uzqak |
2012-04-28 00:07 |
ئۇزچاقنىڭ كۈندىلىك خاتىرىس 9 بالىلارنىڭ ئارزۇسى يېڭى- يېڭى ئاتالغۇلار ئىچىدە تەمتىرەۋاتقان مائارىپقا بەزىدە ئىچىم ئاغرىپمۇ قالىدۇ . مەخسۇس ئىسىم قويغۇچىلار توپى بارمۇ -يە ؟ دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن . مەكتىۋىمىزدە ئىككى يىلدىن بۇيان دولانكونىڭ تەجىربىسى ئاساس قىلىنغان «كۆللېكتىپ دەرس تەييارلاش»، يەنە گۇاڭدوڭنىڭ تەجىربىسىنى ئاساس قىلغان« 6 باسقۇچلۇق ئوقۇتۇش » يەنە « يېڭى تەپەككۈر ئوقۇتۇشى » « ئىزدىنىشلىك ئۆگۈنىش ئوقۇتۇشى » « ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلىش ئوقۇتۇشى » ...دېگەندەك نۇرغۇن ناملارنىڭ يىغىندىسى بولغان ئاجايىپ ئوقۇتۇشلارنىڭ شەكلى يامراپ كەتتى . مۇشۇلارنى يېزىۋېتىپ ئالدىنىقى كۈنى «مائارىپ گېزىتى » دىن ئوقۇغان « ئىزچىللىق غەلبە دىمەكتۇر » دېگەن يازمىنى ئەسلەپ قالدىم. مائارىپتىكى ئىزچىللىق نېمە؟ تاپشۇرۇق بېرىشتىكى ئىزچىللىق ، تەكشۈرۈشتىكى ئىزچىللىق ... دائىملىق تەرتىپكە دائىر بارلىق ئىشلاردىكى ئىزچىللىق .قىزىپ كېتىش ،ھاياجانلىنىشتىن ساقلىنىش.قىسقىسى؛ ئىزچىللىق بولمىغان ،ماھىيەتتىن يىراقلاشقان نەرسىلەر ئەلۋەتتە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى گاڭگىرتىپ قويىدۇ. دەرسخانە ئوقۇتۇشىغا خېلى كۈچەپ بالىلارنى ئوبدانلا تەربىيلەۋالغان بىر ئوقۇتقۇچى ، بۇ 《生本教育》 دېگەن نېمە بوپ كەتتى ؟ئەمدى دەپ ، غۇدۇڭشۇپ قالدى.ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ دەرسخانىسى شۇ « ئوقۇغۇچىنى ئاساس قىلىش » ئىدى. يېقىندىن بۇيان مەكتەپ مەدەنىيىتى ، دەرسخانە مەدەنىيىتى ، ئوقۇتۇش مەدەنىيىتى .... ئەيتاۋۇر مەدەنىيەت .ھەققىدە نۇرغۇن لېكسىيە سۆزلەندى . ..بۈگۈنمۇ يەنە شۇ لېكسىيەنى ئاڭلاۋاتىمەن. مەدەنىيەت -تۈپ نېگىزىدىن ئادەمنى ، ئادەم ئورنىدا كۆرۈش بىلەن ئۇنىڭ تەرەقىيات قانۇنيىتىگە ماس كەلگەن، ئىنساننىڭ كامالىتى ئۈچۈن يول كۆرسەتكەن بولىشى كېرەك ئىدى...دۆلىتىمىزنىڭ 2000 يىللىق فىئوداللىق تۈزىمى ئاستىدا شەكىللەنگەن «كىشلىك مۇناسىۋەت مەدەنىيىتى »ۋە بۇنىڭغا دائىر قايدىلەرنى ئۇلۇغ يازغۇچى لۇشۈن ۋايىغا يەتكۈزىپ تەنقىد قىلغان بولسىمۇ ، چوڭلىرىمىز نۇرغۇن قېتىم قەيت قىلىپ فىئوداللىق ئىدىيەنى تۈپ يىلتىزىدىن تازلاشقا چاقىرىق قىلغان بولسىمۇ ، بۇ تەسىر ئۇنداق ئاسان يوقالمايدىغاندەك قىلىدۇ. ھەتتا شۇ كىشلىك مۇناسىۋەتنىڭ تەسىرىدە پەقەت « تېرىنىڭ كۈلكىسىنى » ئۆزىگە ھەمرا قىلغان بىر تۈركۈم كىشىلەر يېتىشتى... قارىغاندا نەزىرىيە كەمچىللىكى بىلەن نەزىرىيە پاخاللىقىنىڭ ھەر ئىككىسىلا خەتەرلىكمۇ قانداق؟ مەدەنىيەتنىڭ ئالدىغا ئۇخلاش مەدەنىيەتى ، ئوبىرنىغا كىرىش مەدەنىيىتى ، قول يۇيۇش مەدەنىيىتى دېگەندەك سۆزلەرنى قۇشۇپ ...ھەي بولدىلا ئۇزچاق بۇ مۇلاھىزىلىرىڭنى يىغىشتۇرۇپ قوي . ئادەملەر ئۆزلىرى بىلمەيلا بىرنىمىلەرنى بىلجىرلاۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالغىنىڭنى دەيمىنا ... سەندىمۇ مەنمەنچىلىك ، ئۆزەڭ بىلىۋالغاننى سەنلا يارىتىپ ،سەنلا قىلىۋاتقاندەك مونوپول خارەكتىردىكى تەپەككۈر باش كۈتۈردىمۇ نېمە؟ ئۇستا بار يەردە تىلىڭنى تارت ، مۇنۇ ئالدىمدا ئولتۇرۇپ سۆزلەۋاتقان كۆزەينەكلىك ئۇستازنىڭ مەدەنىيەت ھەققىدىكى سۆزلىرىگە داۋاملىق قۇلاق سالاي ... لېكسىيەنى ئاڭلاپ بولۇپ ،دەرس تەييارلاشقا تۇتۇش قىلدىم . سوقرات ؛«بىلىمنى ئوقۇغۇچىنىڭ قەلبىگە قۇيۇش خۇددى كۆرۈش قۇۋىتىنى ئەمانىڭ كۆزىگە ئورناتقانغا ئوخشايدۇ » دېگەنىدى. دەرس تەييارلىقىمۇ شۇ ئەماغا ماس كېلىدىغان خۇرۇچنى ئېلىپ كېلىش، ئۇنى پىشىقلاپ كۆمىلاچ دورا ياكى باشقا بىر دورىنى ياسىغان ۋاقتىمىز دا ئۇ دەرس لايىھىسىغا ئايلىنىدۇ ... بىلىمنى روھقا قۇيۇش لايىھىسى ،بۇ دەل بىز يادلاپ كېلىۋاتقان دەرسنىڭ گۇمانتارلىق بىلەن قۇراللىق خارەكتىرنىڭ بىرلىككە كېلىشى ئەمەسمۇ ؟ ئۆزەمگە مۇشۇنداق سۇئاللارنى قۇيۇپ يۈرۈپ ، دەرس تەييارلاشقا تۇتۇش قىلدىم ، 7 -يىللىق 13 –سىنىپنىڭ تىل – ئەدەبىيات دەرسلىكىدىكى ئۈچۈنچى بۆلەكتىكى مەزمونلار يەنى مەشھۇر شەخسلەرنى ئۈتۈپ بولغان ئىدىم . بۇ بۆلەكتىن كېيىن بىرەر پائالىيەت تەشكىللەش كېرەكمۇ قانداق؟ ئادەتتە ھەر ھەپتىنىڭ چارشەنبە كۈنى 4 – سائەت دەرسىمدە ئوقۇغۇچىلار پائالىيەت تەشكىللەيتتى . بۇ ھەم 4 – سائەت دەرسنىڭ چۈشلۈك دەمىلىشكە ، يىقىن بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى ھەم يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياش ئالاھىدىلىكىنى ئاساس قىلىپ، شۇنداق ئورۇنلاشتۇرۋالغان ئىدىم .پائالىيەتكە بىر ھەپتە بۇرۇن تەييارلىق كۆرىلەتتى . ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ ئوقۇغۇچىلارغا پائالىيەت دائىرسىنى مۇنداق كۆرسىتىپ بەردىم . مەشھۇر شەخسلەرنى تۇنۇشتۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش (مەخسەت ئەدەبىي تەرجىمىھال بىلەن تارىخى تەرجىمىھالنىڭ پەرقىنى ئىچكىرلەپ چۈشىنىشكە يېتەكلەش) سالام خەت يېزىش ( مەمتىلى ئەپەندىگە ، شىڭشىسەيگە ، خەلققە خەت يېزىش ،ئۇلۇغبەككە ، ئابدۇللېتىپكە ، ئاپئاق خۇجىغا خەت تاللاپ ئىشلەيدۇ پېرسۇناژلار خارەكتىرىنى ئىگەللەش،ئۇلارنىڭ روھىدىكى ئىلغارلىقلاردىن تەسىرلىنىش ) ئۆزىنى تۇنۇشتۇرۇش ( 20 يىلدىن كېيىنكى ساۋاغداشلار ئۇچۇرشىشى، x x يىلدىن كېيىنكى مەن ،ھازىرقى مەن ،مەن ئۆزەم بىلەن جەڭ قىلىمەن نىشاننىڭ مۇھىملىقىنى مەشھۇر شەخسلەردىكى ئىرادە غەيرەت ۋە نىشاننىڭ ئۇلارنىڭ ھاياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى ھېس قىلدۇرۇش ،كەمچىلىكلەرنىيېڭىشنى تەشەبۇس قىلىش) ئۆگىنىپ ئۆتكەن بۆلەكلەردىن زېھىن سىناش سۇئالى چىقىرىلىپ تېز جاۋاب بېرىش شەكلى دېگەندەك تۆت خىل مەزمونغا تەييارلىق كۆرۈش ۋەزىيپىسىنى چۈشۈردۈم . (رىياسەتچىلەر ئالدىن باھالاپ ئۆتكىزۋالىدۇ ، باھا سۆزىنى مەزمونى ئوخشاش تاپشۇرۇقنى ئىشلىگەن ئوقۇغۇچىلار ،بىرلىكتە گۇرۇپپىلىنىپ يېزىپ ياخشىسىنى تاللايدۇ ) پىلان بويىچە پائالىيەت باشلاندى. پائالىيەت جەريانىدا تەسىر قىلغان يازمىلار خېلى بار ...
