查看完整版本: [-- قىممىتىڭ بۈيۈكتۇر ،مۇئەللىم --]

تەۋپىق مۇنبىرى -> نەسىرى ئەسەرلەر -> قىممىتىڭ بۈيۈكتۇر ،مۇئەللىم [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

gulhan 2012-05-01 00:30
قىممىتىڭ بۈيۈكتۇر، مۇئەللىم
      
رابىيە ( گۈلخان)
color]
  پۇلپەرەسلىك قاپلىغان جەمىيەتتە ئادەم قىممىتىنى كىرىمى بىلەن ئۆلچەيدىغان  ئاز ساندىكى ئادەملەرنىڭ « گاداي مۇئەللىم » دىگەن يىلتىزسىز قامغاقتەك ئۇچۇپ يۈرىدىغان  باھالىردىن ناخوش بولما. نام ئەمەل  مۇنوپۇللىقىدىكى مۇھىتتا خوشامەت كۆرپىسىدە گىدەيگەن ، شاردەك كۈپكەن ، مېھنەتسىز كەلگەن دۇنيا مەئىشەتلىرىدىن ھۇزورلىنىپ  قىسىلغان خۇنىك  كۆزلەردىكى كىبىرگە يۇلۇققىنىڭدا بۈيۈك قامىتىڭنى دۇغدايتما، ئەي مۇئەللىم، قەدىر قىممىتىڭنى يۇقاتماي دىسەڭ!
مۇئەللىم، سىنى تۇنىيالايدىغان كۆز، ئاڭ ئۇلاردا نىمە قىلسۇن. قەدىر قىممىتىڭنى ئەتراپىڭدا بۇغۇندەك ئۇلىشۋالىدىغان ، ساڭا ئۈمۈت، ئىنتىزارلىق، ئىشەنچ بىلەن تىكىلگەن سەبىيلەرنىڭ كۆز نۇرلىرىدىن ھاسىل بولغان مەڭگۈلۈك ھۈرمەتتىن قۇپۇرۇلغان ئوبرازىڭدىن كۆرۈپ باق .  
مەھەلە _ يۇرتلارنى ئارلىغىنىڭدا « ئەسسىلام مۇئەللىم!» دەپ سۇنۇلغان قوللاردىكى ھۈرمەت يالقۇنىدىن، ئۇلۇغلارنى كۆرگەندەك ھاياجانلانغان  كۆزلەردىكى سەندىن ئاپىردە بولغان ئىپتىخارلىقتىن ئەل قەلبىدىكى ھەقىقى ئورنىڭنى بىلىپ باق.
     بۇ ئالەمنىڭ ئېزىتقۇ تۇمانلىرى  شەخسى مەنپەئەت شەيتانلىرىڭنى قوزغۇتۇپ، قۇلاقلىرىڭغا ماددىي بايلىقنى جىرىڭلىتىپ، پۇل نازى بىلەن جىلمايسا شۇ تامان ئېزىپ  چىپىپ سالما . سىنىڭ بەختىڭ مۇنبەردە ئىچىلۇر. بۇر تۇزانلىرىدا قالغان قەدەم ئىزىڭدا كەلگۈسى ئاپىردە بۇلۇر.
تۇرمۇشتىكى رەڭۋازلىقلاردىن قەلبىڭ زىددىلەنگەندە، مائارىپتىكى بەزى تەڭسىزلىكلەردىن روھىڭ ئازار چۈلىدە تەمتىرەپ قالغاندا ، كەينىڭگە قايرىلىپ قەدەم ئىزلىرىڭغا قاراپ باق. سەن تەربىيلىگەن ئەۋلاتلار ھەر ساھادە ئۇتۇق قازىنىپ، ئىزلىرىڭغا گۈل دەستە تىزغان. ئۇلاردىن تارقىغان خوش پۇراق ھىد جاراھەتلەنگەن قەلبىڭگە شىپاھلىق زەم-زەمىنى سىپىپ ئۆزلۈكۈڭنى جۇلالاندۇرىدۇ.
ئەي مۇئەللىم ،تاماسىز، مىننەتسىز سۇقسا يۈرۈكۈڭ ھەر سۇقۇشىدا ساڭا تەلمۈرگەن ئەۋلاتلارنىڭ بۈگۈنى ئۈچۈن ئىلىمدىن ئوزۇق بېرىپ، ئىنسانىيلىقتىن ئۈلگە تىكللەپ ، ئەتىسى ئۈچۈن ماياك بولىدۇ. قەلبى ئاق قاردەك پاك،  ئىلىمخۇمار شۇل پەرىشتىلەرگە توغرا يول كۆرسىتىپ ، خەلقىڭنىڭ ، ۋەتىنىڭنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئۇل سىلىشتىنىمۇ ئارتۇق ئولوق خىزمەت يوقتۇر ئالەمدە. پۈتكۈل كائىنات « مۇئەللىم » دىگەن سۆزگە ھۈرمەت سۈكىتىدە تۇرىدۇ. قۇياش سىنىڭدىكى مەرىپەت قۇياشى ئالدىدا قول باغلايدۇ.ئىنسانىيەتتىكى بارلىق ئىلىم_پەن كەشپىياتچىلىرى سىنى ھۈرمەتتە« ئۇستازىم » دەيدۇ.
ئەي مۇئەللىم، سەن گۈزەللىك ياراتقۇچى، مېھىر تارقاتقۇچى ھەم مېھىر بولىقىنى ياراتقۇچى، قەلىبلەرگە مەڭگۈلۈك يورۇقلۇق بەخىش ئەتكۈچى ھەم بەخىت بەرگۈچىدۇرسەن.
ئەي مۇئەللىم ، سىنىڭ قىممىتىڭ بۈيۈكتۇر. بۇ قىممەت ئۆز قۇلۇڭدا. ئۆز-ئۆزەڭنى مىللى مەدىنيەت تۇپرىقىدا ئىچىلدۇرۇپ، كەسپىي مەسئولىيەت ئىڭىدا تۇيۇندۇرۇپ، ئىنسانىي خىسلەتلەردىن بىزەنساڭلا  ئەل- ۋەتەن سىنى قىسار بىشىغا تاج قىلىپ. ئىنسانىيەت تىۋىنار سىنى سەجدە قىلىپ.

