danix |
2012-04-28 21:23 |
ئابدۇشۈكۈرنىڭ << < قەشقەر > دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى>> دېگەن يوللانمىسىنى ئوقۇپ بولۇپ ، ئاستىدىكى ئىنكاسلاردىن تەۋپىق ئەپەندىنىڭ يەنى بىر ئادرىس بويىچە يوللىغان يوللانمىسىنى كۆرۈپ قالدىم . ئابدۇشۈكۈرنىڭ يوللانمىسىغا ئەمدى ئېچىلاي دەپ تۇرغان ئېغىزىمنى تەۋپىق ئەپەندىنىڭ( دانىش ئەپەندىمنىڭ ئاغزىنى پات - پات تاتىلاپ تۇرساق ، نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە بولغىدەكمىز)دېگىنىدەك تەۋپىق ئەپەندىنىڭ ئۆزىنىڭ يوللانمىسى ئېچىپ قويدى . مىلادىدىن بۇرۇنقى 7- ئەسىردە( ئېنىقراقى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 560 - يىلىدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 625- يىلى13 - ئاپرىلغىچە)ياشىغان شاھلارنىڭ شاھى ئەپراسىياپ ( ئالىپ ئەرتۇڭا = قاپلاندەك باتۇر ئەر ) قەشقەرنى پايتەخت قىلىپ تۇرغاندا ، قەشقەر شەھرى كاھىش بىلەن زىننەتلەنگەن ، كاھىش بىلەن زىننەتلەنگەن قەشقەر شۇ چاغلاردا پارىسچە كاشىنكار ياكى كاشىغەر (كاھىش بىلەن زىننەتلەنگەن شەھەر ) دەپ ئاتالغان . (<< شىنجاڭ ياشلىرى >> ژورنىلىنىڭ 1985- يىللىق 4- سانىغا قاراڭ ) ئابدۇشكۈر ئۇيغۇرچە ماتىرىياللار ( ئۇيغۇرلار يازغان ماتىرىياللار)نى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ،يوللانمىسىنىڭ بېشىدىلا <<خەننامە>> دېگەن كىتابلاردىكى تارىختىن سۆز ئېچىپ ، << قەشقەر >> دېگەن نامنىڭ بارلىققا كېلىش تارىخىنى 400يىلدەك كېمەيتىۋەتكەن . بۇ خۇددى ئۆزىدە ھەممىلا نەرسە تەل تۇرسا ، يەنى تىلەمچىلىك قىلغاندەك ئىش قىلغان . تىلەمچىگە بىرسى ئەڭ ياخشى نەرسىسىنى بېرەمدا؟ ئۆزىمىزدە ئالتۇندەك ئېسىل ماتىرىيال تۇرسا ، خەقنىڭ مىستەك ماتىرىيالىدىن پايدىلىنىشنىڭ نېمە ھاجىتى ؟! مېنىڭچە ، تارىخىمىزغا ئائىت ئەسەر يېزىشتا ، ئامالنىڭ بارىچە مىللىتىمىز كىشىلىرى تەرىپىدىن يېزىلغان كىتاب ، گېزىت - ژورناللاردىن ماتىريال ئىزدەيلى. ئۇنداق قىلمىساق ، خەقنىڭ چالغان دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ قويىمىز . ئەڭ ياخشىسى ئۆزىمىزنىڭ مۇزىكىلىرىغا ئوينىساق پۇت - قولىمىز ئاسان كېلىدۇ . باشقا مىللەتلەرنىڭ مۇزىكىلىرىغا ئوينىساق ، پۇت - قولىمىز ئەمەس يەرگە كېتىپ قالىدۇ . بولۇپمۇ تارىخىمىز بۇرمىلىنىۋاتقان ياكى يۇقىلىۋاتقان شارائىتتا ، تېخىمۇ شۇنداق قىلىشىمىز كېرەك !
تەل تۇرسا ، |
|