مەمتىلى ئەپەندىگە خەت ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم مەمتىلى ئەپەندى؛ ئۇ دۇنيادا تېنچ -ئامان تۇرۇۋاتامىسىز؟ دادامدىن ئاڭلىشىمچە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەر ئۇ دۇنيادا خاتىرجەم تۇرىدىكەن . مەن-9 دەرس «مەتىلى ئەپەندى» ناملىق تېكستنى ئۆگۈنىش جەريانىدا سىز بىلەن تۇنۇشتۇم . سىز ئىنتايىن سەمىيمى ،خەلقىنى ، مىللىتىنى ، يۇرتىنى سۆيىدىغان ،يېڭى مائارىپ ئۈچۈن بارلىقىڭىزنى تەغدىم قىلغان ئ،وتيۈرەك بوۋامكەنسىز. مەمتىلى بوۋا ئەۋلادلىرىم قاراڭغۇلۇق ئىچىدە تەمتىرەپ قالمىسۇن دەپ كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ، ئارام ئالماي مەكتەپ قۇرغانتىڭىز. بوۋا شۇ چارچاشلاردا قانداقمۇ ئىللىق كۈلۈپ سىنىپقا كىرگەنسىز؟ ئۇنچە جاپالىق ئىشلىمىسىمۇ دەرسخانىغا قاپاق تۈرۈپ كىرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارغا سېلىشتۇرغاندا سىزنى تەرىپلەشكە تىلىم ئاجىزلىق قىلماقتا. بوۋا 300 بۇرادىرىڭىز بىلەن كۆيدۈرۈلگەن شۇ مىنوتلاردا قانچىلىك ئازابلانغانسىز؟ شۇ ئازابلىرىڭىزغا يۈز كەلگۈدەك ئوقۇش مېنىڭ ئارزۇيۇم . بوۋا ! نەۋرىڭىز ۋە خەلق سىزنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدۇ ! سىزنىڭ ئىزىڭىزدىن نۇرغۇن ئىزچىلارنىڭ ماڭىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ! ئاخىرىدا روھىڭىزغا ئەمىنلىك تىللەپ ؛ نەۋرىڭىز 7 –يىللىق ئوقۇغۇچىسى شىرئەلى 20يىلدىن كېيىنكى مەن ئادەم ئۈچۈن بۈگۈندىن مۇھىم بىر كۈن بولمىسا كېرەك. چۈنكى بۈگۈنلا بىزنىڭ ئالقىنىمىزدا . بۈگۈن ئارقىلىقلا ئەتىگە ئاساس سالالايمىز. بۈگۈن 20 يىلدىن كېيىنكى مەننى قورقۇنۇچ ئىچىدە ، يەنە بىر تەرەپتىن قىزىقىش ئىچىدە تەسەۋۇر قىلىۋاتىمەن . 20 يىلدىن كېيىن مەن بىر قۇرامىغا يەتكەن ئەرگە ئايلىنىمەن ، ئەر بولۇش ئاساسان ئەمەس ئەلۋەتتە . داداممۇ شۇ ئەرلىك يۈزىسىدىن بىزنى باقىمەن دەپ كېچە -كۈندۈز جاپا تارتىۋاتىدۇ . .. 20 يىلدىن كىيىن مەن داڭلىق بىر پۇتبول شاھى بولۇپ مەشھۇر شەخسلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىمەن . ماھاتىرىمگە تايىنىپ ئوقۇشسىز قالغان بالىلارغا ياردەم قولۇمنى سۇنىمەن . 