akida228 |
2012-04-29 02:15 |
ئۆتنە جاھان (ئەقىدە)
«كۆز كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى »توغرا دىگەن دانالار، ئاچچىق ھەسرەت ئازاپتىن ئەكىس ئەتتى سادالار.
بۇ ھەسرەتكە نىمە دەي ،تېپىۋالدىم مەن ئۆزۈم ، ئەقىدەڭنى پايخان قىپ تاشلاپ كەتكەن مەن ئۆزۈم.
ئۆتنە ئىكەن بۇ ئالەم ،ھەرگىز نىسى قالمىدى، قاقشاتقانتىم مەن سېنى ،بەخىت كۈلۈپ باقمىدى .
ئىبرەت ئالغىن دوستلىرىم ئەقىدەڭگە سادىق بول، ھايات يولى ئىگىز -پەس ،سىناقلاردا غالىپ بول.
ۋاپا ،غورۇر ،ۋىجدانىڭ مۇقەددەستۇر سەن ئۈچۈن ، بەخىت قۇشى بېشىڭدا چۆرگىلەيدۇ سەن ئۈچۈن.
مەنبە: ئەقىدە (ئۆز ئىجادىيىتىم ) |
|