danix |
2012-04-30 19:11 |
ئەختەم ئۆمەرگە دانىشنىڭ دەيدىغىنى مۇھەممەت مەتنىياز دانىش تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ يوللانمىسى ئارقىلىق ئەختەم ئۆمەر ئەپەندىنىڭ << سۆزلەشتىكى ئۈچ ئادەت >> مەۋزۇلۇق ئەسىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ، ئەختەم ئۆمەر ئەپەندىگە كۆزقارىشىمنى ئازراق بايان قىلىپ ئۆتكۈم كەلدى : ھۆرمەتلىك ئەختەم ئۆمەر ئەپەندى ، سىز بىلمىسىڭىز كېرەك مەن سىزنىڭ قىزغىن ئوقۇرمىنىڭىز . مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە ، سىز << ئىللەت تۈزەلمىگۈچە ، مىللەت تۈزەلمەس >> دېگەن كۆز قاراش بويىچە ، يېزىقچىلىقىڭىزنىڭ كۆپ قىسمىدا مىللىتىمىزدىكى ئىللەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلدىڭىز . << ھەرقانداق نەرسىنىڭ ياخشى ، يامان ئىككى تەرىپى بولىدۇ >> دېگەندەك سىزنىڭ شۇ خىل ئەسەرلىرىڭىزنىڭمۇ ياخشى ، يامان تەسىرى بولۇپ كەلدى ، دەپ قارايمەن. مەسىلەن : سىزنىڭ << قۇرۇتلاپ كەتكەن كۆل >> ناملىق ئەسىرىڭىز خوتەن خەلقىنىڭ ئىچىملىك سۈيىنى ياخشىلاشتا ئىنتايىن زور رول ئوينىدى . << ئەللىك يىلدىن كېيىن ئۇيغۇرلار يوقايدۇ >> دېگەن ئەسىرىڭىز بولسا ، خۇددى << پالان يىلى قىۇيامەت بولىدۇ >> ، << پالان يىلى ئەيسا پەيغەمبەر ئاسماندىن چۈشىدۇ >> دېگەن گەپلەردەك بىزنى ساراسىمگە سېلىپ قويدى . يادىڭىزدا بارمىكىن ، << ئەاللىك يىلدىن كېيىن ئۇيغۇرلار يوقايدۇ >> دېگەن مەزمۇندىكى ئەسىرىڭىزگە تۇرپانلىق 12 ياشلىق بىر ئوقۇغۇچى << شىنجاڭ مەدەنىيىتى>> ژورنىلىدا ئوبزۇر ئېلان قىلىپ ، سىزگە << ئەختەم ئاكا ، سىز ئەللىك يىلدىن كېيىن ئۇيغۇرلار يوقايدۇ ، دەپسىز . مەن ھازىر 12 ياشقا كىردىم ، 50 يىلدىن كېيىن 62 ياشقا كىرىمەن . شۇ چاغدا ئىككىمىز ھايات بولساق ، مەن ئالدىڭىزغا بېرىپ ، سىز ئەينى چاغدا 50 يىلدىن كېيىن ئۇيغۇرلار يوقايدۇ ، دېگەن . مانا مەن ئۇيغۇر دېمەيدىغان بولسام >> دېگەن . 12 ياشلىق شۇ پەرزەنتىمىز ئەنە شۇنداق دېيالىدى . ئەمما ، نۇرغۇنلىغان كىشىلىرىمىز سىزنىڭ شۇ سۆزىڭىز بىلەن مىللىتىمىزدىن ئۈمىدسىزلىنىپ قالدى . ماركس << ئۆز -ئۆزىنى كەمسىتىش تەندىكى ساپ قاننى سۈمۈرۈپ ئېلىۋىتىپ ، ئۇنىڭ ئورنىغا زەھەر قويغان بىلەن باراۋەر >> دېگەن ئىدى. سىزنىڭچە ، ئۆزىدىن سەل - پەل ئۈمىدسىزلىنىپ قېلىۋاتقان ، كۆڭلى يېرىم مىللىتىمىزگە نېمىلەرنى دېيىشىمىز كېرەك ئىدى ؟ مېنىڭچە ، كۆڭلى يېرىم بۇ مىللىتىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئاز - تولا كۆتۈرۈپ قويۇش كېرەكقۇ دەيمەن ؟ تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ يوللانمىسى ئارقىلىق << تەۋپىق مۇنبىرى>>دە سىزنىڭ << سۆزلەشتىكى ئۈچ ئادەت >> دېگەن ئەسىرىڭىزنى كۆرۈپ قالدىم . بۇ ئەسىرىڭىزدىمۇ ئادىتىڭىز بويىچە ئۈچ تۈرلۈك ئىللەتنى يېزىپسىز . << بىز خەقنىڭ >> دېگەن سۆزىڭىزدىن بۇ ئۈچ ئىللەتنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدىكى ئۈچ ئىللەت ئىكەنلىكىنى بىلدىەم . بۇ ئۈچ ئىللەتنىڭ بىرىنچىسىدە غەيۋەتخورلۇقنى تىلغا ئەپسىز . دېمىسىمۇ غەيۋەتخورلۇق ناھايىتى يامان ئىللەت . ئىسلام دېنىدا غەيۋەتخورلۇقنى زىنا قىلىشقاندىن ئېغىر گۇناھ ھېساپلايدۇ . ئىلىم - پەندىمۇ بۇنى ئىنتايىن ئەخلاقسىزلىق سانايمىز . مېنىڭچە ، غەيۋەتخورلۇق ئىسلام دىنىغا ئىتىقات قىلمايدىغان مىللەت كىشىلىرىدە تېخىمۇ ئەۋجى ئالغان . غەيۋەتخورلۇقنى زىنا قىلغاندىن ئېغىر گۇناھ دەپ ھېساپلايدىغان مىللىتىمىز غەيۋەتخورلۇقتا ساۋاپ ۋە گۇناھنى بىلمەيدىغان مىللەت كىشىلىرىنىڭ قولىغا سۇمۇ قويۇپ بېرەلمەيدۇ. ئىشەنمەمسىز ؟ بىز غەيۋەت قىلىشساق ئون نەچچە ئادەم قىلىشىمىز ، بەزىلەرچۇ ؟ پۈتۈن دۆلىتى بويىچە قىلىشىپلا قالماي ، پۈتۈن خەلقئارانى غەيۋەتكە چاقىرىشىدۇ . مەسىلەن : ئامىرىكا ئۆتكەندە دۆلەت ئىچىدە ئىراقنىڭ غەيۋىتىنى ئىككى - ئۈچ يىل قىلغاندىن كېيىن بۇ غەيۋەتنى خەلقئارانى چاقىرىپ قىلدى . نەتىجىدە بۇ غەيۋەت ئۇلغىيىپ ، سادام باشچىلىقىدىكى ئىراق ھاكىميىتىنى ئاغدۇرۇش پىلان قىلىندى ۋە سادام ھاكىميىتى ئاغدۇرۇلدى . ئۇنىڭدىن كېيىن ئامىرىكا لېۋىيەنىڭ غەيۋىتىنى خەلقئارالاشتۇرۇپ ، كازاپى رەھبەرلىكىدىكى لىۋىيە ھاكىميىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى . سۈرىيىنىڭ غەيۋىتىنى قىلىش ئارقىلىق سۈرىيىنىمۇ جىمىقتۇردى . يېقىندا ئامىرىكا ئىراننىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ ، ئەھمەت نىجات باشچىلىقىدىكى ئىران ھاكىميىتىنى ئاغدۇرغىلىۋاتىدۇ . مۇشۇ غەيۋەت قىلىشلارغا قارىغاندا بىزنىڭ غەيۋەت قىلىشلىرىمىز نېمىكەن ؟! مەن مۇنداق دېيىش ئارقىلىق مىللىتىمىزدىكى غەيۋەتخورلۇقنى قوللىماقچى ئەمەس مەن . مەن قاراپ باقسام ، << شامال چىقمىسا ، دەرەخ لىڭشىمايدۇ >> دېگەندەك غەيۋەتمۇ سەۋەپسىز بولمايدىكەن . مەسىلەن : سادام كوردلارغا بەك قاتتىق قول بولمىغان بولسا ، كوردلار سادام توغرىسىدا غەيۋەت قىلماستى ؛ كوردلار غەيۋەت قىلمىغان بولسا ، ئامىرىكا سادامنىڭ غەيۋىتىنى قىلماستى؛ ئامىرىكا سادامنىڭ غەيۋىتىنى خەلقئارادا قىلمىغان بولسا ، سادام ھاكىميىتىنى ئاغدۇرۇشمۇ پىلانلانمىغان بولاتتى . لىۋىيە، سۈرىيە ، ئىرانلارنىڭمۇ غەيۋەتنىڭ ئوبيىكتى بولۇپ قېلىشىدا مەلۇم سەۋەپلەر بار . ئەختەم ئۆمەر ئەپەندى ، مېنىڭ سىزگە دېمەكچى بولغىنىم بىز ئىشنىڭ نەتىجىسىگىلا قارىماي ، شۇ نەتىجىنى بارلىققا كەلتۈرگەن سەۋەپلەرگىمۇ ئاز - تولا نەزەر سېلىپ قويايلى . مەسىلەن : سادام كوردلارغا قاتتىق قول بولمىغان بولسا ، كوردلار سادامنىڭ غەيۋىتىنى قىلاتتىمۇ؟ سادام كوردلارنىڭ قىلىشقان غەيۋەتلىرىنى ئاڭلاپ ، ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى ئاز - تولا بولسىمۇ ئىتىراپ قىلىپ ، كوردلارغا بولغان قاتتىق قوللۇقنى توختاتقان بولسا ، ئۇ ئاغدۇرۇلۇپ كەتمەس بولغىيدى . ئەختەم ئۆمەر ئەپەندى ، سىزنى خېلى كۆپ يازغۇچىلىرىمىز << ئۇيغۇرلارنىڭ لۇشۈنى>> دەپ ئاتايدۇ . لۇشۈن ئەلدىكى ئىللەتنى كۆرسىتىپ بېرىش بىلەنلا قالماي ، نۇقتىنەزىرىنىڭ دەل ئۇچىنى شۇ ئىللەتنى پەيدا قىلغۇچى تۈپ ئامىللارغا قاراتقان . سىزمۇ مىللىتىمىزدىكى ئىللەتلەرنى كۆرسىتىپ بېرىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي ، شۇ ئىللەتلەرنى مەسىلەن : بىزدىكى غەيۋەتخورلۇقنىڭ نېمە ئۈچۈن پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى ئىنچىكىلەپ ئويلاپ بېقىڭ. <<ئاتلىق كىشى پىيادىنىڭ جاپاسىنى بىلمەپتۇ >> دېگەندەك سىز غەيۋەت دەپ قارىلىغان گەپلەر خەقنىڭ دەردۇ - ھالى بولۇشى مۈمكىن . غەيۋەتنى ئاڭلاشقۇ غەيۋەت قىلغاندەكلا گۇناھ ئىش ، شۇنداقتىمۇ ئاڭلاپ باقسىڭىز ، گۇناھنى مىللىتىمىزگىلا ئارتماي ، باشقىلارغىمۇ ئارتىدىغان ئىدىيىگە كېلىپ قالسىڭىز ئەجەپ ئەمەس . شۇنداق بولسا ، سىزدىكى مىللىتىمىزنى قامچىلاشنىڭ ئورنىنى مىللىتىمىزگە ھېسداشلىق قىلىش ئېلىپ قالار . بىز ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ئەسكى دېسەك ، باشقىلار ھەرگىزمۇ ياخشى دېمەيدىغۇ دەيمەن . يېزىقچىلىقىڭىزغا بارىكەت ، سىزگە ئەل ئىچىدە ئناۋەت تىلەيمەن . |
|