20 يىلدىن كېيىن مەن، مەن يەنە نۇرغۇن ئارزۇلىرىم بار ... لېكىن ئارزۇلىرىم بۈگۈننىڭ قولىدا . .. ----سىراجىدىن مەن ئۆزۈم بىلەن جەڭ قىلىمەن ئۇرۇشتا مەغلۇن بولۇش ئۇ نۇمۇس ئەمەس، يۈگۈرۈش مۇسابىقىلىرىدە مەغلۇب بولۇش ،ئۇ نۇمۇس ئەمەس، ئىمتىھان نەتىجىلىرىمىزنىڭ تاسادىبى چۈشۈپ كېتىشى نۇمۇس ئەمەس، پەقەت ئۆزى بىلەن جەڭ قىلالماسلىق ،ئۆزىنىڭ روھىغا ئەل بولۇش ، ئۆزىنىڭ روھىدىن يېڭىلىپ قىلىش نۇمۇس . مەن يازغۇچى سېرىننىڭ ؛« ئاق سارايدىكى قارا ئەتىرگۈل » دېگەن كىتابىنى ئوقىغان . بۇ كىتانتىكى قارا ئەتتىرگۈل ئامىركا دۆلىتىنىڭ زۇڭتۇڭىنىڭ باش كاتىبى كوندولوز .رائىس بولىدۇ. ئۇ دائىم « قارا تەنلىكلەر ئاق تەنلىكلەر بىلەن تەڭ تۇرۇش ئۈچۈن ئىككى ھەسسە تىرىشىشى ، ئېشىپ كېتىش ئۈچۈن ئۈچ ھەسسە تىرىشىشى كېرەك » دەپ ،ئۆزىگە ۋە ئۆزگىلەرگە تىرىشىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتكەن. بىز ھازىر قوش تىل سىنىپلىرىدا ، دۆلىتىمىزنىڭ قوللىشى بىلەن ياخشى مۇھىتلاردا ئوقىۋاتىمىز. بىزنىڭ تىرىشماسلىققا ئۆز – ئۆزىمىزگە جەڭ ئېلان قىلماسلىققا نېمە ھەققىمىز؟ مەن ئۆزەمگە ئۆزەمنىڭ ھورۇنلىقىغا ، پىلانسىزلىقىمغا بارلىق كەمچىلىكلىرىمگە جەڭ ئېلان قىلماقچى ، ساۋاغداشلىرىمنىڭمۇ بۇ چاقىرىمغا ئاۋاز قۇشۇدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن! ھەمىيدە غالىپ
سەھىپە مۇناسىۋىتى بىلەن تەسىر قىلغان قۇرلارنى مۇشۇنچە يازاي. شىڭشىسەينى زەھەرلىك يىلان دېگۈچىلەرمۇ ، ئۇلۇغبەكنىڭ ئۆلىمىگە ئىچىنغۇچىلارمۇ بار. بەزى ئوقۇغۇچىلار ئالەم ئۇچقۇچىسى، بەزلىرى ئاۋئاتسىيە شېركىتىنىڭ دېرىكتورى ، بەزىلىرى .. بەزلىرىنىڭ ئارزۇلىرىنى ئاڭلاپ كۆزىمدىن ياش چىقىپ كەتتى ... ئۇلار دۇنيانىڭ رەزىللىكلىرىنى ، گۈزەللىكلىرىنى تېخى تۇللۇق ھېس قىلىپ بولالمىغان . لېكىن ئۇلارنىڭ ئارزۇسىغا مەدەت بېرىشىم كېرەك ! دەرسنىڭ ئاخىرىدا بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى باھالاش ئېلىپ باردۇق . باھالاش شەكلى يەنىلا يازما يېزىش « مۇشۇنداقمۇ دەرسخانە بولىدىكەن » مۇشۇنداقمۇ دەرسخانە بولىدىكەن ،ئارزۇ – ئارمانلارغا جۆر قىلىدىغان،مۇشۇنداقمۇ دەرسخانە بولىدىكەن ئوقۇغۇچىلار ھەر خىل ئوي – پىكىرلىرىنى ئەركىن ئوتتۇرغا قۇيالايدىغان. ... مۇشۇنداق باھالاش سۆزلىرىمۇ يېزىلدى... يەنىلا ئۆز – ئۆزۈمگە سۆزلەۋاتقاندەك قىلىمەن؛ پەقەت دەرسخانىدا سۆزلىنىپ بالىلار قەلبىدە ئىز پەيدا قىلالمىغان پاتلا، ھەتتا ئەتىسىلا ئۇنتۇلۇپ كېتىدىغان دەرستە، شۇ بىلىمنى روھقا قۇيۇش خۇرۇچى كەملىگەن بولىدۇ.بالىلارنىڭ ئارزۇسى دەرسخانىدا بىخ سۈرۈپ ، چىچەكلەيدۇ .ئۇلارنىڭ ئارزۇسىغا جۆر بولىدىغان بىر مۇڭلۇق ناخشا بار. ئۇ بولسىمۇ كەسپى ئەقىدە !......... |
|