gulhan 2012-05-01 00:46
ھەي، شۇنچە تەھىرىرلەپمۇ، قۇرلارنى تەڭشىيەلمىدىم،  ھەي...

ozqan 2012-05-01 01:12
شۇنداق قىممەت ئىگىىسى بولۇش پۇرسىتگە ئىگە ئىكەنلىكىمدىن بەك خوش بولىۋاتىمەن . بۇ پاساھەتلىك سۆزلەر بىلەن يېزىلغان  يازمىڭىز كىشىگە ئىلھام بېرىدىكەن .
  ھارمىغايسىز ،  رابىيە ...

arqa 2012-05-02 00:11
يازمىڭىز كىشىگە ئىلھام بېرىدىكەن

tursun 2012-05-02 05:51
مۇئەللىم
(ناخشا تىكىستى)
ئاپتورى:تۇرسۇن ھۇسەيىن

ئەدەپ-ئەخلاق پەزىلەت ئوگەتتىڭىز مۇئەللىم،
ھەقىقەتكە يول باشلاپ يۇگەرتتىڭىز مۇئەللىم.
ھاياتلىقنىڭ مەنىسى ھەر خىل ئىكەن چۇشەنسەم،
ساغلام،تىمەن تىمەن چوڭ بولدۇم،كويگەنتىڭىز مۇئەللىم.

جاپاسىدا خىزمەتنىڭ قارا چاچى ئاقارغان ،
سويگۇ-رىشتى ئەۋلاتقا چىڭ باغلانغان مۇئەللىم.
ئاق چىچىدىن پاكلىقنىڭ نۇرى چاقنار ھەر مىنۇت،
پاكلىقىدىن ئەۋلاتقا زەر تاراتقان مۇئەللىم.

سانسىزلىغان ئەۋلاتقا بولۇپ مەڭگۇ پاسىبان،
جاپاغا باش ئەگمىگەن قوينى گۇلخان مۇئەللىم.
بور توزانلار ئىچىدە كۇلۇپ باققان-مۇئەللىم،
"مەرىپەت مەشئىلى"نى دىلغا ياققان مۇئەللىم.

جەبرى-جاپا،مۇشەققەت دولقۇنىدا غۇلاچلاپ،
نادانلارغا ھاياتلىق بەخش ئەتكەن مۇئەللىم.
چاڭقاپ كەتكەن دىللارنىڭ تەشنالىقىن قاندۇرۇپ،
يۇرىكىنى قوش قوللاپ ئەلگە سۇنغان-مۇئەللىم.

قولىڭىزدىن قانچە رەت بىلىم ئالدى بالىلار،
يوقلاپ كەلدى قانچىلىك سىزنى ئاتا-ئانىلار.
ئەجرىڭىزگە قانچە رەت تازىم بىجا ئەيلىدى،
ئوز بەختىنى سىز بىلەن تاپقان ئەۋلاد-مۇئەللىم.

نەقرات

نادانلارغا ھاياتلىق بەخش ئەتكەن مۇئەللىم.
يۇرىكىنى قوش قوللاپ ئەلگە سۇنغان-مۇئەللىم.

مۇبارەك بولسۇن گۇلخان مۇئەللىم،يازمىڭىزدىن تولىمۇ سۇيۇندۇم ھەم
ئەجرىڭىز ئاپىرىن ئوقۇش مەخسىدىم بىلەن ئوزەمنىڭ «مۇئەللىم» ناملىق
شىئىرىمنى سىز ۋە سىزگە ئوخشاش سويۇملۇك كەسىپداشلىرىمنىڭ ئەجرى
ئۇچۇن يوللاپ قويدۇم،ئەپۇ قىلغايلا،ئەجرىلىرىگە كوپتىن-كوپ تەشەككۇر!


查看完整版本: [-- قىممىتىڭ بۈيۈكتۇر ،مۇئەللىم --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.088428 second(s),query:3 Gzip disabled

You can contact us