغاندىن ئېغىر گۇناھ دەپ ھېساپلايدىغان مىللىتىمىزنىڭ غەيۋەتخورلۇقتا ساۋاپ ۋە گۇناھنى بىلمەيدىغان مىللەت كىشىلىرىنىڭ قولىغا سۇمۇ قويۇپ بېرەلمەيدۇ" غانلىقىنى دەستەك قىلىپ، "غەيۋەتخورلۇقنى زىنا قىلغاندىن ئېغىر گۇناھ دەپ ھېساپلايدىغان مىللىتىمىز" نىڭ غەيۋەتخورلۇقتا ساۋاپ ۋە گۇناھنى بىلمەيدىغان مىللەت كىشىلىرىدىن ئاشۇرىۋەتمەي، غەيۋەتنى ئۇلاردەك خەلقارالاشتۇرماي "ئون نەچچە ئادەم" ئارىسىدا، قىسمەن دائىرىدە قىلىشىنى ئەخلاق ئۆلچىمىمىزگە ئۇيغۇنلاشتۇرىمىز، ئەجەبا "ئون نەچچە ئادەم" ئارىسىدا، قىسمەن دائىرىدە قىلىنغان غەيۋەت غەيۋەت ئەمەسمۇ؟، "ئون نەچچە ئادەم" ئارىسىدا، قىسمەن دائىرىدە قىلىنغان غەيۋەت زىنا قىلغاندىن ئېغىر گۇناھ دەپ ھېساپلانمامدۇ؟ مىنىڭچە "قىتىق ئىچكەنمۇ ئوغرى، تاۋاق يالىغانمۇ ئوخشاشلا ئوغرى"، شۇڭا ئەقىدىمىزدە چەكلەنگەن ھەرقانداق ئىشنى ئازراق قىلىشقا تەشەببۇس قىلىشقىمۇ، رىغبەتلەندۈرۈشكىمۇ بولمايدۇ. ئاخىرىدا سىزنىڭ ئەختەم ئۆمەر ئەپەندىگە بەرگەن "لۇشۈن ئەلدىكى ئىللەتنى كۆرسىتىپ بېرىش بىلەنلا قالماي، نۇقتىنەزىرىنىڭ دەل ئۇچىنى شۇ ئىللەتنى پەيدا قىلغۇچى تۈپ ئامىللارغا قاراتقان. سىزمۇ مىللىتىمىزدىكى ئىللەتلەرنى كۆرسىتىپ بېرىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، شۇ ئىللەتلەرنى مەسىلەن: بىزدىكى غەيۋەتخورلۇقنىڭ نېمە ئۈچۈن پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى ئىنچىكىلەپ ئويلاپ بېقىڭ" دىگەن تەكلىۋىڭىزگە تامامەن قوشۇلىمەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ مەسىلىنى يالغۇز ئەختەم ئۆمەر ئەپەندىنىڭ ئويلىنىشىغىلا ھاۋالە قىلىپ مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىمىزنى قاچۇرساق مۇۋاپىق بولمايدۇ دەپ قارايمەن، مىنىڭچە مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا پۇتكۈل مىللەت توپىدا، ھىچ بولمىغاندا زىيالىلار توپىدا، تىخىمۇ مۇھىمى بىزگە ئوخشاش ئادەم تەربىيەلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا تىخىمۇ چوڭقۇر، تىخىمۇ ئەتراپلىق ئويلىنىش بولىشى كىرەك. |
|