qugluk |
2012-04-29 18:00 |
بۈگۈن بولدى بايرىمىڭ ئانا، يايرىغاي بۇ كۇنلەردە دىلىڭ. بەرگىن ماڭا ياخشى بىر دۇئا، مۇناجاتقا سايرىسۇن تىلىڭ.
ئانا دىگەن ئۇلۇغ ئىنساندۇر، ئەمەس سۈتى ئۈچۈنلا پەقەت. تەربىيلىگەن يىڭى ئەۋلادنى، ياغدۇرغانتى ئالەمچە شەپقەت.
ئانىلارنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا قايىل بۇلار ئالەم خۇداسى. دىگەنىدى رەسۇلمۇ شۇنداق، خاسىيەتلىك ئانا دۇئاسى.
ئۇلۇغلايمەن ئەبەدكە سىنى، سەندەك ئۇلۇغ يەنە نەدە بار؟! نانلار يىقىپ،كىر يۇيۇپ ھاردىڭ، جان پىدالىق پەقەت سەندە بار.
ئاڭلىغاندا ئىڭەلىشىمنى، ئېيتقان ئىدىڭ ھەمدۇ ۋە سانا. جىنىنم بالام دەيسەن سەن مىنى، بۇ جىنىمنى سەن بەرگەن ئانا،
ئەسلەيمەن شۇ قۇچىقىڭدىكى غەمسىز ئۆتكەن گۈزەل كۈنلەرنى. بىلمەپتىمەن تاڭغا ئۇلىساڭ ساسىزلىغان ئۇزۇن تۈنلەرنى.
پەرزەنتىڭنىڭ بەختى چۈن كۆلدۈڭ يۈرىكىڭدە بولسىمۇ يارا، ئۈمىدىڭنى ئاقلايمەن ئانا، كەلگۈسۈمگە ئۈمىدۋار قارا.
ئىشقا تولا سالدىڭ مىنى دەپ ئاغرىنغانتىم سىنىڭدىن ئانا، ئەمدى سەن يوق،بولدۇم مەن غېرىب، ئايرىلغاندا ئۆيدىن مەن مانا.
نەسىھەتلەر قىلغانتىڭ ماڭا، لىكىن ئەمەل قىلالمىدىم مەن. قالدى ئەمدى ئاچچىق پۇشايمان، ئۈمىدىم شۇ ئەپۇ قىلارسەن.
مېغىز چاقساڭ بالاڭغا بەردىڭ، قالدۇردۇڭ سەن ئۈزۈڭگە پىچەك. ئۈمىدىڭنى ئاقلايمەن ئانا، ئىچىلارمەن بۇلۇپ ئاق چىچەك.
مىھرىبانىم،جاپاكەش ئانام، سالامەتلىك ساڭا يار بولسۇن. قورۇق باسقان ئىللىق چىرايىڭ خۇشاللىق ۋە نۇرلارغا تولسۇن.
2010.05.07 |
|